مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىللار


بىلىمخۇمار

2014-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى


مەن ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنى ئارىلاۋېتىپ، ھازىر قېرىنداشلار ئەڭ كۆپ سورايدىغان سوئاللارنىڭ بىرى «بىز قانداق قىلىپ بۈگۈنكىدەك بىر ھالەتكە كېلىپ قالدۇق؟» ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.  نۇرغۇن قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىق بىلىملىرىنى ۋە تەپەككۇر قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىپ، بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىدىكەن.  بەزىلىرى ھازىرغىچە ئىگىلىگەن بىلىملىرىگە ئاساسلىنىپ ئۇنىڭغا جاۋابمۇ بېرىپ باقىدىكەن.  مەن ئاشۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئەڭ كۆپ كۆرگەن بىر مەنبە مەن يېقىندا يازغان «ئىماملار مارستا ياشاشقا پەتىۋا چىقاردى» دېگەن قىسقا خەۋەرگە چۈشكەن ئىنكاسلار بولدى.  مەن ئۇ ئىنكاسلارنىڭ بىر قىسمىغا خوشال بولدۇم ھەم ئۇلاردىن سۆيۈندۈم.  يەنە بىر قىسمىدىن بولسا سەل ئۈمىدسىزلەندىم.  بىزنىڭ بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز دىن جەھەتتىكى ئاڭ ۋە بىلىم جەھەتتە مېنىڭ بۇرۇن ئويلىغىنىمدىن خېلىلا ئارقىدا ئىكەن.  ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بىز ئاڭ ۋە بىلىم قۇرۇلمىسى جەھەتتە تەرەققىي تاپقان غەرب ئەللىرى خەلقلىرىدىن تېخى خېلىلا ئارقىدا ئىكەنمىز.  ئەمما مەن بۇنى خەلقىمىزدىن كۆرمەيمەن.  مەن يەنىلا بىزگە يارىتىلغان شارائىت ئىچىدە بىزنىڭ خەلقىمىز ئىشلارنى خېلىلا يۇقىرى دەرىجىدە ياخشى قىلىپ كەلدى، دەپ ئويلايمەن.  


مەن ئۇيغۇرلار 1500-يىللىرى ئەتىراپىدا چېكىنىشكە باشلىغانلىقىنى بىلگەندىن تارتىپ، «ئاشۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللار قايسىدۇر؟» دېگەن سوئال كاللامدىن زادىلا كەتمىگەن ئىدى.  تېخى يېقىندىلا ئاشۇ سوئالغا جاۋاب بولالايدىغان بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم.  مەن ئېرىشكەن ئۇچۇرلار يالغۇز ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ئەمەس.  ئۇلار مۇسۇلمان ئۈممەتلىرى توغرۇلۇق.  يەنى، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ قانداق جەريان ۋە سەۋەبلەر بىلەن دەسلىۋىدە گۈللىنىپ ياكى قۇدرەت تېپىپ، كېيىن يەنە قانداق جەريان ۋە سەۋەبلەر بىلەن ئارقىغا چېكىنىپ كەتكەنلىكى توغرۇلۇق.  مەزكۇر ماقالىدا مەن ئاشۇ ئۇچۇرلارنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن.


مۇسۇلمانلارنى دەسلەپتە ئۆستۈرگەن، ۋە كېيىن چۆكتۈرگەن ئامىللار قايسىلار، دەپ سورىسىڭىز، كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا مۇسۇلمانلار مۇنداق ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ.  ئۇنىڭ بىرى دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك  كونسېرۋاتىپ مۇسۇلمانلار.  ئۇلار سەۋەبنىڭ كۆپىنچىسىنى  روھىي جەھەتتىكى ئامىللاردىن كۆرىدۇ.  مەسىلەن، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى، ۋە ئۇلارنىڭ قۇرئاندىن چەكنەپ كېتىشى قاتارلىقلار.  ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ھازىرقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر ئۇسۇلى ئىماننى كۈچەيتىش، ئېتىقادنى كۈچەيتىش، ۋە مەسچىتلەرگە ۋاقتى-ۋاقتىدا بېرىپ، دۇئانى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت.  بۇ مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدا تونۇشتۇرۇلىدىغان كۆز-قاراش ئۇنىڭدىن پەرقلىنىدۇ.   يەنە بىر قۇتۇپنىڭ ئادەملىرى بولسا زىيالىيلاردىن، ۋە زامانىۋىلىقنى تەكىتلەيدىغان ئىلغار ئىدىيىلىك كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان (باشقا دىندىكى ياكى دىنسىز كىشىلەر ئىچىدىمۇ مۇشۇنداق ئىدىيىدە تۇرىدىغانلار بار، ئەمما ئۇلار بۇ يەردىكى مۇلاھىزە بىلەن مۇناسىۋەتسىز).  بۇ گۇرۇپپىدىكى كىشىلەر كۆپۈنچە ئەھۋالدا سەۋەبنى مۇسۇلمانلارنىڭ بىلىم ۋە ئىلىم-پەن ئۆگىنىشكە سۇس قارىشى،  زامانىۋىلىقنى قوغلاشماسلىقى ۋە يېڭىلىقنى قوبۇل قىلماسلىقى قاتارلىق «دۇنيا» غا تەۋە ئامىللاردىن ئىزدەيدۇ.  ئۇلارنىڭ كاللىسىغا ئىمان ۋە تەقۋادارلىق جەھەتتىكى سەۋەبلەر ئاساسەن كەلمەيدۇ.  بەزىلىرى ھەتتا بۇنداق بولۇشىنى ئىسلام دىنىدىكى ئاجىزلىقلارغا ئارتىپ قويىدۇ.  بۇنداق سەۋەبلەرمۇ توغرا ياكى تولۇق ئەمەس بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە تونۇشتۇرىلىدىغان كۆز-قاراش ئۇلارنىڭكىدىنمۇ پەرقلىنىدۇ.  ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ سەۋەبى يۇقىرىدىكى ئىككى گۇرۇپپا ئادەملەر كۆرسەتكەن ئامىللارنىڭ بىرىكمىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ،  ئاشۇ ئىككى قۇتۇپنىڭ ئوتتۇرىسىغىراق توغرا كېلىدۇ.  يەنى،  مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ قۇدرەت تېپىشى بىلەن ئاجىزلىشىشىغا مۇنداق ئىككى نەرسە سەۋەب بولغان.  ئۇنىڭ بىرى ئىمان ۋە تەقۋادارلىقنىڭ كۈچلۈك بولىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئاجىزلىشىشى.  بۇ ھەممىدىن مۇھىم سەۋەب.  يەنە بىرى بولسا دۇنيا.  يەنى، بىلىم، ئىلىم-پەن، تېخنولوگىيە، ۋە باشقىلار.  مەن بۇ ماقالىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمان ۋە تەقۋادارلىق جەھەتتىكى كۈچلىنىش ۋە ئاجىزلىشىش ئەھۋاللىرى ئۈستىدە توختالمايمەن.  پەقەت 2-سەۋەب ۋە جەريان ئۈستىدىلا توختىلىمەن.  بىرىنچى سەۋەب ئۈستىدە مەن بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ئىزدىنىپ، يېتەرلىك ماتېرىيال توپلىيالىسام،  ئاندىن ئۇلارنى يېزىپ چىقىشىم مۇمكىن.  شۇنداقتىمۇ مەن تورداشلارغا بۇ يەردە مۇنداق بىر نەرسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى توغرا تاپتىم:  ئاللاھ مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق بىزگە قۇرئان كەرىمنى چۈشۈرگەن، ھەمدە قۇرئاننىڭ 1-نۇسخىسى تەييارلانغاندىن تارتىپ (مەزكۇر ماقالىدا مەن قۇرئاننىڭ 1-نۇسخىسىنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىمەن)، قۇرئاندا ھېچ قانداق ئۆزگىرىش بولمىدى.  يەنى ئىسلام دىنىدا ھېچ قانداق ئۆزگىرىش بولمىدى.  ۋە ياكى تېخىمۇ كونكىرىت قىلىپ ئېيتساق، ئىسلام دىنىنىڭ تېئولوگىيىسى ياكى ئاساسىي پرىنسىپلىرىدا ھېچ قانداق ئۆزگىرىش بولمىدى.  ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ ھالىتىدا ئۆزگىرىش بولدى.  غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.  تارىختا ئانچە كۆپ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.  مۇسۇلمانلار دەسلەپتە گۈللەندى.  روناق تاپتى.  قۇدرەت تاپتى.  كېيىن بولسا زاۋانلىققا يول تۇتتى.  دىندا ئۆزگىرىش بولماي، مۇسۇلمانلارنىڭ ھالىتىدە ئۆزگىرىش بولغىنىغا قاراپ، بىز بۇنداق ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ چوڭ ئامىل ئادەملەر، دېگەن يەكۈنگە كېلەلەيمىز.  تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرسەك، ئەسلىدە ئۆزگەرگىنى بىرىنچىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانى ۋە تەقۋادارلىقى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن قالسا ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىدېرلەرنىڭ بىلىمگە، يېڭىلىققا، تەرەققىياتقا ۋە زامانىۋىلىققا تۇتقان پۇزۇتسىيەسى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.  مەن بىر قىسىم قېرىنداشلارنىڭ «ئىماملار مارستا ياشاشقا پەتىۋا چىقاردى» دېگەن خەۋەرگە قارىتا يازغان ئىنكاسلىرىغا ھەيران قالدىم.  پەتىۋا ئاللاھدىن كەلگەن مۇقەددەس سۆزلەر ئەمەس.  ئادەمدىن كەلگەن.  ئادەمدىن كەلگەن بولغاچقا ئۇلارنىڭ ياخشىسىمۇ بولىدۇ، يامىنىمۇ بولىدۇ.  توغرىسىمۇ بولىدۇ، خاتاسىمۇ بولىدۇ.  ئاقىلانىسىمۇ بولىدۇ، ھاماقەتكە ياتىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. سىز مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇش ئارقىلىق، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئارقىدا قېلىشى  ئىمان ۋە تەقۋادارلىقتىكى ئاجىزلىشىشتىن باشقا يەنە ئادەملەر تۈزۈپ چىقىپ يولغا قويغان پەتىۋالاردىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايسىز.  


ئەگەر سىز مۇسۇلمانلارنىڭ دەسلىۋىدە قۇدرەت تېپىپ، كېيىن ئاجىزلىشىشىدىكى 2-سەۋەبكە پەقەت بىرلا ئامىل تاپماقچى بولسىڭىز، مەلۇم دەرىجىدە ئىزدەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قەغەز ياساش بىلەن باسما خەت تېخنىكىسى ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.  ئەلۋەتتە قەغەز دەسلەپتە بەرپا قىلىنغان.  باسما خەت بولسا ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن.


مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئاجىزلىشىشى بىلەن قەغەز ۋە باسما خەتنىڭ مۇناسىۋىتى كىشىلەر ئەڭ كۆپ تەتقىق قىلغان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ھەقتە يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلارمۇ ئىنتايىن كۆپ.  تېخى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا ياسىر قازى دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان يېل ئۇنىۋېرسىتېتى «باسما خەتتىن بۇرۇنقى قەغەز: ئىسلام دۇنياسىدىكى قەغەزنىڭ تەسىرى ۋە تارىخى»  (Paper before print: the history and impact of paper in the islamic world)  دېگەن بىر كىتابنى نەشىر قىلدى.  بۇ كىتابنى ئامېرىكىنىڭ بوستون ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى جوناسىن بلۇم (Jonathan M. Bloom) يازغان.  شۇڭا مەن مەزكۇر ماقالىدا تونۇشتۇرۇدىغىنىم، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئاجىزلىشىشى بىلەن قەغەز ۋە باسما خەت تېخنىكىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بولىدۇ.  


مەن بۇ قېتىم پايدىلانغان ئاساسلىق ماتېرىيال دوكتۇر ياسىر قازىنىڭ «مۇسۇلمان ئۈممەتلىرىنىڭ گۈللىنىشى بىلەن چېكىنىشى ۋە باسما خەت» دېگەن تېمىدىكى ئىنگلىزچە لېكسىيىسى بولۇپ [1]، بۇ لېكسىيە 2012-يىلى 4-يانۋار كۈنى ئامېرىكا تېنىسى شىتاتى مېمفىس شەھەرلىك ئىسلام مەركىزىدە سۆزلەنگەن.  مەن بۇ لېكسىيىدىن باشقا يەنە بىر قىسىم ماتېرىياللاردىن پايدىلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىغا كىرگۈزۈپ قويدۇم.


مەن ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللىنىش دەۋرى بىلەن چېكىنىش دەۋرىنىڭ ۋاقتى، ۋە ھەر بىر دەۋردىكى ئەھۋاللارنىڭ بىر قانچە مىساللىرىنى تەسۋىرلەپ ئۆتىمەن.  ئاندىن بۇ دەۋرلەردىكى ۋەقەلىكلەرنى بۇرۇنقى ۋاقىتتىن ھازىرقى ۋاقىتقىچە بولغان ۋاقىت تەرتىۋى بويىچە ھېكايە شەكلىدە بايان قىلىمەن.  ئاخىرىدا بولۇپ ئۆتكەن بىر قىسىم ئىشلارنىڭ سەۋەبلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.  


قىسقارتىپ ئېيتقاندا، مەن مەزكۇر ماقالىدا مۇسۇلمانلارنىڭ يېقىنقى 1500 يىللىق گۈللىنىش ۋە ئاجىزلىشىش تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمەن.   بۇ ئىشلاردىن بۇرۇن خەۋەرسىز قېرىنداشلارغا مەزكۇر ماقالە خېلى كۆپ پايدا يەتكۈزىدۇ، دەپ ئويلايمەن.


مېنىڭ بۇ ماقالەم ئالدىنقى قېتىم تورلارغا چىقارغان «ھازىرقى زامان مۇسۇلمان ئەللىرى قانداق شەكىللەنگەن؟» دېگەن ماقالەم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.  شۇڭلاشقا ئەگەر سىز ئۇ ماقالىنى تېخى ئوقۇپ باقمىغان بولسىڭىز، مەن سىزگە ئالدى بىلەن ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇۋېتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.  چەت ئەل تىلى ئۆگەنگەندە بىر تىلنى يەنە بىر تىلغا سېلىشتۇرۇپ تۇرۇپ ئۆگەنسە ئۈنۈمى كۆپ ياخشى بولىدۇ. باشقا مىللەتلەرنى چۈشىنىشمۇ شۇنداق.  ئەگەر سىز بىر مىللەتنى يەنە بىر مىللەت بىلەن سېلىشتۇرسىڭىز، بۇ مىللەتنى چۈشىنىشىڭىز كۆپ ئۈنۈملۇك بولىدۇ.  شۇڭلاشقا ئەگەر سىز تېخى ئوقۇپ باقمىغان بولسىڭىز، مەن سىزگە ئۆزەمنىڭ يەھۇدىلار ۋە ياپونلار توغرىسىدا يازغان ماقالىلىرىمنىمۇ تەۋسىيە قىلىمەن.


1. ئىسلام دۇنياسىنىڭ گۈللىنىش دەۋرى


غەربتىكى ئىسلام توغرۇلۇق يېزىلغان ماتېرىياللاردا «ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرى» (The Islamic Golden Age) دېگەن سۆزنى كۆپ ئۇچرىتىسىز.  بۇ دەۋر 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئابباسىد (Abbasid) تارىخىي زامانىسىدىن باشلىنىپ، موڭغۇللار باغداتنى قولغا چۈشۈرگەن 1258-يىلى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ [2].  ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئابباسىدنىڭ خەلىپىلىككە كۆتۈرۈلۈپ، ئىسلام پايتەختىنىڭ دەمەشقتىن باغداتقا كۆچۈرۈلىشى بىلەن باشلاندى.  ئابباسىد خەلىپە مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىستىكى «بىر زىيالىينىڭ قەلىمىنىڭ سىياسى بىر شېھىتنىڭ قېنىدىنمۇ بەكرەك مۇقەددەس بولىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى قاتتىق ئۇچرىغان.  ئىسلامنىڭ كۆتۈرىلىشى ئۆز-ئارا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەرەب تەبىقىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر كۈچلۈك ئىمپېرىيىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشتە ھالقىلىق رول ئوينىدى.  ئاببادىس مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭغا ناھايىتى ھۆرمەت قىلدى.  مۇشۇ دەۋردە ئەرەبلەر دۇنياسى ئىلىم-پەن، پەلسەپە، تىبابەتچىلىك، ۋە مائارىپ مەركىزىگە ئايلاندى.  ئابباسىد مۇسۇلمانلارنى بىلىم ئېلىشقا يېتەكلەپ، باغداتتىكى «ئەقىل سارىيى» (House of Wisdom) نى قۇرۇپ چىقتى.  بۇ ساراينىڭ ئىچىدە كۈتۈپخانا، دوختۇرخانا، مەكتەپ ۋە مەسچىتلەر بار بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان ۋە مۇسۇلمان ئەمەس زىيالىيلار مۇشۇ سارايغا كېلىپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئاشۇ دەۋرگىچە ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلگەن بىلىملەرنى توپلاپ، ئۇلارنى باشقا ھەر خىل تىللاردىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدى.   ئەرەبلەر ئۆزىدە بۇرۇن يوق بولغان يات مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئەڭ يۇقىرى تىرىشچانلىقلار بىلەن ئۆزىگە قوبۇل قىلدى.  نۇرغۇنلىغان قەدىمقى زاماننىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرى دەسلەپتە ئەرەبچە بىلەن پارىسچىغا، كېيىنرەك تۈرك تىلى، يەھۇدى تىلى ۋە لاتىن يېزىقىغا تەرجىمە قىلىندى.  ئەگەر بۇنداق ئىشلار بولمىغان بولسا، ئاشۇ كلاسسىك ئەسەرلەر ئاللىقاچان يوقاپ كەتكەن بولاتتى.  بۇ چاغدىكى ئەرەب دۇنياسى تاپقىلى بولىدىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى توپلىدى ۋە بىرلەشتۈردى.  قەدىمقى رىم، جۇڭگو، ھىندىستان، پېرىسىيە، مىسىر، گرىك، بىزانتىن (Byzantine) ۋە فىنىشىيە (Phoenicia) قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىدىن قولغا كەلتۈرگەن بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرغان بىر دۇنياغا ئايلاندى.


قىسقىسى، ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرىدىكى مۇسۇلمان دۇنياسى ھازىرقى  زاماندىكى ئامېرىكىغا ئوخشايتتى. يەنى، ئۇ چاغدا ھەممە ئادەم بىلىم ۋە ئىلىم-پەنگە قىزىققان، يېڭىلىققا قۇچاق ئاچقان، ھەمدە زامانىۋىلىقنى قارشى ئالغان ۋە قوبۇل قىلغان ئىدى.  ئۇ چاغدىكى باغدات ھازىرقى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا ئوخشايتتى.  يەنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغان، ئوخشىمىغان دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان زىيالىيلار باغداتقا كېلىپ، بىر-بىرىدىن ئۆگىنىپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، ئىلىم-پەندىكى قىيىن ئۆتكەللەرگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلاتتى.  مۇددەتلىك ھالدا ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن دوكلاد بېرىش يىغىنلىرىنىمۇ ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرغان ئىدى.  مەن ئالدىنقى بىر ماقالەمدە تىلغا ئالغىنىمدەك، ئەنگلىيە «دەۋر ئالىي مائارىپى»  ژورنىلى تىزىپ چىققان، 2011-2014-يىللىق دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان 50 ئالىي مەكتەپ تىزىملىكىدە، بىزنىڭ باش ئىدارىمىز بولغان كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى 2011-، 2012-، ۋە 2013-يىللىرىنىڭ ھەممىسىدە 1-ئورۇنغا ئېرىشتى [3].  مېنىڭ مۆلچەرىمچە، ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى پروفېسسورلارنىڭ  يېرىمى دېگىدەك چەت ئەللىكلەر.  ئۇلار باشقا-باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن، باشقا-باشقا مىللەتلەردىن كېلىپ چىققان، باشقا-باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان كىشىلەردۇر. ئەمما ئىنسانلارنىڭ ئاشۇنداق بىرلىشىشى دۇنيا بويىچە مۇكەممەللىكتە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بىر ئىنستىتۇتنى ۋۇجۇتقا چىقاردى.  بىز بىر-بىرىمىزنىڭ ئەسلىدىكى دۆلىتىنى سورىمايمىز.  مىللىتىنى سورىمايمىز.  دىنىنى سورىمايمىز.  پەقەتلا يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ئىنسانلار ھازىرغىچە قىلىپ باقمىغان ئىشلارنىلا قىلىمىز.  ئېچىلمىغان يېڭى رايونلارنى ئاچىمىز.  بېرىپ باقمىغان يېڭى جايلارغا بارىمىز.  ئەينى ۋاقىتتا مۇسۇلمانلارمۇ مۇشۇنداق قىلغانلىقى ئۈچۈن، مۇسۇلمان زېمىنلىرى دۇنيادىكى ئەقلىي جەھەتتىكى كۈچ-قۇدرەتنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان، ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلغان بولۇپ، ئەينى زاماندىكى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلارغا قايىل بولغان ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت قىلغان ئىدى.  مۇسۇلمانلار 10-، 11-، 12-، ۋە 13-ئەسىرلەردە ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات، سەنئەت، خەتتاتلىق قاتارلىق بىر قاتار جەھەتلەردە دۇنيا بۇيىچە ئەڭ يۇقىرى پەللىلەرگە چىقىپ، دۇنياغا بۇ جەھەتتە باشلامچى بولغان ئىدى.  


ئۇيغۇرلار ئەنە شۇنداق بىر زامانلاردا، يەنى، 10- ۋە 11-ئەسىرلەردە، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.


مۇسۇلمانلار ئاشۇ ئالتۇن دەۋر جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يېزىپ كەلسەك، شۇنىڭ ئۆزىلا بىر پارچە ئۇزۇن ماقالە  بولىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەزكۇر ماقالىگە كىرگۈزۈش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا مەن تۆۋەندە ئاشۇ نەتىجىلەرنىڭ بىر قىسمىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.


--ياۋروپادىكى بىرىنچى ئۇنىۋېرسىتېتنى مۇسۇلمانلار ئىسپانىيىدە قۇرغان [4].


--ھازىر غەرب ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ پروفېسسورلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا كىيىدىغان قارا پەلتونى ئەڭ دەسلىۋىدە مۇسۇلمانلار يولغا قويغان.


--ئىتالىيىلىك تەكشۈرگۈچى كىرىستىفېر كولومبۇس (1450 - 1506) پاراخوت بىلەن غەرپكە سەپەر قىلىپ، يەر شارىنىڭ يۇمىلاقلىقىنى ئىسپاتلاشتىن 600 يىل ئىلگىرى، ئىراقنىڭ كۇفا شەھىرىدىكى مۇسۇلمان ماتېماتىكاشۇناسلار يالغۇز يەر شارىنىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ ئايلانمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئىنتايىن يۇقىرى توغرۇلۇق دەرىجىسىدە ھېسابلاپ چىقىپ بولغان.


--ئالتىنچى ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە باغداد دۇنيا مەدەيىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ تۇرغاندا، ئۇ يەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن بىرلا ۋاقىتتا 6000 ئوقۇغۇچى ئوقۇغان.  ئۇ دەۋردە باغدات دۇنيادىكى ھەممىدىن بەك مەدەنىيەتلەشكەن شەھەر بولۇپ، ئۇنىڭ كوچىلىرىغا سېمونت ياتقۇزۇلغان، كوچىلارنىڭ ئاستىغا مەينەت سۇ ئاقىدىغان تۇرۇبىلار ياتقۇزۇلغان، ۋە كوچىلارنىڭ ئىككى تەرىپىگە چىراغلار يېقىلغان.  ئۇ ۋاقىتلاردا ياۋروپا بىر خىل «قاراڭغۇ دەۋر» ئىچىدە تۇرىۋاتقان بولۇپ، پارىژنىڭ قاراڭغۇ ۋە پاتقاقلىق كوچىلىرىدا چوشقىلار يۈگۈرۈشۈپ يۈرەتتى.  


--700-يىلىدىن 1100-يىلىغىچە بولغان 4 ئەسىر ۋاقىت ئىچىدە خەلقئارا ئىلىم-پەن تىلى لاتىنچە ئەمەس، ئەرەبچە بولغان.  ئاشۇ دەۋردە نۇرغۇن خرىستىئانلار ئەرەبچىنى ئۆگىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان.


--تۇنجى تېلېسكوپنى مۇسۇلمانلار  ئۆزىنىڭ خەلىپى ئۈچۈن ياساپ بەرگەن.  مۇسۇلمانلار مەككە تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇيدىغان بولغاچقا، ئۇلار ئۈچۈن يەر شارىنىڭ شەكلى بىلەن چوڭ-كىچىكلىكىنى بىلىش زۆرۈر بولۇپ قالغان.  مۇسۇلمان زېمىنلىرىنىڭ ھەر قانداق يېرىدە تۇرۇپ مەككىنىڭ يۆنىلىشىنى بىلەلەيدىغان سەۋىيىگە يېتىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلاردا ئاسترونومىيە شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇلار پۈتۈن يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلىشىش خەرىتىلىرىنى سىزىپ چىققان.  بۇنداق خەرىتىلەرنڭ توغرۇلۇق دەرىجىسىگە ئەينى ۋاقىتتا باشقا ھېچ قانداق نەرسە تەڭ كېلەلمەيتتى.  ناسىر ئال-دىن ئال-تۇسى  (1201 - 1274) بىر  پېرىسىيەلىك بىلىملىك زات ۋە كۆپ ھۇسۇللۇق يازغۇچى.  ئۇ يەنە بىناكارلىق، ئاسترونومىيە، بىئولوگىيە، خېمىيە، ماتېماتىكا، فىزىكا، پەلسەپە، دوختۇرلۇق ۋە تېئولوگىيە ئالىمى بولۇپ، ئۇ پلاتوننىڭ دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاسترونومىيىنى بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈردى.  ئۇ ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ئاسترونومىيە بىلىمى كېيىنكى 100 يىل ئىچىدە دۇنيانى سورىدى.  (http://en.wikipedia.org/wiki/Nasir_al-Din_al-Tusi)


0-رەسىم (0-resim): ناسىر ئال-دىن ئال-تۇسى بىر (1201 - 1274)  


--ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە ۋە جۇغراپىيە مۇتەخەسسىسى ئال-بىرۇنى 973-يىلى ئۆزبېكىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە جۇغراپىيە ھەققىدىكى تەرەققىياتلىرىنى تەتقىق قىلىپ، جەمى 146 پارچە ئىلمىي ئەسەر يازغان.  بۇ ئەسەرلەر جەمى 13000 بەت كېلىدۇ.


--ئونلۇق سان ۋە نۆلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەرەبچە سان سىستېمىسىنى مۇسۇلمانلار ئىجات قىلغان.  ئەگەر ئۇلار بولمىغان بولسا، ھازىرقى زاماندىكى  ئىلىم-پەن ۋە باشقا ساھەلەردىكى تەرەققىياتلار مۇمكىن بولمايتتى.


--شېكەر، قەقۋا، گۈرۈچ، ئالۇچا، ۋە باشقا نۇرغۇن يېمىش ۋە تاماققا ئىشلىتىلىدىغان نۇرغۇن دارا-دامانلار ياۋروپاغا مۇسۇلمانلاردىن بارغان.  


--نۇرغۇن مۇسۇلمان ۋە مۇسۇلمان ئەمەس ئالىملار ئىسلام ئالتۇن دەۋرىدە ياشىغان ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان.  مۇشۇ دەۋردە مۇسۇلمان زىيالىيلار ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ئىچىدە ترىگونومېتىرىيىنىڭ ھازىرقى زاماندىكىدەك شەكىلگە كىرگۈزۈلىشى، ئوپتىكا ۋە ئاسترونومىيىدىكى نۇرغۇن يۈكسىلىشلەر بار.


--مۇسۇلمان زىيالىيلىرى ئىبىن رۇشىد (Ibn Rushd) بىلەن ئىبىن سىنا (Ibn Sina) ئارىستوتېل (Aristotle) نىڭ پەلسەپىلىك ئەسەرلىرىنى قوغداشتا ئاساسىي رول ئوينىدى.  ئارىستوتېل مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 384-322-يىللىرى ياشىغان مەشھۇر پەيلاسوپ بولۇپ، ئۇنىڭ دىنىي ۋە دىنىي ئەمەس ئىدىيىلىرى ئۇزۇن مۇددەت خرىستىئان ۋە مۇسۇلمان دۇنيالىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى.  يۇقىرىدىكى 2 نەپەر زىيالىيلار جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئىدىيىلىرىنىمۇ قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن زور مىقداردىكى بىلىملەرگە قوشتى.  ئىبىن سىنا ۋە مۇتەپپەككۇر ئال-كىندى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ناھايىتىمۇ تونۇشلۇق بولغان ئال-فارابىلار بىرلىشىپ، ئارىستوتېل ۋە پلاتون (Plato) نىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىنى ئىسلام ئارقىلىق كىرگۈزۈلگەن باشقا ئىدىيىلەر بىلەن بىرلەشتۈردى.  


--ئىبىن سىنا 981-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ بۇخارا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ يالغۇز بىر پەيلاسوپ بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە دوختۇر ئىدى.  ئۇ بىر مىليون سۆزلۈك، ئىنگلىزچە «Canons of Medicine» ، ئۇيغۇرچە «تىبابەتچىلىكنىڭ ئۆلچەملىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تىببى قامۇس تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ قامۇس غەربنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا تاكى 17-ئەسىرگىچە دەرسلىك كىتاب قىلىپ ئىشلىتىلدى.


--ئىلمىي ئۇسۇل: ئىبىن ئالھازېن (Ibn Al-Haytham) 965-يىلى ئىراقتا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئىلمىي ئۇسۇل، بولۇپمۇ ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتا تەجرىبە بىلەن پەلسەپىلىك مۇلاھىزىگە تايىنىش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلدى.  ھەمدە نۇر ۋە ئادەمنىڭ كۆزى ئۈستىدە تەجرىبە ئىشلەپ، ھازىرقى زامان ئوپتىكا ئىلمىغا ئاساس سالدى.  شۇڭا بىر قىسىم ھازىرقى زاماندىكى داڭلىق تەزكىرە يازغۇچىلىرى ئۇنى «دۇنيانىڭ تۇنجى قېتىملىق ھەقىقىي ئالىمى» دەپ ئاتايدۇ.  دوكتۇر لىندبېرگ (Linberg) ئۇنىڭغا «بىر ماتېماتىكاشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ئارچىمېدېس (Archimedes)، كېپلېر (Kepler) ۋە نيۇتون (Newton) بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدۇ»، دەپ باھا بەرگەن [5].  


--ماتېماتىكا: ئالھازېن ماتېماتىكىنىڭ قاتار فورمۇلىسىنى كەشىپ قىلدى.  ئىبىن مۇئاد ئال-جاييانى (ئىبن مۇئادھ ئال-جاييانى) بولسا ترىگونومېتىرىيىنىڭ بىر قىسىم قانۇنلىرىنى بايقىدى.


--فىزىكا: مۇسۇلمانلار ئارىستوتېل فىزىكىسى قاتارلىق قەدىمقى زاماندا ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلگەن پەننىي بىلىملەرنى گرېتسىيە تىلىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىپ، ئۇ پەنلەرنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇردى.


--بىئولوگىيە: ئال-جاھىز تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى تەسۋىرلەيدىغان يېڭىلىقلارنى بايقىدى.  


--تىبابەتچىلىك: ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام مەدەنىيىتىدە مەركىزىي ئورۇن ئالغان نەرسە تىبابەتچىلىكتىن ئىبارەت.  ئاشۇ زامان ۋە ماكاندىكى ئەھۋالغا ماسلىشىپ، ئىسلام دوختۇرلىرى ۋە ئىسلام زىيالىيلىرى تىبابەتچىلىك نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتىگە دائىر زور مىقداردىكى مۇرەككەپ ئىلمىي ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى.  


--داۋالاش: ئاشۇ دەۋردە مۇسۇلمانلار تۇنجى بولۇپ دوختۇرلارغا كېسەل كۆرۈش كېنىشكىسى بېرىشتە دىپلوم تەلەپ قىلىش رەسمىيىتىنى يولغا قويدى.  بارلىق چوڭ شەھەرلەردە دوختۇرخانا قۇرۇلدى.  مەسىلەن، قاھىرىدىكى قالاۋۇن دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەنلەر ئىچىدە دوختۇرلار، دورىگەرلەر، ۋە سېستىرالار قاتارلىق تىبابەتچىلىكنىڭ ھەممە كەسىپلىرىدىن ئادەملەر بار ئىدى.


--مائارىپ: ماراكەشتە 859-يىلى قۇرۇلغان ئال-قاراۋىييىن ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى ئەڭ كونا ئۇنۋان بېرىشنى يولغا قويغان ئۇنىۋېرسىتېتىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


--پاراخوت ئىلمىي ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى.  مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى كەشىپ قىلغان «كامال» دەپ ئاتىلىدىغان، ئىككى نۇقتا ئوتتۇرىسىدىكى بۇلۇڭنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب بىلەن خەرىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، دېڭىز يولى ئارقىلىق بىر قىتئەدىن يەنە بىر قىتئەگە بېرىپ-كېلىپ يۈردى.  مۇسۇلمانلار ياسىغان، ئوتتۇرا دېڭىزدا قاتناپ يۈرگەن 3 چوڭ سودا پاراخوتى دۇنياغا ناھايىتى داڭلىق.


--سەنئەت: ساپال بۇيۇملار، ئەينەك بۇيۇملار، تۆمۈر بۇيۇملار، توقۇمۇچىلىق، ياغاچ سەنئەت بويۇملىرى، ۋە ھۆسنىخەت ۋۇجۇتقا كەلدى، ۋە ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.  ئىسلام دىنىدا ئىنسانلارنىڭ رەسىملىرىنى سىزىش  چەكلەنگەن بولغاچقا، بۇ دەۋردە خەتتاتلىق ئىنتايىن زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى.


--بىناكارلىق: ئۇ دەۋردە بىناكارلىقمۇ ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى.  تۇنىزىيەدە 670-يىلى قۇرۇلغان ئۇقبا مەسچىتى، ئىراقتا 847-يىلى قۇرۇلغان ساماررا مەسچىتى، ئىسپانىيەنىڭ كوردوبا (Cordoba) شەھىرىدە 785-يىلىدىن باشلاپ ياسالغان چوڭ-بىنالىق كوردوبا مەسچىتى قاتارلىقلار بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدۇ.


1-رەسىم (1-resim): تۇنىزىيەدە 670-يىلى ياسالغان ئۇقبا مەسچىتىنىڭ تاشقىي كۆرۈنىشى

2-رەسىم (2-resim): تۇنىزىيەدە 670-يىلى ياسالغان ئۇقبا مەسچىتىنىڭ ناماز ئوقۇش زالى

3-رەسىم (3-resim): كوردوبا مەسچىتىنىڭ ناماز ئوقۇش زالى

4-رەسىم (4-resim): كوردوبا مەسچىتىنىڭ تۈۋرۈكلىرى


گەرچە مۇسۇلمانلارنىڭ ئالتۇن دەۋرى تارىخىي ماتېرىياللاردا 1258-يىلى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم-پەن جەھەتتىكى يۈكسىلىشى ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە بىر مەزگىل داۋاملاشتى.  1394-يىلىدىن 1449-يىلىغىچە ئۆزبېكىستانغا سۇلتان بولغان ئۇلۇغ بەگ (1394 - 1449) نىڭ ئۆزى بىر ئاسترونومىيەشۇناس ۋە ماتېماتىكاشۇناس بولۇپ، ئۇ ئاسترونومىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتېماتىكا ساھەسىدە بىر قىسىم يېڭى نەزەرىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.  ئۇ سامارقاندا قۇرۇپ، 1424-يىلىدىن 1429-يىلىغىچە ئىشلەتكەن ئۇلۇغ بەگ كائىناتنى كۆزىتىش پونكىتى ياكى ئۇلۇغ بەگ تېلېسكوپى (Ulugh Beg Observatory) شۇ ۋاقىتتىكى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك ئۈسكۈنە بولۇپ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ تېلېسكوپ ئىدى [6].  ئۇلۇغ بەگ ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان ۋە جەنۇبىي قازاقىستاننى 1411-1449-يىللىرىدىن ئىبارەت يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت سورىدى.  ئۇلۇغ بەگ ھاكىمىيەت باشقۇرۇش جەھەتتە ئىلىم-پەن جەھەتتىكىدىنمۇ يۇقىرىراق تالانتلارنى نامايان قىلدى.  ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە بالىسى ئۇنىڭ بىلەن ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، 1449-يىلى ئۇ مەككىگە كېتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇ بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلدى.  ئۇلۇغ بەگدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەت خەلقلىرى ئىچىدىن ئۇنىڭدەك داڭلىق ئالىم چىقىپ باقمىغان بولۇپ، رەھمەتلىك ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن ئۇستازىمىز ئۆزىنىڭ بىر پارچە ماقالىسىدا تىلغا ئالغىنى مانا مۇشۇنداق بىر پاكىتتۇر.


5-رەسىم (5-resim): ئۇلۇغ بەگ كائىناتنى كۆزىتىش پونكىتى

6-رەسىم (6-resim): 1987-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا بېسىلغان، ئۇلۇغ بەگ بىلەن ئۇنىڭ تېلېسكوپىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بىر پارچە پوچتا ماركىسى


ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرىدىكى ئۇلۇغ زىيالىيلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئەڭ قىزىقىدىغان ۋە ئەڭ پەخىرلىنىدىغان كىشى فارابىدىن ئىبارەت.  ئۇنىڭ ئىنگلىزچە ماتېرىياللاردىكى ئىسمى «ئال-فارابى» بولۇپ، ئۇ 870-يىلىدىن 950-يىلىغىچە ياشىغان.  مەن كۆرگەن ئىنگلىزچە ماتېرىيالنىڭ ھېچ قايسىسىدا ئۇنىڭ تۇغۇلغان يېرى بېرىلمەپتۇ [7-8].  مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇ تۈركىي مىللىتىدىن بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇغۇلغان.  ئەرەبلەر ئۇنى «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتايدۇ.  بۇ يەردىكى 1-ئۇستاز ئارىستوتېلدىن ئىبارەتتۇر.  فارابىنى ئىبىن سىنا قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدا كېيىن مەيدانغا كەلگەن زىيالىيلاردىن تۆۋەنرەك كۆرىدىغان كىشىلەرمۇ بار بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىجادكارلىق جەھەتتە ئۇ باشقا ھەر قانداق مۇسۇلمان زىيالىيلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.  شۇڭا مېتافىزىكا ساھەسىدە ئۇنىڭغا «ئىسلامچە نېئوپلاتونىزمنىڭ ئاتىسى» دەپ نام بېرىلگەن.  فارابى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاتاقلىق پەيلاسوپلىرىنىڭ بىرىلا بولۇپ قالماستىن، ئۇ يەنە لوگىكىشۇناس، مۇزىكىشۇناس، ۋە بىر داڭلىق سىياسىي ئالىم ئىدى.  ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان بىلىش نەزەرىيىسى (epistemology) جەھەتتە فارابى ئارىستوتېل بىلەن پلاتوننىڭ نەزەرىيىلىرىنى  بىرلەشتۈرگەن ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ، بۇ جەھەتتە فارابى قالغان ئىككى قەدىمقى ئالىملاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.  فارابىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق ئەسەرلىرىدىن «پەزىلەتلىك شەھەر» (The Virtuous City)، «ئۇلۇغ مۇزىكا كىتابى» (The Great Book of Music)، «ئەقىل داستانى» (Epistle on the Intellect)، «خەت-چەك كىتابى» (The Book of Letters)، ۋە «ئىلىم-پەنلەرنىڭ بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈلۈشى» (The book of the enumeration of the scienses) دېگەن كىتابلار بار.


7-رەسىم (7-resim): فارابىنىڭ سىزىلغان رەسىمى.


قىسقىسى، ئىسلامنىڭ بۇ ئالتۇن دەۋرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانى ئومۇميۈزلۇك ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى.  ئاللاھغا بولغان چوقۇنىشى ۋە ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتىقادى تەكشى ھالدا سەمىمىي ئىدى.  ئۇلار يېڭى مەدەنىيەتلەرگە قۇچاق ئاچقان، يېڭى بىلىملەرنى بولسا پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغلاشقان، قولغا چۈشۈرەلىگەن مەدەنىيەت بىلەن بىلىملەرنى ئۆزلىرىگە سىڭدۈرۈۋالغان، ھەمدە ئۇلارنى ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرغان ئىدى.  يېڭىلىق يارىتىش، يوقنى بەرپا قىلىشقا ماھىر ئىدى.  ئۇ چاغدىكى مۇسۇلمانلار مەن ئالدىنقى ئىككى پارچە ماقالەمدە تونۇشتۇرغان ياپونلارغا ئوخشىشىپ كېتەتتى.


ئۇنداقتا كېيىن نېمە بولدى؟  نېمە سەۋەبلەردىن مۇسۇلمانلار 180 گرادۇس ئارقىغا بۇرۇلدى؟  مەن مەزكۇر ماقالىنىڭ كېيىنكى بىر قانچە قىسىملىرىدا مۇشۇ مەسىلىلەرنى بايان قىلىمەن.  ئۇنىڭدىن بۇرۇن مەن ئالدى بىلەن مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن.  ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى سۈپەت جەھەتتىن خېلى ياخشى بىلىدۇ.  شۇڭا مەن ئاساسەن مىقدار جەھەتتىكى بىر قىسىم پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.



2. ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھازىرقى ھالىتى


مەن ئالدىنقى بىر ماقالەمدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك، يېقىندا خەلقئارالىق بىر ئورۇن پۈتۈن دۇنيادىكى ئەللەرنى تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بويىچە تىزىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئالدىنقى 50 دۆلەتنىڭ ئىچىگە مۇسۇلمانلار دۆلىتىدىن پەقەت قاتار بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق 3 دۆلەت 40 نەچچىنچى ۋە 50-ئورۇنغا كىرەلىگەن [1].  بۇنىڭ ئىچىدىكى قاتار بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ ئۇ ئىككى ئورۇنغا ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغا تايىنىپ ئەمەس، نېفىت سېتىپ تاپقان پۇلى بىلەن كىرگەن.


ئامېرىكىنىڭ مىزورى شىتاتى ترۇمەن شىتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا پروفېسسورى تانىر ئەدىس تۈرك مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر مۇشۇ پەيتتە، دۇنيادىكى ئاساسىي پەنلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بارلىق مۇسۇلمان ئالىملار يەر يۈزىدىن تۇيۇقسىز غايىپ بولىدىكەن، دۇنيادىكى قالغان ئىلىم-پەن جەمئىيەتلىرى ئۇنىڭغا ئاساسەن دىققەت قىلمايدۇ.»  [7]


دۇنيا بانكىسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى يېقىندا ئىسلام مەجلىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدىكى 20 دۆلەت ئۈستىدە بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار مۇنداق بىر قىسىم ئىشلارنى بايقىغان [7]:  


--1996-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە، بۇ دۆلەتلەر ئومۇمىي دۆلەت كىرىمى (GDP) نىڭ پەقەت 0.34 پىرسەنتىنى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا ئىشلەتكەن.  بۇ سان پۈتۈن دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سانى 2.38 پىرسەنتنىڭ 7 دىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ.  


--تەرەققىي تاپقان ئەللەردە ھەر 1000 ئادەمنىڭ ئىچىدە 140 نەپەر ئالىم، ئېنژېنىر ۋە تېخنىكىلىق خادىملار بار، يەنى بۇلارنىڭ نىسبىتى 140:1000 ئىكەن.  پۈتۈن دۇنيا بويىچە قارىغاندا بۇ نىسبەت 40:1000 ئىكەن.  ئەمما يۇقىرىدىكى 20 مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ بۇ نىسبىتى ئاران 10:1000 چىققان.


--2010-يىلدىكى ئېستېتىكىغا ئاساسلانغاندا، مۇسۇلمانلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ 23 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.  ئەمما ھازىر مۇسۇلمانلار ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلار پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلارنىڭ ئاران بىر پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.


--2005-يىلى، ئەرەبچە سۆزلىشىدىغان 17 دۆلەتتىكى ئالىملار جەمى 13444 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان.  ئەمما، ئامېرىكىنىڭ خاۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىبارەت بىر ئالىي مەكتەپتىكى ئالىم-پروفېسسورلار 2005-يىلى بىر يىل ئىچىدە ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلارنىڭ سانى بولسا يۇقىرىدىكى ئەرەبلەرنىڭكىدىن 2000 پارچە ئارتۇق ئىكەن.


مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھەققىدە يۈسۈف قەرداۋىنىنىڭ « مۇسۇلمانلارنىڭ 20-ئەسىردىكى مەغلۇبىيەتلىرى » دېگەن ماقالىسىدا يەنە بىر قىسىم مەزمۇنلار بار [8].  مەن ئۇنى تېخى ئوقۇپ باقمىغان قېرىنداشلارغا ئۇنى تەۋسىيە قىلىمەن.  مەن بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويمىسام بولمايدىغان بىر ئىش، مەن قەرداۋىنىڭ يۇقىرىدىكى ماقالىدا مۇستاپا كامال ئاتا تۈركگە بەرگەن باھاسىغا قوشۇلمايمەن.  


مەن مۇشۇ ماقالىنى تەييارلاۋاتقاندا، يەنى 2014-يىلى 25-فېۋرال كۈنى، مۇنداق بىر خەۋەرنى ئاڭلىدىم:  نىگېرىيە يوبې شتاتىدىكى «بوكو ھارام» دەپ ئاتىلىدىغان مىلىتانتلار بىر ئوتتۇرا مەكتەپكە بېسىپ كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئوققا تۇتۇپ، 29 نەپەر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلتۈرىۋېتىپ چىقىپ كەتكەن.  ئۇلارنىڭ قارىشىچە غەربچە مەكتەپلەر ھارام ئىكەن.  شۇڭا مۇشۇ ئىشنى قىلىپتۇ.  


مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى موللىلارنىڭ ئىچىدە يۇقىرىقىدەك «پەننىي مەكتەپلەر ھارام» دەپ تەرغىپ قىلىۋاتقانلار بار ئىكەن.  «قەغەز پۇل ھارام» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلار بار ئىكەن.  «ھۆكۈمەتكە ئىشلىش ھارام» دەۋاتقانلارمۇ بار ئىكەن.  ئەمەلىيەتتە بولسا، مەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك، ياۋروپادىكى تۇنجى ئالىي مەكتەپنى مۇسۇلمانلار قۇرغان.  قەغەز پۇلنى بىرىنچى بولۇپ ئىشلەتكەنلەر جۇڭگولۇقلار بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى بولسا مۇسۇلمانلار.  يەنى، مۇسۇلمانلار ياۋروپالىقلاردىن بۇرۇن، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ ئاران 100 يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەن ئابباسىد دەۋرىدىلا قەغەز پۇل ئىشلەتكەن.  ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ھازىرقىدەك قەغەزگە تايىنىپ ئېلىپ بېرىشنىمۇ ئەڭ دەسلىۋىدە مۇسۇلمانلار يولغا قويغان.  بىر مىڭ نەچچە يۈزنىڭ ئالدىدا مۇسۇلمانلار ئىجات قىلغان ۋە يولغا قويغان نەرسىلەر نېمە ئۈچۈن ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن ھارام بولۇپ قالدى؟  بۇ پەتىۋالار ياكى ئىدىيىلەر ئۇيغۇرلارغا نەدىن كەلدى؟


ئۆتكەندە تورغا چىقىرىلغان بىر ئۇيغۇرچە ماقالىدە دېيىلىشىچە، ھازىر جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئۆلكىنىڭ بىر ناھىيە بازىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدا ئاق-چېكىملىكنىڭ سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 3000 دەك كىشى بار ئىكەن.  مەن ئۇلارنىڭ بىرەرسىنى ئۆزەم كۆرۈپ ياكى ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم.  شۇڭا مەندە كونكرېت پاكىت يوق.  ئەمما، ئۆزەمنىڭ پەرىزىچە، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ھېسابلايدۇ.  جۈمە كۈنلىرى جۈمە نامىزى ئوقۇيدىغانلىرىمۇ ئاز ئەمەس.  ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە، بىر ھەپتە ئاق چېكىملىك سېتىشتەك گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىپ، جۈمە كۈنى بىر ۋاق ناماز ئوقۇۋەتسە، ئۇلارنىڭ ھەممە گۇناھلىرى يۇيۇلۇپ كېتىدۇ.  خۇددى مۇنچىغا چۈشسە بەدىنىدىكى ھەممە كىرلەر تازىلىنىپ كەتكەندەك.  مەن ئۆز ئۆمرۈمدە ئادەتتە گۇناھ بولىدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈۋېرىپ، جۈمە نامىزىغا بېرىش ياكى روزا تۇتۇشقا ئىشلارنى قىلىپ قويۇش ئارقىلىق «گۇناھىنى يۇيۇۋېتىپ» يۈرۈۋېرىدىغانلارنى خېلى كۆپ ئۇچراتتىم.  ھازىرمۇ ئۇچرىتىپ تۇرىمەن. بۇ قانداق ئىمان؟ بۇ قانداق ئېتىقاد؟  بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلار يالغۇز ئەمەس.  باشقا ھەممە مۇسۇلمانلاردىمۇ بۇنداق ئىشلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە بار.  ھازىرقى مۇسۇلمانلار چوقۇنىدىغان ئاللاھ بىلەن 1000 يىل ئالدىدىكى ئاللاھ ئوخشاش.  ھازىرقى مۇسۇلمانلار سەجدە قىلىدىغان دىن بىلەن 1000 يىلدىن بۇرۇنقى دىن ئوخشاش.  ھازىرقى قۇرئان بىلەن 1000 يىلدىن ئىلگىركىسى ئوخشاش.  ئۇنداقتا نېمىشقا ھازىرقى مۇسۇلمانلار 1000 يىلنىڭ ئالدىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالدى؟


مەن ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىپ ئوتكىنىمدەك، بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئىككى ساھەگە بۆلۈنگەن.  بىرى دىن، يەنى ئىمان ۋە تەقۋادارلىق.  يەنە بىرى دۇنيا، يەنى ئىلىم-پەن، تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلىق.  مەن تۆۋەندە 2-ساھەدىكى سەۋەبلەرنى تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقە ۋە جەريانلار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.


ئەگەر «دۇنيا» دېگەن ساھەدە مۇسۇلمانلارنىڭ چېكىنىشىگە سەۋەب بولغان نەرسىدىن پەقەت بىرسىلا بار، دەپ قارىساق، ئۇ نەرسە قەغەز بىلەن باسما خەتتىن ئىبارەت بولىدۇ.  ئەلۋەتتە قەغەز دەسلەپتە ۋۇجۇتقا كېلىپ، باسما خەت ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن.  مەن تۆۋەندە ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىسىنىڭ مەزمۇنى بويىچە [1]، قەغەز بىلەن باسما خەتنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللىنىشى بىلەن چېكىنىشىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.



3. مۇسۇلمانلار قەغەز ياساش تېخنىكىسىنى قانداق ئىگىلىگەن؟


ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، قەغەز بىزنىڭ ھاياتىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.  بەزىلەر ئىنتېرنېت كەشىپ قىلىنغاندىن بۇيان قەغەزنىڭ ئىشلىتىشى ئازايدى، دەپ ئويلايدۇ.  ئەمەلىيەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئىنتېرنېت پەيدا بولغاندىن بۇيان قەغەزنىڭ ئىشلىتىش مىقتارى بۇرۇندىنمۇ بەكراق كۆپەيدى.  ھازىر بەزى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر پۈتۈن دۇنيادا ئىشلىتىۋاتقان قەغەزلەرنى يېيىپ چىقساق، ئۇ يەر شارىنى بىر قانچە قېتىم قاپلايدىكەن.  قىسقىسى، قەغەز ھازىرقى زاماندا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.  قەغەزنىڭ رولى ئۆتمۈشتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولغان.  يەنى، ئىسلامنىڭ گۈللىنىشىدە قەغەز ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.


قەغەزنى ئەسلىدە جۇڭگولۇقلار مىلادىيە 100-يىللىرى كەشىپ قىلدى.  ئەمما، ئۇلار قەغەز ياساش تېخنىكىسىنى ئىنتايىن مەخپىي تۇتۇپ، ئۇنى جۇڭگودىن باشقا يەرگە زادىلا تارتقاتمىدى.  ئۇنىڭدىن باشقا، قەغەز ياساش تېخنىكىسىنى بىر ناھايىتى كىچىك جامائەتلا بىلىدىغان بولۇپ، بۇ تېخنىكىنى ئاشۇ جامائەتكە تەۋە بولمىغان كىشىلەردىنمۇ مەخپىي تۇتتى.  قەغەز ياساش تېخنىكىسى كەشىپ قىلىنىپ، 8-ئەسىرگىچە 600 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، مۇشۇ پۈتۈن دەۋرلەردە جۇڭگولۇقلارنىڭ كاللىسىغا قەغەزگە خەت يازغىلى بولىدىغانلىقى كەلمىگەن بولۇپ، ئۇلار قەغەزنى بىر نەرسىلەرنى ئورايدىغان ۋە سەنئەت بۇيۇملىرى ياسايدىغان ئىشلارغىلا ئىشلەتتى.  


سەككىزىنچى ئەسىردىن بۇرۇن، مۇسۇلمانلار خەتلەرنى تاش، تۆگە دۈمبىسىنىڭ يوغان سۆڭەكلىرى، تۆگە تېرىسى، خوما دەرىخىنىڭ غازىڭى، ۋە پاپىرۇس ئۆسۈملۈكىدىن ياسالغان نېپىز يالتىراقلار قاتارلىقلارغا يېزىپ كەلدى.  بۇ ماتېرىياللارنىڭ بىر تەرەپتىن ھەجمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغىلى بولمايتتى.  شۇڭلاشقا 7- ۋە 8-ئەسىرلەردە تېرىگە يېزىلغان قۇرئاندىن ھازىرغىچە بىرەرسىمۇ ساقلىنىپ قېلىنمىدى.  تۆۋەندىكى 7-رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى ئەڭ دەسلىۋىدە تۆگە تېرىسىگە يېزىلغان بىر پارچە قۇرئاننىڭ رەسىمى.  كۆرگىنىمىزدەك، بۇ قۇرئاننىڭ چوڭلىقى ھازىرقى ئىشخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىزمەت ئۈستىلىگە باراۋەر كېلىدۇ.  ئىنتېرنېتتە ئەڭ دەسلەپكى قۇرئاننىڭ رەسىملىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلارغا قىزىقىدىغان تورداشلار Google غا ئىنگلىزچە « Images for the first Quran» دېگەن سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقساڭلار بولىدۇ.


8-رەسىم (8-resim): ئەڭ دەسلىۋىدە تۆگە تېرىسىگە يېزىلغان بىر پارچە قۇرئاننىڭ رەسىمى.

9-رەسىم (9-resim): بىر دانە پاپىرۇس ئۆسۈملىكىنىڭ كۆرىنىشى.


مىلادىيە 751-يىلى ھازىرقى قىرغىزىستاندا مۇسۇلمانلار بىلەن خەن سۇلالىسى ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر كىچىك جەڭ بولۇپ ئۆتتى.  ھەمدە بۇ ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلار خەن سۇلالىسىنىڭ كىچىك بىر پارچە يېرىنى ئىگىلىۋالدى.  بۇ ئۇرۇش ئىنتايىن كىچىك بولغاچقا، ئۇنىڭغا تارىخىي كىتابلاردا ئانچە ئورۇن بېرىلمەيدۇ.  ئەمما بۇ ئۇرۇش پۈتۈن دۇنيانىڭ تارىخىدا بىر چوڭ بۇرىلىش پەيدا قىلدى.  بۇ ئۇرۇشتا مۇسۇلمان ئەسكەرلىرى ئاز ساندىكى جۇڭگولۇق ئەسكەرلەرنى ئەسىرگە ئېلىۋالدى.  كېيىن سوراق قىلىش جەريانىدا بۇ ئەسىرلەرنىڭ ئىچىدە ھېلىقى قەغەز ياساش تېخنىكىسىنى بىلىدىغان جامائەتكە تەۋە 2 ئادەمنىڭ بارلىقى بايقالدى.  ئۇ چاغلاردا گەرچە مۇسۇلمانلاردا قەغەز ئانچە يوق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار جۇڭگولۇقلارنىڭ قەغەز ياسىيالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدى.  ھەمدە قەغەزنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.  مۇسۇلمانلار تۇتىۋالغان ئەسىرلەرنىڭ ئىچىدە 2 نەپەر قەغەز جامائىتىنىڭ ئەزاسى بارلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قىممەتلىك مېھمانلارغا ئوخشاش ئەتىۋارلاپ، ھەمدە ئۇلارنى قوراللىق قوغداپ، دەرھاللا شۇ ۋاقىتتىكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ پايتەختى باغدادقا ئېلىپ باردى.  باغداتتىكى خەلىپە بۇ 2 كىشىگە مۇنداق دېدى:  «بىزگە سىلەر پۇل تۆلىمى تاپشۇرمىساڭلارمۇ بولىدۇ.  ئەگەر سىلەر بىزگە قەغەز ياساشنى ئۆگىتىپ قويساڭلار، بىز سىلەرنى ئۆلتۈرمەيمىز.  بەلكى ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن، سىلەرنى قويۇپ بېرىمىز.»  بۇ ئەھۋالغا قاراڭ:  ئۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار يېڭى تېخنولوگىيىگە نەقەدەر ھۇشيار؟  يېڭى تېخنولوگىيىگە نەقەدەر قىزىققان؟ يېڭى تېخنولوگىيىگە ئېرىشىشكە نەقەدەر ئىنتىلگەن؟  بۇ يەردە مۇسۇلمانلارنىڭ بىر خەلىپى مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرنىڭ تېخنولوگىيىسىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭدىن پايدىلانماقچى بولىۋاتىدۇ.  مۇسۇلمانلار ئاشۇ دەۋردە بىلىمنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى.


بۇنىڭدىن 100 يىلدەك ئىلگىرى، يەنى 624-يىلى 13-مارت كۈنى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام غەربىي ئەرەبىستاننىڭ ھىجاز رايونىدا ئۆزىگە قارشى چىققان قەبىلىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، بىر قىسىم ئەسكەرلەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ.   بۇ ئۇرۇش ئىسلام تارىخىدىكى داڭلىق ئۇرۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ «بادىر ئۇرۇشى» دەپ ئاتىلىدۇ.  مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام بۇ ئەسىرلەرنىڭ ئىچىدىكى خەت ئوقۇيالايدىغان ۋە خەت يازالايدىغان كىشىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتمەي، ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ:  مەن سىلەردىن پۇل تۆلىمى ئالمايمەن.  پەقەت ھەر بىرىڭلاردىن بىزنىڭ 10 بالىلىرىمىزغا خەت ئوقۇش بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىمەن.  شۇنداق قىلساڭلار سىلەرنى كېيىن قويۇپ بېرىمەن.  دېمەك، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ئۇ چاغدا پۇلنى مۇھىم كۆرمىگەن.  پۇلغا ئازراقمۇ قىزىقمىغان.  بەلكى بىلىمنى، ئۆگىنىشنى ئىنتايىن مۇھىم بىلگەن.   8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىمۇ ئابباسىد خەلىپە مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ «بىر زىيالىينىڭ قەلىمىنىڭ سىياسى بىر شېھىتنىڭ قېنىدىنمۇ بەكرەك مۇقەددەس بولىدۇ» دېگەن سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى ئۆگىنىشكە، باشقىلارنىڭ بىلىملىرى بىلەن مەدەنىيىتىنى يىغىشقا، ئۇلارنى ئۆزلەشتۈرىۋېلىشقا، ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلىگەن ئىدى.  مانا بۇ قېتىم باغداتنىڭ خەلىپىمۇ مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامدەك، ئابباسىد خەلىپەدەك ئىش تۇتتى.  ئۇ ئەسىرگە چۈشكەن مۇسۇلمان ئەمەس بىلىم ئىگىلىرىنى ئۆلتۈرمىدى.  بەلكى ئۇلارنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋېلىپ، ئۇلارنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقچى بولدى.  ئۇمۇ بىلىمگە ئەڭ مۇھىم نەرسە ئورنىدا مۇئامىلە قىلدى.


مۇسۇلمانلار ھېلىقى 2 نەپەر ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلەردىن قەغەز ياساشنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، ھېچ قانداق ۋاقىتنى ئىسراپ قىلمايلا،  ئالدى بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ سامارقان شەھىرىدە، ئاندىن باغداتتا بىردىن قەغەز زاۋۇتى قۇردى.  مانا بۇلار تارىختىكى جۇڭگو زېمىنىنىڭ سىرتىدا تۇنجى قېتىم ياسالغان قەغەز زاۋۇتلىرىدۇر.  ئۇنىڭدىن كېيىن ھارۇن رەشىد ئىسىملىك بىر مۇسۇلمان قەغەز ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈن مۇسۇلمانلار زېمىنىغا كېڭەيتتى.  


«قەغەز» دېگەن سۆز ئەسلىدە خەنسۇچە سۆز بولۇپ، ئۇنى دەسلىۋىدە پارىسچىدا «قەغەز» دەپ ئەينەن قوبۇل قىلىپ، ئەرەبچىدە بولسا «قەغەد» دەپ قوبۇل قىلغان.  يەنى، «قەغەز» دېگەن سۆز ئەسلىدە خەنسۇلاردىن كەلگەن.


ئەينى ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار قەغەزنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ يەتتى.  شۇڭا قەغەزنىڭ كىرىشى بىلەنلا مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا بىر بىلىم ئىنقىلابى ۋۇجۇتقا كەلدى.  بۇرۇن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى خەت-چەك ۋە خاتىرە ساقلاش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە تېرە ۋە تاشقا ئوخشاش ماتېرىياللارنى ئىشلەتكەن بولسا، بۇ دەۋرگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە قەغەز ئىشلىتىشكە باشلىدى.  ئۇنىڭدىن باشقا قەغەز بىلىم ئېلىش ۋە بىلىم بېرىش ئىنستىتۇتلىرىدىمۇ ئىشلىتىلىشكە باشلاپ، قەغەز ياساش تېخنىكىسى ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى.  


قەغەزنىڭ تەرەققىياتى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى، بىلىم قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشنى، ۋە سەنئەتكارلىقتىكى ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈردى.  ئۇ مائارىپنى ۋە كىشىلەرنىڭ ساۋاتلىق بولىشىنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى.  مائارىپ بولسا ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى بىلەن ئەقلىي تەرەققىياتنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.  شۇنىڭ بىلەن بىر ئىسلامچە تەپەككۇر ۋە يېڭى ئىدىيە ئىنقىلابى مەيدانغا كەلدى.  مۇسۇلمانلار قەدىمقى گرىكلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدى.  ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى.  كىتابلارنى يازدى.  شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم-پەندىكى گۈللىنىشى مەيدانغا كەلدى.


مۇسۇلمانلار قەغەز ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، ئۇلار يەنە مۇنداق 2 ئىشنى قىلدى.  بىرى بۇ تېخنىكىنى باشقا ھېچ قانداق يەردە تېپىلمايدىغان بىر يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈردى.  ھەمدە ئۇنى پۈتۈن مۇسۇلمانلار زېمىنىغا كېڭەيتتى.  بۇنداق ئىشنى ئاشۇ ۋاقىتقىچە جۇڭگولۇقلارمۇ قىلىپ باقمىغان ئىدى.  شۇنىڭ بىلەن قەغەزنىڭ ئوخشىمىغان ماركىلىرى ۋۇجۇتقا كەلدى.  مەسىلەن، ئەينى ۋاقىتتا سۇلايمانى قەغىزى، ئاخمادى قەغىزى،  نۇرانى قەغىزى، ۋە  جافارى  قەغىزى دېگەن قەغەزلەر ئىشلەپ چىقىرىلدى.  ئۇنىڭ يەنە بىرى، ئۈستىگە خەت يېزىلغان قەغەزلەرنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى.  بۇرۇن مۇسۇلمانلار پاپىرۇس ۋاراقلىرىغا يېزىلغان خەتلەرنى يۆگەپ، بىرەر ساندۇق ياخى خالتىلارنىڭ ئىچىگە تىقىپ ساقلايتتى.  ئەمما، قەغەز تەبىئىي ھالدا يۆگەلمەيدىغان بولغاچقا، ئۈستىگە خەت يېزىلغان قەغەز ھۆججەتلەرنى بىرىنىڭ ئۈستىگە بىرنى قەۋەتلەپ قويىدىغان بولدى.  كېيىن بۇنداق قەغەز توپىنىڭ بىر تەرىپىنى  ئۆز-ئارا يىپ بىلەن چېتىپ قويسا، ئۇنى ساقلىماق ۋە ۋاراقلىماق ئاسان بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.  ئاندىن ھەر بىر قەغەز توپىنىڭ ئۈستى بىلەن ئاستىغا سەل قېلىنراق ياسالغان يالتىراقنى قويۇپ ئاندىن تىكسە، ئىچىدىكى ۋاراقلارنى ياخشىراق قوغدىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتى.  ئەڭ ئاخىرىدا ھەر بىر قەغەز توپىنىڭ ئۈستىدىكى قېلىن ۋاراققا بۇ توپنىڭ نېمە توغرۇلۇق ئىكەنلىكىنى يېزىپ قويسا، ئۇلارنى باشقۇرۇش ئاسان بولىدىغانلىقى ئويلاپ يەتتى.  شۇنىڭ بىلەن بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان كىتاب ۋۇجۇتقا كەلدى.  يەنى، بىز بۈگۈنگىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان كىتابلارنى قانداق ياشاشنى مۇسۇلمانلار ئىجات قىلغان.



4. ياۋروپالىقلارنىڭ مۇسۇلمانلاردىن قەغەز ياساشنى ئۆگىنىشى


مۇسۇلمانلار بارلىق ئىلىم-پەنلەرنى تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە يېڭى پەللىگە چىقىرىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە،  غەرب دۇنياسى تېخى قەغەزنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.  ئۇلار تېخى بىر «قاراڭغۇ دەۋر» دە ياشاۋاتقان بولۇپ، خەت ئوقۇش ۋە خەت يېزىشنىمۇ بىلمەيتتى.  غەربلىكلەر قەغەزگە ئەڭ دەسلىۋىدە ئۇلارنىڭ 1-قېتىملىق كرېسىت (Crusade) ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاندىن خەۋەر تاپتى.  يەنى 1096-يىلى غەربلىكلەر يېرۇسالېمغا قارىتا 1-قېتىملىق كرېسىت ئۇرۇشىنى قوزغىدى.  ھەمدە بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدى.  بۇ ئۇرۇشتا جەمى 500 -750 مىڭ مۇسۇلمان قېلىچ بىلەن چاناپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ،  شۇ چاغدىكى ئۇرۇش قوماندانىنىڭ ئۆز پادىشاھىغا يازغان بىر پارچە خېتىدە دېيىلىشىچە، بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرى ئادەمنىڭ تىزىغا كەلگىچە ئىگىزلىكتىكى قان بىلەن توشۇپ كەتكەن.  ياۋروپالىقلار بۇ ئۇرۇشنى ھېچ بىر سەۋەبسىزلا قۆزغىدى.  بۇ ئۇرۇش تۇنجى قېتىملىق مۇسۇلمانلار بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  مۇشۇ ئۇرۇشتىن كېيىن غەربلىكلەر مۇسۇلمانلار ئىشلەپ چىقارغان قەغەزنى ۋە كىتابلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالدى.  ھەمدە قايتاشىدا ئۆزلىرى بىلەن مەلۇم مىقداردىكى قەغەز بىلەن كىتابلارنى بىللە ئېلىپ قايتىپ، غەربكە تۇنجى قېتىم قەغەز ۋە كىتاب دېگەن نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈردى.  ئەمما ئۇلار بۇ قېتىم قەغەز ياساش تېخنىكىسىغا ئىگە بولالمىدى.  


ئەگەر مۇشۇ قېتىملىق تاجاۋۇز ئۇرۇشى بولمىغان بولسا، ياۋروپالىقلار تاكى 13-ئەسىردە ماركو پولو جۇڭگوغا بارغىچە قەغەزنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي يۈرگەن بولاتتى.


ياۋروپالىقلار قەغەز ياساشنى مۇسۇلمانلاردىن 11-ئەسىردە ئۆگەندى.  يەنى مۇسۇلمانلار ئىسپانىيە بىلەن ئىتالىيىنىڭ ئۆزلىرى بېسىۋالغان جايلىرىدىمۇ قەغەز زاۋۇتلىرىنى قۇرغان بولۇپ، 1086-يىلى ياۋروپالىقلار ئىسپانىيەنىڭ ئاندالۇسىيە (Andalusia) رايونىغا، 1072-يىلى ئىتالىيىنىڭ سىسىلى (Sicily) ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىپ،  بۇ ئىككى جاينى ئۇرۇش بىلەن قايتۇرۇۋالدى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇ جايلاردىكى قەغەز زاۋۇتلىرىمۇ ياۋروپالىقلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، ئۇلار مانا شۇ چاغدا تۇنجى بولۇپ قەغەز ياساش تېخنىكىسى بىلەن ئۇچراشتى. قەغەز زاۋۇتىدىن باشقا، مۇسۇلمانلاردىكى كىتاب، كۈتۈپخانا، مەكتەپ، ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى مۇسۇلمانلار بېسىپ تۇرغان بۇ زېمىنغا قايتا قەدەم باسقان ياۋروپالىقلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان ئىدى.


شۇنداق قىلىپ، ياۋروپادىكى تۇنجى قەغەز زاۋۇتىنى ياۋروپالىقلار ئۆزلىرى ياساپ چىقمىدى.  بەلكى ئۇلار ئۇنى ئاندالۇسىيەنىڭ بىر كىچىك شەھىرىدە مۇسۇلمانلاردىن ئۆتكۈزۈۋالدى.


شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ياۋروپالىقلار ھەر بىر مۇسۇلمان زېمىنىنى ئۇرۇش بىلەن قولغا چۈشۈرگەندە، ئۇ يەردىكى باشقا بارلىق مۇسۇلمانلارنى ياكى ئۆلتۈرۈپ، ياكى قوغلىۋەتكەن بولسىمۇ، قەغەز ياساشنى بىلىدىغان، قەغەز زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان مۇسۇلمانلارنى بولسا ئۇنداق قىلمىدى.  بەلكى ئۇلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن قەغەز چىقىرىش ئىشىغا سالدى.  


سىسىلى ياۋروپانىڭ ئۆزىگە جايلاشقان بولغاچقا، ئۇ يەردىكى قەغەز زاۋۇتى ياۋروپانىڭ ئىلىم-پەن ئىنقىلابى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.  ياۋروپالىقلار بۇ يەردىكى قەغەز زاۋۇتىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇلاردا ناھايىتى كۆپ بولغان دەريا سۇلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، قەغەز ياساش تېخنىكىسىنى تەدرىجى ھالدا تەرەققىي قىلدۇردى.  شۇنىڭ بىلەن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭكىدىن ياخشىراق ۋە ئەرزانراق قەغەز ئىشلەپ چىقىرىدىغان بولدى.  يەنى، 7- ۋە 8-ئەسىرلەردە دۇنيادا زور مىقداردا قەغەز ئىشلەپ چىقىرالايدىغانلار پەقەتلا مۇسۇلمانلار ئىدى.  11- ۋە 12-ئەسىرلەردە ياۋروپالىقلار مۇسۇلمانلاردىن قەغەز ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدى.  12- ۋە 13-ئەسىرلەردە ئۇلار قەغەز ئىشلەشتە مۇسۇلمانلار بىلەن رىقابەتلىشىدىغان بولدى.  14-ئەسىرگە كەلگەندە بولسا ياۋروپالىقلار قەغەز ئىشلەش تېخنولوگىيىسى جەھەتتە مۇسۇلمانلاردىن ئېشىپ كەتتى.  شۇنىڭ بىلەن 14-ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ ياۋروپا مۇسۇلمان زېمىنلىرىغا قەغەز ئېكسپورت قىلىشقا باشلىدى.  


دېمەك، بۇ دەۋردىن 500 - 600 يۈز ئىلگىرى مۇسۇلمانلار جۇڭگولۇقلارنىڭ تېخنىكىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەقلىنى ئىشلىتىپ، جۇڭگولۇقلاردىن ياخشىراق قەغەز ئىشلەپچىقىرىدىغان سەۋىيىگە يەتكەن ئىدى.  ئەمدى بولسا ياۋروپالىقلار تېخنىكىنى مۇسۇلمانلاردىن ئۆگىنىپ، ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ، مۇسۇلمانلاردىن ياخشىراق ۋە ئەرزانراق قەغەز ئىشلەپچىقىرىدىغان بولدى.  تېخنولوگىيە جەھەتتە مۇسۇلمانلاردىن خېلى زور دەرىجىدە ئىلگىرىلەپ كەتتى.  


ياۋروپالىقلار قىلغان بىر ئالاھىدە ئىش، ئۇلار ئىشلەپچىقارغان قەغەزلەرنىڭ ھەممىسىگە سۇ دېغى بىلەن قەغەزنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ئورنى بىلەن ۋاقتىنى تامغىدەك بېسىپ قويدى.  ھازىرقى قىممەترەك قەغەزلەرنىڭ ھەممىسىدىمۇ ئاشۇنداق سۇ دېغىدا بېسىلغان تامغىلار بار بولۇپ،  ئەگەر سىز قەغەزنى بىرەر چىراغقا تۇتسىڭىز ئۇ خەتلەرنى كۆرەلەيسىز.  شۇنداق قىلىپ 1300-يىلىدىن باشلاپ ياۋروپادا ئىشلەنگەن قەغەزلەرنىڭ ھەممىسىگە سۇ تامغىسى بېسىلدى.  1400-يىللىرىدىن باشلاپ ياۋروپانىڭ قەغىزىنى ئىشلىتىپ يېزىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ كىتابلىرىنىڭ سانى تەدرىجى كۆپىيىپ ماڭدى.  1600- ۋە 1700-يىللىرىغا كەلگەندە مۇسۇلمانلار ئىشلىتىدىغان قەغەزنىڭ ھەممىسى ياۋروپادىن كېلىدىغان بولۇپ كېتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قەغەز زاۋۇتلىرى ئاساسەن ۋەيران بولۇپ تۈگەشتى.  بۇ ئەھۋال ھازىر جۇڭگونىڭ زاۋۇتلىرى غەربنىڭ زاۋۇتلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن ئەھۋاللار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.


1340-يىلى يېزىلغان سۈپىتى ئىنتايىن يۇقىرى قۇرئاندىن بىرسى ھازىرمۇ بىر مۇزىخانىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇ قۇرئاننىڭ ئىشلەتكىنى ئىتالىيە ياسىغان قەغەزدۇر.  ئەچىنىشلىق يېرى شۇكى، بۇ قۇرئاننىڭ ۋاراقلىرىنىڭ ھەممىسىدە سۇ دېغىدا بېسىلگان خرىستىئانلارنىڭ «قوشۇش بەلگىسى» نىڭ تامغا ئىزى بار.  


10-رەسىم (10-resim): 1370-يىلى ئىراندا تەييارلانغان قۇرئاننىڭ كۆرىنىشى


5. باسما خەتنىڭ ئىجات قىلىنىشى


ياۋروپادا قەغەزنىڭ زور مىقداردا ئىشلەپ چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، قەغەز ئۈچۈن بىر قىسىم يېڭى ئىشلىتىش ئورۇنلىرىنى تېپىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى.  گېرمانىيىلىك جوخاننېس گۇتېنبېرگ (Johannes Gutenberg، 1395 - 1468) بىر تۆمۈرچىلىك ۋە زەگالىق شىركىتىنىڭ ئىگىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بىر دوستىنىڭ قەغەز زاۋۇتى بار ئىدى.  ئۇ قانداق قىلغاندا قەغەزدىن ئوبدانراق پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ يۈرۈپ، 8-بۇرجەكلىك كىچىك ياغاچقا ھەرپلەرنى تەتۈر ئويۇپ، ئۇنى رەڭگە چىلاپ، قەغەز يۈزىگە تامغا باسقاندەك باسسا، قەغەزگە ئاشۇ ھەرپنى يازغاندەك بولىدىغانلىقىنى، ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئوخشاش بىر تېكىستنى كۆپلىگەن قەغەز ۋاراقلىرىغا كۆچۈرۈپ باسقىلى بولىدىغانلىقىنى 1439-يىلى كەشىپ قىلدى.  شۇنىڭ بىلەن باسما خەت ۋۇجۇتقا كەلدى.  گۇتېنبېرگنىڭ بۇ ئىجادىيىتى «باسما خەت ئىنقىلابى» (Printing Revolution) نى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ ئىش ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ مۇھىم ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ئەگەر قەغەز بولمىغان بولسا، باسما خەتمۇ ۋۇجۇتقا كەلمىگەن بولاتتى.  بەزىلەر باسما خەتنى جۇڭگولۇقلار بىلەن ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ تامغىسى بىلەن باغلاشقىمۇ ئۇرۇنۇپ باقىدۇ.  ئەمەلىيەتتە بۇ ياۋروپالىقلارنىڭ كەشپىياتىدۇر.  باسما خەت تېخنىكىسى ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىلغان بولۇپ، 1500-يىلىغا كەلگىچە ياۋروپادىكى 300 چوڭ شەھەرلەردە باسما زاۋۇتى قۇرۇلۇپ بولدى.  16-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگىچە 20 مىليون كىتاب سېتىلىپ بولدى.  ئۇ چاغدا 20 مىليون كىتاب دېگەن ناھايىتىمۇ چوڭ بىر سان ئىدى.  بۇنىڭدىن 100 ئىلگىرى ياۋروپالىقلار خەت ئوقۇش ياكى خەت يېزىشنى بىلمەيتتى.  بۇنىڭدىن 100 يىل ئىلگىرىكى ياۋروپادا، ئەگەر سىزدە بىر پارچە پەننىي كىتاب بار بولغان بولسا، كاتولىك چېركاۋ سىزنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولاتتى.  دېمەك، مۇشۇ دەۋرگە كەلگەندە ياۋروپانىڭ مەدەنىيىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى.  كىتابلارنىڭ كۆپلەپ بېسىلىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن ئۆسۈشكە، ۋە مائارىپ سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.  يېڭى پەننىي كەشپىياتلار ئارقا-ئارقىدىن ۋۇجۇتقا كېلىشكە باشلىدى.  نيۇتون قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر ئالىملار ئەنە شۇ 1500- ۋە 1600-يىللىرى دۇنياغا كەلدى.  


11-رەسىم (11-resim): باسما خەتنى كەشىپ قىلغان گېرمانىيىلىك جوخاننېس گۇتېنبېرگ.


كولومبو ئامېرىكىغا كەلگەندە، باسما خەت تېخنىكىسىنىمۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئەكەلدى. شۇنىڭ بىلەن 1500-يىللىرى باسما زاۋۇتلىرى ياۋروپا بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەر شارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە جايلاشقان مېكسىكودىمۇ قۇرۇلۇپ بولدى.



6. مۇسۇلمانلار ئىشىكىنىڭ سىرتقا قارىتا تاقىلىشى


باسما خەت 1440-يىللىرى كەشىپ قىلىنىپ، بىر قانچە 10 يىلدىن كېيىنلا پۈتۈن ياۋروپا، ھەتتا مېكسىكودىمۇ باسما زاۋۇتلىرى قۇرۇلۇپ، بۇ تېخنىكا ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە ئومۇملىشىپ كەتتى.  بۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇسۇلمان زېمىنلىرىدىمۇ توساتتىنلا بېسىلغان كىتابلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى.  بۇرۇنقىدەك ۋاقىت بولغان بولسا، مۇسۇلمانلار بۇنداق يېڭىلىققا قىزىقىپ، ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە خىزمەت قىلدۇراتتى.  ئەمما بۇ ۋاققىچە مۇسۇلمانلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا خېلى زور ئۆزگىرىشلەر، يالى خېلى زور چېكىنىشلەر بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇلار سىرتتىن كىرگەن باسما كىتابلارنى كۆرگەندىن كېيىن، مەخسۇس پەتىۋا ۋە پەرمانلارنى چىقىرىپ، سىرتتىن كىرگەن كىتابلارنى پۈتۈنلەي چەكلىۋەتتى.  1485-يىلى ئوسمانلى خەلىپى ۋە سۇلتانى بايازىد-2، ئەتىراپىدىكى ئۆلىمالار ۋە ئىماملارنىڭ قوللىشى بىلەن «ھەممە باسما كىتابلار ھارام» دېگەن پەتىۋانى چىقاردى.  ئۇ يەنە ياۋروپانىڭ باسما خەت تېخنىكىسىنى ھېچ قانداق مۇسۇلمانلار زېمىنىغا ئەكىرىشكە بولمايدىغانلىقىنى، ھەتتا ياۋروپادا بېسىلغان ھەر قانداق كىتابنىمۇ ئوسمانلى زېمىنلىرىغا ئەكىرىشكە بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.  


ئەمما بۇ پەتىۋانىڭ ئۆمرى ئانچە ئۇزۇنغا بارمىدى. 1515-يىلى سۇلتان بايازىد-2 نىڭ ئىزباسارى سۇلتان سېلىم-1 بىر يېڭى پەرمان چىقىرىپ، ئوسمانلى زېمىنىدا بىرەر كىتاب ياكى خەت بېسىش ماشىنىسى ساقلىغان ھەر قانداق ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.  يەنى، بىر كىتاب ساقلىغان كىشىگە بېرىلىدىغان جازا باسقۇنچىلىق قىلغان، قاتىللىق قىلغان، ۋە يوللاردا ئادەم بۇلىغان كىشىلەرگە بېرىلىدىغان جازا بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئۆلۈم جازاسىدۇر.  شۇنداق قىلىپ ئوسمانلى زېمىنلىرىدا كىتاب بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىشلار پۈتۈنلەي چەكلەندى.  ئۇنداق ئىشلارنى قىلىپ قويغان ئادەمگە بېرىلىدىغان جازا ئۆلۈم جازاسى بولدى.


1492-يىلى كاتولىكلەر ناسرىد سۇلالىسىنىڭ گرانادا خەلىپلىكىگە قارشى ئېلىپ بارغان 10 يىللىق ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدى.  گرانادا خەلىپلىكىنىڭ ئاستىدا ئىسپانىيەنىڭ ئاندالۇسىيە   رايونىدا ياشاۋاتقان ناھايىتى كۆپ ساندىكى يەھۇدىلار بىلەن بىر قىسىم خرىستىئانلار ئوسمانلى زېمىنىغا قېچىپ كېلىپ، ئوسمانلى زېمىنىغا يەرلەشتى.  بۇ يەھۇدىلارنىڭ قىلغان بىرىنچى ئىشى سۇلتان سېلىم-1 گە ئۆزلىرىنىڭ باسما خەت ئىشلىتىشىگە يول قويۇش توغرىسىدا مۇراجىئەتنامە سۇنۇش بولدى.  مۇراجەتنامىدە بۇ يەھۇدىلار ئۆزلىرى بۇرۇن ياشىغان يەردە باسما خەت ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنى بۇ يەردىمۇ ئىشلەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى تەلەپ قىلدى.  شۇنىڭ بىلەن سۇلتان سېلىم-1 ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى.   ئەمما ئۇلار ئىشلەپ چىقىرىدىغان باسما ماتېرىياللار پەقەت يەھۇدى تىلىدىلا بولۇشىنى، ھەمدە پەقەت يەھۇدىلار ئىچىدىلا ئىشلىتىلىشى كېرەكلىكىنى شەرت قىلدى.  شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىلار بىلەن خرىستىئانلار باسما كىتاب چىقىرىپ، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇشقىلا ئىشلەتتى.  مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ نەتىجىسىدە، ئەينى ۋاقىتتا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنلىرىدا ياشىغان ئەڭ يۇقىرى قاتلامدىكى كىشىلەر ئاساسەن يەھۇدىلار بىلەن خرىستىئانلاردىن تەركىپ تاپتى.  دوختۇر ۋە ئىنژېنېرلارمۇ يۈزدە-يۈز شۇلاردىن بولدى.  بۇنىڭدىن 500 يىل ئىلگىرى مۇسۇلمان دۇنياسىنى دوختۇرلۇق ساھەسىدە ئىبىن سىنا سورىغان ئىدى.  500 يىلدىن كېيىنكى بۇ دەۋردە بولسا، مۇسۇلمانلار پۈتۈنلەي ئوقۇشنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇپ، ئەقلىي ئەمگەك ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىنى يەھۇدىلار بىلەن خرىستىئانلارغا بوشىتىپ بەردى.


مۇسۇلمانلار زېمىنلىرىدا باسما كىتابلار چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئەرەب يېزىقىدىكى تۇنجى قېتىم بېسىلغان قۇرئان مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەر تەرىپىدىن، مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەر ئۈچۈن، ئىتالىيىنىڭ ۋېنىس (ۋەنىكە) شەھىرىدە 1537-يىلى بېسىلدى.  بۇ قۇرئاننىڭ باشقا بارلىق نۇسخىلىرى بىر ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىر نۇسخىسى 1980-يىلى ۋېنىستىكى بىر ئادەمنىڭ خۇسۇسىي كۇتۇپخانىسىدىن تېپىلدى. ئۇ قۇرئان ھازىرمۇ بار.


12-رەسىم (12-رېسڭم): 1537-يىلى ئىتالىيىنىڭ ۋېنىس شەھىرىدە بېسىلغان قۇرئاننىڭ كۆرۈنىشى.  بۇ 1-قېتىملىق بېسىلغان قۇرئان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


قۇرئان 2-قېتىمدا 1694-يىلى گېرمانىيىدە بېسىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى نۇسخىسى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.  


قۇرئان 3-قېتىم رۇسىيىدە بېسىلدى.  شۇنداق قىلىپ مۇسۇلمانلار كىتاب بېسىشتىن پۈتۈنلەي قول ئۆزۈۋېتىپ، ئۆزىگە تەۋە بولغان قۇرئاننىمۇ ئۆزى بېسىپ چىقىرالماس بولۇپ قالدى.


1520 - 1540-يىللىرى يەھۇدىلار بىلەن خرىستىئانلار ئوسمانلى زېمىنلىرىدا بىر يۈرۈش كىتاب چىقىرىش زاۋۇتلىرىنى قۇرۇپ چىقتى.  لېكىن ئۇلار باسقان كىتابلار ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ئىشلىتىۋاتقان زىيالىيلار ۋە ھۆكۈمەت تىلى ئەرەب تىلىدا بولماستىن، پەقەت يەھۇدى بىلەن خرىستىئانلارنىڭ يەرلىك تىلىدا چىقىرىلدى.  بۇ كىتابلارنى ئاشۇلار ئۆزلىرىنىڭ مائارىپى، ئىلىم-پەن ۋە باشقا تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن قوللاندى.  شۇڭلاشقا بۇ چاغقىچە كىتاب بېسىش بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھېچ قانداق ئالاقىسى بولمىدى.


1720-يىلىغا كەلگەندە، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك مىنىستىر بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىبراھىم مۈتەففەرىكا شۇ چاغدىكى باش مۇپتىغا بىر كىتاپ يازدى.  ئۇ چاغدا كىتاب بېسىش چەكلەنگەن بولغاچقا، ئۇ بۇ كىتابنى ئۆز قولى بىئەن يېزىپ چىقتى.  ئىبراھىم ئەسلىدە ياۋروپادا ياشىغان ۋىنگىرىيىلىك خرىستىئان بولۇپ، ئۇ كېيىن مۇسۇلمان بولغان ئىدى.  ئۇ بۇ كىتابتا ھازىر ياۋروپالىقلارنىڭ ناھايىتى تەرەققىي قىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئەگەر كىتاب بېسىش قاتارلىق ئىشلارنى داۋاملىق يولغا قويماي كېتىۋېرىدىكەن، ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپالىقلارنىڭ كەينىدە قالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  ئۇنىڭ بۇ ئىدىيىسىنى باشقا بىر قىسىم ئۆلىما ۋە ئىماملارمۇ قوللىدى.  ئەمەلىيەتتە بۇ چاغدا ياۋروپا تەرەققىياتتا ئاللىقاچان ئوسمانلىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ چاغدىكى ئوسمانلى سۇلتانى سىرتتىكى بۇنداق ئەھۋالدىن بىخەۋەر بولغاچقا، ئىبراھىم كىتابنى شۇنداقراق بىر تەرىقىدە يازغان ئىدى.  ئىبراھىمنىڭ تەكلىپىگە شۇ چاغدىكى سۇلتان بىلەن باش مۇپتى ماقۇل بولۇپ، ئوسمانلى زېمىنلىرىدا كىتاب بېسىشنى يولغا قويۇشقا قوشۇلدى.  ئەمما، ئۇلار بۇ ئىشنى مۇنداق 3 شەرت ئاستىدا قىلىشقا پەرمان چىقاردى:


(1)ھېچ قانداق كىتاب ئەرەب يېزىقىدا بېسىلماسلىقى كېرەك.  ئۇ چاغدىكى زىيالىيلار ياكى ھۆكۈمەت يېزىقى ئەرەب يېزىقى ئىدى.

(2) بېسىلىدىغان كىتابلار ھەرگىزمۇ ئىسلام توغرىسىدا بولماسلىقى كېرەك.  ئىسلام تارىخىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

(3) بېسىلىدىغان  بارلىق كىتابلار ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشى بىلەن تەستىقىدىن ئۆتىشى كېرەك.  ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىسىز بىرەر كىتابنى بېسىشقىمۇ بولمايدۇ.


شۇنداق قىلىپ، 1726-يىلى، يەنى گۇتېنبېرگ باسما خەتنى ئىجات قىلىپ ساق 300 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنىڭ كىتاب بېسىشىغا رۇخسەت قىلىندى.  ئەمما ئىسلامغا ئائىت كىتابلارنى بېسىش يەنىلا چەكلەنگەن بولغاچقا، مۇسۇلمانلارنىڭ روھىي ھالىتىدە ھېچ بىر ئۆزگىرىش بولمىدى.  دەمەشق ۋە قاھىرەدە باسما زاۋۇتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، يەر شارىنىڭ ئىنتايىن يىراق بۇرجەكلىرى بولغان جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى خايىتى ۋە خاۋايىلاردا باسما زاۋۇتلىرى ئاللىقاچان قۇرۇلۇپ بولغان ئىدى.  ھۆكۈمدارلارنىڭ خاتا يېتەكچىلىكىدە مۇسۇلمانلار مانا مۇشۇ دەرىجىدە زاماننىڭ كەينىدە قالدۇرۇلدى.  


مۇسۇلمانلارغا قويۇلغان كىتاب بېسىشتىكى چەكلىمە 1798-يىلىغا كەلگەندە ئاران بىكار قىلىندى.  ئېچىنىشلىق بولغىنى شۇكى، بۇ ئىشنىمۇ مۇسۇلمانلار قىلمىدى.  تۇنجى قېتىملىق باشقا زېمىننى ئاكتىپ ھالدا مۇستەملىكە قىلىۋېلىش ۋەقەسى ئاشۇ 1798-يىلى يۈز بەردى.  بۇ ۋاقىتتا فرانسىيىلىك ناپولېئون (Napoleon Bonaparte، 1769 - 1821) ھېچ قانداق سەۋەب يوقلا مىسىرغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى بىر-ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئاسانلا بېسىۋالدى.  ئۇ چاغدا ناپولېئوننىڭ ئەسكەرلىرى زامانىۋى قۇراللار بىلەن قوراللانغان بولۇپ، ئۇلار مىسىرغا بېسىپ كىرگەندە، مىسىرنى قوغداپ تۇرۇۋاتقانلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىلى 700 يىل بولغان ماملۇك سۇلالىسىنىڭ ئەسكەرلىرى ئىدى.  بۇ ماملۇك ئەسكەرلىرى ناپولېئوننىڭ زامانىۋى قورالى بار ئەسكەرلىرى بىلەن ئاتنىڭ ئۈستىدە ئوقيا بىلەن ئۇرۇشتى.  شۇڭا ئۇلار ئاسانلا يېڭىلدى.


بۇ چاغدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنىڭ بىرى، ناپولېئون مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەندە، پاراخوتقا باسما زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنىمۇ بېسىپ ئۆزى بىلەن بىللە ئەكەلدى.  ھەمدە مىسىرنى بېسىپ تۇرغان بىر قانچە يىل ئىچىدە مىسىردا باسما زاۋۇتلىرىدىن بىر قانچىنى قۇردى.  ئەمما، ناپولېئونمۇ باشقا بارلىق تاجاۋۇزچىلارغا ئوخشاش، مەسىلەن ئافغانىستاندىكى رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرى ۋە ئىراقتىكى ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىرى قاتارلىقلار، يەرلىك خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمەي، مىسىرنى بىر قانچە يىل بېسىپ تۇرغاندىن كېيىن، ئۇ يەردىن چېكىنىپ، ئۆز مەملىكىتىگە قايتىپ كەتتى.  بىراق، قايتىپ كېتىشتە ھېلىقى باسما زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى مىسىرغا تاشلاپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار باسما زاۋۇتىغا ئىگە بولۇپ قالدى.


ئۇ چاغدا ئوسمانلىنىڭ مىسىردىكى ھۆكۈمرانلىقى ئۇنچىۋالا كۈچلۈك بولمىغاچقا، ناپولېئون چېكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، مىسىر ئىسلام تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم ئەركىن كىتاب بېسىشنى يولغا قويغان مۇسۇلمان زېمىنى بولۇپ قالدى.  مىسىر نېمىشقا باشقا مۇسۇلمان زېمىنلىرىدىن بەكراق تەرەققىي قىلدى، بىلەمسىز؟  بۇ ئاشۇ باسما زاۋۇتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.  ئاشۇ باسما زاۋۇتى ئۇلارنى تېز تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلىدى.  مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق باسما زاۋۇتىمۇ 1870-يىلى مىسىردا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى «بۇلاق باسما زاۋۇتى» ئىدى.  ھازىرغا قەدەر بېسىلغان ئىسلامغا ئائىت ئەڭ سۈپەتلىك كىتابلار ئاشۇ بۇلاق باسما زاۋۇتىدا بېسىلغان.  ئۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب، بۇ زاۋۇتنىڭ ئىگىلىرى كارخانىچىلار بولماستىن، ئۇلار زىيالىيلاردىن تەركىپ تاپقان.  شۇڭلاشقا ئۇلار چىقارغان كىتابلار زىيالىيلارغا ماس كېلىدىغان سۈپەت بىلەن ئىنتايىن ياخشى ئىشلەنگەن.  


ئاشۇ مەزگىلدىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ قول ئاستىدىكى تۈرك گېنېراللارنىڭ بىرى بولغان مەخمەت ئالى پاشا (1769 - 1849) ئوسمانلىنىڭ تەستىقى بىلەن مىسىرغا ۋالى بولدى.  ئۇ مىسىردا ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، مىسىرنى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدۇردى.  شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭغا «ھازىرقى مىسىرنىڭ قۇرغۇچىسى» دەپ قارايدۇ.  ئۇ قۇرغان ئىمپېرىيە مىسىر بىلەن سۇداننى تاكى 1952-يىلىدىكى مۇھەممەت ناگۇيىب يېتەكلىگەن مىسىر ئىنقىلابىغىچە سورىدى.


1840-1860-يىللىرى، گەرچە يەر شارىنىڭ يىراق بۇرجەكلىرىدىكى خايىتى ۋە خاۋايى دېگەندەك يەرلەردىمۇ كىتاب بېسىش ئومۇملىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا بۇنداق زاۋۇتلار پەقەت قاخىرا ۋە باغدات قاتارلىق بىر قانچە چوڭ شەھەردىلا بارلىققا كېلەلىدى.  بۇنىڭدىن 40-50 يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن 1-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى.  ئۇ چاغدا نېمە ئىشلار يۈز بەرگەنلىكىنى مەن ئالدىنقى ماقالەمدە بايان قىلىپ بولغان بولۇپ، ئۇلارنى بۇ يەردە قايتا تەكرارلىمايمەن.  


دېمەك، مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللىنىشى بىلەن ئاجىزلىشىشى قەغەز بىلەن باسما خەت تېخنىكىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.  مۇسۇلمانلار قەغەز تېخنىكىسىنى يۈكسەلدۈرۈش بىلەن گۈللەندى.  كىتاب بېسىشنى چەكلەش بىلەن ئاجىزلاشتى.


13-رەسىم (13-resim): مۇھەممەت ئالى پاشانىڭ 1840-يىلىدىكى رەسىمى

14-رەسىم (14-resim): ئىسپانىيەنىڭ گرانادا رايونىدىكى مۇسۇلمانلار ياسىغان بىر باغچا



7. مۇسۇلمانلار ئىشىكى نېمە ئۈچۈن تاقالدى؟


بىز مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخىنى ئەسلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، نېمە ئۈچۈن 800-يىللىرى پۈتۈن دۇنياغا قەغەزنى كېڭەيتكەن مۇسۇلمانلار 700 يىلدىن كىتاب بېسىشنى چەكلەيدۇ، دەپ سورىماي تۇرالمايمىز.  بۇنىڭ بىر كىچىك ئىقتىسادىي سەۋەبى بار.  ئۇ بولسىمۇ ئەگەر كىتابلار ئومۇملىشىپ كەتسە، سېكرىتارلىق قىلىدىغان ۋە خەت-چەك يېزىشنى كەسىپ قىلىۋالغان كىشىلەرنىڭ ئىشسىز قېلىشىدىن ئىبارەت. ئۇ چاغدا مۇسۇلمانلار ھەممە نەرسىنى قول بىلەن يازىدىغان بولغاچقا، خەت-چەك يېزىشنى كەسىپ قىلىۋالغانلارنىڭ سانى خېلى كۆپ ئىدى.  شۇڭلاشقا بۇ كەسىپتىكى كىشىلەر كىتاب بېسىشقا قاتتىق قارشى تۇردى.  لېكىن بۇ بەزى بىر يازغۇچىلار كۆپتۈرىۋەتكەندەك مۇھىم سەۋەب ئەمەس.


يەنە بىر سەۋەب، ئەرەب يېزىقى ئىنگلىزچىدىن كۆپ مۇرەككەپ بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئەرەبچە كىتابلارنى باسماقچى بولسا، كىچىك 8-بۇرجەكلىك ھەرىپ ياغىچىدىن 700 دانىسى زۆرۈر بولاتتى.  بۇنداق قىلىش ئاسان ئەمەس، ئەمما پۈتۈنلەي مۇمكىنسىزمۇ ئەمەس.  ئەگەر مۇسۇلمانلار چوقۇم كىتاب باسماقچى بولغان بولسا، بۇنداق تېخنىكىنىمۇ ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلىگەن بولاتتى.  شۇڭلاشقا بۇمۇ ئاساسلىق سەۋەب ئەمەس.  ئەمەلىيەتتە 1840-يىلى مۇسۇلمانلار ئەرەبچە كىتابلارنى بېسىپ چىقىرىدىغان تېخنىكىنى ھەقىقەتەنمۇ ئىشقا ئاشۇردى.  


ھەقىقىي سەۋەب، ياكى 1-سەۋەب بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ «كىتاب بېسىش تېخنىكىسىنى مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەر ئىجات قىلغان، ئۇنى كاپىرلار ئىجات قىلغان، شۇڭلاشقا ئۇ ھارام» دەپ قارىغانلىقىدۇر. 1550-يىللىرىدىن بۇرۇن مۇسۇلمانلار تەرەققىياتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەچكە، 1550-يىللىرىدىن كېيىن ئۇلار ھەم ئۆزلىرىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىغان بولۇپ قالدى،  ھەم ئىنتايىن ھاكاۋۇرلىشىپ كەتتى.  ئۇلار سىرتتىن كىرگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە «بۇنى بىز ئىجات قىلمىغان، شۇڭا ئۇنىڭدا چوقۇم مەسىلە بار» دەپ قارايدىغان بولىۋالدى.  مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئىنتايىن زور دەرىجىدە قانائەت ھېس قىلىپ، سىرتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆزگە ئىلمىدى، ھەمدە ئۇلارغا نىسبەتەن ئىشىكنى تاقىۋالدى.


ئىككىنچى سەۋەب زىيالىي سەۋەب بولۇپ، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى مۇنداق:  ئۆلىمالار ۋە ئىسلام زىيالىيلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئورۇنلىرىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى.  يەنى، كىتابلار كۆپلەپ بېسىلىدىكەن، ئۆلىمالار بىلەن زىيالىيلار ئوقۇيدىغان كىتابلارنى ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ ئوقۇيالايدىغان بولۇپ كېتىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ھازىر پەقەت ئۆلىمالار بىلەن زىيالىيلارلا بىلىدىغان ئىشلارنى ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ بىلىدىغان بولۇپ كېتىدۇ.   نەتىجىدە بۇ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئابرويى كۆپ كىشىلەرگە تارقىلىپ كېتىدۇ.  شۇڭلاشقا مۇشۇنداق ھوقۇق-تالىشىش كۈرىشى مەلۇم دەرىجىدە يۈز بەردى. يۇقىرى قاتلامدىكىلەر بىلىمنى ئومۇملاشتۇرماسلىق ۋاستىسىگە تايىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ نوپۇزلۇق ئورنىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى.  


مۇشۇ يەردە ئوقۇرمەنلەر بىر ئاز ئويلىنىپ باقسا بولىدۇ.  ھازىر دوختۇرلار ئوقۇيدىغان كىتابلارنى  باشقىلارمۇ ئوقۇيالايدۇ.  ئەمما باشقىلار ھەقىقىي دوختۇر بولالمايدۇ.  ئالىملار ئوقۇيدىغان كىتابلارنى باشقا ھەممە كىشىلەرمۇ ئوقۇيالايدۇ.  ئەمما ئۇ ھەممە كىشىنىڭ رەسمىي تەربىيە كۆرگەن ئالىملاردەك ئالىم بولۇپ كېتەلىشى ئاسان ئەمەس.  ئەگەر سىز 2-3 دوختۇرلارنىڭ ئالدىغا بارسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قايسىسى ياخشى، قايسىسى ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى ئاسانلا بىلىۋالالايسىز.  دوختۇر ئەمەس تۇرۇپ دوختۇر قىياپىتىگە كىرىۋالغان كىشىلەرنىمۇ ئانچە قىينالمايلا بىلىۋالالايسىز.  ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمى تۆۋەندىكىلەر ئۈچۈن ئىشىكنى پۈتۈنلەي ئېتىۋېتىپ، بىلىملەرنى تۆۋەندىكىلەردىن پۈتۈنلەي يوشۇردى.


بەزى زىيالىيلار مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللىنىشى بىلەن ئاجىزلىشىشى، شۇنداقلا ياۋروپالىقلارنىڭ قاراڭغۇ دەۋرى بىلەن كېيىنكى گۈللىنىشىنى ئىككى دانە ئايرىم-ئايرىم ئەگرى سىزىق شەكلىدە ۋاقىتنىڭ فۇنكىسىيەسى قىلىپ سىزىپ باققان بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭغا قارىسىڭىز، مۇسۇلمانلارنىڭ سىزىقى دەسلىۋىدە يۇقىرىغا مېڭىپ، كېيىن تۆۋەنگە قاراپ ماڭىدۇ.  ياۋروپاغا ۋەكىللىك قىلىدىغان سىزىق بولسا دەسلىۋىدە بىر تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرۇپ، كېيىن يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ.  ھەمدە بۇ ئىككى سىزىق 1550-يىلىغا كەلگەندە بىر-بىرى بىلەن كېسىشىدۇ.  مانا بۇ ئەھۋال نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ 1550-يىللىرىدىن كېيىن تۆۋەنگە قاراپ ماڭغانلىقىنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.


8. ئاخىرقى سۆز


قېرىنداشلارنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، مەن ياپونىيەدە ياشاپ باقتىم.  غەربتە ياشاشنى باشلىغىلىمۇ ھازىر 25 يىلدىن ئاشتى.  بۇ جەرياندا نۇرغۇن مىللەت كىشىلىرى، ھەر خىل دىنلارنىڭ كىشىلىرى بىلەن ئۇچراشتىم.  ئافغانلىق، ئىرانلىق، ئىراقلىق ۋە ئەرەب مۇسۇلمان كىشىلىرى بىلەنمۇ ئۇچراشتىم.  مەن بۇرۇن 7 يىل ياشىغان بىر رايوندا، ماشىنا رېمونت قىلىدىغان رېمونتخانىلاردا ئافغانلار كۆپرەك ئىدى.  ماشىنا سېتىش شىركەتلىرىدىمۇ ئۇلار ئاز ئەمەس ئىدى.  ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان بىر نەرسە، بىز «مەمەت» نىڭ قېشىغا بارساق، «ھەرگىز سەمەتنىڭ قېشىغا بارما.  ئۇ دېگەن يالغانچى ھەم قويمىچى»، دەيتى.  «سەمەت» نىڭ قېشىغا بارساق «ھەرگىز مەمەتنىڭ قېشىغا بارما. ئۇ دېگەن يالغانچى ھەم قويمىچى»، دەيتى.  باشقا ھەر خىل مۇلازىمەت ئىشلىرىدىمۇ مۇسۇلماندىن بولغان كىشىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىش بېجىرىپ، ئۇلارنى خرىستىئانغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاق تەنلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئاشۇ بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ ساپاسى ئاق تەنلىكلەرنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، بۇ بىر قىسىم مۇسۇلمانلار يالغانچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتۇق.  شۇنىڭ بىلەن بىرەر ئىشقا دۇچ كەلگەندە ئىمكان بار ئاق تەنلىكلەرنى ئىزدەيدىغان بولدۇق.  بىر ئىش ئۈچۈن ئافغانلارنىڭ ئالدىغا بېرىشقا مەجبۇرى بولۇپ قالغاندىمۇ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ يالغانچى ۋە قويمىچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ياخشىراقىنى تېپىشقا تىرىشىدىغان بولدۇق.  


روزى ھېيتى ۋە قۇربان ھېيتى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئوقۇش ئۈچۈن نەچچە ئۇيغۇرلار بىرلىكتە ئوخشاش بىر مەسچىتكە بارىمىز.  بەزىدە نامازدىن بۇرۇن قاتار ئولتۇرغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدىن بىر-ئىككى زاكات يىغىدىغان قەغەز ساندۇق ئۆتىدۇ.  مېنىڭ بەزىدە ھەيران قالغىنىم، بىز 3- ياكى 4-قۇردا ئولتۇرساقمۇ، ھېلىقى ساندۇق 1-قۇردىن باشلاپ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ بىزنىڭ قېشىمىزغا كەلگەندە قارىساق، ئۇ ساندۇق يەنىلا قۇرۇق تۇرغان.  پەقەت بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىلا يانچۇقىمىزدىن پۇل چىقىرىپ زاكات بېرەتتۇق.  مەن بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزەم ئارىسىدا ياشاپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ساپا جەھەتتىن يېقىنمۇ كەلمەيدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ھېس قىلدىم.


ئاشۇنداق ئىشلار بېشىمدىن كۆپ ئۆتكەن بولغاچقا، مەن ئالدىنقى بىر ماقالەمدە تەسۋىرلىگەن، ياپونىيەدە ياشاۋاتقان بىر ئەرەبنىڭ «ئەگەر ياپونلار مۇسۇلمان بولۇپ قالسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى»، دېگىنىگە ئوخشاش، مەنمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە بەك ئېچىنىپ كەلدىم.  مېنىڭ بىلىشىمچە، دىندا ئىنسانلارنىڭ ئەقىل جەھەتتە پەرقلىق يارىتىلغانلىقى ئېتىراپ قىلىنمايدۇ.  پەندىمۇ ھەم شۇنداق.  شۇنداق بولغاچقا كاللامغا داۋاملىق بىر قىسىم ناھايىتى قىيىن سوئاللار كېلىۋالاتتى:


--ياپونلار بىلەن بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق نېمىدىن كېلىپ چىققان؟

--ياشاۋاتقان جۇغراپىيىلىك مۇھىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىنمۇ؟

--يەيدىغان تاماقلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىنمۇ؟

--كىيىدىغان كىيىملىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىنمۇ؟

--ياكى باشقا ئامىللاردىنمۇ؟  ئەگەر باشقا ئامىللار بولسا، ئۇلار قايسىلار؟


يېقىندا يەھۇدىلار، ياپونلار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخى ھەققىدە بىر ئاز ئىزدىنىش ئارقىلىق، بۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپقاندەك بولدۇم.  مېنىڭ ھېس قىلغىنىم، ئادەملەر توپىدىكى بۇنداق پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ئىچىدە ئېتىقاد، ئېتىقادقا بولغان ساداقەتمەنلىك ۋە سەمىمىيلىك، ھەمدە ھەر بىر ئادەم توپىنى يېتەكلەيدىغان لىدېرلەرنىڭ تۇتقان يولى قاتارلىقلار بار ئىكەن.  مۇسۇلمانلارنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ئابباسىد خەلىپە مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىستىكى «بىر زىيالىينىڭ قەلىمىنىڭ سىياسى بىر شېھىتنىڭ قېنىدىنمۇ بەكرەك مۇقەددەس بولىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئۆزى ئۈچۈن يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان پەتىۋالارنى چىقارغان.  شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار تەرەققىي قىلىپ، مەدەنىيەتتىكى تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە تەرەققىيات دائىرىسىنىڭ پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىشى جەھەتتە ئىنسانلار تارىخىدا بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان مۆجىزىلەرنى ياراتقان.  ئۇ چاغدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان باشقا  نۇرغۇن مىللەت كىشىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بىر مۇسۇلمان بولۇپ قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆكۈنگەن بولىشى مۇمكىن.  بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بەزى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ بىر ياپونلۇقتەك بولالمىغانلىقىدىن ئۆكۈنىۋاتىدۇ.  ئالدىنقى 1600 يىل مابەينىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئۆزگەرمىدى.  زېمىنىمۇ ئاساسەن ئۆزگەرمىدى.  ئۆزگەرگىنى پەقەتلا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمدارلار.  8-ئەسىردە مۇسۇلمانلار ئەسىرگە ئالغان خەن سۇلالىسى ئەسكەرلىرىنىڭ ئىچىدە قەغەز ياسىيالايدىغان ئىككى ئەسكەر بارلىقىنى بايقىغاندا، ئۇلارنى قىرغىزىستاندىن قۇراللىق قوغداپ، پۇت-قولىنى يەرگە تەككۈزمەي شۇ چاغدىكى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ پايتەختى باغداتقا ئاپىرىپ، ئۇلاردىن قەغەز ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، بىر قانچە يىل ئىچىدىلا مۇسۇلمانلار زېمىنلىرىنىڭ ھەممە يەرلىرىگە قەغەز زاۋۇتى قۇرۇپ چىققان ئىدى.  ئۇنىڭدىن 1600 يىل كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، يەنى 2013-يىلى، گوللاندىيىدىكى «مارس بىر» دېگەن بىر تەشكىلات 2024-يىلى 4 نەپەر ئادەمنى مارسقا ئاپىرىپ يەرلەشتۈرىمىز، دېسە، بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكىدىكى بىر دىنىي تەشكىلات بىر پەتىۋا چىقىرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مارسقا بېرىشىنى چەكلىدى.  مەن ئويلايمەن، ئەگەر مۇسۇلمانلار ئاببادىس خەلىپە دەۋرىدىكىدەك تەرەققىي قىلىپ مېڭىۋەرگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە مارسقا ئادەم ئاپىرىدىغان شىركەت گوللاندىيەنىڭ بولماستىن، مۇسۇلمانلارنىڭ بولار ئىدى.  مارسقا بېرىش ئۈچۈن ياۋروپالىقلار مۇسۇلمان شىركەتلىرىگە پۇل تۆلەپ، ئۆزلىرىنى تىزىملاتقان بولاتتى.


قىسقىسى، ھازىر دۇنيادا مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇش مەۋجۇت.  ئوخشىمىغان دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار مەۋجۇت.  ئوخشىمىغان ئادەملەر توپى ئارىسىدا ھوقۇق ۋە ماددىي-مەنپەئەت تالىشىش كۈرىشى مەۋجۇت.  ئەگەر تەرەققىي قىلمىسىڭىز ئاشۇ ئۇرۇش، توقۇنۇش ۋە كۈرەشلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويىسىز.  ھەتتا ئۆزىڭىزنى ساقلاپ قالالماسلىقىڭىزمۇ مۇمكىن.  تەرەققىي قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى، ئۆز ئىمانى بىلەن ئۆز ئېتىقاتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە بىلىم ئىگىلەش.  بۇ ئىشنى مۇسۇلمانلار بۇرۇن قىلالىغان.  ھازىرمۇ قىلالايدۇ.  بۇ يەردىكى گەپ سىز ئاشۇنداق قىلىشنى خالامسىز ياكى خالىمامسىز، دېگەندىن ئىبارەت.



مۇراجىئەتنامە:


مەن ئالدىنقى ماقالىدىمۇ تىلغا ئالغاندەك، بۇ ماقالىنى پۈتۈنلەي ئىنگلىزچە مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ تەييارلىدىم. مەندە بۇ تارىخلارغا ئائىت ئۇيغۇرچە ماتېرىياللار بولمىغاچقا، ئىسىملارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا مەن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە يۇلغۇن لۇغىتىگە تاياندىم.  بەزى سۆزلەرنى چەت ئەلدىكى دوستلۇرۇمدىن سورۇدۇم.  يۇلغۇن لۇغىتىدىن تېپىلمىغان سۆزلەرنى ئۆزەم ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارىغان بويىچە ئالدىم. شۇڭلاشقا مەن تورداشلارنىڭ ياردىمىگە مۇختاج.  مېنى تەنقىت قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.  مەن ئۇنىڭغا خاپا بولمايمەن.  ئەمما، ئەڭ ياخشىسى ماڭا تەكلىب بېرىڭ.  مەن ھازىرغىچە ماڭا تەكلىب بېرىپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى تولۇق ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن.  ئەمما، بەزىلىرىگە جاۋاب بېرەلمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن - مەن بەزىدە ئۇنىڭغا يېتىشەلمەي قېلىۋاتىمەن.  بۇنى قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.  ھەمدە ماقالەمگە ئىنكاس قايتۇرغان ۋە ماڭا تەكلىب بەرگەن قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.  ئەڭ ئاخىرقى بىر گەپ، مېنىڭ ماقالەمدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئىشەنچىلىك ۋە نوپۇزلۇق مەنبەلەردىن كەلگەن.  ئەگەر سىز بىرەر مەزمۇنغا قارىتا جەڭ ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ مەنبەسىنى قايتا بىر قېتىم ئوبدان تەكشۈرۈپ بېقىڭ.  شۇنداق قىلسىڭىز ھەر ئىككىمىزگە ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولمايدۇ. رەھمەت!


بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن سورىماي، مەنبېسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولىۋېرىدۇ.  



پايدىلىنىش ماتەرىياللىرى:


[1] The Rise & Fall of the Muslim Ummah and the Printing Press - Dr. Yasir Qadhi | 4th January 2012

<http://www.youtube.com/watch?v=4dEvEFBpVjg>


[2] Islamic Golden Age

http://en.wikipedia.org/wiki/Islamic_Golden_Age


[3] Times Higher Education World University Rankings

<http://en.wikipedia.org/wiki/Times_Higher_Education_World_University_Rankings>


[4] Ink of a scholar is more holier than the blood of a martyr

<https://www.islamicity.com/articles/Articles.asp?ref=IC0707-3325>


[5] Dennis Overby, “How Islam won, and lost, the lead in science”, Islam and Science, Oct. 30, 2001.


[6] Ulugh Beg Observatory

<http://en.wikipedia.org/wiki/Ulugh_Beg_Observatory>


[7] Steve Paulson, « Does Islam Stand Against Science?», June 19, 2011

<http://chronicle.com/article/Does-Islam-Stand-Against/127924/>


[8] Yusuf Qerdawini, « Musulmanlarning 20-esirdiki meghlubiyetliri »

<http://bbs.bagdax.cn/thread-21183-1-1.html>


[9] بىلىمخۇمار: «ھازىرقى زامان مۇسۇلمان ئەللىرى قانداق شەكىللەنگەن؟»

http://bbs.bagdax.cn/thread-23219-1-1.html

http://bbs.izdinix.com/thread-57355-1-1.html

http://bbs.misranim.com/thread-119719-1-1.html



قوشۇمچە كىچىك تېما:

ھازىرقى قاتار، كۇۋەيت، يەمەن ۋە سۇداننىڭ شەكىللىنىش جەريانى


ئالدىنقى ماقالىنى تورلارغا چىقارغاندىن كېيىن، بەزى قېرىنداشلار يۇقىرىدىكى 4 ئەلنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى سوراپ ئىنكاس قالدۇرۇپتۇ.  شۇڭلاشقا مەن ئۇلارنى بۇ يەردە قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.


قاتار: 1871-يىلى ئوسمانلىغا ئۆتتى.  19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئال تانى (Al Thani) ئائىلىسىنىڭ مۇتلەق پادىشاھلىق ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇنىمۇ ئەنگلىيە بېسىۋالدى.  ئۇ 1971-يىلى ئەنگىلىيىدىن ئازات بولۇپ، مۇستەقىللىققا ئېرىشتى.


كۇۋەيت: 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كۇۋەيتمۇ ئەنگلىيىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيەنىڭ قولىدىن 1961-يىلى 19-ئىيۇن كۈنى مۇستەقىل بولۇپ قۇتۇلدى.


يەمەن: ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى يەمەننى 1538-يىلى بېسىۋالدى.  يەمەندە ئارىلىقتا نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتۈپ، ئوسمانلى ئاخىرقى قېتىم يەمەندىن 1918-يىلى چىقىپ كەتتى.  ئۇنىڭدىن كېيىن يەمەندە يەنە نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتۈپ، ئۇ ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا 1990-يىلى 22-ماي كۈنى بىرلىككە كەلدى.  ئۇمۇ 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەنگلىيىنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا تۇرۇپ باقتى.  


سۇدان:  يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، ئۇ بۇرۇن ئوسمانلىنىڭ قول ئاستىدا ئىدى.  1899-يىلى مىسىر بىلەن ئەنگلىيە بىر كېلىشىم تۈزۈپ، سۇداننى مىسىر تەيىنلىگەن ھاكىم باشقۇرىدىغان بولدى.  ئەمما، ئەمەلىيەتتە بولسا، سۇدان ئەنگلىيىنىڭ بىر مۇستەملىكىسى شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.  ھازىرقى سۇدان مىسىر بىلەن ئەنگلىيىنىڭ چاڭگىلىدىن 1956-يىلى 1-يانۋار كۈنى قۇتۇلدى.



رەسىملەرنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى:


0-رەسىم: ناسىر ئال-دىن ئال-تۇسى بىر (1201 - 1274)  

1-رەسىم: تۇنىزىيەدە 670-يىلى ياسالغان ئۇقبا مەسچىتىنىڭ تاشقىي كۆرۈنىشى

2-رەسىم: تۇنىزىيەدە 670-يىلى ياسالغان ئۇقبا مەسچىتىنىڭ ناماز ئوقۇش زالى

3-رەسىم: كوردوبا مەسچىتىنىڭ ناماز ئوقۇش زالى

4-رەسىم: كوردوبا مەسچىتىنىڭ تۈۋرۈكلىرى

5-رەسىم: ئۇلۇغ بەگ كائىناتنى كۆزىتىش پونكىتى

6-رەسىم (: 1987-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا بېسىلغان، ئۇلۇغ بەگ بىلەن ئۇنىڭ تېلېسكوپىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بىر پارچە پوچتا ماركىسى

7-رەسىم: فارابىنىڭ سىزىلغان رەسىمى.

8-رەسىم  : ئەڭ دەسلىۋىدە تۆگە تېرىسىگە يېزىلغان بىر پارچە قۇرئاننىڭ رەسىمى.

9-رەسىم: بىر دانە پاپىرۇس ئۆسۈملىكىنىڭ كۆرىنىشى.

10-رەسىم: 1370-يىلى ئىراندا تەييارلانغان قۇرئاننىڭ كۆرىنىشى

11-رەسىم: باسما خەتنى كەشىپ قىلغان گېرمانىيىلىك جوخاننېس گۇتېنبېرگ.

12-رەسىم: 1537-يىلى ئىتالىيىنىڭ ۋېنىس شەھىرىدە بېسىلغان قۇرئاننىڭ كۆرۈنىشى.  بۇ 1-قېتىملىق بېسىلغان قۇرئان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

13-رەسىم: مۇھەممەت ئالى پاشانىڭ 1840-يىلىدىكى رەسىمى

14-رەسىم: ئىسپانىيەنىڭ گرانادا رايونىدىكى مۇسۇلمانلار ياسىغان بىر باغچا