خەنزۇ مىللىتى ئىرقىي كەمسىتىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى

ئەركىن سىدىق
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى


مەن يېقىندا بىر ئامېرىكىلىق تونۇشۇمدىن «خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشى توغرىسىدا» دېگەن بىر پارچە ماقالىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.  بۇ ماقالىنىڭ ئىنگلىزچە تېمىسى «نوتەس ئون ھان چىنەسە راكىسم» بولۇپ، ئۇنى تەيۋەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەت ۋە مەدىنىيەت تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى چېن گۋاڭ-شىڭ (陳光興، 台灣交通大學社會與文化研究所) ئەپەندى يېزىپ، 2007-يىلى شاڭخەي دە ئېچىلغان بىر قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىدا دوكلاد قىلغانىكەن.  كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارغا خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش جەھەتتىكى ھازىرقى ئەھۋالى ئىنتايىن ئايان.  لېكىن خەنزۇ مىللىتىنىڭ بۇنداق خاراكتېرى قاچان ۋە قانداق شەكىللەنگەنلىكىدىن تولۇق خەۋىرى بار ئۇيغۇرلار ئانچە كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن.  شەخسەن مەن ھازىرغىچە ئۇ ساھەدە بىرەر پارچە ماتېرىيال كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. شۇنداق بولغاچقا، مەن بۇ ماقالىغا ناھايىتى قىزىقتىم، ھەمدە ئۇنى بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم.  شۇنىڭدىن كېيىن مەن بۇ ماقالىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەتلەر بۇرۇن دۇچ كەلگەن، ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان، ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدىمۇ داۋاملىق دۇچ كېلىدىغان بەزى مۇھىم ئەھۋاللارنى چۈشىنىشكە نىسبەتەن ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن مەزكۇر ماقالىنى يېزىش ئارقىلىق، ئۆزەم ئوقۇغان چېن ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقى ماقالىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى قارار قىلدىم. 

ئەسلىدىكى ماقالە بىر خەنزۇ مىللىتىدىن بولغان زىيالىيي ئىنگلىز تىلىدا يازغان ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى بىر پارچە ئىلمىي ماقالە بولۇپ (ئاپتور ئۇنى بەزىدە «كىتاپ» دەپ، ئاتىغان بولۇپ، مەن ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنەلمىدىم)، ئۇنىڭدا خەنزۇ مىللىتىنىڭ تارىخىغا ئائىت مەزمۇنلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى ئاممىباپ تىلدا ئۇيغۇرچە ماقالە قىلىپ يېزىپ چىقىش، مەن ئۈچۈن ئانچە ئاسانغا توختىمىدى. شۇنداقتىمۇ مەن مەزكۇر ماقالىنى ئۇنچىلىك بەدەل تۆلەشكە ئەرزىيدۇ، دەپ ئويلايمەن.  بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى، خەنزۇ مىللىتىدىن بولغان، جۇڭگونىڭ ئىچ-سىرتىدا خېلە تونۇلغان بىر زىيالىي «خوڭ كوڭ ھازىر پەخىرلىنىپ يۈرىۋاتقان سەۋىيىگە 100 يىل مۈستەملىكە بولۇش ئارقىلىق ئېرىشەلىدى.  ئۇنداقتا جۇڭگو 300 يىل مۈستەملىكە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.» دېگەنىدى (ئاڭلىشىمچە ئۇ كىشى مۇشۇنداق سۆزلىرى ئۈچۈن كۆپلىگەن خەنزۇ زىيالىيلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىپلىشىگە ئۇچرىغان).  ئۇ نىمىشقا ئۇنداق دەيدۇ؟  مەن يېقىندا خەلقئارادىكى خېلە يۇقىرى نوپۇزلۇق زھورناللارنىڭ بىرىدە غەربلىكلەرنىڭ «جۇڭگو ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. لېكىن، بەزى جەھەتلەردە ئۇ تەرەققىي قىلغان بىر قىسىم كىچىك دۆلەتلەردىنمۇ خەلىلا كەيىن تۇرىۋاتىدۇ» دېگەندەك مەزمۇننى كۆردۈم.  ئۇلار نېمىشقا ئۇنداق دەيدۇ؟  مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇغان كىشى ئاشۇنداق سوئاللارغا مەلۇم دەرىجىدە جاۋاب تاپالايدۇ.  شۇڭلاشقا مەن ئۆزى ياشاۋاتقان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنى، ھەمدە خەلقئارا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن يۇز بېرىدىغان بىر قىسىم ئىشلارنى چۈشىنىشكە قىزىقىدىغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ ماقالىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.  شۇنداقلا ئىنگلىزچە بىلىدىغان ئوقۇرمەنلەرگە ئەسلىدىكى ماقالىنىڭ ئۆزىنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەكلىب قىلىمەن (ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە ماقالىنىڭ تور ئادرېسى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىدا بار).  ئىشىنىمەنكى، بۇ ماقالىنى ئوقۇپ چىققان ھەر بىر كىشى بىر قىسىم ناھايىتى قىممەتلىك بىلىملەرگە ئېرىشەلەيدۇ.


1. ئەسلىدىكى ماقالە ۋە ئۇنىڭ ئاپتورى توغرىسىدا


ئەسلىدىكى ماقالىنىڭ ئاپتورى چېن گۋاڭ-شىڭ ئەپەندى باكلاۋېر ئوقۇشىنى تەيۋەندە تاماملاپ، ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇشلىرىنى بولسا 1981-1988-يىللىرى ئامېرىكىدا ئوقۇغان ئىكەن.  شۇنداقلا ئۆزى نۇرغۇن ئىلمىي ماقالە ۋە كىتاپ يازغان، ھەمدە كىتاپ ۋە ئىلمىي ماقالىلەرگە تەھرىر، مۇھەررىر ۋە باش مۇھەررىر بولۇپمۇ ئىشلىگەنىكەن.  ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى مەدەنىيەت، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىمپېرىئالىزملىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

چېن ئەپەندىنىڭ ھېلىقى ماقالىنى يېزىشىغا مۇنداق بىر ۋەقە سەۋەبچى بولغان: چېن گۋاڭ-شىڭ 1996-يىلى لوندوندا چىقىدىغان «بۈگۈنكى ماركىسىزم» دېگەن زھورنالنىڭ تەھرىرى، داڭلىق زھورنالىست، تېلېۋىزور فىلىمى ئىشلىگۈچى، ۋە سىياسىي ئانالىزچى مارتىن جەكۋېس (Martin Jacques) بىلەن تونۇشقان بولۇپ، مارتىن ئائىلىسى بىلەن خوڭكوڭدا تۇرغان بىر قانچە يىل جەريانىدا ئۇلار ناھايىتى ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالغان.  مارتىننىڭ ئايالى خەرى (Harinder Veriah) ھىندىستانلىق مالاي مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇ بىر خەنزۇلار توپلىشىپ ياشايدىغان مەھەللىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنىكەن. شۇڭا گۋاندۇڭلۇقچە خەنزۇ تىلىنى ئوبدان سۆزلەيدىكەن.  ئۇ بىر ناھايىتى خۇشخۇي، قىزغىن، ئېسىل خىسلەتلىك، تەپەككۇرغا باي قىز بولۇپ (ئۇنىڭ بىر پارچە رەسىمىنى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىغا كىرگۈزۈپ قويدۇم)، ئادۇكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. 2000-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، خەرى خوڭكوڭدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ كېتىپتۇ.  ئۇنىڭ ئۆلۈمى خوڭكوڭدىكى چەت ئەللىكلەر جەمئىيەتلىرىدە ئىنتايىن كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلىپتۇ.  كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى، ئۇ بىر ھىندىستانلىق بولغانلىقتىن، دوختۇرخانىدىكىلەر ئۇنى ۋاقتىدا داۋالىمىغان ۋە ياخشى داۋالىمىغان، دەپ قاراپ، دوختۇرخانا ئۈستىدىن ئەرز قىلىپتۇ، ھەمدە بىر كەڭ-كۆلەملىك ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى ھەرىكەت باشلاپتۇ. ئاشۇ ھەرىكەتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن خوڭكوڭدا بىر ئىرقىي كەمسىتىشنى چەكلەيدىغان قانۇنمۇ ماقۇللىنىپتۇ.

بۇ ۋەقە چېن گۋاڭ-شىڭ غا ناھايىتى قاتتىق تەسىر قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن چېن ئەپەندى خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بۇ ماقالىنى يېزىش ئارقىلىق، مارتىنغا ئۇنىڭ بۇ پاجىئەلىك يوقىتىشىنىڭ ئارقىسىدىكى ئېھتىماللىقى بار بولغان سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى قارار قىلىپتۇ.

ئەگەر ئەسلىدىكى ماقالىنى باشقا بىر مىللەتتىن كېلىپ چىققان زىيالىي يازغان بولسا، مەن ئۇنىڭغا ھازىرقىدەك قىزىقمىغان، ھەمدە ئۇنى بىر ئۇيغۇرچە ماقالە قىلىپ تونۇشتۇرمىغان بولاتتىم. ئەسلىدىكى ماقالىنى بىر خەنزۇ مىللىتىدىن كېلىپ چىققان زىيالىي ئۆز-ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىش، ھەمدە شۇ ئارقىلىق خەنزۇ مىللىتىدە ساقلىنىۋاتقان بىر يامان ئىللەتنى يوقۇتۇپ، خەنزۇلارنىڭ ھازىرقى زامان دۇنيا ۋەزىيىتىگە ياخشىراق ماسلىشىشىغا تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە يازغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ ماقالىنىڭ خېلە زور قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلدىم.

چېن ئەپەندى ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ (نەقىل):

مۇشۇنداق بىر ئېسىل ئىنساننىڭ يوقىتىلىشىنىڭ ئورنىنى بىر ئانالىز ئارقىلىق تولدۇرغىلى بولمايدۇ. ئەمما، ئالدىغا قاراپ مېڭىپ، ھاياتتىكى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋاللارغا سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇلارنى ئۆزگەرتىش بىزدەك ھايات كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى.

قانۇن جەھەتتىن ئېلىپ بېرىلغان ئىشلار جەريانىدا خەرىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئىرقىي كەمسىتىش ئوتتۇرىسىدىكى ئېنىق باغلىنىشنى ئېچىپ بېرىش مۇمكىن بولماي قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاشۇنداق بىر كۈچلۈك باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى ھېچ كىم كەسكىن ھالدا ئىنكارمۇ قىلالمىدى. مېنىڭ بۇ يەردىكى مەقسىتىم خەرىنىڭ ئۆلۈمى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن كېلىپ چىققان-چىقمىغانلىقى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىش ئەمەس، بىراق، بۇ ئەھۋال خوڭكوڭدا ھەقىقەتەنمۇ بىر ئىرقىي كەمسىتىش مەسىلىسى ئۈستىدىكى ئاممىۋىي تالاش-تارتىشنى باشلاپ بەرگەن بولغاچقا، مەن ئاشۇ مۇزاكىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنى بىر تېخىمۇ ئەتراپلىق ئانالىزغا كېڭەيتىشنىڭ پايدىسى بار، دەپ قارايمەن. ھازىر خوڭكوڭ، تەيۋەن، سىنگاپور، ۋە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردە رەڭگا-رەڭ ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئېقىپ كىرىشى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، بۇرۇن بايقالمىغان توقۇنۇشلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ.  شۇنداقلا جۇڭگونىڭ «تىنچ كۆتۈرىلىشى» توغرىسىدىكى كەڭ تارقالغان ئاساسىي كۆز-قاراشلار ۋەھىمە پەيدا قىلىشى ۋە ئىرقىي توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.  جۇڭگو سودا شىركەتلىرىنىڭ ئافرىقىدا ئىش ئېلىپ بېرىشتا قوللانغان قوپاللىقلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەر شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدىكى، خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى مەسىلىگە ئايلانمىغان تەقدىردىمۇ، بىر رايونلۇق مەسىلىگە ئايلىنىدۇ.  جۇڭگولۇق زىيالىيلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ بۇ ساقلانغىلى بولمايدىغان مەسىلىگە قارىتا جەڭ ئېلان قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. (نەقىل تۈگىدى)

بۇ يەردە مەزكۇر ماقالىدا كۆزدە تۇتۇلغان مىللەت ھەققىدە چېن ئەپەندى بەرگەن چۈشەنچىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن. جۇڭگودا ياشايدىغان ئەڭ چوڭ ئېتنىك گۇرۇھ خەنزۇ مىللىتى، جۇڭگونىڭ رەسمىي (ئىنگلىزچە «official») تىلى خەنزۇ تىلى (汉语) بولۇپ، ئۇ خەنزۇ يېزىقى (汉字) نى قوللىنىدۇ. ھازىر دۇنيا مىقياسىدا «خەن» نىڭ ئورنىنى بارغانسەرى «جۇڭگولۇقلار» («Chinese، 华人، 中国人») دېگەن سۆز ئېلىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ.  مەزكۇر ماقالىدا پەقەت خەنزۇ دېگەن سۆزلام ئىشلىتىدۇ. بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب، خەنزۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئەقلىي تەپەككۇرى، ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ قانداق بولۇشىنى ھازىرمۇ قاتتىق كونترول قىلىۋاتىدۇ. سىياسىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خەنزۇ مىللىتى ھازىر دۇنيادىكى ئاساسىي ئورۇندىكى نوپۇسلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارغا «جۇڭگولۇقلار» دېگەن كاتېگورىيە ئىچىگە كىرىدىغان باشقا كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىپ قاراش، خەنزۇ مىللىتىنىڭ تارىخىي ۋە باشقا مەسىلىلىرىگە تەنقىدىي ھالدا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن باسمىسا بولمايدىغان بىرىنچى قەدەمدىن ئىبارەتتۇر.

ئىرقىي كەمسىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندىمۇ، ئىرق (race، 种族)، ئېتنىك گۇرۇھ (ethnicity، 族群)، ۋە مىللەت (nationality، 民族) ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرگىمۇ دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ سۆزلەر ھازىر خەنزۇ تىلى بىلەن ئىنگلىزچىنىڭ ھەر ئىككىسىدە مەنە جەھەتتىن ئۆز-ئارا كىرىشىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى.  مەسىلەن، مالايسىيادا ئاساسىي «ئېتنىك گۇرۇھ» لاردىن مالايلار، جۇڭگولۇقلار، ۋە ھىندىستانلىقلاردىن ئىبارەت ئۈچى بار بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا «ئىرقىي» مەسىلىلەر بار.  جۇڭگودا خەنزۇلار «مىللەت» كاتېگورىيىسىدىكى خەلق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن بولغان پەرقى ئىرقىي پەرق بولماستىن، مىللىي پەرقتىن ئىبارەت. 

ئىرقىي كەمسىتىش ھەققىدىكى ئىجتىمائىي-پەن ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئادەتتە ئىقتىسادىي ۋە سىنىپىي پەرقلەرنى ئانالىز قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.  ياكى بولمىسا «مەدەنىيەت توقۇنۇشى» دېگەنگە ئوخشاش يېڭى مەدەنىيەت چۈشەنچىسىگە تايىنىدۇ.   ئەمما، بۇنداق چۈشەندۈرۈش خەنزۇلار جەمئىيىتىدىكى ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ كەڭ تارقالغان لوگىكىسى بىلەن ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. بۇ دېگەنلىك خەنزۇلار بىر ئالاھىدە مىللەت، دېگەنلىك ئەمەس. خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشى ئۇلار غەربلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنى باشلاشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ ھازىرمۇ خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئاسىيالىق خوشنىلىرى بىلەن، شۇنداقلا ئۆز ئىچىدىكى بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.  خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئۆز جەمئىيىتىدىكى ئىرقىي كەمسىتىش لوگىكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئېچىپ بېرىش باشقا جايلاردىكى ئىرقىي كەمسىتىش مەشغۇلات-ئەمەلىيەتلىرىنى چۈشىنىشنى يېڭى نەزەر بىلەن تەمىن ئېتىشى مۇمكىن.

چېن ئەپەندى ئۆز ماقالىسىنى تەييارلاشتا مارام ئېپىستېيىن (Maram Epstein) بىلەن ئۆزىنىڭ خىزمەتدىشى لىيۇ جېن-پىڭ (Liu Jen-ping) نىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغان بولۇپ، ئۇ ئىككى زىيالىينىڭ ئەسەرلىرى 1368-يىلى باشلانغان مىڭ سۇلالىسى بىلەن 1644-يىلى باشلانغان چىڭ (Qing) سۇلالىسى دەۋرلىرىدىكى ئاياللار ھوقۇقى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 


2. خەنزۇ ۋە باشقىلار لوگىكىسى


بۇ بۆلۈمدىكى مەزمۇنلارنى چېن ئەپەندى مارام ئېپىستېيىننىڭ ئەسەرلىرىدىن ئالغان.  شىيا جىڭ-چۈ (Xia Jingqu، 1705-1787) نىڭ «بىر يېزىلىق ئاقساقالنىڭ كۆرگەنلىرى» (Yesou Puyan، 野叟曝言، A Country Codger’s Words of Exposure) دېگەن رومانىدا تەسۋىرلىنىشىچە، باش پېرسۇناج ئىتالىيە، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق يىراق جايلاردىكى كىشىلەر بىلەن، شۇنداقلا جۇڭگو ئىمپېرىيىسىنىڭ چېگرا رايونلىرىغا جايلاشقان تەيۋەن، ياپونىيە، بىرما، سىئام (تايلاند)، سەيلون (سىرى-لانكا)، ۋە مىياۋ ۋە ياۋ پادىشاھلىقى قاتارلىق جايلاردىكى ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ.  ھەمدە ئاشۇ جايلاردا ياشايدىغان «باشقىلار» بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشتا بىر قىسىم چېچىلاڭغۇ ۋە روھىي (psychic)  تاكتىكىلارنى ئىشلىتىدۇ. 

بىرىنچى تاكتىكا ئۆزىگە تونۇش بولمىغان باشقا كىشىلەرگە رەزىل، ۋەھشىي ۋە ئىنسان ئەمەس، دەپ مۇئامىلە قىلىش (demonize، 鬼化، 使成魔鬼). ئۇ روماندا باشقىلار بەزىدە «يۈزى كۆك، ئۇزۇن ھىڭگاي چىشلىرى ئاغزىدىن چىقىپ قالغان» دەپ تەسۋىرلەنگەن، يەنە بەزىدە بولسا قۇيرۇقى بار ھەمدە يۇڭلۇق بەدىنى بار، تەسۋىرلەنگەن.  بۇ باشقىلارنى «چەت ئەل ئالۋاستىلىرى» دېگەن تۈرگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇلاردىن ئەجەبلىنىش ۋە قورقۇشتۇر.  بۇ تۈرنىڭ ئىچىدە دەرىجە تۈزۈمى ياكى دەرىجە بالدىقى (hierarchy) بويىچە قۇرۇلغان ھەر خىل كىچىك كاتېگورىيىلەر بار بولۇپ، بۇ كىچىك كاتېگورىيە چىراي شەكلى جەھەتتىن ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولغان «غەربلىك چەت ئەل ئالۋاستىلىرى» بىلەن پاكار بويلۇق ياپونلۇقتىن ئىبارەت «شەرقىي چەت ئەل ئالۋاستىلىرى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان.  باشقىلارنى ئالۋاستىلاشتۇرۇش خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىنسان ھېسابلانغان ئۆزى بىلەن ئىنسان ھېسابلانمايدىغان باشقىلارنى ئايرىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن، ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان مەدەنىي تەسۋىرنىڭ بىر قىسمىدۇر.

ئىككىنچى تاكتىكا باشقىلارنى ھايۋانلاشتۇرۇش.  باش پېرسۇناج تەيۋەنگە بارغاندا، بۇ ئارالنىڭ ئادەم ئېيىق (人熊) لىرى ياشايدىغان ياۋا ماكان ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.  ئۇ مىياۋ مىللىتى ياشايدىغان جەنۇبىي جۇڭگوغا بارغاندا، مىياۋ خەلقلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنى جۇڭگو ئىمپېرىيىسىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان ئالتە-جۈپ ئاق يىرتقۇچ يىلاننى ئۇچرىتىدۇ.  بۇ يىرتقۇچ يىلانلار ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ شىكالا بىلەن قاپلانغان ئۇزۇن بەدىنى، ئاق چېچى، ۋە سوغاق ھەم ئۇيۇشۇپ قالغان جىنسىي ئورگانى بار بولىدۇ.  ھىندىستانغا كەلگەندە، باش پېرسۇناج ئۇنى بىر بۇددا دىنى دۆلىتى، دەپ تەسۋىرلەيدۇ: «ئۇ يەردىكى بۇددا دىن مۇرىتلىرى ھېچ قانداق تىرىشمايدۇ، ئۇلار كالىغا ئوخشاش دۆت، ئىتقا ئوخشاش سەت، ئۇلارنىڭ كۈن-بويى قىلىدىغىنى بۇددا نومىنى يادلاش بىلەن روزى تۇتۇش.»  قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئاشۇ ھايۋانلاشتۇرۇلغان باشقىلارمۇ باش پېرسۇناجنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتكە بولغان ئىستىكىنى قوزغايدۇ.  ھايۋان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولغان مۇشۇنداق ئىستەكمۇ ئاشۇنداق جىنسىي پائالىيەت ئارقىلىق «مالىمانچىلىق ئۆزىنى مەدەنىيلىككە ئۆزگەرتىدۇ»، دېگەن قاراش ئاستىدا ئاقلانغان.  بۇمۇ مۇستەملىكىچىلەرنىڭ باشقىلارنى مەدەنىيەتلەشتۈرۈش ئىش-ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا بازارغا سالىدىغان، ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان گەپلىرىنىڭ بىرىدۇر.  خەنزۇ مىللىتىنىڭ قارىشىچە، ھايۋانلاشتۇرۇلغان باشقىلار خەنزۇلارنىڭ تەربىيىلىشى ئارقىلىق كۆرۈنۈشتە ۋە تۇيغۇ-ھېسسىيات جەھەتتىن (gut level) ئىنسانغا ئۆزگىرىدۇ، لېكىن ئۇلار مەڭگۈ ھەقىقى تۈردە خەنزۇ مىللىتىدەك تولۇق ئىنسان بولالمايدۇ.

ئۈچىنچى تاكتىكا كۆپۈنچە خوشنا ئاز سانلىق مىللەت خەلقلىرى ئۈچۈن قوللىنىلغان تاكتىكا بولۇپ، ئۇ يات كىشىلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە تۈرلەر بويىچە ئايرىيدۇ. شۇ ئارقىلىق بۇرۇنقىدىنمۇ باشقا دەرىجە تۈزۈمىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.  بۇ تاكتىكىدا، ئاز سانلىق مىللەت خەلقلىرى «پىشقان ئادەملەر» بىلەن «خام ئادەملەر» دېگەن ئىككى خىل كەڭ-دائىرىلىك تۈركۈمگە بۆلۈنگەن.  «پىشقان ئادەملەر» تۈركۈمىگە «مەدەنىيەت جەھەتتە بىز (خەنزۇلار) دىن پەرقلىنىدىغان، ئەمما ئاسانلا جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ ھەزىم قىلىۋەتكىلى بولىدىغان» لار كىرگۈزۈلگەن.  مىياۋلار ھالاكەتكە يۈز تۇتقان ۋە «خام» لىقىنى ئۆزگەرتىش مەڭگۈ مۇمكىن بولمايدىغان شەرقىي ئالۋاستىلار (ياپونلۇقلار) گە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇلار «جۇڭگولۇقلار ئېڭىغا ئۇسۇل ئويناپ كىرىپ كېتىۋاتىدۇ».  خەنلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، مىياۋ مىللىتى تولۇق ئىنسان بولماسلىقى، ھەمدە خەنلەردىن پەرقلىنىدىغانلىقى سەۋەبلىرىدىن، ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش جەريانى مەڭگۈ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانمايدۇ، دەپ قارالغان.  مانا مۇشۇنداق باشقىلارنى «ئىنسانلاشتۇرۇش» پروجېكتلىرىگە مەجبۇرلاش بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي دەرىجە تۈزۈمىدە ئۆزىنى مەڭگۈ باشقىلاردىن ئۈستۈن قويىدىغان تاكتىكا مۇستەملىكىچىلىكنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ بار بولغان خۇسۇسىيىتىدۇر.


3. ئىنسان ۋە چالا ئىنسان لوگىكىسى

خەنزۇلار (yang) بىلەن باشقىلار (yin) لوگىكىسى خەنلەر بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى دەرىجە تۈزۈمىنىڭ بىرى بولۇپ، مۇشۇ لوگىكا بۇيىچە قارىغاندا، خەنلەر ھەر ۋاقىت باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.  ئەمما يۇقىرىقى ئۈچ تاكتىكىنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان نەرسە ئىنسانلار بىلەن ئىنسان ئەمەسلەرنى پەرقلەندۈرىدىغان، ياكى تېخىمۇ توغرا قىلىپ ئېيتقاندا، باشقىلارنىڭ ئىنسانلىق دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان دەرىجە تۈزۈمىدۇر.  بۇ دەرىجە تۈزۈمى ھازىرغىچە بەرپا قىلىنغان كاتېگورىيىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر سۆزلەش دەرىجىسى ئارقىلىق ئېنىق ئىپادىلەنگەن.  ھەمدە بۇ ئورۇننى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىي كاپىتال ۋە ھوقۇققا ئىگە قىلىنغان بىر ئەر كىشى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ ئادەمگە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ھۆكۈملەرنى چىقىرىش ھوقۇقى بېرىلگەن.  تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ «ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئىنسان» ھەممە ئادەملەرنى ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە كۆندۈرگەن كىشىلىك ئوبراز بولۇپ، ئۇ ئوبراز ئۇزۇن مۇددەتلىك قاتتىق ۋە تەلتۆكۈس تەربىيىلەش ئارقىلىق يېتىلدۈرۈلگەن بولىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ دەرىجە تۈزۈمى جىسمانىي جەھەتتىن ئىنسانلىق شەرتىگە توشىدىغان، لېكىن ئىنسانلىق دەرىجىسىگە تولۇق يېتەلمىگەن چالا ئىنسانلار بار، دەپ پەرەز قىلىدۇ.  كلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش ۋە يادلاش (sishu wujing)، ھەمدە بەدەن ۋە گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۇرۇش (xiushen yangxing)، بىرسى ئىنسانلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈش ئۈچۈن باسمىسا بولمايدىغان مۇساپە، دەپ ھېسابلىنىدۇ.  ھازىرغىچە قوللۇنۇپ كېلىنگەن كۇڭزىچى ئەخلاق (ethics) بىلەن ئەخلاقىي ئىدىيىلەر (moral thought) نى مۇشۇ ئۇقۇملار ئارقىلىق چۈشەنگىلى بولىدىغان بولۇپ، مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «ئىنسانلار» بولسا باشقا كاتېگورىيىلەر، خەنلەر بىلەن باشقىلار (yin-yang)، شۇنداقلا ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ سۆزلەش دەرىجىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.  مانا بۇ خەنزۇ مىللىتى ئىرقىي كەمسىتىشىنى چۈشىنىشتىكى ئىنتايىن ھالقىلىق نۇقتىدۇر.


4. ئىنسانلارنى ئىنسانلىق دەرىجىسىگە ئايرىش لوگىكىسىنىڭ كېلىش مەنبىئى

ئىنسانلارنى ئىنسانلىق دەرىجىسىگە ئايرىش لوگىكىسى خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشىنىڭ كەڭ تارقالغان لوگىكىسىنى چۈشىنىشتىكى ئاچقۇچ.  ئۇنداقتا بۇ لوگىكا نەدىن كەلگەن؟  ئىرقىي كەمسىتىش ماتېرىيالىزمچى ئىش-ھەرىكەتلەر بولۇپ، ئۇ بىر ئالاھىدە دۇنياقاراش تەرىپىدىن ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلىدۇ.  خەنزۇ مىللىتى ئىرقىي كەمسىتىش ئىش-ھەرىكەتلىرى سىستېمىسى ئىچىدە، بۇ لوگىكا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان باشقىلارغا يولۇققان ۋاقىتتىكى تەبىئىي ئىنكاس شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.  يەنى، خەنلەر ئۆزلىرىنىڭ قانداق قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە بۇرۇن يىغقان بىر تۈركۈم بىلىملىرىنىڭ بارلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلىپ، ئۆزلىرىگە ناتونۇش بولغان باشقىلارغا يولۇققاندا، ئۆزى قوللىنىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئاشۇ بىلىملەر ئاساسىدا تەڭشەيدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ. 

بۇ خىل ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ بىر مەنبىيىنى «ئىچىگە قارىتا دانىشمەن، سىرتقا قارىتا پادىشاھ (内圣外王)» دېگەن كۆز-قاراشنى چۆرىدىگەن ھالدا يېتىلتۈرۈلگەن نەزەرىيە ۋە تارىخىي ئەمەلىيەتتىن تاپقىلى بولىدۇ.  ليۇ جېن-پېڭنىڭ بەزى تارىخىي ئەسەرلەرگە ئاساسەن كۆرسىتىپ بېرىشىچە، دۇمونت نىڭ دەرىجە تۈزۈمى نەزەرىيىسى «ئۆز ئىچىگە ئالغۇچىلار» بىلەن «ئۆز ئىچىگە ئېلىنغۇچىلار» ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئېنىق ئىپادىلىنىشىدىن ئىبارەت.  يەنى، مۇناسىۋەت سىستېمىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ئىچىدە، يۇقىرى ئورۇندىكىلەر تۆۋەن ئورۇندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ، ئەمما تۆۋەندىكىلەر يۇقىرىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالالمايدۇ.  مەسىلەن، ئەرلەرنىڭ ئورنى ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ، ئەمما ئاياللارنىڭ ئورنى ئەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالالمايدۇ.  بەزى دەرىجىلەردە ئەرلەر بىلەن ئاياللار بىر-بىرىنى يۆلەيدۇ، ئەمما تۈزۈلمە جەھەتتە ئۇلار باراۋەر بولالمايدۇ.

ليۇ جېن-پېڭ نىڭ ئەسىرىدە جۋاڭزى (Zhuangzi، مىلادىدىن بۇرۇنقى 369-286 يىللىرى) ئىشلەتكەن بىر تەمسىل نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئوخشىمىغان سۆزلەش دەرىجىسى تۈزۈمى بىلەن ئۇلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردىكى باراۋەرسىزلىك يۇسۇندا ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنىڭ قانداق ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلگەنلىكىگە قايتىدىن قاراپ چىقىلغان.  ئۇ تەمسىل ئۈچ دەرىجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئىگە (形، شەكىل، ماددا)، ئۇنىڭ شولىسى (影)، ۋە ئۇ شولىسىنىڭ سىرت بىلەن بولغان چېگرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان غۇۋا كۆلەڭگە.  ئەگەر ئىگە بىر شەكىل ياكى بەدەندىن تەركىپ تاپقان بولسا، شولا ئاشۇ ئىگىگە تايىنىپ تۇرۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان بولۇپ، غۇۋا كۆلەڭگە بولسا شولىغا تايىنىپ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالايدۇ.  غۇۋا كۆلەڭگە قالايمىقان ۋە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىرەر كونكرېت نەرسە ئارقىلىق ئىپادىلىگىلى بولمىغاچقا، ئۇ دائىم شولىنىڭ ئەتىراپىغا توپلاشقان بىر توپ پارچە-پۇرات نەرسىدەك كۆرىنىدۇ.  ئۇ تەمسىلدە شولا قارىماققا غۇۋا كۆلەڭگە بىلەن دىئاگلوگ قىلىۋاتقاندەك كۆرىنىدۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنىڭ سۆزلىرى بولسا ئىگىگە قارىتىلغان.  ئىگە ھەرگىزمۇ جىسمانىي جەھەتتىن ئۇ يەردە يوق بولسىمۇ، شولىنىڭ غۇۋا كۆلەڭگىگە بەرگەن جاۋابىدا ئۇ خۇددى ئاشۇ يەردە باردەك كۆرىنىدۇ.  يەنى، ئىگە بىر مەۋجۇت ئەمەس مەۋجۇتلۇق بولۇپ قالىدۇ. 

ليۇ جېن-پېڭ نىڭ بۇ نەزەرىيىۋى تەسۋىرىنى كىملىك سىياسەت ئىلمى ئارقىلىق تېخىمۇ ئاسانراق چۈشەنگىلى بولىدۇ.  ئەگەر بۇ يەردىكى قۇرۇلما بىر يات جىنىسلىقلارغا قىزىققۇچى ئەرلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان جەمئىيەت بولىدىكەن، ئەرلەر ئىگە، ئاياللار شولا، ئوخشاش جىنىسلىقلارغا قىزىققۇچى ئاياللار بولسا غۇۋا كۆلەڭگە بولىدۇ.  ئەگەر بۇ يەردىكى قۇرۇلما كاپىتالىزم بولىدىكەن، كاپىتالىستلار ئىگە، ئەمگەك سىنىپى شولا، كۆچمەن ئىشچىلار بولسا غۇۋا كۆلەڭگە بولىدۇ.  ئەگەر بۇ يەردىكى قۇرۇلما «دۇنيا سىستېمىسى» بولدىكەن، ھۆكۈمران ئورۇندىكى ئىرقلار ئىگە، ئاز سانلىق مىللەتلەر شولا، جىن-ئالۋاستىلار، ھايۋانلار، خاملار، ۋە ئىنسان ئەمەسلەر غۇۋا كۆلەڭگە بولىدۇ.  بۇ ئۈچ مىسالدا، ئىگە بىر ئورۇننى ئىگىلەپ، ئاشۇ ئورۇندىن باشلاپ بىر قۇرۇلما دۇنياسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ، ھەمدە شۇ ئارقىلىق باشقا سۆزلەش دەرىجىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  بۇ ئىگە باشقا كاتېگورىيىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ھەمدە بۇ قۇرۇلمىنىڭ قانداق ھەرىكەتلىنىشىنى كونترول قىلىدۇ.


5. تارىخىي ئىدىيىلەردىن كېلىپ چىققان ھازىرقى ئەھۋاللار


بىر دانىشمەننىڭ مەۋجۇتلۇقى تۆۋەندىكىلەرنى ئالدىن پەرەز قىلىدۇ: ئىنسانلار كۆپ تۈرلۈك بولۇپ، ئىنسانىيەتنڭ رەڭدارلىقى بىر دەرىجە تۈزۈمى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.  دانىشمەن ئەڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، «تۆۋەن تەبىقە» لەر ئۇلنى شەكىللەندۈرىدۇ، ھەمدە ئىنسان ئەمەس جىن-شەيتانلار بىلەن ھايۋانلار دەرىجە بالدىقىدىنمۇ تۆۋەن بىر ئورۇندا تۇرىدۇ. 

ئەمدى بىز خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشىگە قايتىپ كېلەيلى.  خەنزۇ مىللىتى ئۈچۈن، دەرىجە بالدىقىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى «ئىنسان» دېگەن ئورۇن يالغۇز ئوخشىمىغان جىنىسلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۈستىدىلا ئەمەس، ئىرقىي ۋە سىنىپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭمۇ ئۈستىدە تۇرىدۇ.  «بىز ھەممىمىز باراۋەر، ئەمما سەن تولۇق ئىنسان ئەمەس» دېگەن ئوقۇم خەنزۇ مىللىتىنىڭ بىر ئەڭ يۇقىرى پىسخولوگىيىلىك ئورۇننى ساقلاش ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداش ئاساسىي فورمۇلاسى بولۇپ، ئۇلار باشقىلارغا يولۇققاندا، ھەر ۋاقىت ئاشۇ پىسخولوگىيىلىك مېخانىزمنى قوللىنىدۇ. 

مانا مۇشۇ لوگىكا جۇڭگو ئىمپېرىيىسىنىڭ ئېپىستېمولوگىيە (بىلىش نەزەرىيىسى) ئاساسى بولۇپ، ئىشلارنىڭ مۇشۇ ئىمپېرىيىلىك تەرتىپى خەنزۇلارنىڭ پىسخولوگىيىسى بىلەن ئىش-ھەرىكىتىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن.  غەرب ئىمپېرىيە تاجاۋۇزچىلىقلىرىغا ياندىشىپ كەلگەن زامانىۋىلاشتۇرۇش پروجېكتىنىڭ بىر قىسمى بولۇش تەرىقىسىدە، ئىسلاھاتپەرۋەر خەنزۇ ئەدىبىيات ماھىرلىرى باراۋەرلىك نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاندى. بولۇپمۇ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە شۇنداق بولدى.  ئەمما، خەنزۇ مىللىتىنىڭ «بىز ھەممىمىز باراۋەر، ئەمما سەن تولۇق ئىنسان ئەمەس» دېگەن فورمۇلاغا ئاساسلانغان كۆڭۈل قۇرۇلمىسى، پىسخولوگىيىلىك قۇرۇلما ۋە ئىدىيولوگىيىلىق ئىش-ھەرىكەتلەر ھازىرغىچە ئاشكارە سۆزلەنمەيدىغان سىياسىي ئاڭسىزلىق بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ھازىرمۇ ئۆز پېتىچە داۋاملاشماقتا.  «ئىنسان ۋە چالا ئىنسان» دەپ پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى ھازىرمۇ داۋاملىق قوللىنىلماقتا.  بۇ فورمۇلا كونتېكىستقا مۇناسىۋەتلىك (باش-ئايىغى ماسلاشقان) ھالدا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر (ئاق تەنلىكلەر)، ئاجىزلار (ئاز سانلىق مىللەتلەر)، ياكى ناتونۇش ۋە تۆۋەن دەرىجىلىكلەر (قارا-تەنلىك جەنۇبىي ئاسىيالىقلار) سىنىپلىرىغا ئايرىغىلى بولىدىغان باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش ئۈچۈن ئىشقا سېلىنماقتا.  بۇ ئۇنىۋېرسال شوۋىنىزم (ئەرلەر بىرىنچىلىك ئىدىيىسى) خەنزۇ مىللىتىنىڭ جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزلىرىغا تاقابىل تۇرۇشىنى ۋە تۇرمۇشنى سەل چىدىغىلى بولىدىغان دەرىجىگە ئەكىلىشىنى بىر پىسخولوگىيىلىك مېخانىزم بىلەن تەمىنلىدى.  «بۇ ئاق تەنلىك چەت ئەللىك ئالۋاستىلار بىزنى جىسمانىي جەھەتتىن دۇمبالىيالايدۇ، ئەمما بىزنىڭ روھىيىتىمىزنى مەڭگۈ باش ئەگدۈرەلمەيدۇ»--مانا بۇ دەل لۇ شۈننىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئا.ق. نىڭ لوگىكىسىدىن ئىبارەتتۇر.  شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەنزۇ مىللىتى يۇقىرىقى بىلەن ئوخشاش ئىرقىي كەمسىتىش لوگىكىسىنى جۇڭگونىڭ چېگرا رايونلىرىدا ياشايدىغان باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى كەمسىتىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، خەرى گە ئوخشاش بىر ئېسىل ئىنساننىڭ ئۆلۈشىگىمۇ ئاشۇنداق لوگىكا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. 

بىر ناھايىتى ئىتتىك قىرغىقى بار قالقاننى ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئەمما، ئەگەر ئۇ بىغەملىك بىلەن ئىشلىتىلىدىكەن، ئۇ بىر قىرغۇچى قورالمۇ بولالايدۇ.

خەنزۇ مىللىتىنىڭ پۈتۈن تارىخى جەريانىدا، كۆپ-قەۋەتلىك كەمسىتىش ئىدىيىسى «ئىنسان» غا بولغان بىر ئالاھىدە چۈشەنچىدىن كېلىپ چىققان ئىش-ھەرىكەتنىڭ نامايەندىسى بولۇپ كەلدى.  بۇ چۈشەنچە تۈپ يىلتىزىدىن باشقىلارنى كەمسىتىش خاراكتېرىنى ئالغان بىر دەرىجە بالدىقى قۇرۇلمىسى ئىچىگە چوڭقۇر سىڭگەن ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.  ئاشۇ ئۇقۇم بويىچە بولغاندا، سىرتقى كۆرۈنۈشتىن قارىغاندا، «ئىنسان» بىر ئۇنىۋېرسال ئۇپۇق بولۇپ كۆرىنىدۇ.  ئەمما ئاشۇ سىرتقى كۆرۈنۈش يۈزىنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ قارايدىغان بولسا، ئەر-ئايال، سىنىپ، دۆلەت ۋە ئىرق جەھەتتىكى پەرقلەندۈرۈشلەر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ.  باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، جىنىس (gender)، جىنسىي ھەۋەس (sexuality)، سىنىپ، دۆلەت، ۋە ئىرق كاتېگورىيىلىرىگە مەنسۇپ بولغان دەرىجە بالداقلىرىدىكى پەرقلەر ئىش بېجىرىش رىجىمى رولىنى ئالغان ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ئىپادىسى بولۇپ قارىلىدۇ.  بۇ رىجىم بىر پرامىدا شەكلىدە قۇرۇلغان بولۇپ، «ئىنسان» بۇ پرامىدانىڭ ئەڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، چالا-ئىنسان ۋە ئىنسان ئەمەس نەرسىلەرگە مەنسۇپ بولغانلار (شولا ۋە غۇۋا كۆلەڭگىلەر) بولسا ئاشۇ پرامىداغا ئاستا سۈرئەت بىلەن ئۈنۈمسىز ھالدا يامىشىپ چىقىش مۇساپىسى جەريانىدا، ئاشۇ پرامىدانىڭ چوققىسىغا ھەۋەسلىك بىلەن قارايدۇ. ھەلىقى «ئىنسان» بولسا پرامىدانىڭ چوققىسىدىن تۆۋەنگە قارايدۇ.  ئۇ «ئىنسان» باشقىلارنىڭ چوققىغا يېتىپ بېرىپ، ئۆزىگە ئوخشاش بىر ھەقىقىي ئىنسان بولۇشتىن قانچىلىك يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ چوڭ نوپۇز ئىگىسى بولىدۇ.  بۇ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان «ئىنسان» نىڭ ھېچ قانداق ئالاھىدىلىكى يوق بولۇپ، ئۇ جىنىس، جىنسىي ھەۋەس، سىنىپ ۋە ئىرقلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.  ئۇنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن ۋە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا سىزگە «قاتتىق تىرىشساڭ، سەنمۇ مۇشۇ چوققىغا چىقالايسەن» دېگەن ۋاقتى، ئۇنىڭ دەل ئىرقىي كەمسىتىشنى ئەڭ ئېنىق قىلىپ ئىپادىلىگەن ۋاقتى بولىدۇ.  ئەگەر سىز ئۇنىڭغا بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسىنى خەنلەر ئۆزلىرى كەشىپ قىلغانلىقىنى دەپ، بۇ پرامىدا لوگىكىسىدىن يىراقلاپ كەتمەكچى بولىدىكەنسىز، ئۇ سىزگە مۇلايىملىق بىلەن مۇنداق دەيدۇ: سىزنىڭ زېھنىڭىز بىلەن ئەقىل-پاراسىتىڭىز تېخى تولۇق يېتىلمىگەن؛ سىز تېخى ئىنسانلىقنىڭ سىزىقىدىن ئۆتمىگەن؛ سىز بەك غەربلىشىپ كەتكەن، ھەمدە ئاياللار ھوقۇقى، ماركىسىزم ۋە مۈستەملىكىچىلىكتىن كېيىنكى دەۋر قاتارلىقلار تەرىپىدىن زەھەرلىنىپ قالغان.

كىملىك سىياسى ئىلمى تېخىچە يوقاپ كەتمىگەن بولۇپ، ئۇ يېقىن كەلگۈسىدىمۇ يوقاپ كەتمەيدۇ.  ھالقىلىق زىيالىيلار سىياسىي جەھەتتىن توغرا ئىش قىلىپ ياشاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.  بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۆزىمىز قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان كىملىكىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىشقا سېلىپ، مەسىلىنى ئۆز ئىچىمىزدە ئاشكارىلاپ، بىز تەۋە بولغان ئادەم توپىنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىدا ئىش كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.  بىر كونا سۆز بويىچە ئېيتقاندا، بىر ئادەم باشقىلارنى تەنقىد قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆز-ئۆزىنى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ كۆرۈشى كېرەك. 

ھازىر دۇنيا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىمپېراتۇرلۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن ئىبارەت بىرلا مەسىلىگە يىغىنچاقلىغىلى بولمايدۇ. ئەمما، دۆلەتلەر چېگرىسى ئوتتۇرىسىدىكى، شۇنداقلا دۆلەتلەر بىلەن رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆپۈنچە ۋاقىتتا مۈستەملىكىچىلىك ۋە ئىمپېرىئالىزم تارىخى بىلەن باغلىغىلى بولىدۇ.  ھازىرغىچە بۇنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىمپېرىئالىزمنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى.  ئىرقىي كەمسىتىش ھازىرمۇ ھەممە يەردە مەۋجۇت، ئۇنىڭ ئىپادىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق، تارىخ ھەر ۋاقىت جاھانگىرلارچە قارشىلىشىش ۋە بوي سۇندۇرۇشلارنىڭ مەھسۇلى، بۇ پاكىتنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھەم زۆرۈرىيىتى يوق، ھەم مۇمكىنچىلىكىمۇ يوق، دېگەن گەپلەرنى بىز ھازىرمۇ داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرىمىز.  مەزكۇر ماقالە ئاشۇنداق كۆز قاراشتا بولغۇچىلارنى يۆلەپ تۇرىدىغان بىلىملەرنى ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنىڭ پەرەزلىرى بىلەن كۆرەڭلەشلىرىگە بىر قېتىم جەڭ ئېلان قىلىدۇ.

6. ئاخىرقى سۆز


مەن ھازىرغىچە چەت ئەللىك تونۇشلا بىلەن پاراڭلاشقان بەزى ۋاقىتلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم ئىشلىرىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشى ئىكەنلىكىنى دەپ كەلدىم.  مەسىلەن، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ھازىرغىچە بىر مىڭ ئادەمگە بارمايدىغانلىقى (بۇ مېنىڭ شەخسىي پەرىزىم).  لېكىن ئۇلار مەندىن «خەنزۇلار سىلەرنى نېمە ئۈچۈن ئۇنداق كەمسىتىدۇ؟» دەپ سورىغاندا، مەن ئۇلارغا بىر ئىلمىي يوسۇندا جاۋاب بېرىشتە قىينىلىپ كەلگەن ئىدىم.  بۇ قېتىم مېنىڭ بىر يەھۇدى تونۇشۇم ماڭا چېن ئەپەندىنىڭ ماقالىسىنىڭ تور ئادرېسىنى ماڭدۇرۇپ، ئۇ ماقالىنى ئۆزىنىڭ بىر قېتىم ئوقۇپ چىققانلىقىنى، ھەمدە بىر قىسىم قىممەتلىك يېڭى  بىلىملەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، مەنمۇ ئۇ ماقالىنى دەرھال بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم.  ھەمدە ئۇ ماقالىدىكى ئۇچۇرلار مېنىڭ بەزى كام بىلىملىرىنى تولدۇرىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئۇنىڭ باشقا ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ خېلە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماقالىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ، شۇ ئارقىلىق ئىگە بولغان چۈشەنچەمگە ئاساسەن مەزكۇر ماقالىنى يېزىپ چىقتىم. 

ھازىر ئۇيغۇرلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان خېلە كوپ مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە بىلىم سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى، ۋە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان نادانلىقى بىلەن باغلىغىلى بولىدۇ.  بۇ ئەھۋال ۋەتەن ئىچىدىمۇ شۇنداق.  چەت ئەلدىمۇ ھەم شۇنداق. مەسىلەن، مەن بۇنىڭدىن بىرەر يىل بۇرۇن بىر تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسىدىن غازى ئەمەت ئاكىمىز سىزغان ئۇلۇغ ئالىملىرىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەخمۇد قەشقەرى پورترېتلىرىدىكىسى ئۇ ئىككى زاتنىڭ ھەقىقىي چىرايلىرى ياكى پەرەز ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمدا، ماڭا ئۇ زىيالىي ھېچ قانداق ئىككىلەنمەي تۇرۇپلا ئۇلارنىڭ ھەقىقىي چىرايى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.  لېكىن يېقىندا مەن يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ «ئەتىراپ قىلىشقا بولمايدىغان ئىككى پورترېت» دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ، ئۇ پورترېتلەرنىڭ پەرەز بىلەن سىزىلغانلىقىنى بىلدىم.  ھەر بىر زىيالىينىڭ ھەممە ئىشنى بىلىشى مۇمكىن ئەمەس.  بىلمەيدىغىنىنى «بىلمەيمەن» دېيىش ئىلمىي پۇزىتسىيىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئوقۇغان ئادەملەردە كام بولسا بولمايدىغان، تەرەققىي تاپقان مىللەتلەردە ئومۇملىشىپ كەتكەن بىر ئادەتتىكى ئەخلاق ئىدى.  ئەپسۇسكى، بەزى ئوقۇغان ئۇيغۇرلاردا مۇشۇنچىلىك ئەخلاقمۇ كەم بولىۋاتىدۇ.  مەيلى ۋەتەندىكىلەر بولسۇن، ياكى چەت ئەلدىكىلەر بولسۇن، بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ خېلە كۆپ قىسمى مىللەتنىڭ ساپاسىنىڭ ھازىرمۇ بىر قەدەر تۆۋەنلىكىنى، مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش يولىدا قاتتىق تىرىشىش ئۆز مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشتا ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى تېخىچە تولۇق تونۇپ يېتەلمەيۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا مەن يېقىندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمەن.  بۇ سۆز ئاددىي بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە ئىنتايىن كەڭ.  ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ.  ئۇ ھەر بىر ئۇيغۇردىن ئۇزۇن مۇددەت جاپالىق تىرىشىشنى، نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.  يەنى، ھەممە ئۇيغۇرلاردىن ئۆزىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە باشقا مۇمكىنچىلىكلىرى يار بەرگەن دائىرە ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگىچە ئوقۇشنى، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنىڭ خېلە كۆپ قىسمىنى كىتاپ ئوقۇشقا سەرپ قىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. 

ئۆزلىرى خەنزۇ مىللىتى بىلەن بىرگە ياشىمايدىغان يەھۇدى مىللىتىدىن كېلىپ چىققان بىر كىشىنىڭ مۇشۇنداق بىر ماقالىنى قەدىرلەپ ئوقۇشىدىن، مىللىي ساپاسى يۇقىرى بىر مىللەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قانداق تىرىشىش كېرەكلىكىنى مەلۇم دەرىجىدە كۆرۈۋالالايمىز.  مەن بۇ ئىشقا ئاشۇنداق قارىدىم.  مەن بارلىق قېرىنداشلارنىڭ مېنىڭ مەزكۇر ماقالىنى تەييارلىشىمدىكى سەۋەبنى مانا شۇنداق چۈشىنىشىنى، ھەمدە ۋاقىت چىقىرىپ بۇ ماقالىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Hari
2000-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى خوڭكوڭ (خىئاڭ گاڭ) دىكى
بىر دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ كەتكەن خەرى خانىم.

مەزكۇر ماقالىدا تىلغا ئەلىنغان بىر قىسىم ئەسەرلەرنىڭ تور ئادرېسلىرى:

1. چېن ئەپەندىنىڭ «خەنزۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشى ھەققىدە» دېگەن ماقالىسى (ئىنگلىزچە):
http://www.inter-asia.org/khChén/online/Epilogue.pdf

2. چېن ئەپەندىنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى:
http://apcsapcs.blogspot.com/search/label/CV%28%E4%B8%AD%E6%96%87%EF%BC%89

3. «ئېتىراپ قىلىشقا بولمايدىغان ئىككى پورتېرىت»:
[Kona yéziq] http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=10232
[Yéngi Yéziq] http://www.meripet.com/Academy/20110206_MehmudQeshqiri.htm


بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

© Copyright 2004 Uyghur Meripet  Torbeti 

Wheelchair
Wheelchair