غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى (9)

ئەركىن سىدىق

2011-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى


12.خۇلاسە: مەن ئۆز قەلبىمنىڭ كاپىتانى (يول باشلىغۇچىسى)


ھازىرغىچە بايقالغان ئىشلارنىڭ ئىچىدە مۇنداق بىر ئىش بار: ئىنسان بەدىنى مىليونلىغان جانلىق، ئەقىللىق، ۋە ئايرىم-ئايرىم ھۆجەيلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئىنتايىن ئېنىق ۋە ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.  بۇ ۋەزىپىلەر ئادەم بەدىنىنى قۇرۇپ چىقىش، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى ساقلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  بۇ ھۆجەيلەرنى ئىنساننىڭ كۆڭلى ئۆزىنىڭ ئاپتوماتىك ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەر خىل ئىشلارغا سالىدۇ.  ئادەم كۆڭلىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى (ياكى يوشۇرۇن ئاڭ) نى ئادەمنىڭ ئاڭلىق كۆڭلى كونترول قىلىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.  بىر ئادەم تەكرارلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆڭلىگە سىڭدۇرگەن ۋە ئۇ يەردە ساقلىغان ھەر قانداق بىر ئىدىيە ياكى ئوي-خىيال ئاشۇ ئادەمنىڭ جىسمانىي بەدىنىنى يېتەكلەپ، ھېلىقى ئىدىيە ياكى ئوي-خىيالنى ئۆزىنىڭ ماددىي ئېكۋېۋالېنتىغا (تەڭداش نەرسىسىگە) ئايلاندۇرۇشقا يۈزلىنىدۇ.  ئاپتوماتىك تەكلىپ قانۇنىيىتى ئارقىلىق كۆڭۈلنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا يەتكۈزۈلگەن ھەر قانداق بۇيرۇق، ئەگەر باشقا بىر كۈچلۈكرەك بۇيرۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپلا قالمايدىكەن، شۇ بۇيىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. يوشۇرۇن ئاڭ بۇيرۇقنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ توغرا-خاتالىقىنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ، بەلكى بەدەننى ئاشۇ بۇيرۇقنى شۇ پېتى ئىجرا قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.

بۇ ئەھۋال بىزنىڭ قانداق تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىشىمىز، ۋە تەكلىپلەرنى قايسى مەنبەلەردىن قوبۇل قىلىشىمىزنى ئىنتايىن پۇختا كونترول قىلىشىمىزنىڭ ناھايىتىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.  شۇ نەرسە ئىنتايىن ئېنىقكى، بىز قاچان ۋە قانداق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق باشقىلارنىڭ تەسىرىگە جىم-جېت ھالدا ئۇچراۋاتقانلىقىمىزنى ئۆزىمىز سەزمەي قېلىشىمىز مۇمكىن.

ئىنسان بەدىنى ئاڭلىق كۆڭۈل ياكى تۆۋەنكى كۆڭۈل (يوشۇرۇن ئاڭ) دىن بىرسىنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا بولۇپ، كۆڭۈلنىڭ ئاشۇ ئىككى قىسمىنىڭ بىرسىدىن بۇيرۇق ئالمىغۇچە، ئادەمنىڭ مۇسكۇللىرى ھەرگىزمۇ ھەرىكەت قىلمايدۇ. 

بىز بىر ئىدىيە ياكى خىيالنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، ئۇنى يوشۇرۇن ئېڭىمىز ئۆزىگە تولۇق ئۆتكۈزىۋالغىچە ئۆز  كۆڭلىمىزدە ساقلىساق، يوشۇرۇن ئېڭىمىز ئۇ ئىدىيە ياكى خىيالنى ئۆزىنىڭ ماددىي ئېكۋېۋالېنتىغا ئايلاندۇرۇش يولىدا ئىش باشلايدۇ.  بىز مۇشۇ پرىنسىپنى تولۇق چۈشەنگەندە، مەكەزلەشتۈرۈش قانۇنىيىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدىغان تەلىمىگە ئېرىشكەن بولىمىز.

(1) بىر ئاساسىي نىشان تۇرغۇزۇشنىڭ قىممىتى

بىز مەزكۇر ماقالىدە بىر ئېنىق ئاساسىي نىشان ياكى ئىستەكنى تۇرغۇزۇشتىكى ھەقىقىي مەقسەت بىلەن ئاشۇنداق مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پرىنسىپلىرىنى ئاددىي سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەپ ئۆتتۇق.

سىز ئالدى بىلەن كۆڭلىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ سىز كۆرسىتىۋاتقان قاتتىق تىرىشچانلىقنىڭ ئوبيېكتىپىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈڭ، ئاندىن بىر ۋاراق قەغەزگە بۇ ئوبيېكتىپنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى بىر ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشاننىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن ئاساستا يېزىپ چىقىڭ.  سىز بۇ قەغەزگە يېزىلغان باياننى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئىدىيە ياكى نىشاننى يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا سىڭدۈرۈسىز. شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز سىزنىڭ بەدىنىڭىزنىڭ ئېنېرگىيىسىنى ئاشۇ ئىستەكنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا قاراپ يېتەكلەيدۇ.

(2) ئىستەك


كۈچلۈك، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىستەك بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئۇرۇقى.  ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشان دېگىنىمىز ئىستەكنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشىدۇر.  ئەگەر بىر نىشان ئاشۇ نىشاننىڭ ئوبيېكتىگە بولغان ئىنتايىن كۈچلۈك ئىستەكنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلمايدىكەن، ئۇنىڭ ھېچ بىر مەنىسى بولمايدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەر نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما ئارزۇ بىلەن كۈچلۈك ئىستەك بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان نەرسىلەر بولۇپ، ئەگەر ئارزۇ ئىنتايىن ئېنىق شەكىلدىكى ئىستەك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمەيدىكەن، ئۇنىڭ ھېچ بىر قىممىتى بولمايدۇ.

بارلىق ئېنېرگىيىلەر بىلەن ھەممە جىسىملار ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتىگە ئىنكاس قايتۇرىدۇ، ھەمدە ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. ھەر بىر نەرسە ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى بويىچە ئۆزىدىكى بىر مەركەزگە ئۆزى بىلەن ئوخشاش ماھىيەتلىك ئېلېمېنتلار بىلەن كۈچلەرنى توپلايدۇ.  خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەر بىر مۇقىم، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىستەك ئىستىگەن نەرسىنىڭ ماددىي ئېكۋېۋالېنتىنى، ياكى بولمىسا ئاشۇ ماددىي ئېكۋېۋالېنتىغا ئېرىشىشنىڭ ۋاستىلىرىنى ئۆزىگە تارتىدۇ.

(3) تەكلىپ ۋە ئاپتوماتىك تەكلىپ

بىر ئادەمنىڭ مۇھىتى، ياكى باشقا ئادەملەرنىڭ بايانلىرى ياكى ئىش-پائالىيەتلىرىدىن كېلىپ چىققان تۇيغۇ-ھېسسىيات تەسىراتلىرى تەكلىپ، دەپ ئاتىلىدۇ. بىز ئۆز كۆڭلىمىزگە سىڭدۈرىدىغان تۇيغۇ-ھېسسىيات تەسىرلىرىنى ئۆز كۆڭلىمىزگە ئاپتوماتىك تەكلىپ ياكى ئۆز-ئۆزىگە بەرگەن تەكلىپ ئارقىلىق كىرگۈزىمىز.

باشقىلاردىن ياكى تاشقى مۇھىتتىن كەلگەن تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى بىز ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ، ئاپتوماتىك تەكلىپ پرىنسىپى ئارقىلىق يوشۇرۇن ئېڭىمىزغا كىرگۈزگەندىن كېيىنلا ئاندىن بىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دېمەك، بىر تەكلىپ ئۇنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى كىشىنىڭ كۆڭلىگە تەسىر كۆرسىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم بىر ئاپتوماتىك تەكلىپكە ئۆزگىرىشى كېرەك.  باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىشى ئاپتوماتىك تەكلىپنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولغاچقا، تەسىرگە ئۇچرىغۇچى كىشىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقىلار ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

بىر ئادەم ئويغاق ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئاڭلىق كۆڭلى بىر قاراۋۇللۇق رولىنى ئويناپ، ئۇ ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنى قوغدايدۇ ۋە ئۇنى سىرتتىن كەلگەن بارلىق تەكلىپلەردىن ساقلايدۇ.  ئادەمنىڭ ئاڭلىق كۆڭلى سىرتتىن كەلگەن تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئاڭغا كىرىشىگە يول قويىدۇ.  بۇ تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارنى ئوغۇرلۇقچە بۆسۈپ كىرگۈچىلەردىن قوغداش ئۇسۇلى بولۇپ، ئەگەر مۇشۇنداق بىر جەريان مەۋجۇت بولمىغان بولسا، بۆسۈپ كىرگۈچىلەر باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزى خالىغانچە كونترول قىلىۋالىدىغان بولاتتى. شۇڭلاشقا بۇ بىر دانا ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

(4) ئاپتوماتىك تەكلىپنىڭ بىر ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرىشتىكى قىممىتى

سىز ئاپتوماتىك تەكلىپ پرىنسىپىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى سىزنىڭ ئۆز ھاياتىڭىزدىكى ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشىڭىزغا قارىتىش ئارقىلىق، بۇ پرىنسىپتىن ئىنتايىن زور دەرىجىدە پايدىلىنالايسىز. بۇ ئىشنى قىلىش ئىنتايىن ئاسان بولۇپ، سىز مەزكۇر ماقالىنىڭ ئالدىنقى بۆلۈملىرىدە بايان قىلىنغان فورمۇلا بويىچە ئىش كۆرسىڭىزلا كۇپايە.  شۇنداق بولسىمۇ، بىز بۇ يەردە مەزكۇر فورمۇلاغا ئاساس بولۇدىغان پرىنسىپلارنى قىسقىچە خۇلاسىلاپ ئۆتىمىز.

سىز بۇنىڭدىن كېيىنكى مەلۇم مۇددەت ئىچىدە، مەسىلەن، بەش يىل ۋاقىت ئىچىدە، ئۆزىڭىزنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانى سۈپىتىدە ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىنى ئېنىق ۋە ئاددىي قىلىپ يېزىپ چىقىڭ.  ھەمدە ئۇ يازمىنى كام دېگەندە ئىككى نۇسخا قىلىپ، ئۇنىڭ بىر نۇسخىسىنى كۈندۈزى خىزمەت جەريانىدا بىر قانچە قېتىم كۆرەلەيدىغان يەرگە چاپلاپ، يەنە بىر نۇسخىسىنى سىز ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋە ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئەمدىلا ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا بىر قانچە قېتىم كۆرەلەيدىغان يەرگە چاپلاپ قويۇڭ.

گەرچە دەسلىۋىدە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ رەسمىيەتنىڭ تەكلىپ بېرىش تەسىرى سىزنىڭ ئاساسىي نىشانىڭىزنىڭ مەقسىتىنى سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا سىڭدۈرىدۇ.  بىر ئىنتايىن قىسقا مۇددەتنىڭ ئىچىدە، سىز ئۆزىڭىزنى ئۆز نىشانىڭىزغا بارغانسېرى يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.

سىز ئۆز ھاياتىڭىزدا قاتتىق ئىستەيدىغان نەرسە، شەرت-شارائىت، ياكى ئورۇن ھەققىدە ئۆز كۆڭلىڭىزدە بىر ئېنىق قارارغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، ئەگەر سىز كىتاب، گېزىت ۋە جۇرنال ئوقۇسىڭىز، سىزنىڭ دىققىتىڭىز ئۇلاردىكى سىزنىڭ ئاساسىي نىشانىڭىزنىڭ مەقسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارغا چۈشۈشكە باشلايدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىز ئۆزىڭىزگە سىزنى ئۆز ئىستىكىڭىزگە بارغانسېرى يېقىنلاشتۇرىدىغان يېڭى پۇرسەتلەرمۇ ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيسىز. 

پىسخولوگىيە كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەمەس بىر ئادەم ئۈچۈن بۇ ئىشلار دەسلىۋىدە ھەقىقەتەنمۇ مۇمكىن ئەمەستەك ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەستەك كۆرىنىدۇ.  ئەمما، ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىش، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ چىققىچە، بۇ پرىنسىپنى تەكرار تەجرىبە قىلىشتىن ئىبارەت.

ئىنسانىيەتنىڭ بۇرۇنقى تارىخىدىكى ھەر قانداق مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزنىڭ كۈچى ھازىر ئەڭ زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتى.  بىر قىسىم كىشىلەر بىز تەسەۋۋۇر قىلالىغان ۋە قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنگەن ھەر قانداق ئىشنى بىز چوقۇم قىلالايمىز، دەپ ئويلاپ، «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزنى ئۆزىنىڭ سۆز-ئىبارىلەر جۇغلانمىسىدىن چىقىرىۋەتتى.

كائىنات ماددا بىلەن ئېنېرگىيىدىن تەركىب تاپقان.  سەۋرچانلىق بىلەن ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن بىز شۇنى بايقىدۇقكى، ھازىر بىر ماددا تۈسىنى ئالغان ۋە بۇرۇن بىر ماددا تۈسىنى ئېلىپ باققان ھەر بىر نەرسىنى ئۇنىڭ ئەڭ كىچىك نۇقتىسىغىچە تەھلىل قىلسا، ئۇ بىر خىل شەكىلدىكى ئېنېرگىيىدىن باشقا نەرسە بولۇپ چىقمايدۇ.  يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنسانلار بەرپا قىلغان ماددىي نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئېنېرگىيە شەكلىدە، ئىنسان كۆڭلىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىدىن چىققان بىر ئىدىيە ئارقىلىق باشلانغان. يەنى، ھەر بىر ماددىي نەرسە بىر خىل ئېنېرگىيە شەكلىدە باشلانغان بولۇپ، ئوخشاشلا بىر خىل ئېنېرگىيە شەكلىدە ئاخىرلىشىدۇ.

بارلىق جىسىملار مەلۇم بىر خىل ئېنېرگىيىنىڭ قوماندانلىقىغا بوي سۇنىدۇ.  ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئىنسان كۆڭلى بولۇپ رول ئۆتەيدىغان ئېنېرگىيىدىن ئىبارەت.  شۇڭلاشقا ئىنسانلار ياراتقان ھەر بىر نەرسىنىڭ يېتەكلىگۈچى كۈچى ئىنسان كۆڭلىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنسانلار بۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ كۈچتىن پايدىلىنىپ بەرپا قىلالايدىغان نەرسىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇرۇن ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن نەرسىلەر كىچىك ۋە ئەرزىمەس نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

بىز ھازىرغىچە شۇنى ئېنىق بىلىپ بولدۇقكى، كۆڭۈلگە سىڭدۈرۈپ، شۇ يەردە ساقلىغان ھەر قانداق بىر ئىدىيە، نىشان، ياكى مەقسەت بىلەن ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئىرادىسى يەڭگىلى بولمايدىغان كۈچلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئىشقا سالىدۇ.  رېئاللىققا ئايلاندۇرماقچى بولغان كۈچلۈك ئىستەكنى يوشۇرۇن ئاڭغا سىڭدۈرۈشنى ئۇنى يوشۇرۇن ئاڭ ئۆزىگە تولۇق ئۆتكۈزۋالغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.  بۇ ئىشنى بىر قانچە سائەت ياكى بىر قانچە ھەپتە ئېلىپ بېرىش كۇپايە قىلمايدۇ. قىلچە بوشاشماسلىق ئىرادىسى بىلەن ئىستەكنى كۆڭۈلدە ھاسىل قىلىپ، ئۇنى يوشۇرۇن ئاڭ ئۆزىگە ئۆتكۈزىۋالغىچە ئۆز كۆڭلىدە ساقلاش كېرەك. مۇشۇ نۇقتىغىچە، سىز ئىستەكنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، ئۇنى يوشۇرۇن ئاڭغا قارىتىپ ئىتتىرىشىڭىز كېرەك.  بۇ نۇقتىدىن كېيىن بولسا ئىستەك سىزنىڭ ئارقىڭىزدا تۇرۇپ، سىزنى ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قاراپ ئىتتىرىدۇ.

قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش خۇددى ئەڭ قاتتىق تاشلاردىن بىرسىنىڭ ئۈستىگە سۇ تېمىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاشۇ تاشنى ئۇپرىتىپ يوقاتقانلىق بىلەن باراۋەر. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھايات داستانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر سەھىپىسىنى پۈتتۈرگەندە، سىز ئۆزىڭىزدە بىر ئىشنى ئاخىرغىچە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش خاراكتېرىنىڭ بولغانلىقى ياكى ئۇنىڭ كەمچىل بولغانلىقى، سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىڭىزدا ياكى مەغلۇپ بولۇشىڭىزدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بايقايسىز.

تەپەككۈر بىر نەرسىدۇر.  نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ھەر بىر پىشقان تەپەككۈر بىر مەڭگۈ توختىماس دولقۇننى بارلىققا كەلتۈرىدىغان بولۇپ، بۇ دولقۇننى تارقاتقان كىشى كېيىنكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ دولقۇن بىلەن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇرى بولىدۇ. شۇنداقلا ئادەم چەكسىز ئەقىل تەرىپىدىن ھەرىكەتكە قويۇلغان تەپەككۈرنىڭ جىسمانىي نامايەندىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.   

ھەممە تەپەككۈر ئىجادىي بولىدۇ.  ئەمما، تەپەككۈرلەرنىڭ ھەممىسى ئىجابىي ياكى پايدىلىق بولمايدۇ. ئەگەر سىز ئازاب-ئوقۇبەتنى ۋە نامراتلىقنى تەپەككۈر قىلىپ، ئۇلاردىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلسىڭىز، سىزنىڭ تەپەككۈرلىرىڭىز دەل ئاشۇنداق ئەھۋالنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.  لېكىن سىز بۇنىڭ تەرتىپىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىجابىي ۋە ئۈمىدۋار ماھىيەتلىك خىياللارنى تەپەككۈر قىلسىڭىز، سىزنىڭ تەپەككۈرلىرىڭىز دەل ئاشۇنداق شەرت-شارائىتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.

سىزنىڭ تەپەككۈرلىرىڭىز سىزنىڭ مىجەزىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىپ، سىزگە ئۆز تەپەككۈرلىرىڭىزنىڭ ماھىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقان ماددىي نەرسىلەرنى تارتىپ ئەكىلىدۇ. كۆڭۈل ئىلمىنى ئۆگىنىشنى يېڭىدىن باشلىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك بۇ ئاساسىي ھەقىقەتكە سەل قارايدۇ. 

سىز يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا بىر ئېنىق ئىستەكنى تەكلىپ قىلغاندا، سىز خۇددى ئۇ ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغان ۋاقىتتىكى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى ئېتىقاد ۋە ئىشەنچ بىلەن شۇنداق قىلىڭ.  سىز ئۇنى يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا تەكلىپ قىلغان پەيتتىن باشلاپلا، سىز خۇددى ئۆز ئىستىكىڭىزنى ئەلەمگە ئاشۇرۇپ بولغاندەك ئويلاڭ.  سىز ئۆز ئىستىكىڭىزنى «ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، ماڭا چەكسىز ئەقىل ياردەم قىلىدۇ» دېگەن ئەقىدە بىلەن كۈچلەندۈرۈڭ.  ئەگەر سىزدە مۇشۇنداق دەرىجىدىكى ئەقىدە بولمايدىكەن، كېيىنچە ئۈمىدسىزلىنىپ قالىسىز.

ئاپتوماتىك تەكلىپ پرىنسىپىنىڭ ئۈنۈم بېرىش-بەرمەسلىكىدىن ھەرگىزمۇ گۇمانلانماڭ.  ئۆز ئارزۇيىڭىز بويىچە تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارى سىز ئۆزىڭىز مۇتلەق كونترول قىلالايدىغان بىردىن-بىر ئىقتىداردۇر.  (ئىلاۋە: مەن ئۆزەمنىڭ بۇرۇنقى بىر ماقالىسىدا، ياراتقۇچى ئىنسانلارغا تۇغۇلغاندىلا ئاتا قىلغان بىرىنچى نەرسە جان، ئىككىنچى نەرسە بولسا ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى تاللاش ئەركىنلىكى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. بۇ ئۇقۇم يۇقىرىدىكى بايان بىلەن ئوخشاش.) 

يۇقىرىقى جۈملە ھەرگىز ئېسىڭىزدىن چىقمىسۇن. ئۆز تەپەككۈرىڭىزنى كونترول قىلىش كۈچ-قۇدرىتى ئۆزىڭىزدە بولغانىكەن، سىزنىڭ تەپەككۈرىڭىزنىڭ ئىجابىي ياكى سەلبىي بولۇش مەسئۇلىيىتى سىزنىڭ زىممىڭىزدە بولىدۇ. «سىز ئۆز تەقدىرىڭىزنىڭ خوجايىنى. سىز ئۆز قەلبىڭىزنىڭ كاپىتانى.»  بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، تەپەككۈرىڭىزنى سىز ئۆزىڭىز كونترول قىلىسىز. سىز ئۆز تەپەككۈرىڭىزنىڭ ياردىمى بىلەن، ئۆزىڭىز ئىستىگەن ھەر قانداق نەرسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلەيسىز. ناپولىيوننىڭ كىتابىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يۇقىرىقى مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەنگلىيە شائىرى ۋىلىيام خېنلىي (ئىنگلىزچە William Ernest Henley ، 1849-1903)  يازغان «يېڭىلمەس» دېگەن بىر ئىنگلىزچە شېئىر بار بولۇپ، ئىنگلىزچە بىلىدىغان ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئۇنى بۇ يەرگە كىرگۈزۈپ قويدۇم:

Invictus

Out of the night that covers me,
Black as the Pit from pole to pole,
I thank whatever gods may be
For my unconquerable soul.

In the fell clutch of circumstance
I have not winced nor cried aloud.
Under the bludgeonings of chance
My head is bloody, but unbowed.

Beyond this place of wrath and tears
Looms but the Horror of the shade,
And yet the menace of the years
Finds, and shall find, me unafraid.

It matters not how strait the gate,
How charged with punishments the scroll.
I am the master of my fate:
I am the captain of my soul.

William Ernest Henley


13.ئاخىرقى سۆز

مەن 2008-يىلى يازغان «ۋاقىتنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش» دېگەن تېمىدىكى ماقالەمدە ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن كېيىن قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن قىلىشىغا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم:
 
مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش، مىللىي روھنى ۋە مىللىي ئاڭنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇرغۇتۇش، ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش
 
مەن يېقىندىن بۇيان «بىز بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەن سوئالغا بارغانسېرى كۆپ دۇچ كەلگەنسېرى، يۇقىرىقى ئۈچ ئىش ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەڭ مۇھىم ئىشلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك، ئوتتۇرا مۇددەتلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ نۇقتىنى چۈشەنمەيدىغان، ياكى چۈشىنىشنى خالىمايدىغان كىشىلەر مەيلى ۋەتەندە بولسۇن ياكى چەت ئەللەردە بولسۇن يەنىلا ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمەن.  مېنىڭچە بۇ ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاشتا، مەزكۇر ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغان غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى ناھايىتى زور ياردەمدە بولالايدۇ.  بىرىنچىدىن، بۇ قانۇنىيەت يېقىنقى زامان غەرب دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئومۇملاشقان مەدەنىيىتىگە  ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن نەرسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇشى ئۆزىنىڭ مىللىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى  ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان ئامىللاردىن بىرى.  مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسى، نىشانى ۋە غايىسى بار بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىستەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، ئۆز ھاياتىدىكى كۆزلىگەن مەقسىتىدە ۋە قىلغان ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشنى  ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭالاشقا مەزكۇر ماقالىدا تونۇشتۇرۇلغان بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇش ئۇلار قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. ئىككىنچىدىن، كۆڭۈلنىڭ مۇستەملىكە بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆڭۈلنىڭ باشقىچە پروگراممىلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇش، ۋە شۇ ئارقىلىق مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، ھەر بىر ئادەمدىن مەزكۇر ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغان ئۆز تەپەككۇرىنى ئۆزى كونترول قىلىش، ئۆز قەلبىگە ئۆزى كاپىتان بولۇش بىلىملىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشنى، ھەمدە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ماھارىتىنى تولۇق يېتىلدۈرۈۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.  مانا بۇ ئۆزەمنىڭ نېمىشقا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن ھالقىلىق تارىخىي پەيت بولغان بۈگۈنكىدەك كۈندە مۇشۇنداق بىر تېمىنى تاللىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىدۇر. 

ھازىر بىز ئۆز تەقدىرىمىزنىڭ خوجايىنى.  ھازىرقى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان يۇقىرىقى ئۈچ مۇھىم ۋەزىپىلەر ئاسانلا ئورۇنلىغىلى بولىدىغان ئىشلار ئەمەس. لەكىن بۇ ۋەزىپىلەر بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە قابىلىيەتلىرىنىڭ ئۈستىدىمۇ ئەمەس.  ئۇلارنىڭ ئازابلىرى بىلەن جاپالىرى بىزنىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىمىزنىڭ سىرتىدىمۇ ئەمەس.  بىزنىڭ پەقەت بۇ ۋەزىپىلەرگە نىسبەتەن ئېتىقاتىمىزلا بولىدىكەن، ھەمدە ھېچ نېمىگە باش ئەگمەيدىغان ئىرادە-جاسارىتىمىزلا بار بولىدىكەن، بىزنىڭ يولىمىزنى ھېچ قانداق نەرسە توسۇپ قالالمايدۇ—يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، ھازىر «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆز ئۆز قىممىتىنى يوقاتتى. 

مىلادىدىن بۇرۇنقى 384-322 يىللىرى ياشىغان گرىتسىيەلىك تەنقىدچى، پەيلاسوپ، فىزىكات، ۋە زوئولوگ ئارىستوتۇل (ئىنگلىزچە «Aristotle») مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۆزىمىز قايتا-قايتا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ مەھسۇلى. ئۇنداق بولىدىكەن، مۇنەۋۋەرلىك بىر خىل ئىش-پائالىيەت ئەمەس، بەلكى بىر ئادەت»  (ئىنگلىزچە  We are what we repeatedly do. Excellence then, is not an act, but a habit). مەزكۇر ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغىنىدەك، بىز ھەر قانداق كونا ئادىتىمىزنى يوقۇتۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ھەر قانداق يېڭى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرەلەيمىز. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق يەر ۋە ھەر قانداق ۋاقىتتا، قىلىدىغان ھەر بىر ئىشىدا ئۆز تەپەككۇرىنى ئۆزى كونترول قىلىش، ياراتقۇچى بەرگەن ئىنسان كۆڭلىنىڭ بۇ ئىقتىدارىدىن ئىجابىي يوسۇندا پايدىلىنىشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئادىتى قىلىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم.  بۇ نۇقتىنى مەن قانچىلىك تەكىتلىسەممۇ ئازلىق قىلىدۇ.     

مەن بارلىق قېرىنداشلاردىن مەزكۇر ماقالىنى كام دېگەندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى، ئاندىن ئۇنىڭدا ئۆگىتىلگەن بىلىملەردىن پايدىلىنىپ، مەن يۇقىرىدا قايتا تىلغا ئالغان «ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ مۇھىم ۋەزىپىسى» نى ئورۇنلاش يولىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

(تۈگىدى)


© Copyright 2004 Uyghur Meripet  Torbeti 

Cell Phone Accessories
Cell Phone Accessories