غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى (8)

ئەركىن سىدىق

2011-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى

يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!


10. باش كۆڭۈل قانۇنىيىتى

ناپولىيون خىل تۇنجى قېتىم ئاندرۇ كارنىگى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت جەريانىدا ئاندرۇنىڭ ئاشۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىكى سىرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، ئادنرۇ ئۇنىڭغا ئۆز شىركىتىدە بىر «باش كۆڭۈل» نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.  شۇنىڭدىن كېيىن ناپولىيون نۇرغۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، «باش كۆڭۈل» دېگەن بىر پىسخولوگىيە پرىنسىپىنى بايقىغان.

بۇ پرىنسىپنىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشى «Master Mind» بولۇپ، بۇ يەردىكى «Master» دېگەن سۆز يۇلغۇن لوغىتىدە « ئىگە، خوجايىن، ياللىغۇچى ، باشقۇرغۇچى، مۇئەللىم، ئۇستاز، ئۇستا، پىر، بەگزادە، مۇدىر» دەپ تەرىپلەنگەن.  لېكىن مەن ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى  مەزمۇنغا ئاساسەن، بۇ ئۇقۇمنى ئۇيغۇرچە «باش كۆڭۈل»، دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

باش كۆڭۈل دېگەن ئۇقۇمغا «بىر ئېنىق مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز-ئارا ماسلىشىش روھى بىلەن، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كىشىلەر ئارىسىدا بىلىم ۋە تىرىشچانلىقنى ماسلاشتۇرۇش»، دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ. 

ئاندرۇ كارنىگىنىڭ ئادەملىرى ئاشۇنداق بىر باش كۆڭۈلنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇ كۆڭۈل ئىنتايىن ياخشى تەشكىللەنگەن، ۋە ئىنتايىن ياخشى ماسلاشقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ھەممىگە قادىر كۈچكە ئايلانغان بولۇپ، ئۇلار پولات سانائىتىدىن باشقا ھەر قانداق سانائەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، خۇددى پولات سانائىتىدىكىسى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولار ئىدى.

يۇقىرىقى قۇرلارنى بىرىنچى قېتىم ئوقۇغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر باش كۆڭۈلنىڭ بېرىدىغان پايدىسى بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، ۋە كۈچنى بىر يەرگە توپلاپ بىللە ئىشلىگەندە ئېرىشكىلى بولىدىغان پايدىدىن ئانچە پەرقى يوقتەك ھېسسىياتتا بولىشى مۇمكىن.  ئەمەلىيەتتە باش كۆڭۈلنىڭ يەتكۈزىدىغان پايدىسى ئۇنىڭدىن كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ بۇنداق ئالاھىدىلىگى ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

سىزنىڭ خەۋرىڭىزدە بولغىنىدەك، سىز كۆڭلىڭىزنى مەلۇم بىر ئىدىيىگە يىغسىڭىز، ئۇ ئىدىيە خۇددى بىر ماگنىتتەك رول ئويناپ، ئۆزىگە باشقا ئوخشاش ماھىيەتلىك ئىدىيىلەرنى جەلب قىلىدۇ.  بىر باش كۆڭۈل ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كىشىلەر بىر يەرگە كېلىپ، كۆڭلىنى ئوخشاش بىر نەرسىگە مەركەزلەشتۈرگەندە ئاندىن بارلىققا كېلىدىغان بولۇپ، كۆڭۈللەرنىڭ بىرلەشمىسى ئىجادىي ئىدىيىلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلىدۇ.  باش كۆڭۈلنىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە، باش كۆڭۈلنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنى ئوخشاش بىر پەلسەپىگە ئاتىغان بولىدۇ، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قەلبى بىر ئورتاق، ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانغا مەركەزلەشكەن بولىدۇ، ھەمدە بارلىق ئەزالار ئايرىم-ئايرىم شەخسلەرنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كەڭرەك ۋە چوڭقۇرراق چەكسىز ئەقىل مەنبەلىرىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇ بىرلەشكەن كۆڭۈل ھەر بىر شەخسلەر ئۆز ئالدىغا ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغان يېڭى بىلىم ۋە يېڭى ئىدىيىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ كۆڭلى بىر خىل شەكىلدىكى ئېنېرگىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى ئادەمنىڭ كۆڭلى بىر-بىرىگە تەڭكەش بولۇش روھى بىلەن ماسلاشقاندا، ھەر بىر كۆڭۈلنىڭ ئېنېرگىيىسى ئۆزىگە يەنە بىر كۆڭۈلنىڭ ئېنېرگىيىسىنى قوشۇۋالىدۇ. 

ئىنسان مېڭىسىنى بىر ئېلېكتىر باتارىيىسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ.  كۆپ ساندىكى باتارىيىنى بىرلەشتۈرگەندە ئۇنىڭدىن چىقىدىغان ئېنېرگىيىنىڭ بىر ئايرىم باتارىيىنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ.  شۇنداقلا ھەر بىر باتارىيە چىقىرىدىغان ئېنېرگىيىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى ئۇنىڭدىكى تارماق باتارىيىنىڭ سانى بەلگىلەيدۇ.  ئىنسان مېڭىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلەيدۇ.  يەنى، بىر قىسىم مېڭىنىڭ ئىش ئۈنۈمى يەنە بىر قىسىم مېڭىنىڭكىگە قارىغاندا ئۈستۈنرەك بولىدۇ.  بىر توپ مېڭىنى ئۆز-ئارا تەڭكەش بولۇش روھى بىلەن ماسلاشتۇرغاندا، ئۇلار ھاسىل قىلىدىغان تەپەككۈر بىلەن ئېنېرگىيە بىر ئايرىم مېڭىنىڭكىگە قارىغاندا زور بولىدۇ.  يەنى، باش كۆڭۈل سىزنىڭ ئىجاتچانلىقىڭىزنى ئاشۇرىدۇ. 

ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەملەر ئارىسىدا بىر بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىپ، شۇ ئارقىلىق بىر باش كۆڭۈل ئىتتىپاقداشلىقىنى ھاسىل قىلىشتىكى مەقسەت، مەركەزلەشتۈرۈش قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوللىنىشتىن ئىبارەت.  يەنى، باش كۆڭۈل پرىنسىپى بىر توپ ئادەم كۆڭلىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان ئاساسىي مەقسەتكە توپلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.   


11. ئالتۇن قائىدە

تۆت مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، كىشىلەر بىر «ئالتۇن قائىدە» نى باشقىلارغا مۇئامىلە  قىلىشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق قائىدە، دەپ تەلىم بېرىپ كەلدى.  ئەمما، گەرچە كىشىلەر بۇ پەلسەپىنى ئەخلاقلىق ئىش-ھەرىكەتنىڭ بىر توغرا قائىدىسى، دەپ قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ روھىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ياكى ئۇنىڭ قانداق بىر قانۇنىيەتكە ئاساسلانغانلىقىنى چۈشەنمەي كەلدى.  بۇ ئالتۇن قائىدىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:
--سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىزگە قانداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىڭ.
--سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىز توغرىسىدا قانداق سۆزلەرنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا ئاشۇنداق سۆزلەرنى قىلىڭ.
--سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىز توغرىسىدا قانداق ئويلاشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلار توغرىسىدا ئاشۇنداق ئويلاڭ.

ئەگەر سىز مەزكۇر ماقالىنىڭ ئالدىنقى بۆلۈملىرىدە بايان قىلىنغان مەزمۇنلارنى، يەنى، بىر ئادەمنىڭ ئوي-خىيالى ئاشۇ ئوي-خىيالنىڭ ماھىيىتى بويىچە رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەنگەن بولسىڭىز، يۇقىرىقى ئالتۇن قائىدىگە ئاساس بولىدىغان قانۇنىيەتنى ئاسانلا ئاڭقىرتالايسىز.  يەنى، سىز باشقىلار ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئاشۇ ئىش توغرىسىدا ئويلىنىشىڭىز ياكى تەپەككۈر يۈرگۈزىشىڭىز كېرەك.  شۇڭلاشقا سىزنىڭ باشقىلارغا بىرەر ئىشنى قىلىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سىزگىمۇ ئوخشاش بىر ئىشنى قىلىپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرىشىڭىز ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ بىر ئىنتايىن ياخشى مىسالىدۇر. يەنى ئالتۇن قائىدە بىلەن ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بىر نەرسىدىن ئىبارەت.

سىز يۇقىرىقى ئالتۇن قائىدىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، ئەمما ئۇنىڭدىن بىر رەت قىلغىلى بولمايدىغان كۈچ سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، ئۇنىڭسىز ئېرىشكىلى بولمايدىغان يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلەيسىز.

باشقىلارغا ئادالەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش سىزنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقلىرىڭىزنىڭ بىرى.  ئەمما سىز مەزكۇر قائىدىنى چۈشەنسىڭىز، ئاخىرىدا باشقىلارمۇ سىزگە ئادالەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلىسىز.  بۇ قانۇنىيەت سىزنىڭ باشقىلارغا قىلغان ئادالەتسىزلىكلەر بىلەن رەزىللىكلەرنىڭ ئۆزىڭىزگە قايتىپ كېلىشى بىلەنلا توختاپ قالماي، سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر، ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئەغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.  يەنى ئۇ سىز بۇرۇن قىلغان ئوي-خىياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ نەتىجىسىنى سىزگە ئېلىپ كېلىدۇ.  شۇنداق بولغاچقا، سىز باشقىلارغا ئۇلارنىڭ ئۆزىڭىزگە قىلىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىشلارنىلا قىلىپ قالماي، سىز باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزنى قانداق ئويلىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارنى ئاشۇنداق ئويلىشىڭىز كېرەك.

سىز باشقىلارغا قارىتا بىرەر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئاشۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئۆز تەپەككۈرىڭىزدە ھاسىل قىلىسىز.  ھەمدە ئاشۇ ئىشنىڭ يىغىندىسى، ئاساسى ۋە ماھىيىتىنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاشۇ ئىش توغرىسىدىكى تەپەككۈرىڭىزنى سىرتقا تارقىتىسىز.  سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا كىرگەن ئۇ نەرسىلەر سىزنىڭ ئۆز خاراكتېرىڭىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىز ياكى تەپەككۈرىڭىزنىڭ ماھىيىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن ھالدا ئۆزگىرىدۇ.

مۇشۇ ئاددىي پرىنسىپنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، سىز نېمە ئۈچۈن باشقا بىر ئادەمنى ئۆچ كۆرسىڭىز ياكى ئۇنىڭغا ھەسەتخورلۇق قىلسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى، سىز نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە ئادالەتسىزلىك قىلغان كىشىلەردىن ئۆچ ئالسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا نېمە ئۈچۈن «يامانلىققا ياخشىلىق قىلىش» كېرەكلىكىنىمۇ چۈشىنەلەيسىز. 

ئەگەر سىز ئالتۇن قائىدىگە ئاساس بولىدىغان قانۇنىيەتنى تولۇق چۈشەنسىڭىز، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى بىرلا دوستلۇق رىشتىسى بىلەن ئەبەدىي باغلاپ تۇرىدىغان قانۇنىيەتنىمۇ چۈشىنىپ، مەيلى تەپەككۈر جەھەتتە بولسۇن ياكى ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت جەھەتتە بولسۇن، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى زەخمىلەندۈرمەي تۇرۇپ باشقا بىر ئادەمنى زەخمىلەندۈرىشىڭىز قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىسىز.  خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، سىز پۈتۈن ئىشتىياقىڭىز بىلەن قىلغان ھەر بىر تەپەككۈر ۋە ھەر بىر ئىش-ھەرىكەت سىزنىڭ ئۆز خاراكتېرىڭىزگە پايدىلىق يوسۇندا قوشۇلىدۇ.

بۇ قانۇنىيەتنى چۈشەنسىڭىز سىز قىلچىلىكمۇ گۇمانلانماي تۇرۇپ شۇنىمۇ بىلىسىزكى، باشقىلارغا قىلغان ھەر بىر يامانلىقىڭىز ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزنىمۇ جازالايسىز، شۇنداقلا باشقىلارغا قىلغان ھەر بىر ياخشىلىقىڭىز ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزگىمۇ پايدا يەتكۈزىسىز.

(1) باشقىلاردىن ئىستىگەن ئىشنى باشقىلارغا قىلىش

باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىپ، ياكى ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىغا ئېرىشەلمىگەن، ياكى ئۇلارنىڭ رەخمىتىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن ئەھۋال ھەممىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتۈپ باققان.  بۇنداق ئىشلار بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.  ئاشۇنداق ئىشلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى «ئالتۇن قائىدە پەلسەپىسى پەقەت بىر نەزىرىيىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئۇ بىرەر ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت بىلەن باغلانغان ئەمەس»، دەپ قارىشى مۇمكىن.  سىزمۇ ھەرگىز ئاشۇنداق قاراشتا بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى توختىتىپ قويماڭ. بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق:

باشقىلارغا بىرەر ياخشىلىق قىلغاندا، سىز ئۆز تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ تەسىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا قاچىلاپ قويىسىز. بۇ خۇددى بىر باتارىيىگە توك قاچىلىغان بىلەن ئوخشاش. سىز چىن كۆڭلىڭىز ۋە پۈتۈن ئىشتىياقىڭىز بىلەن باشقىلارغا يېتەرلىك ساندا ياخشىلىق قىلسىڭىز، سىز ئۆزىڭىزدە بىر خىل ئىجابىي ۋە روھلۇق خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىڭىزگە سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش خاراكتېردىكى ياكى سىزگە ھەممە جەھەتلەردە تەڭكەش بولالايدىغان كىشىلەرنى تارتىسىز.  مانا ئاشۇ كىشىلەر سىزگە بۇرۇن باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىڭىزنى قايتۇرىدۇ.  «تۆلەپ بېرىش قانۇنىيىتى» مۇشۇ تەرىقىدە سىز ئۈچۈن ئادالەتلىكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، سىز بىر مەنبە ئارقىلىق قىلغان ياخشىلىقلارنى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان باشقا بىر مەنبە ئارقىلىق سىزگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

سىز خۇددى بىر ماگنىتقا ئوخشاش بولۇپ، خاراكتېر جەھەتتىن ئۆزىڭىزگە ناھايىتى ئوخشايدىغان كىشىلەرنى ئۆزىڭىزگە تارتىپ، خاراكتېر جەھەتتىن سىزگە تەڭكەش بولالمايدىغان كىشىلەرنى بولسا ئۆزىڭىزدىن يىراققا ئىتتىرىسىز.  بۇ ماگنىتنى ياسىغۇچى سىز ئۆزىڭىز بولۇپ، سىز ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزىڭىز بوي سۇنماقچى بولغان بىر ئىدىيىگە ماسلىشىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتەلەيسىز.  ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ بارلىق ئۆزگىرىشلەر سىزنىڭ تەپەككۈرىڭىز ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ.  سىزنىڭ خاراكتېرىڭىز سىزنىڭ بارلىق تەپەككۈرىڭىز بىلەن سىزنىڭ بارلىق ئىش-ئىزلىرىڭىزنىڭ يىغىندىسىدىنلا ئىبارەت، خالاس.

مۇشۇنداق بىر ھەقىقەتنىڭ بولغىنىدىن، سىز ئۆزىڭىزگىمۇ پايدا يەتكۈزمەي تۇرۇپ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلالمايسىز.  خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئۆزىڭىز ئوخشاش دەرىجىدە زىيان تارتماي تۇرۇپ باشقىلارغا تەپەككۈر ۋە ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت جەھەتتە يامانلىقمۇ قىلالمايسىز. دېمەك، ئالتۇن قائىدە پەلسەپىسىنى قوللىنىپ، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلسىڭىز، سىز باشقىلارغا بىر مەنبە ئارقىلىق مەنپەئەت بېرىپ، ئۆزىڭىز باشقا بىر مەنبە ئارقىلىق مەنپەئەت ئالىسىز.  

ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىزنىڭ ياخشى نامىڭىزنى باشقىلار يارىتىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ خاراكتېرىڭىزنى بولسا سىز ئۆزىڭىز يېتىلدۈرىسىز.

(2) ئۆچ ئېلىش قانۇنىيىتى

«ئۆچ ئېلىش» نىڭ ئادەتتىكى مەنىسى «يامانلىققا يامانلىق قايتۇرۇش» تىن ئىبارەت.  لېكىن، ناپولىيوننىڭ كىتابىدا بۇ سۆز «ھەر بىر نەرسە ياكى ئىش ئۈچۈن شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسە ياكى ئىش قايتۇرۇش» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن. 

ئەگەر مەن سىزنى زەخمىلەندۈرسەم، سىز بىرىنچى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەندىن ئۆچ ئالىسىز. ئەگەر مەن سىز توغرىسىدا ئادالەتسىز گەپلەرنى قىلسام، سىز شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يوقىرى دەرىجىدە مەندىن ئۆچ ئالىسىز. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر مەن سىزگە ياخشىلىق قىلسام، سىز ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە مېنىڭ ياخشىلىقىمنى مېنىڭ قىلغىنىمدىن ئاشۇرۇپ قايتۇرىسىز.

مەن مۇشۇ قانۇنىيەتتىن مۇۋاپىق پايدىلانسام، سىزنى ئۆزەم ئىستەيدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلدۇرالايمەن. ئەگەر مەن سىزنى ئۆزۈمگە ئۆچ قىلدۇرماقچى بولسام، مەن سىزگە قوپال ۋە ئادالەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، سىزنى ئۆچ ئېلىشقا قىستاش ئارقىلىق سىزنى ئاشۇنداق قىلدۇرالايمەن.

ئەگەر مەن سىزدىن ھۆرمەت، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئىستىسەم، مەن ئۇلارغا سىزگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋە سىز بىلەن ماسلىشىش ئارقىلىق ئېرىشەلەيمەن.

ئەگەر سىز يۇقىرىقى بايانلارنى ئۆزىڭىزنىڭ كەچۈرمىشلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقايسىز.

سىز بەزىدە بىر ئادەمگە قارىتا «بۇ ئادەمنىڭ مىجەزى نېمە دېگەن ئېسىل؟» دەيسىز.  «مېنىڭ مىجەزىممۇ ئاشۇ ئادەمنىڭكىدەك بولغان بولسا، نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى؟» دەپ ئويلايدىغان كىشىلەرنى داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرىسىز.  ئۆزىنىڭ ئېسىل مىجەزى ئارقىلىق سىزنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋاتقان كىشىلەر ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى بىلەن، ياكى بولمىسا ئۆچ ئېلىش قانۇنىيىتى بىلەن ئاشۇنداق قىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئوبدان ئانالىز قىلىپ كۆرىدىغان بولسىڭىز، بۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ ھەر ئىككىسى «ھەر بىر نەرسە ئۆزىگە ئۆزى بىلەن ئوخشاش نەرسىنى تارتىدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايقايسىز.

بۇ قانۇنىيەتنى پۇختا ئىگىلەشتە ئالىدىغان بىرىنچى ۋە ھەممىدىن مۇھىم قەدەم ئۆز-ئۆزىنى تولۇق تىزگىنلەشتىن ئىبارەت.  سىز ئۆچ ئالماي تۇرۇپ ھەممە خىلدىكى جازا ۋە خارلاشلارنى قوبۇل قىلالايدىغان بولۇشىڭىز كېرەك.  مانا بۇ سىز ئۆچ ئېلىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۆلىمىسىڭىز بولمايدىغان بەدەلدۇر.

ئاچچىقلىنىپ قالغان بىر ئادەم سىزگە مۇۋاپىق ياكى نامۇۋاپىق ھالدا تۆھمەت چاپلىغان ۋە سىزنى خارلىغان ۋاقىتتا، ئەگەر سىز ئۇ ئادەمدىن ئوخشاش تەرىقىدە ئۆچ ئالسىڭىز، سىز ئۆزىڭىزنى ئاشۇ ئادەمنىڭكى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى روھىي ھالەتتە چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئۇ ئادەم سىزدىن ئۈستۈن ئورۇنغا ئۆتۈپ قالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر سىز ئۇنىڭ قىلغىنىغا ئاچچىقلانماي، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ، جىمجىت ۋە بىخارامان تۇرسىڭىز، سىز ئۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىسىز.  سىز ئۇ كىشىدىن ئۆزىگە ناتونۇش بولغان بىر خىل قورال بىلەن ئۆچ ئالىسىز، شۇنىڭ بىلەن سىز ئۇنىڭكىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا ئۆتىۋالىسىز.

راستىنى ئېيتقاندا، سىز كۆرۈشكەن ھەر بىر ئادەم سىز ئۈچۈن بىر روھىي ئەينەك بولۇپ، ئۇنىڭدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ روھىي پوزىتسىيىسىنى كۆرەلەيسىز.

ئۆچ ئېلىش پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، سىز دۈشمىنىڭىزنى دوستۇڭىزغا ئايلاندۇرالايسىز.  ئەگەر سىز بوينىڭىزغا ئېسىقلىق تۇرغان «غۇرۇر» ياكى «جاھىللىق» دەپ ئاتىلىدىغان خەتەرلىك تاشنى ئۇنتۇلۇپ كېتەلەيدىكەنسىز، بىر دۈشمىنىڭىزنى بىر دوستۇڭىزغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرىقى باياننى ئىسپاتلىيالايسىز.  سىز ئاشۇ دۈشمىنىڭىزگە ئادەتتىن تاشقىرى كەمتەرلىك بىلەن سۆز قىلىشنى ئۆزىڭىزگە ئادەت قىلىڭ.  ئىمكانلا بولىدىكەن، ھەممە ئىشتا ئۇنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇڭ ياكى ئۇنىڭغا يول بېرىڭ.  ئۇ كىشىنى ئۆزگەرتىش دەسلىۋىدە خېلە تەستەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن تەدرىجى ھالدا ئۇ كىشى سىزنىڭ تەسىرىڭىزدە ئېرىپ، سىزدىن «ياخشىلىق بىلەن ئۆچ ئالىدۇ».

بەزىدە كۈچكە كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، قارشى تەرەپنى كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا پۈتۈنلەي بېسىپ چۈشۈش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ. ئەمما، ئۇلار ئاجىز كېلىپ قالغان ۋاقىت ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش ئارقىلىق «ئۆچ ئېلىش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇلارغا زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشىراق يولىنى كۆرسىتىپ قويۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتتىمۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

باشقىلار سىزگە قىلىپ بېرىدىغان ئىشلارنى سىز ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز، شۇنداقلا ئۆچ ئېلىش قانۇنىيىتى ئارقىلىق ئاشۇ ئىشلارنى باشقىلارغا سىز ئۆزىڭىز قىلغۇزالايسىز.

(3) ھەسسىلەپ قايتۇرۇش قانۇنىيىتى

بىر دېھقان تۇپراقنى ئوبدان تەييارلاپ، ئۇنىڭغا بۇغداي ئۇرۇقىنى چېچىپ قويسا، «ھەسسىلەپ قايتۇرۇش قانۇنىيىتى» بويىچە ئۇ تۇپراق كۈزدە يالغۇز دېھقان چاچقان ئۇرۇقنىڭ ئۆزىنىلا ئەمەس، ئۇرۇقنىڭ سانىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ساندىكى بۇغداينى قايتۇرىدۇ.

ئەگەر ھەسسىلەپ قايتۇرۇش قانۇنىيىتى بولمىغان بولسا، يەر شارىدىكى تۇپراق ئىنسانلار ئۈچۈن يېتەرلىك مىقداردىكى يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپ چىقىرىپ بېرەلمەي، پۈتۈن ئىنسانىيەت غايىپ بولغان بولاتتى.  ئەگەر تۇپراق چاچقان ئۇرۇقنى كۆپەيتىپ قايتۇرۇپ بەرمىگەن بولسا، يەرگە ئۇرۇق سېلىشنىڭ ھېچ بىر ئەھمىيىتى قالمىغان بولاتتى.

يۇقىرىدىكىسى تەبىئەتتىن كەلگەن «ھەسسىلەپ قايتۇرۇش قانۇنىيىتى» توغرىسىدىكى بىر «يىپ ئۇچى» دۇر. ئەمدى بىز ئاشۇ قانۇنىيەت بويىچە، باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىمىزنىڭ قانداق قىلىپ ھەسسىلەپ قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى.

ئەينى ۋاقىتتا، ناپولىيون ئامېرىكىنىڭ ئايۋا (ئىنگلىزچە «Iowa») شتاتىدىكى بىر مەكتەپكە بېرىپ، بىر قېتىم سېمىنار بېرىپتۇ.  مەكتەپ ئۇنىڭ بارلىق يول كىراسى قاتارلىق چىقىملىرىنى كۆتۈرگەندىن باشقا، ئۇنىڭغا يەنە 100 دوللار نۇتۇق ھەققى بەرمەكچى بولۇپتۇ.  لېكىن، ناپولىيون ئۇ مەكتەپتە ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ئىنتايىن قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشىپ، نۇرغۇن مۇھىم كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، خېلە كۆپ يېڭى بىلىملەرگە ۋە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىگە پايدىلىق بولغان نۇرغۇن پاكىتلارغا ئېرىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ناپولىيون ئۇ مەكتەبتىكىلەرگە «مەن بۇ يەردە تۇرۇش جەريانىدا ئۆگىنىۋالغان نەرسىلەر ئارقىلىق، ئۆزەم سۆزلىگەن نۇتۇق ئۈچۈن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىش ھەققىگە ئېرىشىپ بولدۇم»، دەپ جاۋاب بېرىپ، ئۇ 100 دوللار پۇلنى ئېلىشنى رەت قىلىپ، قايتىپ كېتىپتۇ.  بۇنىڭ ئەتىسى ئەتىگەندە، مەكتەپنىڭ مۇدىرى 2000 ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ناپولىيوننىڭ دېگەن سۆزىنى دەپ، يەنە مۇنداق دەپتۇ: «مۇشۇ مەكتەپنى باشقۇرۇپ كەلگەن 20 يىل ۋاقىت ئىچىدە، مەن نۇرغۇن كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ لېكسىيە بەرگۈزدۈم.  لېكىن، بۇ قېتىم 1-قېتىم ئۆزىنىڭ نۇتۇق ھەققىگە باشقا يوللار ئارقىلىق ئېرىشىپ بولغانلىقىنى ئېيتىپ، بىز بەرگەن نۇتۇق ھەققىنى رەت قىلغان كىشىنى ئۇچراتتىم.  بۇ كىشى بىر مەملىكەتلىك يورنالنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ، مەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلەرگە ئاشۇ يورنالغا مۇشتىر بولۇشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.  چۈنكى ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا ئۆگىتىپ قويىدىغان، سىلەرنىڭ مەكتەپتىن چىققاندىن كېيىنكى ھاياتىڭلار ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بولغان نۇرغۇن نەرسىلىرى چوقۇم بار.»  بۇ ئىشتىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە ناپولىيوننىڭ يورنىلىغا يېڭىدىن مۇشتىر بولغانلارنىڭ مۇشتىرلىق ھەققى 6000 دوللاردىن ئېشىپتۇ.  ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى يىل ئىچىدە بولسا بۇ سان 50 مىڭ دوللارغا كۆپىيىپتۇ.  ئەگەر ناپولىيون ئاشۇ 100 دوللار پۇلنى باشقا بىر ئىش ئۈچۈن مەبلەغ قىلىپ سالغان بولسا، يۇقىرىقىدەك پايدا ئېلىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.

ھەسسىلەپ قايتۇرۇش قانۇنىيىتىنى ناپولىيون ئىجاد قىلغان ئەمەس بولۇپ، «ئالغان ئىش ھەققىدىن كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرىش پرىنسىپى» نىمۇ ئۇ بايقىمىغان ئىكەن.  ئەمما ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا رول ئوينايدىغان كۈچلەر ئۈستىدە ئۇزۇن يىللار تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، يۇقىرىقى قانۇنىيەتلەرنى يېڭىچە چۈشەندۈرۈپ بەرگەن.  ئەگەر ئۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى سىزمۇ تولۇق چۈشەنسىڭىز، سىزمۇ ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايسىز.

سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىڭىز ئىگىلەپ تۇرۇشقا تېگىشلىك ئورۇننى ھازىر بىر تاغ ئىگىلەپ تۇرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.  بۇ تاغ قانداق تاغ؟  ئۇ بولسىمۇ سىزدىكى «ئەگەر مەن قىلغان ئىشقا ئىش ھەققى ئالمىسام، مەن ئالدانغان بولىمەن»، دېگەن تۇيغۇدىن ئىبارەت.  ھازىر ئاشۇ تۇيغۇ ئاڭسىز ھالدا ئۆزىنى نامايان قىلىپ، سىز تېخى ھېس قىلمىغان ھەر خىل يوللار بىلەن سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىڭىزنىڭ ئاساسىنى يىمىرىۋاتقان بولىشى مۇمكىن.

بۇ خىل  تۇيغۇنىڭ سىرتقا نامايان بولىدىغان ئەڭ ئاددىي شەكلى مۇنداق بولىدۇ: «مەن بۇ ئىش ئۈچۈن ئىش ھەققى ئالمايمەن، شۇڭا ئەگەر ئۇنى قىلسام، مەن ئالدانغان بولىمەن.»

سىز مۇۋەپپەقىيەتنى خۇددى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى قانۇنىيىتىگە ئوخشاش ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتلەرنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە تارتىپ كېلىشىڭىز كېرەك.  ھەسسىلەپ قايتۇرۇش قانۇنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ ئىنتايىن مۇھىم قانۇنىيەتنى تولۇق چۈشىنىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن، سىز تۆۋەندىكى تەجرىبىنى ئىشلەپ بېقىڭ:

بۇنىڭدىن كېيىنكى 6 ئاي ۋاقىت ئىچىدە، ھەر كۈنى بىر ئادەمگە ياخشىلىق قىلىشنى ئۆزىڭىزنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى قىلىڭ.  ئۇ ئادەمدىن ياخشىلىقنى قايتۇرۇۋېلىشنى ھەرگىزمۇ ئويلىماڭ، ھەمدە قىلغان ئىشىڭىز ئۈچۈن ھەق بەرسىمۇ ئالماڭ. بۇ ئىشنى «ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قانۇنىيەتلىرىنىڭ بىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ»، دېگەن ئېتىقاد بىلەن قىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلەنمەيسىز.  بۇ ياخشىلىق قانداق شەكىل ئالسا بولىۋېرىدۇ. مەسىلەن، ئۇ ياخشىلىقنى سىز ئۆزىڭىز بىلىدىغان بىر ياكى بىر قانچە شەخسلەرگە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.  ياكى سىز ھەر كۈنى ئۆز ئىدارىڭىز ياكى ئۆز شىركىتىڭىز ئۈچۈن بىر سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.  ياكى بولمىسا سىز تونۇمايدىغان، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى كۆرمەيدىغان بىر ئادەمگە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.  ئۇ ياخشىلىقنى كىمگە قىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇنى سىز چىن كۆڭلىڭىزدىن ۋە تولۇق رازى بولغان ھالدا پەقەت باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈنلا قىلسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر سىز بۇ تەجرىبىنى مۇۋاپىق پۇزىتسىيە بىلەن ئۆتكۈزىدىكەنسىز، مەزكۇر قانۇنىيەتنى چۈشىنىدىغان باشقا بارلىق كىشىلەر بايقىغان بىر نەرسىنى سىزمۇ بايقىيالايسىز.  ئۇ بولسىمۇ، باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭىز چوقۇم ئۆزىڭىزگە قايتىپ كېلىدۇ؛ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلماي تۇرۇپ، ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق ئېرىشەلەيدىغان پايدىغىمۇ ھەرگىز ئېرىشەلمەيسىز—بۇ جەرياننى سىز ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتەلمەيسىز. 

يۇقىرىدىكىسى بىر ئۇلۇغ پرىنسىپ بولۇپ، ئۇ پىسخولوگىيە ئىلمىنىڭ ئەڭ مۇھىم پرىنسىپى بولۇشىمۇ مۇمكىن.  يەنى، بىز باشقىلارغا قاراتقان تەپەككۈر بىلەن ئىش-ھەرىكەتلەر بىر ماگنىتقا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار بىزگە ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش تىپتىكى تەپەككۈر بىلەن ئوخشاش تىپتىكى ئىش-ھەرىكەتلەرنى تارتىپ كېلىدۇ.  ئىنسان كۆڭلى ئۆزى تاپشۇرۇپ ئالغان تەپەككۈر تەسىراتلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش تىپتىكى تەپەككۈر بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ.  ئىنسان كۆڭلى ئانا تۇپراققا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىدە تۇرغۇزۇلغان سەزگۈ جەھەتتىكى تەسىرگە ئوخشاش تىپتىكى ئىش-ھەرىكىتى بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ.  ئاق كۆڭۈللۈك  ئاق كۆڭۈللۈكنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا قارا كۆڭۈللۈك  بىلەن ئادالەتسىزلىك قارا كۆڭۈللۈك بىلەن ئادالەتسىزلىكنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ. 

بىز باشقىلارغا قىلغان ئاق كۆڭۈللۈك، قارا كۆڭۈللۈك، ئادالەتلىك ۋە ئادالەتسىزلىك قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزگە تېخىمۇ چوڭراق مىقداردا قايتىپ كېلىدۇ.  ئىنسان كۆڭلى ئۆزى تاپشۇرۇپ ئالغان سەزگۈ جەھەتتىكى تەسىرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش تىپتىكى ئىش-ھەرىكەت ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ.  مۇشۇ قانۇنىيەتتىن پايدىلىنىپ، بىز باشقىلارغا ئۆزىمىز ئىستىگەن ئىشنى قىلدۇرالايمىز. ئۆچ ئېلىش قانۇنىيىتىدىن ئىجابىي يوسۇندا پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىكى غۇرۇر بىلەن جاھىللىقنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇرىشىمىز كېرەك.

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

(داۋامى بار)


© Copyright 2004 Uyghur Meripet  Torbeti 

Wheelchairs
Wheelchairs