يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق قانۇن-كېلىشىملەر

 

ئەركىن سىدىق

2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى

 

مەن ئۆزەمنىڭ ھازىرغىچە يازغان بىر قانچە ماقالىلىرىدە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم.  شۇنداقلا كاڭاس خانىم (بۇ خانىم ھەققىدە http://www.meripet.com/Sohbet1/Erkinc7_kangas1.htm دە بىر قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بار) قاتارلىق خەلقئارادا تونۇلغان بىر قانچە مۇتەخەسسىسلەر بۇرۇنقى 150 يىل مابەينىدە دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان «قوش تىللىق مائارىپ» ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار نەتىجىلىرىگە ئاساسەن خۇلاسىلاپ چىققان ئىلمىي يەكۈنلەر، ھەمدە ئۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (بدتBDT) گە بەرگەن يەرلىك مىللەت مائارىپى ھەققىدىكى تەكلىب-تەلەپلەرنى شەرھىلەپ ئۆتتۈم.  ھەمدە شۇ ئاساستا ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلغان «قوش تىللىق مائارىپ» نامى ئاستىدىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەكتەپ ئوقۇ-ئوقۇتۇشىدىكى رولىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خەنزۇ تىلىنى دەسسىتىش سىياسىتىنىڭ ھازىرغىچە بايقالغان ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇ سىياسەت ھازىرقى تەرىقىدە داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ئۇيغۇر ياش ئەۋلادلىرى ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەرنىڭ ھەر ئىككىسىدە ئېغىر دەرىجىدە زىيان-زەخمىگە ئۇچراپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سۈپىتىدە ئېغىر دەرىجىدىكى چېكىنىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم.  مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، كاڭاس خانىم قاتارلىق خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغان، يەرلىك مىللەت رايونىدىكى يېسىلە ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۆز ئانا تىلىنى مەكتەپ تىلى قىلىپ ئىشلەتمىگەندە كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بار بولغان يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر بالىلار ئوقۇيدىغان مەكتەپلەردە يۈز بېرىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ھازىر پۈتۈن مىللەتنى بارغانسېرى كۈچلۈك دەرىجىدە ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ.  «ئانا تىلدىكى ساۋادسىزلىق»، «خەنزۇۋانلىق ئۇيغۇرلار» دېگەن يېڭى  سۆز ۋە يېڭى ئۇقۇم پەيدا بولىۋاتىدۇ.  مىللەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن نۇرغۇن قېرىنداشلار داۋاملىق تۈردە «بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلغىلى بولماسمۇ؟» دەپ سوراۋاتىدۇ.  بۇ سوئال مېنىڭ كاللامدىمۇ داۋاملىق ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مەنمۇ ئۆز-ئۆزەمدىن ئىزچىل تۈردە «مەن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمەن؟»، دەپ سوراپ كېلىۋاتىمەن.  شۇنىڭ نەتىجىسىدە مەن يېقىندا يەرلىك مىللەت مائارىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق قانۇن-كېلىشىملەر، ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇ قانۇن-كېلىشىملەرگە ئىمزا قويۇش ئەھۋالى ئۈستىدە بىر ئاز ئىزدەندىم.  مەزكۇر ماقالىدا مەن بۇ قېتىم يۇقىرىقى ساھەدە بايقىغان ئىشلارنى تەسۋىرلەپ ئۆتىمەن. 

 

مەن بۇ قېتىم پايدىلانغان ئاساسلىق ماتېرىيال كاڭاس خانىم بىلەن ئەنگلىيە ئابېردىن («Aberdeen») ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دۇنيادا تونۇلغان قانۇن ۋە ئاز سانلىق مىللەت تىلى مۇتەخەسسىسى، دوكتۇر روبېرت دۇنبار بىرلىكتە يېزىپ، 2010-يىلى بېسىپ تارقاتقان «يەرلىك مىللەت بالىلىرى مائارىپىنى تىل جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەت ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلگەن جىنايەت، دەپ قاراشقا بولامدۇ—بىر دۇنياۋى نۇقتىئىنەزەر»، دېگەن كىتابنىڭ ئىككىنچى بابى بولۇپ، بۇ بابنىڭ ماۋزۇسى «يەرلىك بالىلار، قەبىلە بالىلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ مائارىپ ھوقۇقىنىڭ قانۇنىي ئاساسلىرى» ئىكەن.  ئۇنىڭدىن باشقا مەن بىر قانچە خەلقئارالىق قانۇن-كېلىشىملەرنىڭ ئىنتېرنېتتىكى ئىنگلىزچە نۇسخىلىرىدىنمۇ پايدىلانغان بولۇپ، مەن مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاخىرىغا ئاشۇ ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ تور ئادرېسلىرىنى، شۇنداقلا مەن ھازىرغىچە «قوش تىللىق مائارىپ» ھەققىدە يازغان بارلىق ماقالىلارنىڭ تور ئادرېسلىرىنى يېزىپ قويدۇم.

 

ھەممەيلەننىڭ خەۋىرىدە بولغۇنىدەك، جۇڭگو ھازىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كېرىمى جەھەتتە دۇنيادىكى پەقەت ئامېرىكىدىنلا كېيىن تۈرىدىغان ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق تەرەققىياتى ئاساسىدا خەلقئارا ئىشلاردا چوڭ رول ئوينايدىغان مۇھىم دۆلەتلەر قاتارىدا ئورۇن ئېلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ.  ھەمدە ئاشۇ يولدا تىرىشىۋاتىدۇ.  جۇڭگو بۇ جەھەتتە يۇقىرىراق پەللىگە كۆتۈرۈلگەنسېرى، ئۇنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ئۆز مەسئۇليىتىنى ئادا قىلىشقا بولغان تەلەپلەرمۇ كۈچىيىپ ماڭىدۇ.  ئۇنىڭ ئۆزى ئىمزالىغان خەلقئارالىق قانۇن-كېلىشىملەرنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىمۇ بدت ۋە باشقا خەلقئارالىق جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن بارغانسېرى قاتتىق كۈزىتىلىشى ۋە باھالىنىشىمۇ مۇمكىن.  ئاشۇنداق ئىشلارنىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگونىڭ ئۆزى ئىمزالىغان خەلقئارالىق قانۇن-كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولۇش، شۇنداقلا ئۇلار ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويىۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» نامى ئاستىدىكى خاتا سىياسىتىدە ئىجابىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ پۈتۈنلەي يوق ئەمەس.  شۇڭلاشقا ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان خەلقئارالىق قانۇن-كېلىشىملەر ۋە جۇڭگونىڭ ئۇلارنى ئىمزالاش ئەھۋالىنى چۈشۈنىۋېلىش بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، دەپ قارايمەن.

 

 

1.       خەلقئارالىق كېلىشىملەرنى ئىجرا قىلىش مېخانىزمى

 

مەن رەسمىي مەزمۇننى باشلاشتىن بۇرۇن، خەلقئارالىق كېلىشىملەرنى ئىجرا قىلىش مېخانىزمى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.  خەلقئارا قانۇنلاردا يەرلىك مىللەت، تەبىقە، ۋە ئاز سانلىق مىللەت (تۆۋەندە مەن بۇلارنى قىسقارتىپ «يەرلىك مىللەت» دەپلا ئاتايمەن) بالىلىرى مائارىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ئۆلچەملەر بار بولۇپ، ئۇ ئۆلچەملەرنىڭ بەزىلىرى بىر قىسىم قانۇنىي جاۋابكارلىقى بار كېلىشىملەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن.  يەنە بەزىلىرى بولسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى يوق، ئەمما سىياسىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم بولغان خەلقئارالىق ئاپپاراتلاردا ئىپادىلەنگەن.  ھەر بىر خەلقئارالىق كېلىشىم ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلگەندە، بەزى دۆلەتلەر ئۇنىڭغا ئىمزا قويىدۇ. يەنە بەزى دۆلەتلەر بولسا ئۇنى تەستىقلايدۇ.  ئىمزا قويۇشنى ئىنگلىزچە «sign» دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، ئۇ پەقەت بىر سىمۋوللۇق كۈچكىلا ئىگە. يەنى بىر دۆلەتنىڭ بىر خەلقئارالىق كېلىشىمگە ئىمزا قويغىنى ئۇ دۆلەتنىڭ ئاشۇ كېلىشىمنى قوللايدىغانلىقىنىلا بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ئۇ دۆلەتنىڭ ھېلىقى كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش قانۇنىي مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ.  تەستىقلاشنى ئىنگلىزچە «ratify» دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، ئەگەر بىر دۆلەت مەلۇم بىر كېلىشىمنى تەستىقلايدىكەن، ئۇ دۆلەتنىڭ ئاشۇ كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش قانۇنىي جاۋابكارلىقى بار بولىدۇ.  ئەگەر بىر دۆلەت ئۆزى تەستىقلىغان بىر كېلىشىمگە ئەمەل قىلمايدىكەن، مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق ئاپپاراتلار ئۇ دۆلەتنى قانۇنىي جەھەتتىن جاۋابكارلىققا تارتالايدۇ.  بىر دۆلەت مەلۇم بىر كېلىشىمنىڭ بەزى ماددىلىرىنى تەستىقلىمايدىغان ئەھۋالمۇ بار بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال بىر دۆلەت ئاشۇ بىر كېلىشىمنى تەستىقلىغان ۋاقىتتا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ خاتىرلەنگەن بولىدۇ.  شۇڭلاشقا بىر دۆلەتنىڭ مەلۇم بىر كېلىشىمنى تەستىقلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە، يۇقىرىقى تەرەپلەرنىمۇ ئېنىق تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

 

2.      ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى

 

ئىنسانلارنىڭ ئوقۇش (ياكى مائارىپ) ھوقۇقى بدت تەرىپىدىن 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ماقۇللانغان «ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نىڭ 26-ماددىسىدا بايان قىلىنغان.  بۇ 26-ماددىنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق (نەقىل):

 

(1) ھەر بىر ئادەمنىڭ ئوقۇش ھوقۇقى بار. ئوقۇش پەقەت بولمىغاندىمۇ باشلانغۇچ ۋە ئاساسىي باسقۇچلاردا ھەقسىز بولىدۇ.  باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى مەجبۇرى بولىدۇ. تېخنىكىلىق ۋە كەسپىي مائارىپ ھەممە كىشىلەر ئۈچۈن ھازىرلانغان بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك مائارىپمۇ شەرتى توشقان ھەممە كىشىلەر باراۋەر بەھرىمان بولالايدىغان قىلىنىدۇ.

(2) مائارىپ ئىنسان خۇسۇسىيىتىنى تولۇق يېتىلدۈرۈشنى، ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق بىلەن ئاساسىي ئەركىنلىككە بولغان ھۆرمەتنى كۈچەيتىشنى ئۆز نىشانى قىلىدۇ. ئۇ بارلىق ئەللەر، بارلىق ئىرقىي ۋە دىنىي گۇرۇھلار ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشىنىش، ئۆز-ئارا سەۋرچانلىق (ياكى ئۆز-ئارا يول قويۇش) ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.  شۇنداقلا بدت نىڭ تىنچلىقنى ساقلاش پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ ئالغا سۈرىدۇ.

(3) ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرى ئالىدىغان تەربىيەنىڭ تۈرى بىلەن ئوقۇيدىغان مەكتىپىنى تاللاشتا ئەڭ دەسلەپكى ھوقۇققا ئىگە بولىدۇ.  (نەقىل تۈگىدى)

 

بۇ ئۇنىۋېرسال خىتابنامە بىر كېلىشىم ئەمەس بولۇپ، ھەرقايسى ئەللەر ئۇ توغرۇلۇق قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ.  ئەمما ئۇ بىر تۈپتىن مۇھىم بولغان خەلقئارالىق ئاپپاراتتۇر.  26-ماددىنىڭ 1-پاراگرافى ھەر بىر ئادەمنىڭ مەكتەپ تەربىيىسى كۆرۈشىنى ۋە مائارىپتىن بەھرىمان بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. 2-پاراگراف بولسا ئاشۇنداق مائارىپنىڭ «ئىنسان خۇسۇسىيىتىنى تولۇق يېتىلدۈرۈشنى نىشان قىلىش» بىلەن تەمىنلەيدۇ.  3-پاراگراف بولسا «ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرى ئالىدىغان تەربىيەنىڭ تۈرى بىلەن ئوقۇيدىغان مەكتىپىنى تاللاشتا ئەڭ دەسلەپكى ھوقۇققا ئىگە » ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

 

3.بدت نىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەنەدىيەت ھوقۇقى ھەققىدىكى خەلقئارالىق شەرتنامىسى

 

مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ھوقۇقى ھەققىدىكى جاۋابكارلىقى بار قانۇنىي ئاساسلار بدت نىڭ 1966-يىلىدىكى ئىككى پارچە كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىملىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭ بىرى «ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى ھەققىدىكى خەلقئارالىق شەرتنامە» بولۇپ، ئۇنىڭ 13-ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن (نەقىل):

 

1.         بۇ شەرتنامىگە كىرگەن دۆلەت ۋە پارتىيىلەر ھەر بىر ئادەمنىڭ مائارىپقا بولغان ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.  ئۇلار مائارىپنىڭ ئىنسانلارنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن ئۇلارنىڭ غۇرۇر تۇيغۇسىنىڭ تولۇق يېتىلىشىگە قارىتىلىشىغا، مائارىپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بىلەن ئاساسىي ئەركىنلىكلەرگە ھۆرمەت قىلىشنى كۈچەيتىشىگە قوشۇلىدۇ. بۇ شەرتنامىگە كىرگەن دۆلەت ۋە پارتىيىلەر يەنە مائارىپنىڭ بارلىق ئادەملەرنىڭ بىر ئەركىن جەمئىيەتتە ئۈنۈملۈك ياشاش ئىمكانىيىتىنى يارىتىدىغانلىقىغا، بارلىق ئەللەر ۋە بارلىق ئىرقىي، ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشى، ئۆز-ئارا يول قويۇشى، ۋە ئۆز-ئارا دوستلۇق ئورنىتىشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا بدت نىڭ تىنچلىقنى ساقلاش پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ ئالغا سۈرىدىغانلىقىغا قوشۇلىدۇ.

 

2.         بۇ شەرتنامىگە كىرگەن دۆلەت ۋە پارتىيىلەر مۇشۇ ھوقۇقنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ:

 

(1) دەسلەپكى ئوقۇش (ئىلاۋە: بۇ ئىنگلىزچە «پرىماري ئەدۇكاتىئون» دېيىلىدىغان بولۇپ، مېنىڭ چۈشىنىشىمچە ئۇ يېسىلە، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشلىرىنى ئۆز چىگە ئالىدۇ) مەجبۇرى ئوقۇش بولۇپ، ئۇ ھەممە ئادەملەر ئۈچۈن ھازىرلانغان بولىدۇ.

(2) تېخنىكىلىق ۋە كەسپىي ئوقۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل شەكىلدىكى ئىككىنچى مائارىپ ئومۇميۈزلۈك ھازىرلانغان بولىدۇ. ھەممەيلەننىڭ بارلىق مۇۋاپىق ۋاسىتە بىلەن پايدىلىنىشىغا تەييار قىلىنىدۇ. ھەمدە تەدرىجى ھالدا ھەقسىز ئوقۇش شەكلىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

(3) ئالىي دەرىجىلىك مائارىپمۇ ئوخشاشلا ھەممەيلەننىڭ ئۆز مۇمكىنچىلىكى ئاساسىدا ھەر بىر مۇۋاپىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق پايدىلىنىشىغا ھازىرلانغان بولىدۇ، ھەمدە تەدرىجى ھالدا ھەقسىز ئوقۇش شەكلىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

(4) ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئوقۇشىنى ئوقۇيالمىغان ياكى تاماملىيالمىغان كىشىلەر ئاساسىي مائارىپ ئوقۇشىنى ئىمكان قەدەر ئەڭ يۇقىرى پەللىگىچە ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. 

(5) ھۆكۈمەت ھەر دەرىجىلىك مەكتەپ سىستېمىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاكتىپلىق بىلەن ئېلىپ بارىدۇ، مۇۋاپىق ئوقۇش مۇكاپات سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، ھەمدە ئوقۇتقۇچى خادىملارنىڭ ماددىي شەرت-شارائىتىنى توختاۋسىز ھالدا ياخشىلايدۇ.

 

3.         بۇ شەرتنامىگە كىرگەن دۆلەت ۋە پارتىيىلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزى تۇغقان ياكى قانۇنلۇق ھالدا بېقىۋالغان پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرنى ئۆزلىرى تاللاش ئەركىنلىكلىرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ.  ئۇلار تاللىغان مەكتەپلەر ھۆكۈمەت قۇرمىغان مەكتەپلەر بولسىمۇ، پەقەتلا ھۆكۈمەت چىقارغان ياكى ھۆكۈمەت تەستىقلىغان ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەملەرگە توشسىلا بولىۋېرىدۇ. بۇ شەرتنامىگە كىرگەن دۆلەت ۋە پارتىيىلەر يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز چۈشەنچىسى ۋە ئۆز ئەقىدىسى بويىچە پەرزەنتلىرىنىڭ دىن ۋە ئەخلاق جەھەتتىكى ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئەركىنلىكىگىمۇ ھۆرمەت قىلىدۇ.

4.         بۇ ماددىنىڭ ھېچ قانداق قىسمىنى شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەكتەپ قۇرۇش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش ئەركىنلىكلىرىگە ئارىلىشىشىغا پايدىلىق قىلىپ چۈشەندۈرۈشكە بولمايدۇ.  ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى مۇشۇ ماددىنىڭ 1-پاراگرافىدا بايان قىلىنغان پرىنسىپلار بىلەن ھۆكۈمەت قۇرمىغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشى ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك، دېگەن تەلەپكە ئەمەل قىلغان ئاساستا بولىدۇ. (نەقىل تۈگىدى)

 

بۇ شەرتنامىگە جۇڭگو ھۆكۈمىتى 1997-يىلى 27-ئۆكتەبىر كۈنى ئىمزا قويغان بولۇپ، ئۇنى يەنە 2001-يىلى 27-مارت كۈنى تەستىقلىغان.

 

بۇ شەرتنامىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۈچ چوڭ ئالاھىدىلىكى بار.  بىرىنچىسى، ئۇنىڭ «ئىرقىي، ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇھ» لارنى مەخسۇس تىلغا ئالغانلىقى.  ئىككىنچىسى، شەخسلەرنىڭ ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مەكتەپ قۇرۇش ۋە ئۇنى ئۆزلىرى ئېلىپ مېڭىش ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقى. ئۈچىنچىسى بولسا، « ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزى تۇغقان ياكى قانۇنلۇق ھالدا بېقىۋالغان پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرنى ئۆزلىرى تاللاش ئەركىنلىكلىرىگە ھۆرمەت» قىلىش، «ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز چۈشەنچىسى ۋە ئۆز ئەقىدىسى بويىچە پەرزەنتلىرىنىڭ دىن ۋە ئەخلاق جەھەتتىكى ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئەركىنلىكىگىمۇ ھۆرمەت» قىلىش، شۇنداقلا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەمەس، شەخسلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئەركىنلىكىگىمۇ ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت.  بۇ پاراگراف ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئۆز پەرزەنتلىرىنى ھۆكۈمەت قۇرمىغان ۋە ھۆكۈمەت خىراجەت بەرمىگەن مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، شۇ ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنىڭ دىنىي ۋە ئەخلاق تەربىيىسىگە ئىگە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.  

 

5.       بدت نىڭ بالىلار ھوقۇقى ھەققىدىكى شەرتنامىسى

 

يۇقىرىقى شەرتنامىدىنمۇ بەكراق مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغىنى بدت نىڭ 1989-يىلىدىكى «بالىلار ھوقۇقى ھەققىدىكى شەرتنامىسى» دىن ئىبارەت. بۇ بدت نىڭ مائارىپ ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە بىر ئاساسىي شەرتنامە بولۇپ، بدت نىڭ باشقا بارلىق كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ شەرتنامىنى تەستىقلىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى ھەممىدىن كۆپ. 

 

بۇ شەرتنامىنىڭ 29-ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن (نەقىل):

 

1.         بۇ شەرتنامىگە كىرگەن دۆلەت ۋە پارتىيىلەر بالىلار مائارىپىنىڭ تۆۋەندىكىلەرگە قارىتىلىدىغانلىقىغا قوشۇلىدۇ:

 

(1)       بالىنىڭ خۇسۇسىيىتى، تالانتلىرى، ئەقلىي ۋە جىسمانىي قابىلىيەتلىرىنى ئەڭ يوقىرى دەرىجىدە تولۇق يېتىلدۈرۈش (نەقىل تۈگىدى).

 

بۇ شەرتنامىنىڭ 30-ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن. (نەقىل):

 

ئېتنىك، دىنىي ۋە تىل جەھەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ياكى يەرلىك مىللەت خەلقى مەۋجۇت بولغان ئەللەردە، ئاشۇنداق بىر ئاز سانلىق مىللەتكە ياكى يەرلىك مىللەتكە تەۋە بولغان بالىنىڭ ئۆز ئادەم تۈركۈمىدىكى باشقا كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان بىر جەمئىيەتتە ئۆز مەدەنىيىتىدىن بەھرىمان بولۇش، ئۆزىنىڭ دىنىنى ئوچۇق-ئاشكارە ئىزھار قىلىش ۋە ئۇنى پراكتىكا قىلىش، ياكى ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنمايدۇ. (نەقىل تۈگىدى)

 

بۇ شەرتنامىگە جۇڭگو ھۆكۈمىتى 1990-يىلى 29-ئاۋغۇست كۈنى ئىمزا قويغان بولۇپ، ئۇنى يەنە 1992-يىلى 2-مارت كۈنى تەستىقلىغان.

 

مائارىپ ھوقۇقى بىر قىسىم رايونلۇق كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىلىرىدىمۇ ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ، كاڭاس خانىم ئۆز كىتابىدا ئاشۇ شەرتنامىلەر ئۈستىدىمۇ خېلە تەپسىلىي توختالغان.  ئەمما بۇ يەردە مەن ئۇلارنى بايان قىلمايمەن.

 

6.      ئامېرىكا سان فرانشىسكو شەھىرىدىكى بىر ئالىي دەرىجىلىك سوت دېلوسى

 

مائارىپ ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش قانداق بولىدۇ؟  بۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە مەن بۇ يەردە ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى سان فرانشىسكو شەھىرىدە يۈز بەرگەن بىر سوت دېلوسىنى تەسۋىرلەپ ئۆتىمەن. بۇ مەزمۇنمۇ كاڭاس خانىمنىڭ كىتابىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە سان فرانشىسكودا ياشايدىغان 1800 نەپەر خەنزۇ مىللىتىدىن كېلىپ چىققان، ئىنگلىزچىدىن ساۋادى يوق بالىلارغا پەقەت ئىنگلىز تىلىدىلا دەرس ئۆتۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن 1974-يىلى لاۋ ئىسىملىك بىر خەنزۇ كىشى نىكولس (نىچولس) ئىسىملىق بىر ئامېرىكىلىق ئۈستىدىن ئەرز قىلغان. ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ بۇ ئەرز ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمىدە مۇنداق دېيىلىدۇ (نەقىل):

 

ئاساسلىق ئىنگلىز تىلى ماھارىتى بۇ ھۆكۈمەت ئىگىلىگىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشىدا ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.  بالىلارنىڭ بىر مەكتەپ پروگراممىسىغا ئۈنۈملۈك قاتنىشىشىدىن بۇرۇن ئاشۇنداق ئاساسلىق تىل ماھارىتىنى تولۇق ئىگىلەپ بولغان بولۇشىنى بىر ئالدىنقى شەرت قىلماسلىق، ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىنى ئەخمەق قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس.  بىز بىلىمىزكى، ئىنگلىز تىلىنى بىلمەيدىغان بالىلار سىنىپتا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى قىلچىمۇ چۈشىنەلمەيدىغان بولۇپ، ئۇلارغا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنىڭ ھېچ قانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ (نەقىل تۈگىدى).

 

بۇ دېلو مائارىپ ھوقۇقى جەھەتتىكى قانۇن بىلەن چېتىشلىق ئەمەس.  ئەمما بۇ يەردىكى يات تىلدا ئېلىپ بېرىلغان ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكى ھەققىدىكى يەكۈن، ھېلىقىدەك ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ھەممە مائارىپ ھوقۇقىغا خىلاپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 

مۇشۇنداق ئۆلچەم بويىچە قارىغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەنزۇ تىلىدىن ھېچ قانداق ساۋادى يوق ئۇيغۇر بالىلارغا پۈتۈنلەي خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ مائارىپ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان ئىشقا ياتىدۇ.  مەن بۇ يەردە ھەر بىر ئۇيغۇردىن تۆۋەندىكى ئىشنى ئەستىن چىقارماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن:  جۇڭگو ھۆكۈمىتى « ئېتنىك، دىنىي ۋە تىل جەھەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ياكى يەرلىك مىللەت خەلقى مەۋجۇت بولغان ئەللەردە، ئاشۇنداق بىر ئاز سانلىق مىللەتكە ياكى يەرلىك مىللەتكە تەۋە بولغان بالىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنمايدۇ.» دېگەن شەرتنامىگە 1990-يىلى 29-ئاۋغۇست كۈنى ئىمزا قويغان بولۇپ، ئۇنى يەنە 1992-يىلى 2-مارت كۈنى تەستىقلىغان.

 

7.      ئاخىرقى سۆز

 

نۇرغۇن كىشىلەر بدت ۋە باشقا خەلقارا تەشكىلاتلارنىڭ يەرلىك مىللەت ۋە ئاز سانلىق مىللەت خەلقلىرى توغرىسىدا چىقارغان قانۇنلىرى بار، بۇ قانۇنلار يەرلىك مىللەت ۋە ئاز سانلىق مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلى، ئۆز دىنى، ئۆز مەدەنىيىتى، ئۆز ئۆرۈپ-ئادىتى، ۋە ئۆز ئەنئەنىسى قاتارلىق نەرسىلىرىنى قوغداش ۋە ئۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ مېڭىشىنى بىر پۈتۈن كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ.  مەنمۇ ھازىرغىچە شۇنداق ئويلاپ كەلگەن بولساممۇ، بۇ ھەقتىكى ھەقىقىي ئەھۋالدىن تولۇق خەۋىرىم يوق ئىدى.  بۇ قېتىم دۇنياغا تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەر قاتارىدىكى كاڭاس خانىم بىلەن روبېرت دۇنبار ئەپەندىنىڭ بىر كىتابىدىكى مەزمۇنلار ئاساسىدا بىر ئاز ئىزدىنىپ، بۇ ھەقتىكى ئىشلارنىڭ نەدىن نەگىچە ئىكەنلىكىنى بىر قېتىم ئېنىقلاپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ باقتىم.  مەن يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىم بۇ ھەقتىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى خېلە تولۇق ئەكس ئەتتۈرىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئەگەر كام قالغان يەرلىرى بولسا، چەت ئەلدىكى باشقا ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلارنىڭ تولۇقلاپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن (ئەگەر بۇ ھەقتە مەن چۈشۈرۈپ قويغان مەزمۇنلار بار بولسا، ئۇنى ماڭا ئېلخەت ئارقىلىق بىلدۈرۈپ قويسىڭىز، سىزدىن چوڭقۇر مىننەتدار بولىمەن). يۇقىرىقى مەزمۇنلاردىن خەلقئارالىق قانۇن-كېلىشىملەرنىڭ ئىچىدە يەرلىك مىللەتلەر ئۆز ئانا تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرۈپ-ئادىتى قاتارلىقلارنى قوغداش ۋە ئۇلارنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە پايدىلانسا بولىدىغانلىرىمۇ بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئەمدىكى گەپ بۇ ئۆزىگە پايدىلىق شارائىتلاردىن قانداق پايدىلىنىش مەسىلىسىدۇر.  بۇ ئەۋزەللىكلەردىن قانداق ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللەتنىڭ خاتا ۋە قانۇنسىز سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئۆز مىللىتىنىڭ يوقاپ كېتىشىنى خالىمايدىغان ۋە ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرالمايدىغان كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق.  مەن مەزكۇر ماقالىدا تونۇشتۇرغان مەزمۇنلارنىڭ سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويماسلىقىنى، ئۇنىڭ ئەكسىچە، سىزنىڭ ئىرادىڭىزنىڭ يەنىمۇ چىڭىيىشىغا پايدىلىق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  بىر ئاجىز مىللەت ياكى يەرلىك مىللەت ئۈچۈن سىرتتىن كېلىدىغان ياردەم ئىنتايىن چەكلىك بولىدۇ—مەزكۇر ماقالىدىكى مەزمۇن بۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.  قالغىنى ئاشۇ مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزىگە باغلىق.

 

 

بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ماقالىلارنىڭ تور ئادرېسلىرى:

 

مۇشۇ ماقالىدا پايدىلىنغان كاڭاس خانىمنىڭ يېڭى كىتابى:

http://www.e-pages.dk/grusweb/55/

 

ئەركىن سىدىقنىڭ بارلىق يازمىلىرى:

http://www.meripet.com/Sohbet/

 

بدت نىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەنەدىيەت ھوقۇقى ھەققىدىكى خەلقئارالىق شەرتنامىسى:

http://www2.ohchr.org/english/law/cescr.htm

 

بدت نىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەنەدىيەت ھوقۇقى ھەققىدىكى خەلقئارالىق شەرتنامىسىنى تەستىقلىغان دۆلەتلەر:

http://treaties.un.org/Pages/ViewDetails.aspx?src=TREATY&mtdsg_no=IV-3&chapter=4&lang=en

 

بدت نىڭ بالىلار ھوقۇقى ھەققىدىكى شەرتنامىسى:

http://www2.ohchr.org/english/law/crc.htm

 

بدت نىڭ بالىلار ھوقۇقى ھەققىدىكى شەرتنامىسىنى تەستىقلىغان دۆلەتلەر:

http://treaties.un.org/Pages/ViewDetails.aspx?src=TREATY&mtdsg_no=IV-11&chapter=4&lang=en

 

ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى:

http://www.un.org/en/documents/udhr/index.shtml

 

يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقوقى ھەققىدىكى بدت باياناتنامىسى:

http://www.meripet.com/Academy/2009a0_bdt.htm

 

Bu yazmida tilgha élin'ghan maqalilarning tor adrésliri:

Mushu maqalida paydilin’ghan Kangas xanimning yéngi kitabi:

http://www.e-pages.dk/grusweb/55/

 

Erkin Sidiqning barliq yazmiliri:

http://www.meripet.com/Sohbet/

 

BDT ning iqtisadiy, ijtima’iy we menediyet hoquqi heqqidiki xelq’araliq shertnamisi:

http://www2.ohchr.org/english/law/cescr.htm

 

BDT ning iqtisadiy, ijtima’iy we menediyet hoquqi heqqidiki xelq’araliq shertnamisini testiqlighan döletler:

http://treaties.un.org/Pages/ViewDetails.aspx?src=TREATY&mtdsg_no=IV-3&chapter=4&lang=en

 

BDT ning balilar hoquqi heqqidiki shertnamisi:

http://www2.ohchr.org/english/law/crc.htm

 

BDT ning balilar hoquqi heqqidiki shertnamisini testiqlighan döletler:

http://treaties.un.org/Pages/ViewDetails.aspx?src=TREATY&mtdsg_no=IV-11&chapter=4&lang=en

 

Uniwérsal kishilik hoquq xitabnamisi:

http://www.un.org/en/documents/udhr/index.shtml

 

Yerlik milletlerning hoqoqi heqqidiki BDT bayanatnamisi:

http://www.meripet.com/Academy/2009a0_bdt.htm

 

 

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى «http://www.meripet.com/Sohbet/» دەپ ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

 

ئاپتورنىڭ ئېلخەت ئادرېسى:erkinsidiq @ gmail.com

ئاپتورنىڭ توربەت ئادرەسى: http://www.meripet.com