دىن ۋە زامانىۋىلىق


ئەركىن سىدىق

2014-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى


مەن ئۆزەمنىڭ ئالدىنقى بىر قانچە پارچە ماقالىلىرىدا ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم.  ھەمدە دېھقان بىلەن موللىلارغا پەن ئۆگىنىشنى، ئوقۇغانلارغا بولسا ئىسلام دىنىنى ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلدىم.  ھازىر 20 ياشلار ئەتىراپىدىكى دىندىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز بىر ياش ئىسلام دىنى ھەققىدە ئازراق ئىزدىنىپ  باقماقچى بولىدىكەن، ئۇ كەم دېگەندىمۇ مۇنداق 2 مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ:   ئۇنىڭ بىرى، ئۇ موللىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلاردىن دىن ھەققىدە بىر ئاز ئومۇمىي چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولغىنىدا،  ئۇ ھېلىقى موللامدىن ئاڭلىغانلىرىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.  يەنى، موللىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىسلام دىنى توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەنلىرى ئۇ ياشقا ھازىرقى زامان بىلەن ئاساسەن مۇناسىۋەتسىزدەك تويۇلۇپ، ئۇ ياشنىڭ قىزغىنلىقى بىراقلا سۆۋۇپ كېتىشى مۇمكىن.  ئۇنىڭ يەنە بىرى بولسا، ئۇ ئىشنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي قېلىشى مۇمكىن.  


كۆپۈنچە كىشىلەر دىنىمىز ھەققىدە ئىزدىنىشنى قۇرئاننى قولىغا ئېلىپ، بىر باشتىن ئوقۇشتىن باشلايدۇ.  ئەمما، ئۇنداق قىلغاندا، قۇرئاندىكى جۈملىلەر بىر-بىرى بىلەن باغلاشمىغاندەك، ۋە مەزمۇنلارمۇ ئۆز-ئارا تۇتاشمىغاندەك تۇيۇلۇپ، ئىسلام دىنىنى ئۆگىنىش ئۆزى بۇرۇن ئويلىغان يەردىن چىقماي قېلىشى مۇمكىن.  مەن ياشلارنىڭ 2-مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، بۇرۇنقى بىر ۋاقىتلاردا ئۆزلىگىدىن دىننى ئۆگىنىشنى باشلىغان، ھەمدە نۇرغۇن ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ، ئاندىن ئۇنى ئۆگىنىشنىڭ بىر ياخشى ئۇسۇلىنى بايقىغان بىر قانچە تونۇشلۇرۇمغا ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يېزىپ چىقىپ، ئۇنى ماڭا بېرىشىنى ھاۋالە قىلدىم.  ئەگەر ئۇلاردىن بىرەرسى ماڭا ئاشۇنداق يازمىدىن بىرنى تەييارلاپ بېرىپ قالسا، مەن ئۇنى كېيىنكى ماقالىنىڭ ئاخىرىغا «قوشۇمچە كىچىك تېما» تەرىقىسىدە كىرگۈزۈپ قويىمەن.  مەن ئىسلام دىنىنى مەكتەپسىز ۋە ئۇستازسىز ئۆگىنىپ، مەلۇم دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيات قازانغان قېرىنداشلاردىن ئۆز تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى مۇشۇ ماقالىنىڭ كەينىگە ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ بېرىشىنى سورايمەن.  ياكى بولمىسا سىز ئۇنى ئايرىم بىر تېما قىلىپ يېزىپ چىقسىڭىزمۇ بولىدۇ.  مېنىڭچە بۇ بىلىدىغانلار بىلمەيدىغانلارغا ئۆگىتىشنىڭ، شۇ ئارقىلىق بىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىشنىڭ بىر ياخشى ئۇسۇلى.  شۇنداقلا ياشلىرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان بىر مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىشنىڭ بىر ئۈنۈملۈك تەدبىرى.  ئۆزىنىڭ يولىنى تاپالمايۋاتقان بىرسىگە، «ماڭ، ماڭ» دەۋەرسەك، ئۇنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ.  ئۇ ھەم ئادالەتسىزلىك بولىدۇ.  ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا قانداق ۋە نەگە مېڭىشنىمۇ دەپ بېرىش كېرەك.  مۇشۇنداق قىلساق، دىنىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، بىز بىر ساۋابلىق ئىش قىلغان بولىمىز.


مەن مەزكۇر ماقالىدا يۇقىرىدىكى 1-مەسىلە ئۈستىدە توختۇلىمەن.  ئىسلام دىنىدا ئۆزگەرسە بولمايدىغان نەرسىلەر بار.  مەسىلەن، ئاساسىي پىرىنسىپلار ۋە ئىسلام قانۇنلىرى.  شۇنداقلا ئۆزگەرتىپ، ھازىرقى زامانغا ماسلاشتۇرمىسا بولمايدىغان نەرسىلەرمۇ بار.  مەسىلەن، مەسچىتلەردە زامانىۋى ئېلېكترونلۇق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ كىيىنىشى قاتارلىقلار.  ئەگەر ئاللاھ دىننىڭ بەزى تەرەپلىرىنىڭ ئازراق ئۆزگەرتىلىشىگە يول قويمىغان بولسا، ئىسلام دىنى ۋۇجۇتقا كەلگەندىن كېيىن ئۇنچىۋالا تېز تارقىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ سانى تارىختىكىدەك شىددەت بىلەن كۆپەيمىگەن بولاتتى.  


ھازىر قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى مۇنداق بىر پاكىتنى ئوبدان بىلىدۇ:  ئومۇمىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ھازىر ئوقۇغانلار ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر دىنغا ئانچە قىزىقمايدۇ، ياكى ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس.  ئېتىقادى ناھايىتى كۈچلۈك، دىنغا بەك كىرىشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى بولسا ئوقۇشقا ئانچە قىزىقمايدۇ، ياكى ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى دېگەندەك چۈشىنىپ كەتمەيدۇ.  مەن ئۆزەمنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ماقالىسىنىڭ 2-خىلدىكى ياشلارغا بىر ئاز ياردىمى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  نۆۋەتتە ئۇيغۇر زىيالىلىيلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىر ۋەزىپە، مۇشۇ 2 خىل كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭنى تىندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى بىر-بىرسىنىڭكىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى مىللەتنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تىرىشىدىغان بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش.  مەن مەزكۇر ماقالىنىڭ ئۆزەم ئاشۇ يولدا ئالغان بىر قەدەم بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


مەن ماقالىنىڭ ھەجمىنى بەك چوڭ قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، ئۆزەمنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق «مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىللار» دېگەن ماقالىسىدا دوكتۇر ياسىر قازىنىڭ «مۇسۇلمان ئۈممەتلىرىنىڭ گۈللىنىشى بىلەن چېكىنىشى ۋە باسما خەت» دېگەن تېمىدىكى ئىنگلىزچە لېكسىيىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىنى كىرگۈزمىگەن ئىدىم [1].  مەن ئۇ قىسمىنى مەزكۇر ماقالىدا بايان قىلىمەن.  ياسىر قازى لېكسىيىسىنىڭ بۇ قىسمىدا ئىسلام دىنى ۋۇجۇتقا كەلگەن دەسلەپكى 50 يىل ئىچىدە ئۇنىڭ باشقا زىمىنغا قانداق تارقالغانلىقىنى كۆپ يەردە تىلغا ئالىدۇ.  مەن ئۇلارنى بۇ ماقالىگە شۇ پېتىلا كىرگۈزسەم، نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر نېمە ئىش بولىۋاتقانقالىقىنى ئاڭقىرىيالماي قېلىشى  مۇمكىن.  شۇڭلاشقا مەن ئالدى بىلەن قۇرئان ئۈستىدە ئازراق توختۇلۇپ، ئاندىن ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى 50 يىل ئىچىدىكى گۈللىنىش ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.  ئۇنىڭدىن كېيىن ياسىر قازىنىڭ يۇقىرىقى لېكسىيىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىنى بايان قىلىمەن.  ئەڭ ئاخىرىدا 2013-يىلى ئەنگلىيىنىڭ بىر مۇسۇلمانلار تېلېۋىزور قانىلى ياسىر قازى بىلەن ئۆتكۈزۈگەن تېلېۋىزور سۆھبىتىنىڭ  ئىسلام دىنىنى زامانىۋىلىق بىلەن قانداق ماسلاشتۇرۇش ھەققىدىكى مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن.  



1. قۇرئان ھەققىدە


مەن بۇ بۆلۈمنى ئىسلامدىن ئانچە بەك خەۋىرى يوق ياشلار ئۈچۈن قوشۇپ قويدۇم.


ياسىر قازىنىڭ دېيىشىچە، ئەرەبچە قۇرئاننىڭ تىلى سۈپەت جەھەتتىن ئەرەب تىلىغا ئۆلچەم بولالايدىكەن.  يەنى، ھازىرغىچە يېزىلغان ئەرەب تىلىدىكى ئەدىبىي ئەسەرلەر ئىچىدە ئىشلىتىلگەن تىلنىڭ سۈپىتى جەھەتتىن قۇرئاننىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ئەسەر يوق ئىكەن.  مېنىڭ ھازىرغىچە چۈشىنىشىمچە، ھەممە دىننىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنىڭ تىلى ناھايىتى مۇرەككەپ بولىدۇ.  قۇرئانمۇ ھەم شۇنداق.  ئېھتىمال ئاللاھ ئىنسانلاردىن ئۆزى ئاتا قىلغان ئەقىلنى ئىشقا سېلىپ، قۇرئانغا يوشۇرۇنغان تېلىمات، ئىدىيە ۋە موجىزىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرىنىڭ بايقاپ چىقىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان بولىشى مۇمكىن.  


ئاللاھ قۇرئاننى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا 609-يىلى 22-دىكابىر كۈنى چۈشۈرۈشكە باشلىغان.  بۇ چاغدا مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام 40 ياشقا كىرگەن ئىدى.  بۇ جەريان 632-يىلى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا ئاخىرلاشتى.  يەنى، ئاللاھنىڭ قۇرئاننى تولۇق چۈشۈرۈپ بولىشى ئۈچۈن جەمى 23 يىل ۋاقىت كەتتى.  


1-رەسىم: پەيغەنبىرىمىز ئىسمىنىڭ ھۆسنە خەت بىلەن يېزىلىشى [2].

2-رەسىم: ئاللاھدىن مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا 1-ئايەت چۈشكەن جاي - مەككىدىكى جابال ئال-نۇر (Jabal al-nour) تېغىنىڭ ھىرا ئۆڭكۈرى.

3-رەسىم: مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ 1-ئايەتنى پېرىشتە جىببرىل (Gabriel) دىن قوبۇل قىلىۋاتقان كۆرۈنىش.  بۇ رەسىم راشىد ئال-دىن خامادانى (Rashid-al-din hamadani) نىڭ 1307-يىلىدىكى «جامىئال-تاۋارىق» (Jamial-tawarikh) ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىنغان.  


قۇرئاندىكى مەزمۇنلار بەزىدە شۇ زاماندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قارىتا چۈشۈرۈلگەن.  بەزىدە مۇسۇلمانلار ۋە مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەر مۇھەممەت پەيغەمبەرگە مەسىلە ۋە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ بەرگەندە، پەيغەمبەرگە ياردەم قىلىش يۈزىسىدىن چۈشۈرۈلگەن.  قالغان ۋاقىتلاردا بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تۇرمۇشلىرىنى ئىدارە قىلىدىغان قانۇن ۋە تۈزۈملەرنى تۇرغۇزۇش يۈزىسىدىن چۈشۈرۈلگەن.  دىنى زىيالىيلارنىڭ پىكىرىگە ئاساسلانغاندا، تۇنجى قېتىم چۈشۈرۈلگەن سۈرە قۇرئاندىكى 96- سۈرە، ئەلەقتىن ئىبارەتتۇر [3].  تۆۋەندىكى 4-رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى سۈرىلەرنىڭ چۈشۈش تەرتىۋى  بىلەن قۇرئاندىكى تەرتىپنىڭ مۇناسىۋىتى، ھەمدە ھەر بىر سۈرىدىكى ئايەتلەرنىڭ سانى دىن ئىبارەت [4].  


4-رەسىم: سۈرىلەرنىڭ چۈشۈش تەرتىۋى بىلەن قۇرئاندىكى تەرتىۋىنىڭ مۇناسىۋىتى، ھەمدە ھەر بىر سۈرىدىكى ئايەتلەرنىڭ سانى.  مەسىلەن، تۇنجى قېتىم چۈشكىنى قۇرئاندىكى 96-سۈرە، ئۇنىڭدىن كېيىن چۈشكىنى قۇرئاندىكى 68-سۈرىدۇر.  


مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەمرالىرى يېزىپ قويۇلغان ۋە يادلىنىۋېلىنغان سۈرە ۋە ئايەتلەرنى يىغىپ، ھازىرقى قۇرئاننى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى [5].  ئاللاھ قۇرئاننى ئىنسانلارنى بىر پىشقان، راۋۇرۇس ئادەم قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقىش ئۈچۈن چۈشۈردى.  پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ جامائىتىنىڭ شۇ چاغدىكى ۋەزىپىسى، ئىنسانلار ئۈچۈن بىر ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ ئىلغار ۋە دىنامىك ئۆرنەك تىكلەپ بېرىپ، كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئۇستاز ۋە يېتەكچى بولۇپ بېرەلەيدىغان سەۋىيىگە يەتكىچە تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت بولدى.  قۇرئان ئۈچۈن يۈكلەنگەن ۋەزىپە ئىنسانلارنىڭ بىر ياكى ئىككى يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتىش بولماستىن، ھەممە نەرسىلەرنى يېڭىۋاشتىن ئۆزگەرتىش بولدى.  يەنى، ئىنسانلارنىڭ قانداق ياشىشى ۋە ئۆلۈشى، توي قىلىشى، نەرسىلەرنى سېتىشى ۋە سېتىپ ئېلىشى، ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلىشى، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى توغرا چۈشىنىشى، ۋە باشقىلارنى مەزمۇن قىلدى.  كۆزلەنگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئاشۇنداق كۆپلىكىدىن، بىز نېمە ئۈچۈن قۇرئاننىڭ 23 يىل ئىچىدە نۇرغۇن بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىر ئاز چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.  


مېنىڭ بۇ يەرگە بۇلارنى كىرگۈزۈپ قويۇشتىكى مەقسىدىم، دىننى يېڭىدىن باشتىن باشلاپ ئۆگەنمەكچى بولغان ئىنى-سىڭىللارغا مۇنداق ئىككى نەرسىنى بىلدۈرۈپ قويۇش:  بىرى، ھازىرقى بېسىلغان قۇرئاندىكى سۈرە ۋە ئايەتلەرنىڭ تەرتىۋى ئۇلارنىڭ ئاللاھدىن چۈشكەن تەرتىۋى بىلەن ئوخشاش ئەمەس.  يەنە بىرى بولسا، قۇرئاندىكى خېلى كۆپ مەزمۇنلار ئەينى ۋاقىتتا مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام دۇچ كەلگەن ئەمەلىي مەسىلىلەر ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.  شۇنداق بولغاچقا، مېنىڭ بىر قىسىم تونۇشلۇرۇمنىڭ دېيىشىچە، ئالدى بىلەن مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ، ئاندىن قۇرئاننى ئاللاھتىن چۈشكەن تەرتىپ بويىچە ئوقۇسا، ئۆگىنىش ئۈنۈمى كۆپ ياخشى بولىدىكەن.   مېنىڭ تورداشلاردىن ئۆتۈنىدىغىنىم، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنڭ ھايائىتىنى تونۇشتۇرىدىغان قانداق ماتېرىياللار بار، ھەمدە ئۇلارنى نەدىن تاپقىلى بولىدۇ، دېگەن سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلسەڭلار، ئاشۇ ئۇچۇرلارنى مۇشۇ يازمىنىڭ كەينىگە ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويغان بولساڭلار. رەھمەت!



2. ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى 50 يىل ئىچىدىكى گۈللىنىشى


مەن مەزكۇر ماقالىغا «دىن ۋە زامانىۋىلىق» دېگەن تېمىنى قويدۇم.   ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنى زامانغا ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىش ھەرگىزمۇ يېڭى ئىش ئەمەس.  بۇنداق قىلىش مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام زامانىسىدىلا باشلانغان.  ئاللاھ پېرىشتە جىبرىل (Jibreel) ئارقىلىق پەيغەمبىرىمىزگە ئەڭ دەسلىۋىدە مۇنداق 5 ئايەتنى چۈشۈردى: «ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن.  ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى.  ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر.  ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى.  ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى  (96-سۈرە، 1-5-ئايەت).»  مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ تۇرغان دەسلەپكى 3 يىل ئىچىدە، ئۇ دىننى پەقەت ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ۋە تۇغقانلىرى ئىچىدىلا تارقاتتى [2].  ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھدىن ئۇنىڭغا دىننى خەلق ئارىسىدا ئاشكارا تارقىتىش توغرۇلۇق تېلىم كەلدى.  ئۇ چاغدا مەككىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى بۇدپەرەسلەر بولۇپ، ئۇلار پەيغەنبەرگە قاتتىق ئاچچىقلاندى، ھەمدە مۇسۇلمانلارغا قاتتىق زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى.  ئۇ زاماندا مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى.  شۇڭا ئۇلارنىڭ سانى ئۆزلۈكسىز كۆپەيدى.  بۇدپەرەسلەرنىڭ زىيانكەشلىكى بىر چىدىغۇسىز دەرىجىگە بېرىپ يەتكەندە، بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئابىسىنىيە (Abysinnia) گە كۆچۈپ بېرىپ، شۇ يەردىكى بىر خرىستىئان پادىشاھنىڭ پانالىقىغا ئېرىشتى.  بۇ پادىشاھ خاندانلىقىمۇ كېيىنچە ئىسلام دىنىغا كىردى.


مەككىدىكى مۇسۇلمانلار چىدىغۇسىز دەرىجىدىكى زۇلۇمغا دۇچ كەلگەندىن كېيىن، پەيغەنبەر ئۇلارنى مەدىنىگە كۆچۈپ كېتىشكە بۇيرىدى.  ھەمدە مەدىنىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپۈنچىسىمۇ مۇسۇلمان بولدى.  مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام پەيغەنبەر بولۇپ 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 622-يىلى، ئۆزىمۇ مەدىنىگە كۆچۈپ كەلدى.  بۇ ۋەقە «ھىجرا» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئىسلام كالەندارى ياكى «ھىجرى كالېندارى» ئەنە شۇ 622-يىلىدىن باشلانغان.  


مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ، مەدىنىدە بىر مۇسۇلمان دۆلىتى قۇردى. ھەمدە مۇسۇلمانلارغا دىنى پائالىيەتلەرگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىش ئەركىنلىكىنى بەردى.  مەككىدىكى دىنسىزلار بۇنى ياقتۇرماي، ئىسلامنى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن مەدىنىگە قايتا-قايتا ھۇجۇم قىلدى.  لېكىن ھەر قېتىم مۇسۇلمانلار ئۇتۈپ چىقتى.  ئەڭ ئاخىرىدا مەككىدىكى دىنسىزلار بىلەن مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلار بىر تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈپ چىقتى. گەرچە بۇ كېلىشىم دىنسىزلارغا بەكراق پايدىلىق بولسىمۇ، دىنسىزلار كېلىشىمنى بىكار قىلىپ، باشقا دىنسىزلارغا ياردەملىشىپ، مۇسۇلمان زىمىنىغا ھۇجۇم قىلدى.  بۇ چاغدا مۇسۇلمانلار ناھايىتى كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ، ناھايىتى مەخپىي تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ئەگەشكۈچىلىرىنى باشلاپ، مەككىگە ھۇجۇم قىلدى، ھەمدە مەككىدىن ئايرىلغىلى 8 يىل تولغان ۋاقىتتا، مەككىنى قولغا ئېلىپ، پۈتۈن بۇتلارنى چېقىپ، كەبىنىڭ ئىچىنى بۇدسىزلاندۇردى.  گەرچە مەككىلىكلەر مۇسۇلمانلارغا شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت زۇلۇم سالغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار مەككىلىكلەرنى ئاسانلا تەلتۈكۈس يوقىتىۋېتەلەيدىغان بولسىمۇ، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام تىنچلىقپەرۋەر ۋە مېھرىبان بولغاچقا، قول ئاستىدىكىلەرگە مەككىلىكلەرنى ئۆتلۈرمەسلىكنى، پەقەت ئۇلار مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلغاندىلا ئۇلارغا قايتۇرما زەربە بېرىشنى بۇيرىدى.  مەككىلىكلەرگە بولسا قوراللىرىنى تاشلاپ، ئويلىرىنىڭ ئىچىدە جىم تۇرغانلارغا ھېچ قانداق زەيىم-زەخمەت يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.  شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار مەككىگە ھېچ قانداق قارشىلىق يوق ھالەتتە ئۇرۇشسىز كىردى.  مەككىگە كىرگەندىن كېيىن، مۇخەممەت ئەلەيھىسسالام مەككىلىكلەرنىڭ ئۆز زىمىنىدا تۇرۇرىۋېرىشى ياكى باشقا جايلارغا كېتىشىنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىغا قويدى.  شۇ كۈنى مەككىلىكلەر ئىنتايىن تەسىرلىنىپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولدى.


ئۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام مەدىنەگە قايتىپ كەتتى.  ئۇ مەدىنىدە تۇرغان ۋاقتىدا، ناھايىتى كۆپ ساندىكى قەبىلىلەر مەدىنىگە كېلىپ، مۇسۇلمان بولدى.  مەدىنىگە قايتىپ كېلىپ 10 يىل توشقان ۋاقىتتا، پەيغەمبەر مەككىگە خوشلۇشۇش تاۋىپى ئۈچۈن باردى.  بۇ چاغدا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ 114 مىڭ مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى.  شۇ قېتىم ئۇ ئارافات تۈزلەڭلىكىدە بۇ يەرگە يىغىلغان بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەسىھىتىنى يەتكۈزدى.  بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ مەدىنىگە قايتىپ كەتتى.  بۇ چاغدا پۈتۈن ئەرەبىستان خەلقى مۇسۇلمان بولۇپ بولغان ئىدى.  مەدىنىگە كۆچۈپ بارغىنىغا 11 يىل بولغان ۋاقىتتا، يەنى 633-يىلى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاغرىپ قالدى.  ئۇ جەمى 13 كۈن كېسەل بولۇپ يېتىپ، ئالەمدىن ئۆتتى.  بۇ ۋاقىتتا ئۇ 63 ياشقا كىرگەن ئىدى.


مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئابۇ باكىر (Abu Bakr، 632 - 634) ۋارىسلىق قىلىپ، خەلىپە بولدى.  ئۇ ئەڭ دەسلىۋىدە يولۇققان مەسىلە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ زاكات تۆلەشنى رەت قىلىشى، ۋە بەزىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى «پەيغەمبەر»، دەپ ئاتىۋېلىشى بولدى.  ئابۇ باكىر ئۇلارغا ئىنتايىن كەسكىن تاقابىل تۇرۇپ، ئۇلار ئۈستىدىن غالىپ كەلدى.


ئابۇ باكىر دەۋرىدە پېرىسىيە ئىمپېرىيىسى ئىسلامغا قارشى ئىسيان كۆتەرگەن خەلقلەرگە ياردەم قىلىپ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىر تەھدىت بولۇپ قالدى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇ پارىسلارغا قارشى ئۇرۇش باشلىدى.  تۇنجى قېتىملىق «چائىنس ئۇرۇشى» (Battle of Chains) دەپ ئاتالغان ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلار غېلىبە قىلىپ، پارىسلارنىڭ يۈزىنى يەرگە قاتتىق تۆكتى.  مىڭلىغان پارىسلارنى ئۆتلۈردى ۋە ئەسىرگە ئالدى.  ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلار مازاردا يەنە پارىسلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنىمۇ يەڭدى.  ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلار ۋالاجا ۋە ئۇللەئىسلاردىمۇ ئۇرۇش قىلىپ، ئۇ ئۇرۇشلاردا غېلىبە قىلىپ، ھىرا خانلىقىنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى.  مۇسۇلمانلار بىزانتىن (Byzantines) لىكلەرگە قارشى ئاجنادېيىندىمۇ ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى يەڭدى.  ھەمدە دەمەشقنىمۇ ئىگىلىۋالغان بولسىمۇ، ئۇ يەردىن ئابۇ باكىر ۋاپات بولغاندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.


ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆمەر (Umar ibn al-khattab، 634 - 644) خەلىپە بولدى.  پارىسلار مۇسۇلمانلارغا قاراتقان پاراگەندىچىلىكىنى توختاتمىقانلىقى ئۈچۈن، ئۆمەر ئۇلارغا قارشى داۋاملىق ئۇرۇش قىلدى.  مۇسۇلمانلار نامارراقتىكى ئۇرۇشتا غېلىبە قىلدى، ئەمما، جاسردىكى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالدى.  مۇسۇلمانلار يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇرۇشتا غېلىبە قىلدى.  ئۇلارنىڭ ئىچىدە تارىختىكى ئەڭ مۇھىم ئۇرۇشلارنىڭ بىرى نىخاۋاندىكى ئۇرۇش بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئۇرۇشتىكى غېلىبىسى، ئۇلارنىڭ پېرىسىيىگە قارىتىلغان ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىپ، كېيىنچە پېرىسىيە ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرىۋېتىشنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى.  ئۆمەرمۇ بىزانتىنلىقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، يارمۇك ئۇرۇشىدىن كېيىن سۈرىيىنى ئىگىلەپ، ئاندىن يېرۇسالېم بىلەن مىسىرنى بېسىۋالدى.  رۇسىيىدە مۇسۇلمانلار ئازېربايجان بىلەن تابارىستاننىمۇ بېسىۋالدى.


مۇسۇلمانلار ئوسمان (Uthman ibn affan، 644 - 656) ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئالى (Ali ibn abi talib، 656 - 661) لارنىڭ خەلىپلىكى ئاستىدا تۇرغان مەزگىلدە، پېرىسىيىلىكلەر بىلەن بىزانتىنلىقلار قۆزغىلاڭ قىلدى.  ئوسمان بۇ قۆزغىلاڭچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ زىمىنلىرىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى يەنىمۇ چىڭىتتى.  مۇسۇلمانلارغا ئوسمان خەلىپىلىك قىلغان مەزگىلدە، مۇسۇلمانلار ھازىرقى لىۋىيە، تۇنىزىيە، ئالگېرىيە ۋە ماراكەش قاتارلىق يەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جەنۇبى ئافرىقىنى بېسىۋالدى. ئوسمان ھازىرقى ئىراننىڭ قۇراسان (Khurasan) دېگەن يېرىگە، ھەمدە ئارمېنىيە بىلەن ھازىرقى تۈركىيىگىمۇ ئەسكەر ئىۋەرتتى.  


مۇئاۋىياھ (602 - 680) ئۇمايياد قەبىلىسىدىن بولغان 2-خەلىپە بولۇپ، ئۇ خەلىپىلەرنىڭ ئۇمايياد خاندانلىقىنى قۇردى.  ئۇ مۇسۇلمانلارغا يېتەكچىلىك قىلغان دەۋردە، مۇسۇلمانلار تۇنىزىيىدىكى قائىروۋان شەھىرىنى قۇردى، كابۇلنى بېسىۋالدى، رود (Rhodes) ئارىلىنى بېسىۋالدى، ھەمدە ھازىرقى ئۆزبەكىستاندىكى سامارقان بىلەن تىرمىزنى قولغا چۈشۈردى.  ھازىرقى ئىراننىڭ قۇراسان زىمىنىغا ئەسكەر ئىۋەرتتى، ھەمدە ئۆزبەكىستاندىكى بۇخارانى ئۆزىگە قاراتتى.  


سۈننىلەر ئابۇ باكىر، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئالىلارنى قوشۇپ، «راشىدۇنلار» دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى «توغرا يېتەكلەنگەنلەر» دىن ئىبارەت [6].


مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ ئىمپېرىيىسىنى چاقماق تېزلىكىدە كېڭەيتتى.  مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى يېرىم ئەسىردەك ۋاقىت ئىچىدە، 3 چوڭ قىتئە مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتتى، ھەمدە ئاشۇ زاماندىكى پېرىسىيە ۋە رىمدىن ئىبارەت 2 چوڭ ئىمپېرىيە ئاغدۇرۇپ تاشلاندى.  


مۇسۇلمانلارنى مۇشۇنداق ئادەتتىن تاشقىرى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۇرگەن نەرسە، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى، خاراكتېرى ۋە جاسارىتىدىن ئىبارەتتۇر.  


مەن ئوقۇرمەنلەردىن يۇقىرىدىكى جۈملىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى ئۆتۈنىمەن.  ئۇ جۈملە مېنىڭ سۆزۇم ئەمەس.  مەن ئۇنى مەزكۇر تارىخ بايان قىلىنغان ئىنگلىزچە ماتېرىيالدىن ئەيەن ئالدىم.  دېمەك، ئۇ چاغدىكى مۇسۇلمانلار مەن ئۆزەمنىڭ ئالدىنقى ئىككى پارچە ماقالىسىدا تونۇشتۇرغان ياپونلار بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن.  يۇقىرىدا تىلغا ئالغان خەلىپە ئالى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرە تۇغقىنى ۋە كۈيۆغلى بولۇپ، ئۇ يېتەكلىگەن مۇسۇلمانلار ھازىرقى ياپونلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى ئېتىقادقا، ئوخشاش دەرىجىدىكى خاراكتېرغا، ۋە سامۇرايلاردا بار بولغان جاسارەتكە ئىگە ئىكەنىدۇق.  يەنى، ئاشۇ دەۋرلەردە مۇسۇلمانلار ھەقىقەتەنمۇ ھازىرقى ياپونلار ئىگە بولغان سۈپەتلەرگە ئىگە ئىكەنىدۇق.


ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكى ئامىللارمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشۇنداق گۈللىنىشكە تۆھپە قوشتى:


--مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام بىر قىسىم ھەمرالىرىنى ناھايىتى ياخشى تەربىيىلەپ قويدى.  مۇسۇلمانلار ئاللاھ يولىدا ئېلىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، بېسىۋالغان زىمىنلارنى تالان-تاراج قىلمىدى، ھەمدە ئۇ زىمىنلاردىكى خەلققە قاتتىق قوللۇق قىلمىدى.  ئۇلار ھەم باتۇر، ھەم جاسارەتلىك بولۇپ، ئۆلۈمدىن قورقمىدى.


--ئۇلار نەپسى يامانلىق قىلمىدى، ياكى بۇ دۇنيانىڭ راھىتىنى ئىستىمىدى.  ئۇلار ناھايىتى مەرتلىق قىلىپ، دائىم باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداپ، ئۆزلىرىنى زادىلا ئويلاشمىدى.  تۇرمۇشتا پېرىسىيە ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرىۋەتكەن ئارمىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى ئادەتتىكى ئەسكەرلەر بىلەن ئوخشاش، ناھايىتى ئاددىي ياشىدى.  ئادەتتىكىچە كىيىنىپ، يىمەك-ئىچمەك جەھەتتىمۇ قوسۇغى ئاران تويىدىغان بىر سەۋىيىنى ساقلىدى.  كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا نەچچە كۈنلەپ ئاچ قوساق يۈردى.  ئۇلار تاپالىغاندا بىر پارچە نان، ئازراق خوما ۋە سۇ بىلەن ئۆرە يۈردى.  كۆپ يەرلىرى يامالغان كىيىملەرنى كەيدى.    


--خەلىپىلەر پېرىسىيە ۋە رىم ئىمپېرىيىلىرىڭ ئاقسۆڭەكلىرىدىن ناھايىتىمۇ پەرقلىق بولۇپ، ئۇلار ئادەتتىكى پۇخرالار بىلەن ئوخشاش ياشىدى.  باشقا ئىمپېرىيىنىڭ چوڭلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە، كۆپۈنچە ۋاقىتتا كىمنىڭ خەلىپە ئىكەنلىكىنى پەرق ئىتەلمەي قالاتتى.  خەلىپىلەر ئۆزلىرىگە مۇھاپىزەتچى ئىشلەتمىدى، ھەمدە ئۆزىنىڭ كىر-قاتلىرىنى ئۆزى يۇسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئايىغىنى ئۆزى يامىسىمۇ، ۋە خوشنىسىنىڭ ئۆشكىسىنى سېغىپ بېرىشتەك باشقىلارنىڭ ئىشىنى قىلىپ بەرسىمۇ ھەرگىز خورلۇق ھېس قىلمىدى.  


--مۇسۇلمانلار بېسىۋالغان زىمىنلارنىڭ خەلقىگە ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلدى.  ھەر بىر زىمىننى بېسىۋالغاندا، ئۇ يەردىكى بۇدخانا ياكى چېركاۋلارنى بۇزمىدى.  ئۇلار بېسىۋالغان زىمىننىڭ خەلقىگە ئادىللىق قىلدى.  پەقەت باشقا تاللاش يولى قالمىغاندىلا ئۇلار يېڭى زىمىنلارنى ئۇرۇش بىلەن ئالدى.  كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا يەرلىكلەر بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، يەرلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.  مۇسۇلمانلار يەرلىكلەرنى قوغداپ، ئۇنىڭ تۆلىمى ئۈچۈن يەرلىكلەردىن ئاز مىقتاردىكى «جىزياھ» دەپ ئاتىلىدىغان باج ئالدى.  ئۇلار  يەرلىكلەردىن زاكات ئالمىدى، ھەمدە يەرلىكلەرنى ئەسكەر بولۇشقىمۇ مەجبۇرلىمىدى.  5-ئەسىردە ياشىغان ھونلارنىڭ دۇنياغا داڭلىق داھىيسى ئاتتىلامۇ ئاشۇنداق قىلغان، 15-ئەسىردىن باشلاپ ياشىغان ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىمۇ ئاشۇنداق قىلغان ئىدى.


مۇسۇلمانلارنىڭ يۇقىرىقىدەك خاراكتېرلىرى بېسىۋېلىنغان زىمىندىكى يەرلىكلەرنى ناھايىتى قاتتىق تەسىرلەندۈرۈپ، يەرلىكلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشۇنداق ئالىجاناپلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزلىكىدىن مۇسۇلمان بولدى.  ھېچ قانداق ئادەم مەجبۇرلاشقا ئۇچرىمىدى.  ئۇلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مۇسۇلمان بولدى.


يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، بۇنىڭدىن 10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇن ياسالغان ناھايىتى چوڭ بۇدلارنى چاققانلىق ئىشلىرى ئېسىمگە كېلىپ قالدى.  يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، مۇسۇلمانلار دەسلىۋىدە ئۇنداق ئەمەس ئىكەنىدۇق.



3. قەغەز ۋە باسما خەت تارىخى مۇسۇلمانلارغا نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟


مەن ئالدىنقى ماقالىدا تىلغا ئالغىنىمدەك، 1800-يىللىرىغا كەلگىچە ئادەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى بىرەر پارچە بېسىلغان كىتابنى كۆرۈپ باقمىدى.  سەۋەبى، ئۇنداق قىلىش ئۆلۈم جازاسىغا ئېلىپ باراتتى.  ئەمما، ياۋروپا بولسا مەتبەئە جەھەتتىن ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ كەتتى.  مەتبەئە بىلىمنى ئەكەلدى.  بىلىم بولسا كۈچ-قۇدرەت ۋە ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى.  شۇنىڭ بىلەن ياۋروپا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ كەتتى.  مۇسۇلمانلار بولسا ناھايىتىمۇ ئارقىدا قالدى.


ئالدىنقى ماقالىدە سۆزلەپ ئۆتكەندەك، مۇسۇلمانلارنى ئارقىدا قالدۇرغان مۇنداق 2 ئاساسىي سەۋەب بار.  بىرى ئىمان ۋە تەقۋادارلىق.  يەنە بىرى بولسا دۇنيا.  ھازىرقى دۇنيا.  بۇ 2-سەۋەب بۇرۇنقى ئەنئەنىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، زامانىۋىلىقنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.  مۇسۇلمانلار بۇرۇن قازانغان غايەت زور ئۇتۇقلىرىدىن بەك مەغرۇرلىنىپ كېتىپ، ئېشىكنى پۈتۈنلەي تاقاپ، ئۆزلىرىنى زامانىۋىلىقتىن يىراق تۇتقانلىقى ئۈچۈن، ئاخىرى زامانىۋىلىق قىستاپ كېلىپ، مۇسۇلمانلارنى بىر تۆۋەن ئورۇنغا ئىتتىرىپ، پاتقاققا پاتتۇرۇپ قويدى.  


ئەمدى بىز ۋاقىت جەھەتتىن بۇرۇنقى دەۋرگە قايتىپ، يۇقىرىدا تونۇشتۇرغان، ئىسلام ئەڭ گۈللەنگەن دەسلەپكى 50 يىلغا قاراپ باقايلى.  ئاشۇ زاماندىكى ساخاباھلار [6]، ياكى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھ ۋە ئۈلپەتلىرى، ھەرگىزمۇ شۇ زاماندىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگىچە ئوقۇپ باققانلار ئەمەس ئىدى.  ئۇلار شۇ ۋاقىتتىكى مەدەنىيەتلىشىش سەۋىيىسى بويىچە قارىغاندا، ھەرگىزمۇ بىر يۇقىرى سەۋىيىگىچە ئوقۇپ باققانلار ئەمەستى.  ئەمما ئۇلارنىڭ ئىمانى تەڭدىشى يوق دەرىجىدە كۈچلۈك ئىدى.  ئۇنىڭغا قوشۇپ، ئۇلار يېڭىلىقنى، زامانىۋىلىقنى قوبۇل قىلدى.  ئۇنىڭدىن پايدىلاندى.  ئۇلار بىر يېڭى زىمىننى بېسىۋالغاندا، ئۆزلىرىنى شۇ زىمىننىڭ ئەھۋالىغا ماسلاشتۇردى.  شۇ زىمىننىڭ ئورۇپ-ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلدى.  دەسلەپكى 50 يىل ئىچىدە، بېسىۋېلىنغان نۇرغۇن زىمىننىڭ خەلقى مۇسۇلمان بولمىسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ھۆججەتلىرى ئاشۇ مۇسۇلمان ئەمەس يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلىدا يېزىلدى.  مۇسۇلمانلار يېڭى زىمىنلارنى قولغا چۈشۈرۈشكە قادىر بولسىمۇ، نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلارغا سۇزۇلغان زىمىنلارنى ئىدارە قىلىشقا قادىر بولمىغاچقا، ئۇلار ئۇ زىمىنلارنى يەرلىك، مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرگە تايىنىپ ئىدارە قىلدى.  دەسلەپكى ئابباسىدلارنىڭ چوڭ-چوڭ ۋەزىرلىرىنىڭ ئىچىدىمۇ مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەر بار ئىدى.  ئۇمايياد خەلىپلىكلىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە [7]، ئاندىن ئەرەب تىلى رەسمىي ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ بېكىتىلدى.  ئۆزلىرى ئۈچۈن ئايرىم پۇلمۇ چىقاردى.  ئۇنىڭدىن بۇرۇن رىملىقلارنىڭ پۇلىنى، ۋە پارىسلارنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىۋەرگەن ئىدى.  دىنغا بېرىپ تاقالمىغاندا، مۇسۇلمانلار رىملىقلارنىڭ بىر قىسىم ئىش بىجىرىش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىپ قوللىنىۋەرگەن ئىدى.  يېڭىلىقا ئىنتىلىش دېگەن مانا شۇ.  زامانىۋىلىققا قۇچاق ئېچىش دېگەن مانا شۇ.  مۇسۇلمانلار ئەڭ دەسلىۋىدە قەغەزنى كۆرگەندە، ئۇنى دەرھال قوبۇل قىلدى.  شۇنىڭ بىلەن قەغەز مۇسۇلمان دۇنياسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى.  مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇردى.  ئۇنىڭدىن 1000 يىل ئۆتكەندە مۇسۇلمانلارغا باسما خەت ياكى مەتبەئە يېتىپ كەلسە، «ياق، ياق، بۇ مۇسۇلمانلار ئىجات قىلغان نەرسە ئەمەس، شۇڭا چوقۇم ئۇنىڭدا مەسىلە بار، ئۇ چوقۇم ھارام»، دەپ، ئېشىكنى تاقىۋالدى.  مانا شۇ چاغدىكى روھىي ھالەت ياكى خاراكتېرنىڭ زىيىنىنى مۇسۇلمانلار تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە تارتىۋاتىدۇ.  


ئۇيغۇرلارچۇ؟  بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا نېمە بولدى؟  نېمىشقا ئۇلار ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قەغەز پۇل ھارام بولۇپ قالدى؟


مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ھازىر ئۆزگىرىۋاتىدۇ.  ياخشىلىققا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ.  مۇسۇلمانلارنىڭ كاللىسىمۇ بارغانسەرى يېڭىلىقنى قوبۇل قىلالايدىغان تەرەپكە قاراپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ.  لېكىن، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھازىرمۇ ئىككى قۇتۇپ مەۋجۇت.  ئۇنىڭ بىرى، دىنىي جەھەتتە بىر تەرەپلىمە قاراشقا ئىگە، يېڭىلىقنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايدىغان، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلىدىغان، «بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىسلامنى قانداق ئېلىپ بارغان بولسا، ئىسلام دېگەن ئەنە شۇ» دەپ قارايدىغان كىشىلەر.  بۇنداق ئادەملەرنى بىز ھەممىمىز بىلىمىز.  مۇشۇنداق پەتىۋالارنى بىز ھەممىمىز بىلىمىز.  شىمالىي ئامېرىكىدا ھازىرغىچە ئاياللارنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىپ، ناماز ئوقۇشىنى چەكلىگەن مەسچىتلەر بار.  سەۋەبى قەدىمقى ئىسلامدا ئاياللار مەسچىتكە كىرمىگەن.  شىمالىي ئامېرىكىدا ھازىرمۇ خۇدباھ (Khutbah) نامىزىنى ناھايىتىمۇ بۇزۇق، ئوتلۇرغان كىشىلەرنىڭ ھېچ قايسىسى چۈشەنمەيدىغان ئەرەب تىلىدا ئوقۇيدىغان مەسچىتلەر بار.  ئۇنىڭ سەۋەبى بىر قىسىم كىشىلەر «بىزنىڭ ئاتا-بوۋىمىز نامازنى ئاشۇنداق ئوقۇغان، شۇڭا بىزمۇ شۇنداق ئوقۇيمىز، نامازنى ھېچ كىم چۈشەنمىسىمۇ مەيلى»، دەپ قارايدۇ.  ھەمدە ئەرەبچە قۇرئاننى قولىغا ئېلىپ، بىر باشتىن ئوقۇشقا باشلايدۇ.  ئۇنى ھېچ كىمنىڭ چۈشەنمىگەنلىكى بىلەن كارى يوق.  مىكروفون يېڭى كەشىپ قىلىنغاندا، دىنىي ئۆلىمالار پەتىۋا چىقىرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتتە مىكروفون ئىشلىتىشىنى چەكلىدى.  رادىئو بىلەن تېلېۋىزور چىققاندىمۇ مۇسۇلمانلار «بىز ئۇنى ئىشلەتمەيمىز.  ئۇلار دېگەن رەزىل نەرسىلەر.  ئۇلار دېگەن ھارام نەرسىلەر» دەپ ئوتتۇرىغا چىقتى.  ئەمما سىز دۇنياۋى ئۆزگىرىشلەرگە قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالمايسىز.  شۇڭا ئۇلارنى قوبۇل قىلماي ئىلاجىڭىز يوق.  قىسقىسى، بۇ قۇتۇبتىكى كىشىلەر «ئىسلامنى ئاتا-بوۋىمىز قانداق ئېلىپ ماڭغان بولسا، بىزمۇ شۇنداق ئېلىپ ماڭىمىز.  ھەچ نېمىنى ئۆزگەرتمەيمىز. ھەقىقىي ئىسلام دېگەن ئانە شۇ»، دەپ قارايدۇ.


بىزدە يەنە بىر قۇتۇبمۇ بار.  ئۇلار ئۆزلىرىنى «ئىلغار ئىدىيىلىك كىشىلەر» دەپ قارايدۇ.  ئۇلارچە بولسا بۇرۇنقى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يوق قىلىۋېتىلىشى كېرەك.  جەمئىيەتتە نېمە ئەڭ تارالغان بولسا، ئىسلاممۇ شۇنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.  


بۇرۇنقىدەكلا، ھەقىقەت مۇشۇ ئىككى قۇتۇبنىڭ ئوتتۇرىسىغىراق بىر يەرگە توغرا كېلىدۇ.  بۇ ھەقىقەتەنمۇ ھەل قىلىش ناھايىتى قىيىن بولغان بىر ساھە.  بۇ يەردىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش، ھەم دىنىي زىيالىيلىقنى (religious scholarship)، ھەم يېڭى ئىدىيىگە قۇچاق ئاچىدىغان كاللىنى تەلەپ قىلىدۇ.  رېئاللىققا قاراپ باقىدىغان بولساق، نۇرغۇن دىنىي زىيالىيلار يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىش روھىگە ئىگە ئەمەس.  نۇرغۇن ئىلغار پىكىردىكىلەر بولسا دىنىي زىيالىيلىققا ئىگە ئەمەس، ياكى يېتەرلىك سەۋىيىدىكى ئىسلاملىققا ئىگە ئەمەس.  نۇرغۇن دىنىي زىيالىيلار ئىسلاھاتچىلارنى ياقتۇرمايدۇ.  نۇرغۇن ئىسلاھاتچىلار بولسا، دىنىي زىيالىيلارنى ياقتۇرمايدۇ.  شۇڭلاشقا بۇ ئىككى گۇرۇپپا كىشىلەر ئارىسىدىكى كۈچلۈك دەرىجىدىكى سۈركۈلۈش ۋە توقۇنۇش مەۋجۇت.  


بۇرۇنقىدەكلا، بىزگە كېرىكى مۇشۇ 2 خىل كىشىلەرنىڭ بىرىكمىسىدىن ۋۇجۇتقا كەلگەن 3-خىل كىشىلەردۇر.  يەنى، ئىسلامدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە يېڭى ئىدىيىلەرنى قوبۇل قىلالايدىغان، قەلبىنىڭ ئىشىكىنى ئوچۇق تۇتىدىغان دىنىي زىيالىيلار يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.  ئەنە ئاشۇنداق كىشىلەر ئىسلامدىكى قايسى نەرسىلەرنى ئۆزگەرتسە بولىدىغانلىقىنى، قايسى نەرسىلەرنى ئۆزگەرتسە بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بېرىشى كېرەك.  چېگرىنى ئەنە ئاشۇنداق كىشىلەر سىزىپ بېرىشى كېرەك.  ھازىر بەزى كىشىلەر «ئەينى ۋاقىتتا دىنىي زىيالىيلار نېمە ئۈچۈن باسما خەتنى چەكلىگەن بولغۇيتى؟» دەپ سورىشى مۇمكىن.  ئەمېلىيەتتە قەقۋە، رادىئو ۋە تېلېۋىزور قاتارلىق نەرسىلەر يېڭى چىققاندا، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئونلىغان، يۈزلىگەن پەتىۋالارنى چىقىرىپ، ئۇلارنى چەكلىگەن.  بۇلارنىڭ ئىچىدە قەقۋەنىڭ ھېكايىسى ئەڭ قىززىق بولۇپ، مەن ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئايرىم تونۇشتۇرۇشۇم مۇمكىن.  


ياسىر قازى مۇنداق بىر ئىشنى ئويلاۋاتقىلى نەچچە يىل بولۇپتۇ: مۇسۇلمانلار خۇتباھنى يالغۇز يەرلىك تىلدا ئوقۇپلا قالماي، يالغۇز مىكروفون ئىشلىتىپلا قالماي، يەنە مەسچىتنىڭ ئىچىدە چوڭ ئېكرانلارنىمۇ ئىشلىتىپ، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ PowerPoint يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىپ، خۇتباھ نامىزىنى بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئاشۇ چوڭ ئېكراندا كۆرسىتىپ تۇرۇش.  خۇتباھ ئوقۇشتىن مەقسەت ئۇنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت قىلىپ، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى بىلىۋېلىش.  ئاشۇنداق ئۇچۇرلارنى ئىگىلىۋېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى كۆرۈش قابىلىيىتىگە تايىنىشتىن ئىبارەت.  كۆز بىلەن كۆرۈپ ئۆگەنگەندە ياخشىراق ۋە كۆپراق ئۆگەنگىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇنىڭ نېمىسى خاتا؟  مەسچىتتە چوڭ ئېكرانلارنى ئىشلىتىشنىڭ نېمىسى خاتا؟  ئەينى ۋاقىتتا، باسما خەت پەيدا بولغاندا كىشىلەر «ھازىر باسما خەتكە يول قويساق، كېيىن نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟» دەپ ئەنسىرەپ، مەتبەئەنى چەكلىگەن ئىدى.  ئەگەر بىز ھازىرلا چوڭ ئېكراننى يولغا قويساق، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بۇنىڭغا قارشى چىقىشى مۇمكىن.  بەزىلىرى «ھازىر ناماز تېكىستلىرىنى ئېكراندا كۆرسەك، كېيىن ئىمامنىمۇ ئېكراندىلا كۆرۈپ، خۇتباھنى يېتەكلەيدىغان ئىمام يوقلا خۇتباھ ئوقۇيمىزمۇ؟» دېيىشى مۇمكىن.  شۇڭلاشقا بۇ ئىشلارنى قىلىشتا چوقۇم دىنىي زىيالىيلار باشلامچى بولىشى، بۇنداق ئىشلار چوقۇم شۇلارنىڭ قوللىشى ئارقىلىق ۋۇجۇتچا چىقىرىلىشى كېرەك.


سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ياسىر قازى ئامېرىكىنىڭ مېمفىس شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان ئىسلام مەركىزىگە ئاشۇنداق چوڭ ئېكرانلارنىڭ ئورۇنتۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ياسىر قازى خۇددى ئەينى ۋاقىتتىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدە مىنىستىر بولۇپ ئىشلىگەن ئىبراھىم پاشاغا ئوخشاش، بۇ قېتىم مېمفىس ئىسلام مەركىزىنىڭ دىرېكتورلار گۇرۇپپىسىغا مەسچىتتە چوڭ ئېكران ئىشلىتىش ھەققىدىكى ئىلتىماسنى ئۆزى يازىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:  بۇنداق ئۆزگىرىشنى چوقۇم بىر ئادەم باشلىشى كېرەك.  ئەگەر بىز باشلىمىساق باشقا بىرسى چوقۇم باشلايدۇ.  ئەگەر باشقا بىرسى بۇ ئىشنى دىنىي زىيالىيلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەمەس، ئۇنى ئۆز ئالدىغا قىلىدىغان بولسا، يەنە چېكىدىن ئاشۇرىۋېتىش ئىشلىرى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.  شۇڭلاشقا يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ئىسلامنىڭ شەرتلىرىگە رېئايە قىلغان ئاساستا دىنىي زىيالىيلار يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.  مەن  ھەر بىر ئادەمنىڭ دىن ۋە يېڭى دۇنياغا قەلب ئىشىكىنى ئېچىۋەتىشىنى، دىنىي ئۆلىمالار بىلەن ئىلغارلاردىن ئىبارەت ئىككى سىنىپنىڭ ئۆز ئالدىغا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان چەكلىمە ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇق چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  بىز شۇنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەككى، ئاللاھ بۇ ئۇلۇغ دىننى چۈشۈرگەندە، ئۇنى ھەممە زامان، ھەممە ماكان، ۋە ھەممە ئورۇنلارغا ماس كېلىدىغان قىلىپ چۈشۈرگەن.  ئاللاھ دىندا بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويغان.  ئەگەر ئاللاھ ئاشۇنداق ئۆزگىرىشكلەرگە يول قويمىغان بولسا، ئىسلامنىڭ ئالاسكا (ئامېرىكىنىڭ كاناداغا تۇتىشىدىغان بىر شتاتى) دىن جۇڭگوغىچە، ئۇ يەردىن يەنە ئاۋۇسترالىيىگىچە تارقىلىپ بارالىشى قەتئىي مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.  بىز ھازىر دۇچ كەلگەن مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى، مۇسۇلمانلارغا دىننىڭ قايسى قىسمىنى ئۆزگەرتسە بولىدىغانلىقى، قايسى قىسمىنى ئۆزگەرتسە بولمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشتىن ئىبارەت.  بۇ بىر ناھايىتى سەزگۈر مەسىلە.  زور بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئىسلامدىكى ئۆزگىرىش ھەققىدە سۆز بولسىلا ناھايىتى راھەتسىزلىنىپ كېتىدۇ.  يەنە بىر قىسىم مۇسۇلمانلار بولسا دىننىڭ ھەممە ساھەسىدە ئۆزگىرىش بولۇشنى ئىستەيدۇ.  ئەنئەنىۋى نەرسىلەرنىڭ ھېچ قايسىسىنى ساقلاپ قېلىشنى خالىمايدۇ.  بۇ ئىككى تەرەپنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان بىر ئوتتۇرا سىزىق بار.  ھازىر مەن ئاشۇ سىزىقنىڭ قايەرگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن.  


يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنى مەن ئاساسەن ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىسىدىن ئەينەن ئالدىم [1].  


4. دوكتۇر ياسىر قازى ھەققىدە


مەن ئۆزەمنىڭ كېيىنكى بىر قانچە ماقالىلىرىدا يەنە ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىلىرىنى تونۇشتۇرىمەن.  شۇڭا مەن ياسىق قازى توغرۇلۇق مۇشۇ يەردە بىر ئاز چۈشەنچە بېرىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.  


ياسىر قازى (Abu ammaar yasir qadhi) [8] نىڭ ئاتا-ئانىسى ئامېرىكىغا پاكىستاندىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ياسىر ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدا تۇغۇلغان.  ئۇ بەش ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى سەئۇدى ئەرەبىستانغا كۆچۈپ كەتكەن.  ياسىر قازى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە شۇ يەردە ئوقۇغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تالانتى بىلەن تولۇق ئوتتۇرىنى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرىدىن ئىككى يىل بالدۇر پۈتتۈرگەن.  ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىپ، تېكساستىكى ھيۇستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خېمىيە ئىنژېنېرلىكى كەسپىدە باكلاۋېر ئۇنۋانى ئالغان، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ «دوۋ خېمىيەسى» شىركىتى (Dow Chemical) دە بىر مەزگىل ئىشلىگەن.  1996-يىلى ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتىپ بېرىپ ئوقۇپ، مەدىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەدىس ۋە ئىسلام ئىلمى فاكۇلتېتىدا ئەرەب تىلى بىلەن ھەدىسنىڭ يەنە بىر باكلاۋرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان.  ھەمدە ئاشۇ مەكتەپنىڭ  داۋا فاكۇلتېتىدا ئىسلام تېئولوگىيە ۋە ئەقىدە كەسپىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان.  2005-يىلى ئۇ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن، ھەمدە 2013-يىلى يېل ئۇنىۋېرسىتېتى (Yale University) نىڭ ئىسلام تەتقىقاتى كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.  ئەنگلىيە «دەۋر ئالىي مائارىپى»  ژورنىلى تىزىپ چىققان، 2013-2014-يىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان 50 ئالىي مەكتەپ تىزىملىكىدە، يېل ئۇنىۋېرسىتېتى 11-ئورۇندا ئىكەن [9].  يەنى، ياسىر قازى ئامېرىكىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق  ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرىدە ئىسلام تەتقىقاتى كەسپى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان.  ئۇ ھازىر نۇرغۇن ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەردە لىدېرلىق ۋە تەتقىقاتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.  ئۇنىڭ خىزمىتىنىڭ بىرى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مەسلىھەتچىلىكى ئىكەن.  ئۇ ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، ئاۋۇسترالىيە ۋە نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە بېرىپ، ئىسلام ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ لېكسىيىسىنىڭ سىن ھۆججىتى يۇتىيۇب (YouTube) تا كەڭ تۈردە تارقىلىپ يۈرۈۋاتىدۇ.  


ياسىر قازى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئەرەب ۋە غەرب دۆلەتلىرىدە ئىسلام كەسپى بويىچە يەنە 20 يىل ئوقۇغان بىردىن-بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ بۇ جەھەتتە ئىنتايىن كەم ئۇچرايدۇ.  ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى 16 يېشىدا پۈتتۈرگەن بولۇپ، شۇ چاغدىن باشلاپ خۇدباھ بېرىشنى باشلىغان.  يېقىندا ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق «نيۇ يورك دەۋر گەزىتى» ئۇنىڭغا «دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك مۇسۇلمان باياناتچىلارنىڭ بىرى» دەپ نام بەردى.  


ياسىر قازىنىڭ ئاشۇنداق ئوقۇش تارىخى ئۇنىڭ كۆڭلىنى غەرب ئىدىيىسى بىلەن شەرق ئىدىيىسىنىڭ يۇغۇرىلىشىدىن ھاسىل بولغان بىر يېڭى ئىدىيە بىلەن پروگراممىلاپ، ئۇنى بىر ئالاھىدە دىنىي زىيالىي قىلىپ يېتىلدۈرگەن.  مەن بۇرۇن «ئويلاشنىڭ 6 قالپىغى» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە يازغان ئىدىم.  غەربلىكلەر بىر ئادەملەرنىڭ ئوخشىمىغان روللارنى ئېلىشىنى «ھەر خىل قالپاقلارنى كىيىش» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.  مەن مەزكۇر ماقالىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا تونۇشتۇرىدىغان ياسىر قازى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، سوئال سورىغان مۇسۇلمان قىزمۇ «قالپاق» سۆزىنى كۆپ يەردە ئىشلەتتى.  ئەگەر ئاشۇ ئۇقۇم بويىچە قارىساق، ياسىر قازى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن مۇھىتلارغا ماسلىشالايدۇ.  بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن قالپاقلارنى كىيەلەيدۇ. ئۇ ھازىرغىچە كىيىپ باققان ۋە ھازىرمۇ كىيىۋاتقان قالپاقلىرىنىڭ تۈرى خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: دىنىي زىيالىي، خەلقئارالىق باياناتچى ۋە نۇتۇقچى، پروفېسسور، دىنىي تەلىم بەرگۈچى، ئاكادېمىك، شېيىخ، ئىمام، ئوخشىمىغان دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشتۈرگۈچى (interfaith)، دۆلەتلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە لېكسىيە بەرگۈچى.  


ياسىر قازى ھازىر ئامېرىكىنىڭ مېمفىس شەھىرىدىكى رودس ئىنستىتۇتى (Rhode Colleges) نىڭ ياردەمچى پروفېسسورى.  ئۇ يەنە ئاشۇ مېمفىس شەھىرىگە جايلاشقان ئالماغرىب ئىنستىتۇتى (Almaghrib Institute) نىڭ ئوقۇتقۇچىلار ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى، ۋە شۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.  ئالماغرىب ئىنستىتۇتىنىڭ ئامېرىكىدىكى 21 چوڭ شەھەرلەردە شوھبىسى بار بولۇپ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىسلام تەتقىقاتى كەسپى بار ئەڭ چوڭ ئالىي مەكتەپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىدىن باشقا، بۇ مەكتەپنىڭ ئاۋۇسترالىيە، ئەنگلىيە، كانادا، ۋە ھىندىستان قاتارلىق باشقا 9 ئەللەردىمۇ شۆھبە مەكتىۋى بار ئىكەن [10].  




ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋىرىدە بولغۇنىدەك، ھازىر شەرقتە ئوقۇغان دىنىي زاتلارنىڭ غەربكە ماس كەلمەسلىكى، غەربتە ئوقۇغان دىنىي زاتلارنىڭ بولسا شەرققە ماس كەلمەسلىكىدەك بىر ئېغىر ئەھۋال مەۋجۇت.  ھەر خىل تارىخىي ۋە زامانىۋى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇرلار بولسا ھازىر ئاساسەن دىنىي زىيالىيلىرى يوق بىر خىل ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ.  شەرق بىلەن غەربنىڭ ھەر ئىككىسىدە تەڭ تەربىيە كۆرگەن ئادەم توغرۇلۇق گەپ ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.   شۇڭلاشقا كەلگۈسىدە چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، مىللەت ئىچىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى ئىستەيدىغان ئۇكا ۋە سىڭىللاردىن بەزىلىرىنىڭ ياسىر قازىنىڭ ئىزىنى بېسىشنى ئويلۇشۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  ياسىر قازى ھازىر شەرق بىلەن غەربنىڭ ھەر ئىككىسىدە تەڭ ئوقۇماي، پەقەت ئامېرىكىدىلا ئوقۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىدەك ئادەم بولالايدىغان كىشىلەرنى تەربىيىلەيدىغان بىر ئالىي مەكتەپ قۇرۇشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.  ئەگەر ئاشۇنداق مەكتەپ قۇرۇلۇپ قالسا، چوقۇم بىر قانچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلىشى مۇمكىن.  خۇدايىم بۇيرىسا مەن ياسىر قازى قۇرماقچى بولغان ئاشۇ مەكتەپنىڭ ئىشىغا داۋاملىق دىققەت قىلىپ تۇرىمەن.  ھازىر شەرقتىكى مۇسۇلمان ئەللىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلار خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدىكەن.  مېنىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان تەكلىبىم، ئەگەر ئىمكانىيىتىڭىز بولسا، ھازىرقى ئوقۇشنى پۈتتۈرۇپ بولغاندىن كېيىن، غەربتىمۇ بىرەر باكلاۋرلىق، ماگىستېرلىق ياكى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىشنىمۇ ئويلۇشۇپ بېقىڭ.  ئەگەر ئاشۇنداق قىلسىڭىز، سىز شەرق بىلەن غەربنىڭ ھەر ئىككىسىگە ماس كېلىدىغان، ھەمدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىمۇ ئوبدان بىلىدىغان بىر ھەقىقىي دىنىي زىيالىي بولۇپ يېتىشىپ چىقالايسىز.



5. دوكتۇر ياسىر بىلەن سوھبەت


يەقىندا ئەنگلىيىنىڭ بىر مۇسۇلمان تېلېۋىزور قانىلى ياسىر قازى بىلەن بىر تېلېۋىزور سۆھبىتى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ سۆھبەتنىڭ فىلىمى 2014-يىلى 17-يانۋار كۈنى تورلارغا قويۇلدى.  مەن ماقالىنىڭ مەزكۇر قىسمىدا، ئاشۇ سۆھبەتتىكى مۇشۇ ماقالىنىڭ تېمىسىغا ماس كېلىدىغان قىسمىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.


5-رەسىم: ئەنگلىيە تېلېۋىزورى ياسىر قازى بىلەن ئۆكتۈزگەن سۆھبەت مەيدانىنىڭ بىر كۆرىنىشى.


سوئال: سىز يۇقىرىدا كونسېرۋاتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئارزۇسى بىلەن ئىلغار پىكىردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەلىپىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان بىر سىزىق بار دېدىڭىز.  ئۇ سىزىقنى تېپىش نېمىنى تەلەپ قىلىدۇ؟


جاۋاب: ئۇ سىزىقنى تېپىش نېمىنىڭ ئىسلامدىكى تۈپ پرىنسىپ ۋە قانۇنلار ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ بولسا ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ئايرىپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ.  تۈپ پرىنسىپ بىلەن قانۇنلار ئۆزگەرتىلسە بولمايدۇ.  ئەمما دىننىڭ قالغان تەرەپلىرى زامانىۋىلىققا ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا ئۆزگەرتىلسە بولىدۇ.  مەسىلەن، ھازىر قاراپ باقىدىغان بولساق، سىز بىر مۇسۇلمان ئايال مەندىن ئىبارەت بىر مۇسۇلمان ئەر بىلەن بىر مەملىكەتلىك تېلېۋىزوردا سۆھبەت ئۆكتۈزىۋاتىسىز.  بۇنداق ئىش بۇنىڭدىن 100 بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا زادىلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.  ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى تېلېۋىزورلاردا ئاياللارمۇ سۆزلەيدۇ.  مانا مۇسۇلمان ئاياللارمۇ شۇنداق قىلىدىغان بولدى.  بۇنىڭ ھېچ يېرى خاتا ئەمەس.  بۇ دۇنياغا ئىسلام دىنىنىڭ بىر ئۇلۇغ دىن ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ.



سوئال: سىزنىڭ ئوقۇش تارىخىڭىز ناھايىتىمۇ باشقىچە.  شۇڭا سىز ئاشۇنداق ئوقۇپ توپلىغان بىلىملەرنى ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلىرىغا يەتكۈزۈشنى ئۆزىڭىزنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قارامسىز؟


جاۋاب: شۇنداق. مەن ئۇنى يالغۇز مېنىڭ ئۈستۈمگىلا يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەت دەپ قارايمەن.  بۇنىڭ سەۋەبى غەربنىڭ ئىلىم-پەنلىرىنى ئۆگەنگەن ئۆلىمالار ئاساسەن يوق.  غەربتە ئىسلام تەتقىقاتى بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بىلىملىرىدىن ئاساسەن خەۋەرسىز.  غەربتىكى ئىسلام تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پروفېسسورلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئانچە سادىق ئەمەس.  مەن  بىر ئادەم مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ناھايىتى سادىق بولۇپ تۇرۇپ، يەنە ئىسلام تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللۇنۇپ ماڭالايدۇ، دەپ ئويلايمەن.  بۇنىڭ ئەكسىچە، شېيىخ ۋە ئۆلىمالارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنلىرىنى ئۆگىنىپ باقمىغان.  شۇڭلاشقا ئۇلار ھازىرقى زاماندىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر بىلەن ھەپىلىشەلمەيدۇ.  مەسىلەن، تېخى ئالدىنقى ھەپتە بىر 20 نەچچە ياشلاردىكى ياش ئوقۇغۇچى ماڭا ناھايىتى ئۇزۇن خەتتىن بىرنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئىسلام ھەققىدىكى گۇمانلىرىنى بايان قىلىپتۇ.  بۇ ئىسلام تېئولوگىيىسىگە بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلە.  مېنىڭ ئىسلام تېئولوگىيىسى كەسپى بويىچە بىر ماگىستېرلىق ئۇنۋانىم بار.  شەرقتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان تېئولوگىيە ئىلمى بۇ ياش بالا سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ.  مەسىلەن، مەدىنە، ئەزھەر قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە دىنسىزلىق دېگەنگە ئوخشاش تېمىلار ئۈستىدە دەرس بېرىشكە سالاھىتى توشمايدۇ.  شۇڭا ئۇلارنىڭ دەرسلىرىدە سۆزلىنىدىغىنى بۇنىڭدىن 500 يىل بۇرۇن، ياكى بۇنىڭدىن 1000 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن، ئىسلامدا تالاش-تارتىش قىلىنغان مەسىلىلەر.  ماۋۇ گۇرۇپ مۇنداق دېگەن، ئاۋۇ گۇرۇپ ئۇنداق دېگەن، دېگەندەك مەزمۇنلار.  مەن بۇ مەزمۇنلارنى پۈتۈنلەي قىممىتى يوق بىر نەرسىگە چىقارماقچى ئەمەسمەن.  ئۇلارنىڭمۇ ئۆزلىرىگە چۇشلۇق ئورنى، ئۆزلىرىگە چۇشلۇق قىممىتى بار.  مېنىڭ دېمەكچى بولغۇنۇم، ئامېرىكىدا، ئەنگلىيىدە، كانادادا، ياكى ئاۋۇسترالىيىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇقىرىقىدەك بىر بالا بۇنىڭدىن 1000 يىل بۇرۇن مەۋجۇت بولۇپ باققان ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارغا ئازراقمۇ قىزىقمايدۇ.  ئۇنىڭ كۆڭۈل بولىدىغىنى، «ماڭا ھازىر بىئولوگىيە دەرسىدە دارۋىنىزملىقنى ئۆتىۋاتىدۇ.  بىئولوگىيە دەرسى بىزنى بۇرۇنقى ھاياتلىقلارنىڭ شەكلىدىن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كەلگەن، دەيدۇ.  بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟» دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر.  تەدرىجى تەرەققىيات ئىلمى باشقا ھەممە پەنلەرگە ئوخشاش بىر ناھايىتى مۇكەممەل پەن.  ئەمما، قۇرئاندا «ئادام بىلەن ھاۋا (ئەۋە) جەننەتتىن چۈشكەن» دېيىلىدۇ.  شۇڭا ھېلىقى ياش بالا ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى گەپنىڭ قايسىسىغا ئىشىنىشىنى بىلەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.  ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنلىرىنى ئۆگىنىپ باقمىغان بىر دىنىي زات ئۈچۈن بۇنداق سوئاللارغا جاۋاب بېرىش بىر ئاسان ئىش ئەمەس.  شەخسەن مەن ئۆزەم دارۋىنىزم ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردىنمۇ جىق كۆپ بولغان تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن.  



سوئال: سىز مۇشۇنداق سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، بېشىڭىزغا ھەر خىل قالپاقلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى كىيىشكە مەجبۇرى بولامسىز؟


جاۋاب: ئەلۋەتتە.  يۇقىرىقىدەك خەتكە جاۋاب بېرىش مەندىن ئۆزەمدە بار بولغان قالپاقلارنىڭ ھەممسىنى تەڭ كىيىشنى تەلەپ قىلىدۇ.  مەندىن ئۆزەم بىلىدىغان ھەممە نەرسىلەردىن پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.  ھېلىقى ياش بالا دۇچ كەلگەن مەسىلە ئىمان بىلەن ئاللاھغا ئىشەنمەسلىك (kufr) مەسىلىسىدۇر.  شۇڭا ئۇ بۇ مەسىلىنى ئۆزى ھەل قىلالماي، باشقىلاردىن ياردەم سوراش مەقسىتىدە ماڭا خەت يازغان گەپ.  ئەگەر بۇ بالىنىڭ چىن كۆڭلىدە دىندىن ئايرىلماسلىق مەقسىدى بولمىغان بولسا، ئۇ ماڭا ئۇنداق خەتنى يازمايتتى. مەن ئۇنىڭغا ناھايىتى ئۇزۇن جاۋابتىن بىرنى يازدىم.  ئۇنىڭدىن تېخى جاۋاب كەلمىدى. بۇ مېنىڭچە بىر ياخشى ئىشنىڭ بىشارىتى بولىشى، ئۇ ھازىر ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىۋاتقان بولىشى مۇمكىن.



سوئال: مۇشۇنداق خەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، سىز مەلۇم دەرىجىدە بېسىم ھېس قىلامسىز؟


جاۋاب: مېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىم بەك كۆپ بولغاچقا، ماڭا ئوخشىمىغان ئىشلاردىن ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى بېسىملار كېلىدۇ.  ئۆتكەن يىلى بىر گۇرۇپپا «چاي پارتىيىسى» دەپ ئاتىلىدىغان ئوڭچى ئامېرىكىلىقلار ماڭا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، مېنى «جىھاد ۋە رادىكال ئىسلامنى تەرغىپ قىلىۋاتىدۇ» دەپ قارلاپ، مېنى ھازىر ئۆزەم ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئالىي مەكتەپتىكى خىزمىتىمدىن چىقىرىۋەتىشكە ئۇرۇنۇپ باقتى.  ھەقىقىي رادىكال ئىسلامچىلار بولسا ماڭا «خائىن» دەپ ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. سەۋەبى مەن ئۇلارغا رەدىيە بېرىپ تۇرىمەن.  ھەقىقىي ئىلغار پىكىردىكى مۇسۇلمانلار مېنى «بەك  كونسېرۋاتىپ بولۇپ كەتتى»، دەپ ئېيىپلايدۇ.  كونسېرۋاتىپ مۇسۇلمانلار بولسا مېنى «دىندىن بەك چەتنەپ كەتتى»، دەپ ئېيىپلايدۇ.  مەن بۇنداق ئەھۋالغا بەك نارازى بولۇپ كەتمەيمەن.  سەۋەبى، مەن ئاللاھنى رازى قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ ياشاش يولىنى تاللىغان بىر ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۇقىرىقىدەك ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلىپ كېلىۋاتىمەن.  



سوئال: ئاشۇنداق تەنقىتلەرگە ئۇچرىغاندا، سىز ئۇلارغا قانداق تاقابىل تۇرىسىز؟


جاۋاب: ئەگەر مەن «تەنقىقلەر ماڭا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ» دەسەم، مەن يالغانچىلىق قىلغان بولىمەن.  تەنقىتلەرنىڭ ماڭا بولغان زەربىسى چوڭ بولىدۇ.  بۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى.  ئۇنداق ئەمەس، دېگۈچىلەر يالغانچىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  تەنقىتلەر مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغىمۇ تەسىر قىلغان.   شۇڭا قۇرئاندا ئاللاھ مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا «ئۇلارنىڭ دېگەن گەپلىرى سېنىڭ يۈرىكىڭنى ئېچىشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز»، دېگەن.  مۇشۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك؟  ئاللاھ بۇنىڭغىمۇ جاۋاب بېرىپ:  سەجدە قىلىشنى كۆپېيتكىن، ھەمدە ئۆلۈپ كەتكىچە ئاللاھغا سەجدە قىلغىن، دېگەن.  شۇڭا بىر ئادەم ئاشۇنداق تەنقىتلەرنىڭ زىيىنىدىن ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن، ئاللاھدىن ياردەم سورىشى كېرەك.  مەن تۇنجى قېتىملىق خۇتباھنى 16 ياش ۋاقتىمدا بەرگەن.  شۇنىڭدىن باشلاپ مەن ئىسلام توغرۇلۇق دەرس ئۆتىۋاتقان ۋە دىنىي تېلىم بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئىشنى قىلىۋاتقىلى ھازىر 20 يىل بولدى.  مۇشۇ جەرياندا مەن مۇنداق بىر ھەقىقەتنى بىلىۋالدىم:  باشقىلارنى تەنقىتلەش دۇنيادا قىلىش ئەڭ ئاسان بولغان ئىش.  ھەر قانداق ئادەم باشقىلارنى تەنقىت قىلالايدۇ.  تەنقىتچى بولۇش ھېچ قانداق سالاھىيەت تەلەپ قىلمايدۇ.  بىر غەتلەك ئۈستىدە ئوتلۇرىدىغان مېيىپ ئادەممۇ پەقەت ئاغزىنى ئېچىپلا باشقىلارنى تەنقىتلىيەلەيدۇ.  ئەڭ ئاخىرىدا ئۇتۇپ چىقىدىغىنى بىر ئادەمنىڭ سۈپىتى.  مەن ئۆز ئۆمرۈمدە نۇرغۇن قېتىم كۆرگەن ئىش شۇكى، سىز ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ئىشنى قىلىپ مېڭىۋەرسىڭىز، ئۆزىڭىزدىكى ئېسىل سۈپەتلەرنى نامايان قىلىپ كېتىۋەرسىڭىز، ئاخىرىدا كىشىلەر سىزگە يەنىلا قايىل بولىدۇ.  ئەرەبچىدە بىر گەپ بار:  «ئىتنىڭ قاۋىشى بۇلۇتنىڭ مېڭىشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ».  شۇڭا مەن تەنقىتلەرنى ئۆزەم ياشايدىغان مۇھىتنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارايمەن.  ئەگەر سىز سەمىمىي بولسىڭىز، ھەقنى سۆزلىسىڭىز، كىشىلەر ئەڭ ئاخىرىدا سىزنى توغرا چۈشىنىدۇ.  ھەممىدىن مۇھىمى سىز قىلغان ئىشتىن ئاللاھ خوش ۋە رازى بولىدۇ. مەن ئاللاھدىن داۋاملىق ماڭا سەمىمىيلىك ۋە كەمتەرلىك ئادا قىلىشىنى، مېنى توغرا يولغا يېتەكلىشىنى تىلەپ تۇرىمەن.



سوئال: ئىسلامنى ھازىرقى زامانغا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ ئائىلىسى، تۇرمۇش ئادىتى، ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيىتىگە بىر كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىشنى ئىستەمسىز؟


جاۋاب: مەن غەربتىمۇ ياشاپ باققان، ھەم شەرقتىمۇ ياشاپ باققان بولغاچقا، ئۆزەمنى جەمئىيەتنىڭ نۇرغۇن تارماقلىرى بىلەن باغلىيالايمەن.  مەن 80- ۋە 90-يىللىرى تازا ئۆسۈۋاتقان مەزگىلدە، ئۆزەم ھۆرمەت قىلغىدەك، ئۆزەم قايىل بولغىدەك دىنىي زىيالىيلارنىڭ يوقلىغىنى ھېس قىلدىم.  ئىسلام دۇنياسىدا ئاشۇنداق بىر بوشلۇقنىڭ بارلىغىنى ھېس قىلدىم.  شەرقتە يېتىلگەن دىنىي ئۆلىمالارنىڭ غەربكە زادىلا ماسلاشمايدىغانلىقىنى كۆرىۋالدىم.  مېنىڭ ئالدىمغا نۇرغۇن ياشلار نۇرغۇنلىغان، بىر-بىرىگە پەقەتلا ئوخشىمايدىغان سوئاللار بىلەن كەلدى.  مەسىلەن، ماڭا كېلىپ، «مېنىڭ ئۆزەم بىلەن ئوخشاش جىنسىدىكى ياشقا كۆڭلۈم چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ. مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟» دەپ سورىغانلارمۇ بار.  سىزچە مۇشۇ ياش بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆلىمالارىمىزنىڭ بىرەرسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ مۇشۇنداق دىيەلەمدۇ؟  ئۇنداق دەيدىغان بولسا، ئۇلار «ئەستەخپۇرۇللا! ئاللاھدىن قورق!» دەپلا ئۇ ياشنى ئېيىپلەپ كېتىشى مۇمكىن.  ئۇلار مېنىڭ مەندىن ئەقىل ئىشلىتىپ تۇرۇپ سورىغان سوئاللارغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىمنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار مېنىڭ ئالدىمغا كېلىدۇ. سىز بىر دىنى ئېتىقادى بار ياشقا «ئاللاھدىن قورق! ئۇنداق، مۇنداق» دېسىڭىز بولىدۇ.  ئەمما بەزى ياشلاردا ئېتىقاد تېخى رەسمىي شەكىللىنىپ بولالمىغان بولۇپ، ئۇلار تېخى ئىمان ئېيتىش ياكى ئېيتماسلىقنىڭ چېگرىسىدا تۇرىۋاتقان بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سىز ئۇلارغا بىر مۇكەممەل ئىلمىي ئاساسقا ئىگە، ھەم مۇكەممەل روھىي ياكى دىنى ئاساسقا ئىگە بولغان چۈشەنچە ۋە تېلىملەرنى بېرىشىڭىز كېرەك.  مېنىڭ ئالدىمغا ئاشۇنداق ياشلار كەلگەندە، مەن ئۆزەمنى بەخىتلىك ھېس قىلىمەن، ھەمدە ئۇلارغا ئۆزلىرىگە لايىق ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.  ھەرگىزمۇ «سەن قانداقمۇ ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلىشقا جۈرئەت قىلدىڭ؟  سەن قانداقمۇ قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا جۈرئەت قىلدىڭ؟» دەپ ئۇلارنى بىراقلا رەت قىلىۋەتمەيمەن.  شۇڭا ئۇلار مېنىڭ ئالدىمغا كېلىدۇ.  مەن ئۇلار بىلەن ئىنتېرنېتتە پاراڭلىشىش ئارقىلىق، ھازىر تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ ئىسلامنى رەسمىي كەسىپ، رەسمىي ئاكادېمىك سۈپىتىدە ئۆگىنىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم.  بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە مەن ئۆزەم يالغۇز يېتىشىپ بولالمايمەن.  شۇڭا مەن كۆپلىگەن ئىنى-سىڭىللارنىڭ، بولۇپمۇ سىڭىللارنىڭ دىننى ئۆگىنىپ، ئۆزىنى دىنىي بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، مۇسۇلمان قىزلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۆزلىرى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  «بىلىم كۈچ دېمەكتۇر».  بۇ سۆز ھەقىقەتەنمۇ توغرا.  ئەگەر سىزدە بىلىم بولىدىكەن، سىزدە كۈچ-قۇدرەت بولىدۇ. سىزدە ئىشەنچ بولىدۇ.  سىزدە باشقىلار بىلەن ئىلمىي نەزەرىيىلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ مۇنازىرلىشىدىغان ئىقتىدار بار بولىدۇ.  مانا بۇ ھەممە بىلىملەرنىڭ ئاساسى.  ياشلارغا ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بولغان دىنىي بىلىملەرنى بېرىش مېنىڭ ھازىرقى نىشانىم. مەن ھازىر ئاشۇ ئىشنى قىلىۋاتىمەن.  



سوئال: سىز ھازىر ئالماغرىب ئىنستىتۇتىدا ياش ئوقۇغۇچىلارغا دىنى دەرسلەرنى بېرىۋاتىسىز.  سىز ئاشۇ ئىش بىلەن ئۆز مەقسىدىڭىزگە يېتەلەمسىز؟


جاۋاب: مەن ھازىر بىزگە ئەڭ زۆرۈر بولغان نەرسە، كلاسسىك ئەنئەنىنى زامانىۋى ئۆرۈپ-ئادەتكە ئايلاندۇرىدىغان، بارلىق ئەنئەنەۋى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتىدىن قوراشتۇرۇپ ۋە قايتىدىن قاچىلاپ چىقىپ، بىر 19 ياشلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئاغزىغا تېتىيدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدىغان ئاكادېمىيە ياكى ئالىي مەكتەپلەر، دەپ قارايمەن. ھازىرغىچە بىزنىڭ كلاسسىك ئەنئەنىمىز بىلەن ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلىرىنىڭ روھىي ھالىتى ئوتتۇرىسىدا زور پەرق مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.  شۇ سەۋەبتىن ھازىر بىزدە ئىككى قۇتۇپ شەكىللىنىپ قالدى.  ئۇنىڭ بىرى ئىلغار ئىدىيىلىك مۇسۇلمانلار بولۇپ، ئۇلار ھەممە نەرسىنى ھالال ھېسابلايدۇ.  يەنە بىرى بولسا ھەددىدىن تاشقىرى كونسېرۋاتىپ بولۇپ، ھەممە ئىشلارغا بىر ئىنتايىن تار نەزەر دائىرە بىلەن قارايدۇ.  شۇڭا بىزگە ھازىر لازىم بولغىنى مۇشۇ ئىككى قۇتۇبنىڭ ئوتتۇرىسىغىراق توغرا كېلىدىغان نەرسە.  مەن ئۆزەم ئەنئەنىگە ناھايىتى سادىق بولۇپ، ئاشۇ نۇقتىدا تۇرۇپ قارىغاندا، مەن ئۆزەمنى بىر كونسېرۋاتىپ، دەپ ھېسابلايمەن.  ئەمما، مېنىڭ كىيىنىشىم، ئىش قىلىش ئۇسۇلۇم، ۋە گەپ-سۆزلىرىم بىر كونسېرۋاتىپقا ئوخشىمايدۇ.  چۈنكى، كونسېرۋاتىپلىق نەزەر دائىرىسى تار بولۇش، دېگەننى كۆرسەتمەيدۇ.  كونسېرۋاتىپلىق دېگىنىمىز ئەنئەنىمىزگە ۋە ھاياتىمىزغا سادىق بولۇپ، ھازىرقى زاماندىكى مەسىلىلەرنى ۋە مۇرەككەپلىكلەرنى چۈشىنىپ، ئۇلارنى ئاكتىپلىق ۋە رېئالىستىك ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىش دېگەننى كۆرسىتىدۇ.  مەن بىزنىڭ دىنىمىز رېئالىستىك ۋە ئەمېلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىدىغان (pragmatic) دىن، دەپ ئويلايمەن.  بىزنىڭ دىن بىر نەزەرىيىۋى فانتازىيە دىنى ئەمەس.  شۇڭلاشقا ئىسلامنى ھازىرقى زامانغا ماسلاشتۇرۇش مەن ئۈچۈن باشقا نۇرغۇن كىشىلەر ئويلىغىنىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغان دەرىجىدىكى بىر رېئاللىق.  مەن ئالماغرىپ ئىنستىتۇتىدا تېئولوگىيە، ئەخلاق ۋە قانۇن دەرسلىرىنى ئۆتىمەن.  ئىسلام قانۇنى دەرسىدە بىز قۇرئاننى قولىمىزغا ئېلىپ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى شۇ پېتىلا سۆزلىمەيمىز.  بىز مەلۇم بىر ئۇقۇمنى ئۆگىتىش ئۈچۈن، قۇرئاننىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدىكى مەزمۇنلارنى تاللاپ ئېلىپ، ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق قۇرئاندا ئەسلىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيىنى سۆزلەيمىز.  نۇرغۇن كىشىلەر «بىز سۈننەت بويىچە مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭكى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش كىيىنىشىمىز كېرەك»، دەپ ئويلايدۇ.  مەن بولسام سۈننەت مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز زامانىغا ماس كېلىدىغان كىيىملەرنى كىيىشنى تەلەپ قىلىدۇ، دەپ قارايمەن.  چۈنكى، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام كىيىم لاھىيىلەش ئىنقىلابى قوزغاپ باقمىغان.  ئۇ پەقەت ئۆز خەلقىنىڭكى بىلەن ئوخشاش كىيىملەرنى كىيىپ ياشىغان.  كىيىمنىڭ بىرەر تۈگمىسى، بىرەر ياقىسىنى ئۆزگەرتىپ باقمىغان.  شۇڭا گەرچە داڭلىق دىنى ئالىم ئىبىن قېيۇم بىر ناھايىتى كونسېرۋاتىپ كىشى بولسىمۇ، ئۇ «مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مەدەنىيىتى بويىچە كىيىنىشى كېرەك»، دەيدۇ. بۇ يەردىكى بىردىن-بىر شەرت، كىيگەن كىيىم بەدەننىڭ ئىسلامدا بەلگىلەنگەن قىسمىنى يېپىپ تۇرۇشىدىن ئىبارەت.  ئەگەر مەن يەكتەك (Thobe, shalwar kameez) دىن بىرنى كىيىپ، مۇسۇلمان ئەمەس ئادەملەر توپىنىڭ ئالدىغا چىقىپ لېكسىيە سۆزلەيدىكەنمەن، مەن سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغان بولىمەن.  سۈننەت ھەر بىر ئادەمدىن ئۆزى راھەت ھېس قىلىدىغان ھالەتتە كىيىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.  مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ھەر بىر ئادەمنىڭ كىيگەن كىيىمى شۇ ئادەم ياشاۋاتقان دەۋردىكى باشقا كىشىلەرگە بىر خىل ھۆرمەت تۇيغىسى بېرەلەيدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.  بەزى ئادەملەر ماڭا مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئۇ كىيگەن كىيىمگە ئوخشاش كىيىملەرنى كىيىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  مەن ئۇلارغا دەيمەنكى، سىز ئۇ يىگەن تاماقنى يىمەيسىز.  ئۇنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئۆيدە ياشىمايسىز.  ئۇ كىيگەن كەشنى سىز كىيمەيسىز.  نېمە ئۈچۈن پەقەت بىرلا نەرسىنى تاللاپ، شۇنى سۈننەت دەپ ئاتاپ، قالغان نەرسىلەرنى ئېتىۋارغا ئالمايسىز؟ نېمىشقا ھازىرقى زامان قاتناش قوراللىرىنى ئېتىۋارغا ئالمايسىز؟  (مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام بىرەر قېتىم ماشىنىدا ئوتلۇرۇپ باققان ئەمەس). باشقا ھەممە نەرسىلەرنى ئېتىۋارغا ئالمايسىز؟  نېمىشقا مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام يىگەن يېمەكلىكلەرنى قايتا ياساپ بېقىشقا ئۇرۇنۇپ باقمايسىز؟  مۇھەممەت پەيغەمبەر بىرەر قېتىممۇ گۈرۈچ تامىقى يەپ باققان ئەمەس.  سەۋەبى گۈرۈچ مەككىگە ساخاباھ دەۋرىگە كەلگەندە ئاندىن كىرگەن. مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ئىنتايىن قاتتىق قېتىپ كەتكەن نانلارنى يەپ يۈرگەن.  سىز ھازىر ئاشۇنداق ناننى يەپ، ئۇنى سۈننەت دەپ ئاتامسىز؟  شۇڭلاشقا مېنىڭ ۋە باشقا زىيالىيلارنىڭ بىر ۋەزىپىسى، ئەنئەنىگە سادىق بولغان ھالدا ئىسلامنى ھازىرقى رېئاللىققا ئۇيغۇن قىلىشتۇر.    


مۇسۇلمان زىيالىيلار ئارىسىدا ئىسلامدا نېمە ئۆزگەرسە بولىدۇ، نېمە ئۆزگەرسە بولمايدۇ، دېگەن مەسىلىدە ئىزچىل تۈردە تالاش-تارتىش بولۇپ كەلدى.  مەسىلەن، ساخاباھ دەۋرىدە دىنى ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسى قۇرئاننى پۇلغا سېتىشنى چەكلىدى.  ئۇلار قۇرئاننى قول بىلەن كۆچۈرۈپ، باشقىلارغا بىكارغا بەرسەڭ بولىدۇ، ئەمما ساتساڭ بولمايدۇ، دېدى.  سەۋەبى، ئۇلار مۇشۇ بويىچە قۇرئانغا ھۆرمەت بىلدۈرمەكچى بولدى.  دېمەك، ھۆرمەت نۇقتىسىدىن مۇشۇنداق بىر پەتىۋانىڭ چىقىرىلغىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق.  ئەمما، ئۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر قۇرئاننى قول بىلەن كۆچۈرۇپ جان باقىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ئۈچۈن قۇرئاننى باشقىلارغا بىكارغا بېرىۋەتىش رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس ئىدى.  قۇرئاننى كۆچۈرۇپ كۆپېيتىش ئۇلار ئۈچۈن بىر جان بېقىش ۋاستىسى ئىدى.  شۇڭلاشقا دەسلىۋىدە قۇرئاننى سېتىشنى مەنئىي قىلىش توغرۇسىدىكى پەتىۋاغا ھەممە ئادەم بىردەكلا قوشۇلغان بولسىمۇ، كېيىنچە بۇ پەتىۋا پۈتۈنلەي بىكار قىلىندى.  دېمەك، ھەر بىر يېڭى دەۋردە، بىر قىسىم يېڭى تالاش-تارتىشلار، يېڭى سۈركۈلۈشلەر مەيدانغا چىقىپ تۇردى.  مەسىلەن، مىكروفون توغرۇلۇق، ۋە باشقا يېڭى تېخنىكىلار توغرۇلۇق شۇنداق بولدى.  شۇڭا نېمىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ، نېمىنى ئۆزگەرتسە بولمايدۇ، دېگەننى بەلگىلەش دىنى زىيالىيلارنىڭ ۋەزىپىسى.  



سوئال: ئۇنداقتا بۇنداق ئۆزگىرىش نەگە بېرىپ توختايدۇ؟


جاۋاب: تېئولوگىيە ئۆزگەرسە بولمايدۇ.  ئىسلام قانۇنلىرى ئۆزگەرسە بولمايدۇ.  ئەمما، كەلتۈرۈپ چىقارغان (derived) قانۇنلار ئۆزگەرتىلسە بولىۋېرىدۇ.  مەسىلەن، قۇرئان بىلەن ھەدىستە «قۇرئاننى قول بىلەن كۆچۈرۇپ، ئۇنى ساتساڭ بولمايدۇ» دەيدىغان بىر ئايەت يوق.  دەسلىۋىدە كىشىلەر مۇشۇنداق قىلىشنى چەكلەيدىغان پەتىۋا چىقاردى. كېيىن بولسا ئۇنى بىكار قىلدى.  مىكروفون مەسىلىسىدىمۇ شۇنداق بولدى.  ھازىر ئامېرىكىدا يېڭى ئاي چىققان-چىقمىغانلىقىنى بىلىشتە ئاسترونومىيىگە تايانسا بولامدۇ-يوق، دېگەن مەسىلىدە نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بولىۋاتىدۇ.  مېنىڭچە يېرىم ئەسىر ياكى بىر ئەسىردىن كېيىن دىنى زىيالىيلار بۇ مەسىلە ئۈستىدىمۇ بىرلىككە كېلىپ، بىر قارار ئېلىشى  مۇمكىن.  



سوئال: ئاشۇنداق ئىشلارغا قارىتا قارار ئېلىشتا، قانداق قەدەم-باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈش زۆرۈر بولىدۇ؟ ئۇنىڭ 1-قەدىمى نېمە؟


جاۋاب: ئۇنىڭ 1-قەدىمى مەسىلىنى چۈشىنىش.  بىرىنچى قەدەم ھەقىقىي مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئانالىز قىلىش.  مەسىلەن، ئاسترونومىيىلىك ھېسابلاش دېگەن نېمە؟  ئۇ ھېسابلاشنى كىم ئېلىپ بارىدۇ؟  ھېسابلاش نەتىجىسىنىڭ توغرۇلۇق دەرىجىسى قانچىلىك؟  ئىككىنچى قەدەم بولسا، شېرىيىدە نېمە دېيىلگەنلىكىگە قاراپ بېقىش.  بىزنىڭ دىنىي زىيالىيلىرىمىز مەلۇم بىر ئىش ئۈچۈن بىر ھۆكۈم چىقىرىش ئاشۇ ئىشنى تولۇق چۈشىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئېلىپ بېرىلىدۇ، دەيدۇ.  ئاسترونومىيە «بۈگۈن يېڭى ئاي تېخى چىقمىدى» دەپ، بىر ئادەم «مەن بۈگۈن يېڭى ئاينى كۆردۈم» دېسە، چوقۇم ئاشۇ ئادەم خاتالىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئاينى ئەمەس، باشقا بىر نەرسىنى كۆرۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.  مۇشۇنىڭغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، بىر ئادەمنىڭ يېڭى ئاينى كۆرگەنلىكىنى ئىنكار قىلىش مۇمكىن.  



سوئال: سىزنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا قانداق پىلانىڭىز بار؟


جاۋاب: مېنىڭ بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانىم بار.  ئۇ بولسىمۇ مەن شەرق بىلەن غەربتە ئوقۇب قولغا كەلتۈرگەن بىلىملەرنى يېڭى ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش.  مېنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانىم شەرقنىمۇ ۋە غەربنىمۇ تەڭلا چۈشىنىدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد دىنى زىيالىيلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرىدىغان بىر دىنى مەكتەپ قۇرۇش.  مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئەگەر دىنىمىزنى ئۆزىمىز ياشاۋاتقان ماكاندا گۈللەنسۇن، دەيدىكەنمىز، بىز دىنى زىيالىيلىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ماكانىدا تەربىيىلەپ يېتىشتۈرىشىمىز كېرەك.  بىز داۋاملىق تۈردە ئىمپورت قىلىنغان دىنى زىيالىيلارغا تايانساق بولمايدۇ.  ئەگەر بىز دىنى زىيالىيلارنى سىرتتىن كىرگۈزسەك، ئۇلار داۋاملىق بىزگە ئېھتىياجلىق ئەمەس نەرسىلەر قاچىلانغان خۇجۇندىن بىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدۇ.  بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئادەملىرىنى ئۆزىمىز تەربىيىلىگەندىلا دىنىمىز بىزنىڭ زىمىنىمىزدا قايتىدىن گۈللىنىدۇ.  مەن مەدىنەدىمۇ ئوقۇپ باقتىم. ئامېرىكىدىمۇ ئوقۇپ باقتىم.  مەدىنە ۋە ئەزھەر قاتارلىق شەرقتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھېچ قايسىسى غەربتىكى ئىماملىقنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئۆگەتمەيدۇ.  ئىمامنىڭ 1-ۋەزىپىسى ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە پوپ بولۇش.  يەنى كىشىلەر ئۇچرىغان پىسخىلوگىيىلىك مەسىلە، نىكاھ مەسىلىسى، ياشلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قېلىش مەسىلىسى، ۋە بىرسىنىڭ ئۆزىنى ئۆتلۈرىۋالماقچى بولغىنىغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش.  شەرقتىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتەتلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگەتمەيدۇ.  دارۋىنىزم مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن بىر ياشنىڭ مەسىلىسىمۇ شۇنداق.  شەرقتىكى ئالىي مەكتەپلەر ھەرگىزمۇ دارۋىنىزم مەسىلىسىدە غەربلىكلەر مۇنداق دەيدۇ، بىز مۇنداق دەيمىز، بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ماۋۇ ماۋۇ، دېگەن نەرسىنى ئۆگەتمەيدۇ.  بىر 17 ياشلىق ياش ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن گۇمانلىنىپ، ئالدىڭىزغا كەلسە، سىز ئۇنىڭغا «بېرىپ قۇرئاننى ئوقۇ!»، دەپلا قويسىڭىز بولمايدۇ.  سىزدە بۇ ياشنىڭ ئاشۇنداق گۇمانى نەدىن پەيدا بولغانلىقى، ۋە ئۇ گۇماننى قانداق يوقۇتۇش كېرەكلىكى ھەققىدىكى بىلىم بولىشى كېرەك.  مەن قۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ بىر يېڭى ئەۋلاد زىيالىيلىرىنى، بىزنىڭ ھازىرقى زامانىمىزدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان زىيالىيلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرىدۇ.  مەن ھازىرقىدەك ھالەتكە كېلىش ئۈچۈن شەرق بىلەن غەربنىڭ ھەر ئىككىسىدە ئوقۇپ، نۇرگۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم.  مېنىڭ ھېلىقىدەك بىر ئالىي مەكتەپ قۇرۇشتىكى مەقسىدىم كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىش.   مەن كۆڭلۈمگە پۈككەن مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، جەمئىيەتكە چىقىپلا، شۇ جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۆھپە قوشالايدۇ.  شەرقتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بىر ياشنىڭ غەربتە يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلالايدىغان بىر سەۋىيىگە يېتىشى ئۈچۈن يەنە كەم دېگەندە 10 يىلدەك ۋاقىت كېتىدۇ.  مېنىڭ ئارزۇيۇم كېيىنكى 10-20 يىل ئىچىدە ئاشۇنداق مەكتەپتىن بىرىنى قۇرۇپ، 1-تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش.  بۇ ئىشتا مەن كۆزلىگەن پەللە خېلى ئىگىز.  ئەمما نىشاننى ئىگىز قىلمىسىڭىز، ئۇنىڭغا يېتەلمەيسىز.  مەن ھازىر بۇ يولدا ئىشنى باشلاپ بولدۇم.


ياسىز قازىنىڭ جاۋابلىرىدىكى مەزكۇر تەما بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار يۇقىرىقىدىن ئىبارەت.  شۇڭا مەن ياسىر قازى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر سۆھبەتنى تونۇشتۇرۇشنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرىمەن.  ئەمەلىيەتتە مەن بۇ سۆھبەتنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنىلا ئايرىپ قويدۇم.  



6. تەنقىت ھەققىدە


بىز يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، ياسىر قازى مەزكۇر سۆھبەتتە تەنقىت ئۈستىدە ئازراق توختالدى.  مەنمۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزەمنىڭ تەنقىت ھەققىدە بىلىدىغانلىرى ۋە ئويلىغانلىرىنى قىسقىچە تەسۋىرلەپ ئۆتىمەن.


مۇسۇلمانلار مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئۆزىنىڭ بىر پەيغەمبېرى يوق ھالەتتە ياشاپ كەلدى.  1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بولسا، ئۆزىنىڭ بىر خەلىپىسى يوق ھالەتتە ياشاپ كەلدى. بىز ئىسلام تارىخىغا قارىساقمۇ، ياكى ھازىرقى ئىسلام دۇنياسىغا قارىساقمۇ، قۇرئان، ھەدىس، سۈننەتتىكى مەزمۇن ھەققىدە، شۇنداقلا ھازىرقى زامان مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىنتايىن كۆپ چۈشەنچە ئىختىلاپلىرى، ۋە پىكىر ئىختىلاپلىرى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.  دىنىي مەسىلىلەرگە بولغان چۈشەنچە ۋە كۆز-قاراشتىكى پەرقلەر ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ ئىنتايىن ئېغىر.  بۇنى بىز مەن يازغان ھەر بىر تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلاردىنمۇ كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز.  ئەمېلىيەتتە ئارىمىزدا بىر مەسىلىگە نىسبەتەن ھەر خىل كۆز-قاراشلارنىڭ مەۋجۇت بولىشى ئۇنچىۋالا ئازاپلىنارلىق ئىش ئەمەس.  ئەپسۇسلىنالىر ئىش ئەمەس.  چۈنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى ئەقىل بىلەن، ھەمدە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان قىلىپ ياراتقان.  ئوخشىمىغان ئىنسانلارغا ئوخشىمىغان يولنى تاللىسا بولىدىغان قىلىپ ياراتقان. شۇڭلاشقا چۈشەنچىنىڭ ھەر خىل بولۇشىنى، ۋە پىكىرنىڭ رەڭدار بولۇشىنى ئىنسانلارنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتى بەلگىلىگەن بولۇپ، بىز ئۇلاردىن خالى بولالمايمىز.  بۇنداق بىر رېئاللىققا قارىتا، مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىشى مۇمكىن:  ئۇنداقتا مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟  بۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام زامانىسىدىكىدەك پۈتۈن مۇسۇلمانلار قوبۇل قىلىشقا تەگىشلىك بىرەر نوپۇزلۇق پەتىۋا ياكى پەرماننى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۇش مۇمكىن بولماسمۇ؟  بۇنىڭ جاۋابى: بولىدۇ.  ئاللاھ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئاشۇنداق بىر مېخاينىزىمنىمۇ يارىتىپ قويغان بولۇپ، مەن ئۇنى كېيىنچىرەك يازىدىغان بىر ماقالىدا بايان قىلىمەن.  


يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك، ئىنسانلار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان قىلىپ يارىتىلغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى يۈزدە-يۈز بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.  بۇ دېگەنلىك، سىز قانچىلىك دەرىجىدە مۇكەمەللىككە يەتكەن بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، سىز ئەتىراپىڭىزدىكى ھەممە ئادەمنى رازى قىلىپ بولالمايسىز.  ھەممە ئادەمنى خوش قىلىپ بولالمايسىز.  شۇڭلاشقا ھەممە ئادەمنى تەڭلا رازى قىلىش، ھەممە ئادەمنى تەڭلا خوش قىلىشقا ئورۇنۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل نورمالسىزلىق.  


مەن يۇقىرىدا ياسىر قازىنىڭ تەنقىت ھەققىدىكى كۆز-قارىشىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم.  مەنمۇ باشلانغۇچتىن باشلاپلا ھەم ماختىلىنىش، ھەم تەنقىتلىنىش ئىچىدە ياشاپ كەلدىم.  تەنقىتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا نۇرغۇن تەجرىبە-ساۋاقلارنى توپلۇدۇم.  بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە نورمال بەس-مۇنازىرىلەرنى، ئىلمىي تەنقىتلەرنى، ۋە يوللۇق پىكىرلەرنى نورمالسىزلىقلاردىن ۋە ھۇجۇمدىن پەرقلەندۈرۈش مەسىلىسى.  ئالدىنقىسى بىز ئۈچۈن پايدىلىق. ئۇ بىزنىڭ چوڭقۇرلاپ تەپەككۇر قىلىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ، بىلىمىمىزنى ئاشۇرىدۇ، ۋە بىزنى ئالغا ئىلگىرىلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېيىنكىسىدىن ساقلانغىلىمۇ بولمايدۇ. مەن نورمالسىزلىق بىلەن ھۇجۇمغا دۇچ كەلگەندە، غەربلىكلەرنىڭ تۆۋەندىكى ھېكمەتلىك سۆزلىرى بويىچە ئىش كۆرىمەن:  


--ئاجىز ئادەم ھۇجۇمچىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ.

--كۈچلۈك ئادەم ھۇجۇمچىنى ئەپۇ قىلىدۇ.

--ئاقىلانە ئادەم ھۇجۇمچىغا پەرۋا قىلمايدۇ.


غەربلىكلەرگە يۇقىرىدىكى ھېكمەت بەك كەڭ سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار پارتىلاپ كېتىدىغان نۇرغۇن ئىشلارغا ئۇلار قىلچىمۇ پەرۋا قىلىپ قويمايدۇ.  مەن بۇنىڭغا بىر مىسال كەلتۈرۈپ بەرەي: نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر جۇڭگو دۆلەت رەھبىرى ئامېرىكىغا زىيارەتكە كەلدى.  ئوباما ئۇنىڭ ھۆرمىتىگە بىر زىياپەت ئورۇنلاشتۇردى.  ئۇ زىياپەتتە بىر جۇڭگولۇق داڭلىق سەنئەتكار پىئانو چېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.  ئەپسۇسكى، بۇ سەنئەتكارنىڭ ئۇ زىياپەتتە ئورۇنلىغان مۇزىكىسى 50-يىللىرى جۇڭگو شىمالىي كورىيىگە ياردەم بېرىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنىشنى مەزمۇن قىلغان بىر مۇزىكا بولدى.  بۇ ئىشتىن كېيىن ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇقلاردىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشقا ئىنتايىن قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.  جۇڭگو رەھبىرىنى ھەر خىل سەت گەپلەر بىلەنمۇ ھاقارەتلىدىكى.  جۇڭگو تىلىدىكى گېزىتلارغا خېلى كۆپ ماقالىلارمۇ چىقتى.  ئەمما ئامېرىكا بۇنىڭغا پۈتۈنلەي سۈكۈت قىلدى.  ئۇنىڭغا ئازراقمۇ پەرۋا قىلىپ قويمىدى.  بۇ مەسىلىدە خەلقئارا سەھنىدە كىمنىڭ ئىناۋىتى ئۆسۈپ، كىمنىڭ چۈشكەنلىكىنى ئۆزىنىڭىز پەرەز قىلىۋېلىڭ.  


ئەگەر سىز نوپۇز، بىلىم ۋە باشقا جەھەتلەردە ھۇجۇمچىڭىزدىن كۆپ ئۈستۈن بولسىڭىز، سىز ھۇجۇمچىڭىز بىلەن ئېلىشىش ئۈچۈن مۇنداق 2 قەدەمنى بېسىشقا مەجبۇرى بولىسىز: بىرىنچىسى، ئىگىزدىن پەسكە چۈشىسىز، يەنى ھۇجۇمچىڭىز تۇرغان يەرگە چۈشىسىز.  ئىككىنچىسى، ھۇجۇمچى بىلەن ئېلىشىسىز.  سىزنىڭ ئىگىزدىن پەسكە چۈشكىنىڭىزنىڭ  ئۆزىلا سىز ئۈچۈن بىر قېتىملىق يېڭىلىش بولىدۇ.  چۈنكى، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئورنى، دەرىجىسى ۋە ئابرويىنى قۇربان قىلدىڭىز.  ئۆزىڭىز بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىلىم سەۋىيىسى، ئورنى ۋە ئابرويى جەھەتتە سىزدىن جىق تۆۋەن تۇرىدىغان، سەمىمىيەتلىكى يوق، ئادالەتلىك بىلەن كارى يوق، ياكى كۆڭلىگە بىر غەيرى مەقسەتنى پۈككەن كىشى بىلەن مۇنازىرلىشىش خۇددى بىر چوشقا بىلەن چېلىشىشقا ئوخشاش ئىش (مەن ئادەتتە بۇنداق قوپال ياكى سەت گەپلەرنى ئىشلىتىشتىن ئۆزەمنى پۈتۈنلەي تارتاتتىم.  ئەمما مەن ئۈچۈن بۇ يەردىكى ئىشنى ئەڭ ئوبرازلىق تەسۋىرلەپ بېرىدىغىنى مۇشۇ «چوشقا» دېگەن سۆز بولغاچقا، مەن ئۇنى ئىشلىتىپ سالدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەردىن ئالدىن ئالا ئەپۇ سورايمەن).  چوشقا سىزنى بېسىۋالسا، سىز پاتقاققا مۆلۈنىسىز.  سىز چوشقىنى بېسىۋالسىڭىز، سىز ئوخشاشلا پاتقاققا مۆلۈنىسىز.  شۇڭا كىم ئۇتىدۇ؟


بۇ ساھەدە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار بار.  ئەگەر بىرسى سىزگە توردا قارا چاپلاپ، يۈز-ئابرويىڭىزنى سىز ئۆزىڭىز چىداپ تۇرالمىغۇدەك دەرىجىدە تۆكۈۋەتكەن بولسا، سىزنى تونۇيدىغانلار توردا سىزگە چاپلانغان تۆھمەتكە ئىشەنمەيدۇ.  سىزنى تونۇمايدىغانلار سىزگە چاپلانغان تۆھمەتكە ئىشىنەمدۇ-يوق، ئۇ سىز ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس.  ئەڭ مۇھىمى، ھازىرقى ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ بايقىشىچە، بۇنداق قارا چاپلاش جەريانى پەيدا قىلغان تەسىرلەر ئەڭ ئۇزۇن بولسا بىر ئاي ئىچىدە باشقا بارلىق كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.  بۇنداق بولۇشتىكى تۈپ سەۋەب، باشقىلارنىڭ كاللىسىدىكى بارلىق ئىشلارنىڭ ئىچىدە، سىزنىڭ تۆھمەتكە ئۇچرىغانلىق ئىشىڭىزنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، باشقىلار بۇ ئىشنى ئەستە ساقلاش يولىدا ھېچ قانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيدۇ.  شۇڭلاشقا بۇنداق ئىش سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى ئۇپرۇتىشىغا ئەرزىمەيدىغان بىر ئىش بولۇپ، سىز ئۇنى قانچە تېز ئۇنتۇلۇپ كەتسىڭىز سىز ئۈچۈن شۇنچە ياخشى.  مەن يۇقىرىقىدەك ئىشلارغا يۇلۇقۇپ، مەندىن مەسلىھەت سورىغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئەنە شۇنداق مەسلىھەت بېرىپ كېلىۋاتىمەن.  سوتقا ئەرز قىلماقچى بولغان نەچچە كىشىنىڭ رايىنىمۇ مۇشۇ بويىچە ياندۇرىۋەتتىم.  


ئامېرىكىنىڭ قۇرغۇچىسى بېنجامىن فرانكلىن (1706 - 1790) مۇنداق دەيدۇ: «ھەر قانداق ئەخمەق تەنقىت قىلالايدۇ، ئەيىبلىيەلەيدۇ، ۋە نارازىلىق بىلدۈرەلەيدۇ -- ئەمېلىيەتتە كۆپ ساندىكى ئەخمەقلەر ئەنە شۇنداق قىلىدۇ» (Any fool can criticize, condemn and complain - and most fools do).  


بەشىنچى ئەسىردە ياشىغان، ھازىرمۇ پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر بولغان ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر ئادەمنىڭ كەينىدىن تارقالغان ھېچ قانداق گەپنى تاپقىلى بولمايدىكەن، بۇ ئادەم چوقۇم ھېچ قانداق نەتىجە ياراتمىغان بولىدۇ.» [11]


سىزگە بىرسى تەنقىت بەرگەندە، سىز ئالدى بىلەن ئۇ سىزگە دىققەتسىزلىقتىن بېرىلگەن تەنقىتمۇ، كۆرەلمەسلىكتىن بېرىلگەن تەنقىتمۇ، غەيرى مەقسەتتە بېرىلگەن تەنقىتمۇ، ياكى ئورۇنلۇق تەنقىتمۇ، شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.  ئەگەر ھەممە ئادەم سىزنى تەڭلا ئېيىپلايدىكەن، كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا سىز چوقۇم بىر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغان بولىسىز. بۇنداق ۋاقىتتا سىزنى تەنقىلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا خاتا قىلىپ قويۇشى ئاسانلىقچە مۇمكىن ئەمەس.  ئەگەر كىشىلەر سىزنى مەلۇم بىر ئىشتىن توسماقچى بولىدىكەن، سىز ئۇلارنىڭ گېپىگە قولاق سېلىڭ.  تەنقىتنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چۈشۈنۈڭ. سىز ئاڭلىغان ۋە ئوقۇغان ھەر بىر تەنقىتنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن تەھلىل قىلىڭ.  تەنقىت بەزىدە سىزنىڭ يۈرىكىڭىزنى ئېچىشتۇرىدۇ. كۆڭلىڭىزنى زەخمىلەندۈرىدۇ.  شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭ.  


--مەن قىلغان ئىش مۇشۇنداق تەنقىتكە ئۇچراشقا مۇناسىپمۇ؟  

--مەن چوقۇم بىر ئىشنى خاتا قىلدىممۇ؟  

--ئۇ تەنقىت پىكىردىكى ئوخشىماسلىقتىن كېلىپ چىققانمۇ؟    

--ئۇ بەزىلەرنىڭ كۆڭلى تازا جايىدا ئەمەس، ياكى كۆڭلى يېرىم ۋاقتىدا دېگەن گەپىمۇ؟


ئۆزىڭىزگە ئەنە شۇنداق سوئاللارنى قويۇپ ئويلۇنۇڭ.  ئۇنداق قىلماي، تەنقىتلەرگە نىسبەتەن قۇلۇقىڭىزنى يۇپۇرۇپ يۈرۈۋېرىدىكەنسىز، ئۇ چوقۇم سىزنى ئۆز-ئۆزىنى ۋەيران قىلىشقا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.  شۇڭا ھەممە تەنقىتلەرنى قارشى ئېلىڭ.  ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى قوبۇل قىلىڭ.  بىر قىسمىنى رەت قىلىڭ.  يەنە بىر قىسمىنى بولسا ئۆزگەرتىپ ياكى توغرۇلاپ قوبۇل قىلىڭ.  ئەمما، ھەرگىز تەنقىتتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرماڭ.


بىر ئادەم قانچە رەزىل بولغانسېرى، ئۇ ئۆزىگە شۇنچە كۆپ رەزىللىكلەرنى جەلب قىلىپ ئەكىلىدۇ.  بىر ئادەم قانچە ياخشى بولغانسەرى، ئۇ ئۆزىگە شۇنچە كۆپ ياخشىلىقلارنى جەلب قىلىپ ئەكىلىدۇ.  مانا بۇ «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» نىڭ بىر مىسالى.  مەن بۇ قانۇننى ئۆزەمنىڭ «غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۈرۈشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن ماقالىسىدا تونۇشتۇرغان [12].  ئۇنى تېخىچە ئوقۇپ باقمىغان قېرىنداشلارغا ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.


بىر قىسىم قېرىنداشلار ماڭا چۈشكەن بىر قىسىم تەنقىت، ۋە مەن يازغان ماقالىغا چۈشكەن بىر قىسىم تەنقىتلەرگە قاراپ، ماڭا كۆپ ھېسداشلىق قىلدى.  ھەمدە مېنى ئاياش نۇقتىسىدىن ئاشۇنداق تەنقىتلەرنى ئازايتىشقا تىرىشتى.  مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئاشۇ قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.  شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەن بارلىق قېرىنداشلاردىن بۇنداق ئىشلارغا قارىتا مەندىن قىلچىمۇ ئەنسىرىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.  مەن ئۆز-ئۆزەمنى ئوبدان چۈشىنىمەن.  ئۆزەمنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن.  مەن ھەر قانچە قىلساممۇ تەنقىتلەردىن خالى بولالمايدىغانلىقىمنىمۇ ئوبدان ئۇقىمەن.  شۇڭلاشقا مەن قېرىنداشلارنىڭ مەندىن خاتىرجەم بولۇپ، زېھنىنى تېمىغا ۋە باشقا مۇھىم ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  بەزى تورداشلار مېنى ناچار تەنقىتلەرنىڭ دەستىدىن بۇنىڭدىن كېيىن ماقالە يازماي قالارمىكىن، دەپ ئەنسىرەپ قالغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى تېزراق خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، بۇ ماقالىنى يېقىنقى 10 كۈننىڭ مابەينىدە كۈنىگە ئاران 3 سائەتتىن ئۇخلاپ يۈرۈپ تېز پۈتتۈردۈم.  



7. ئوقۇرمەنلەرگە تەۋسىيە قىلىدىغان يېڭى ماتېرىياللار


بىر قىسىم ئوت يۈرەك قېرىنداشلىرىمىز تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىنگلىزچە لېكسىيە فىلىملىرىنىڭ تىلىنى ئىنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان بولۇپ، ئاشۇ قېرىنداشلار مەندىن بۇ ماتېرىياللارنى ئوقۇرمەنلەرگە بىلدۈرۈپ قويۇشۇمنى ئۆتۈندى.  مەن ئالدى بىلەن ئاشۇ ئوت يۈرەك قېرىنداشلىرىمىزغا چىن كۆڭلۈمدىن كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.  مەن ئۆزەم بۇ ماتېرىياللارنى تېخىچە تەپسېلىي كۆرۈپ، ئۇلار ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ باقالمىدىم.  گەرچە مېنىڭ بۇ ماتېرىياللارنى ھازىرلىغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر ئىشەنچەم بار بولسىمۇ، مەن ھازىرچە تېخى ئۇ ماتېرىياللارنى ئوقۇرمەنلەرگە تەۋسىيە قىلىدىغان سالاھىيەتكە ئىگە ئەمەس.  شۇڭلاشقا قېرىنداشلارنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى سورايمەن.


-- خالىد ياسىن لەكسىيىسى، «ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىكى دۇشمەنلەر»، ئۇيغۇرچىسى يازما شەكىلدە:

http://www.koklem.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4539&extra=&page=2


-- دوكتور ياسىر قازىنىڭ «ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ھەققىدە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلىرى» دېگەن لېكسىيىنىڭ فىلىمى،  تىلى ئىنگلىزچە، ئاستىدا ئۇيغۇرچە خەت بار:

http://v.youku.com/v_shöw/id_XNjcwNzMyNTky


--شەيىخ خالىد ياسىننىڭ «ھاياتنىڭ مەقسىدى نىمە؟» دېگەن لېكسىيىنىڭ فىلىمى،  تىلى ئىنگلىزچە، ئاستىدا ئۇيغۇرچە خەت بار: http://v.youku.com/v_shöw/id_XNjg0ODgwMTQw.html?x&from=singlemessage&isappinstalled=0




8. ئاخىرقى سۆز


مەن مەزكۇر ماقالىدا ئىسلامدىن ھازىرقى زاماندا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، ئەنئەنىگە سادىق بولغان ھالدا دىنغا بىر قىسىم ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئۇنى ھازىرقى زامانغا ماسلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم.  


مەن بەزىلەردىن «بۇ دۇنيا بىر ئۆتكۈنچە دۇنيا، ئۇنىڭ ئانچە قىممىتى يوق، ھەممە ئىشلار كېيىنكى دۇنيادا بولىدۇ»، دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىدىم.  مەن يەنە «ئاللاھ بۇ دۇنيانى پەقەت بىزنى سىناش ئۈچۈنلا، پەقەت بىزدىن بىر قېتىم ئىمتىھان ئېلىپ بېقىش ئۈچۈنلا ياراتقان» دېگەن گەپلەرنىمۇ ئاڭلىدىم.  بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مېنىڭ كۆز ئالدىمغا مۇنداق بىر ئەھۋال كەلدى: بەزىلەردىن ئاڭلىشىمچە، ياۋروپا ئەللىرىدىكى بەزى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى ئىچىدە، ھۆكۈمەتتىن ياردەم پۇلى ئېلىپ، قەتئىي ئىشلىمەي، ياكى قەتئىي ئوقۇماي، ساقالنى ئۇزۇن قويۇپ، ھەر كۈنى 5 ۋاق ناماز ئوقۇش ۋە باشقا دىنىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەنلا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بار ئىكەن.  بەزى جايلاردا بۇنداق ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىكەن.  مەن مۇشۇنداق كىشىلەر تۇتقان ياشاش يولىنى يۇقىرىدىكى سۆزلەر بويىچە تەھلىل قىلىپ، بۇ قېرىنداشلىرىمىز ئاشۇنداق چۈشەنچىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ھازىر پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن جەننەتكە كىرىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشتەك بىر يولنى تاللاپ ياشاۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم.  


ئەمما، بىز مەزكۇر ماقالىنىڭ «ئىسلامنىڭ دەسلەپكى 50 يىل ئىچىدىكى گۈللىنىشى» دېگەن قىسمىدىن، بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ھەققىدىكى يۇقىرىقىدەك چۈشەنچىلىرىنىڭ، ھەمدە يۇقىرىقىدەك تاللىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز.  يەنى، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر نەۋرە تۇغقىنى ۋە كۇيۆغلى ئالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر گۇرۇپپا خەلىپىلەر بۇ دۇنيا ئوتكۈنچى دۇنيا، دەپ ئويلىمىغان.  ئۆزىنىڭ قولىدىكى زىمىننىلا تۇتۇپ تۇرۇپ، باشقا ئىش قىلماي، پەقەت ئۆزلىرىنى پۇختا ھازىرلاپ، ئاللاھنىڭ سىناقلىرىدىن ئوبدان ئۆتۈپ، جەننەتكە ئۆزىلا بېرىۋېلىشنى ئويلىمىغان.  ئۇلار ئۆزلىرى ئۈستىدە ئاساسەن ئويلاشمىغان.  پەقەت ئۆز قەۋمىنىلا ئويلىغان.  ئۆز زىمىنىنى ئوبدان قوغدىغان.  مۇسۇلمانلارغا تەھدىت سالغانلارنىڭ زىمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنى تازىلىغان.  ھەمدە يېڭى زىمىنلارنى قولغا چۈشۈرۈپ، يېڭى زىمىنلارنى ئىگىلەپ، ئۇ يەرلەردە ئىسلامنى تارقاتقان.


مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، پەقەت ئۆزىنىڭ جەننەتكە كىرىشىنىلا مەقسەت قىلىپ، ئۆز يۇرتىنىڭ ئەھۋالىغا، ۋە ئۆز قەۋمىنىڭ ئەھۋالىغا ھېچ قانداق كۆڭۈل بولمەي، ئۇلار ئۈچۈن ھېچ قانداق خىزمەتتىمۇ بولماي ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كېيىنكى دۇنيادا ئۆزلىرى ئۈمىد قىلغاندەك تەقدىرگە ئېرىشېلىشىلىشىمۇ ناتايىن.  چۈنكى، ھەممىمىز بىلىمىز، ئاللاھ ئىنتايىن مېھرىبان، ۋە ئىنتايىن ئادىل.  ئاللاھ پەقەت ئۆزىنىلا ئويلايدىغان شەخسىيەتچىلەر بىلەن بارلىقىنى ئۆز خەلقىگە ئاتىغان ئۇلۇغلارغا پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن.  مەن بىر داڭلىق دىنىي زاتنىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئاڭلىغان: سىز پەقەت ئۆزىڭىز ئۈچۈنلا ئىسلامدىكى پەرزلەرنى تولۇق ئادا قىلىپ ياشاش ئارقىلىق جەننەتنىڭ ئاچقۇچىغا ئېرىشەلمەيسىز.


مەن ئۆزەمنىڭ ئالدىنقى 2-3 پارچە ماقالىسىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئوقۇش ئارقىلىق، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا ۋاھابىزمنىڭ ئېلېمېنتلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئۇنداق ئېلېمېنتلار بارغانسېرى كۈچىيىش تەرەپكە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدىم.  شۇنىڭ بىلەن ۋاھابىزم ھەققىدە ئازراق ئىزدىنىپ باقتىم.  بۇ ئىزدىنىشىمنىڭ نەتىجىسى مېنى قاتتىق ئېچىندۇردى.  مېنى قاتتىق چۆچۈتتى.  بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق:  سۈننى ئىسلامنىڭ ئىچىدە «سالافى ئىسلام ھەرىكىتى» دەيدىغان بىر ھەرىكەت بار بولۇپ [8]، ئۇ 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ۋۇجۇتقا كەلگەن.  كېيىنچە ئۇ  سۈننى ئىسلامنىڭ ئىچىدىكى يەنە بىر ھەرىكەت، «ۋاھابى ھەرىكىتى»، بىلەن بىرلىشىپ كېتىپ، ۋاھابى سالافىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان [9].  ۋاھابى ھەرىكىتىنى 1703-يىلىدىن 1792-يىلىغىچە ياشىغان ۋاھاب (Muhammad ibn abd al-wahhab) سەئۇدى ئەرەبىستاندا ۋۇجۇقا كەلتۈرگەن.  شۇنىڭدىن باشلاپ سەئۇدى ھۆكۈمىتى دىنىي ئىشلارنى ۋاھابىچىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.  


ئۇنداقتا مەن نېمە ئۈچۈن چۆچۈپ كەتتىم؟


ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، دۇنيادىكى مىللەتلەرنى مۇنداق 2 چوڭ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن.  ئۇنىڭ بىرى، ئىشلارنى ئاقىلانە قىلىدىغان، ۋە ئاقىلانە ئىشلارنى كۆپرەك قىلىدىغان مىللەت.  يەنە بىرى بولسا، ئىشلارنى ھاماقەتلىك بىلەن قىلىدىغان، ھەمدە ھاماقەتلىك ئىشلارنى كۆپرەك قىلىدىغان مىللەت.  بىر مىللەتنىڭ بۇ ئىككى تۈرنىڭ قايسىسىغا كىرىدىغانلىقىنى ئاشۇ مىللەتنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ ئاسانلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ.  يەنى، ئەگەر بىز تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئۆلچەم قىلساق، ياھۇدىلار بىلەن ياپونلار 1-تۈردىكى مىللەتكە تەۋە، دەپ ئېيتالايمىز.  سەئۇدىدىكى ئەرەبلەر بولسا 2-تۈردىكى مىللەتكە كىرىدۇ.  چۈنكى ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان 50 دۆلەتنىڭ ئىچىدە يوق.  بۇ تەرىپىنى «بوپتۇ» دەپ ئۆتكۈزىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، سەئۇدىنىڭ يەنە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۈزىنى تۆككەن، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا غايەت زور نومۇسلارنى ئەكەلگەن، ۋە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ھازىرقىدەك بىر ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان تەرەپلىرىمۇ بار.  مەسىلەن،  سەئۇدىلار قۇللۇق تۈزۈمى ھەققىدە «ھالال» دەپ پەتىۋا چىقىرىپ، قۇللۇق تۈزۈمىنى يولغا قويغىلى نەچچە يۈز يىل بولغان بولۇپ، تېخى 1962-يىلىلا ئۇلار «قۇللۇق ھارام» دەپ يېڭى بىر پەتىۋا چىقىرىپ، قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلدى.  يەنى، مۇشۇ ماقالىنى ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم قېرىنداشلار تۇغۇلۇپ، تالادا يۈگۈرۈپ ئويناپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)، مەككىدە ئادەملەرنى پۇلغا سېتىۋالىدىغان، ۋە ئادەملەرنى پۇلغا ساتىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىكەن.  تېخى قۇللارنى ئېلىپ-سېتىش ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان ئىدى.  سەئۇدى ھەققىدىكى بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ.  ئەگەر بىز مۇسۇلمانلار ئەللىرىنى تەرەققىيات ۋە دىنىي ئەقىدە ئىشلىرىنى ياخشى قىلالىغان دەرىجىسى بويىچە بىر بالداقلىق دەرىجىگە تىزىپ باقىدىغان بولساق، سەئۇدىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئەگەر بىز ئىسلام دىنىدىكى ئوخشىمىغان مەزھەپ ۋە گۇرۇھلارنى تەرەققىيات ۋە دىنىي ئەقىدە ئىشلىرىنى ياخشى قىلالىغان دەرىجىسى بويىچە بىر بالداقلىق دەرىجىگە تىزىپ باقىدىغان بولساق، ۋاھابىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئەمدى بىز ئۆز-ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى: ئۇيغۇرلارغا نېمە بولدى؟  سۈننى ئىسلامنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدىن ئازراق چەتنەپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، نېمە ئۈچۈن باشقا سەل ياخشىراقىدىن بىرىنى تاللىمىدۇق؟  بىز زادى نەگە ماڭماقچى؟  مەن ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى، ھەر بىر غورور ئىگىسى ۋە ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىدىن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئوبدانراق ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  


ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان ھەر خىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەر سەئۇدى ۋە مىسىرنىڭ ئەھۋالىغا ئازراقمۇ يېقىن كەلمەيدۇ.  بەلكى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىگرھا بەكراق يېقىن كېلىدۇ.  شۇنداق بولغاچقا مەن مۇشۇنداق ماقالىلارنى يېزىشتا ياسىر قازىنى ئۇستاز تۇتىۋاتىمەن.  بىز پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە شۇنى چوقۇم بىلدۈرۈشىمىز كېرەككى، ئۇيغۇرلارغا ۋاھابىزم قەتئىي ماس كەلمەيدۇ.


مەن ئەسلىدە ئۆزەمنىڭ كېيىنكى ماقالە تېمىسى ئۈچۈن ئىسلام دىنىنى زامانىۋىلىققا ماسلاشتۇرۇش ھەققىدىكى يەنە بىر قىسىم يېڭى مەزمۇنلارنى تاللىغان ئىدىم.  لېكىن يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى چۈشىنىپ يەتكەندىن كېيىن، مەن ئۇ پىلانىمنى ئۆزگەرتتىم.  مەن كېيىنكى 2 ماقالىدا ۋاھابى بىلەن سالافىنى ئايرىم-ئايرىن چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.  مېنىڭ ئۇنداق قىلىشىمدىكى سەۋەب مېنىڭ ئۇ 2 ھەرىكەتلەرنى بەك ياخشى كۆرۈپ كەتكىنىمدىن ئەمەس. بەلكى، دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغانلىقىدىن.  مېنىڭچە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇلارنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئوبدان چۈشىنىۋېلىش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئىشلارنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكى، ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە بىر مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگە بولىۋېلىش ناھايىتىمۇ زۆرۈر.  


ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى جەھەتتىكى ناچار ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىن-بىر ئۇسۇلى، ئوقۇغان كىشىلىرىمىز دىن ئۆگىنىپ، ئوقۇمىغان موللىلىرىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلەشتۇر.  مەن بۇنى ئالدىنقى بىر ماقالەمدىمۇ تىلغا ئالدىم.  مېنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتقۇنۇم ئوقۇغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىنىي ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئەمەس.  ئۇنداق بولسىغۇ بەك ياخشى بولاتتى.  لېكىن بىزنىڭ ھازىر ئۇنىڭغا شارائىتىمىز يوق.  بىز دىنى ساھەدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا شۇ نەرسىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەككى، ھازىر بىز ئۈچۈن پۈتۈن خەلقنىڭ بىرلا ئېقىمنى، يەنى ئاساسىي ئېقىمىنى بويلاپ مېڭىشى بەكمۇ زۆرۈر.  ھەر قانداق شەكىلدىكى بۆلۈنۈش ياكى پارچىلىنىش بىزنى خاراپلىققا ئېلىپ بارىدۇ.  ئاساسىي ئېقىمغا تەۋە بولمىغان باشقا ھەر قانداق دىنى ئېقىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خاتا ئېقىمدۇر.  ئىسلامنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرى ۋە تۈپ قانۇنلىرىنى ئەينەن ساقلاپ قالغان ھالدا زامانىۋىلىققا ماسلىشىش ئەمەس، قارغۇلارچە ئۆتمۈشكە قايتىش يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭىدىغان ھەر قانداق ئېقىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خاتا ئېقىمدۇر.  بۇ بىر ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولغان ھەقىقەت.  ئۇيغۇرلار بىر مەدەنىيەتلىك مىللەت.  بىر مەدەنىيەت ئاساسى ئىنتايىن كۈچلۈك مىللەت.  بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى دىنى ئىشلىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىشتا ھازىر ھاماقەتلىك قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى ئەمەس، ئاقىلانە ئىش قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى دورىشىمىز كېرەك.  مېنىڭچە بۇ جەھەتتە ھەقىقىي تەقۋادارلىق بىلەن زامانىۋىلىشىش يولىنى تەڭ تاللىغان تۈركلەر بىزگە ئەڭ ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ.  خۇددى ياسىر قازى چۈشەندۈرۈپ  ئۆتكىنىدەك، ئۇيغۇرلارغا ئەرەب دۆلەتلىرىدىن ئىمپورت قىلغان دىنى زىيالىيلار ئۇنچىۋالا ماس كېلىپ كەتمەيدۇ.  بىز ئۆزىمىزنىڭ دىنى زىيالىلىيلىرىنى ئۆزىمىز يېتىشتۈرىشىمىز، ئەگەر ئۇ مۇمكىن ئەمەس ياكى يېتەرلىك ئەمەس بولۇپ قالسا، دىنى ئىشلاردىكى ئۈلگىنى ئۆزىمىزنىڭ قان قېرىندىشى بولغان تۈركلەردىن ئىزدىشىمىز، ھەمدە بىر قىسىم ياشلىرىمىزنى غەرب ئەللىرىدىكى ئىسلام تەتقىقاتى ئىنستىتۇتلىرىدا ئوقۇتىشىمىز كېرەك.  نۆۋەتتە بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يول ئەنە شۇ.


بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن سورىماي، مەنبېسىنى ئەسكەرتىپ قويۇپ، باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىگە چىقارسىڭىز، بېسىپ چىقىرىپ تارقاتسىڭىز، ئېلكىتاب قىلىپ تارقاتسىڭىز، ياكى ئۇنىڭدىن باشقا بىر شەكىلدە پايدىلانسىڭىز بولىۋېرىدۇ.  بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا تەۋە.



پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


[1] The Rise & Fall of the Muslim Ummah and the Printing Press.  Dr. Yasir Qadhi,  January 4, 2012.

<http://www.youtube.com/watch?v=4dEvEFBpVjg>


[2] Muhammad

http://en.wikipedia.org/wiki/Muhammad


[3] Why the Qur'an Was Revealed Over 23 Years

<http://www.onislam.net/english/shariah/quran/introduction-to-the-quran/447437-why-the-quran-was-revealed-over-23-years.html>


[4] Revelation Order of the Qur'an

http://www.missionislam.com/quran/revealationorder.htm


[5] Quran

http://en.wikipedia.org/wiki/Quran


[6] The Rise of Islam During its First 50 Years

<http://www.albalagh.net/kids/history/rise.shtml>


[7] Umayyad Caliphate

<http://en.wikipedia.org/wiki/Umayyad_Caliphate>


[8] Abu Ammaar Yasir Qadhi

http://en.wikipedia.org/wiki/Abu_Ammaar_Yasir_Qadhi


[9] Times Higher Education World University Rankings

<http://en.wikipedia.org/wiki/Times_Higher_Education_World_University_Rankings>


[10] Almaghrib Institute

<http://almaghrib.org/>


[11] بىلىمخۇمار، «ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا ۋە ئاتتىلائىزم »


[12] بىلىمخۇمار، «غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى»

http://bbs.misranim.com/thread-90186-1-1.html



رەسىملەرنىڭ چۈشەندۈرىلىشى:


1-رەسىم: پەيغەنبىرىمىز ئىسمىنىڭ ھۆسنە خەت بىلەن يېزىلىشى [2].


2-رەسىم: ئاللاھدىن مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا 1-ئايەت چۈشكەن جاي - مەككىدىكى جابال ئال-نۇر (جابال ئال-نوئۇر) تېغىنىڭ ھىرا ئۆڭكۈرى.


3-رەسىم: مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ 1-ئايەتنى پېرىشتە جىببرىل (گابرىئەل) دىن قوبۇل قىلىۋاتقان كۆرۈنىش.  بۇ رەسىم راشىد ئال-دىن خامادانى (راشىد-ئال-دىن ھامادانى) نىڭ 1307-يىلىدىكى «جامىئال-تاۋارىق» (جامىئال-تاۋارىكھ) ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىنغان.  


4-رەسىم: سۈرىلەرنىڭ چۈشۈش تەرتىۋى بىلەن قۇرئاندىكى تەرتىۋىنىڭ مۇناسىۋىتى، ھەمدە ھەر بىر سۈرىدىكى ئايەتلەرنىڭ سانى.  مەسىلەن، تۇنجى قېتىم چۈشكىنى قۇرئاندىكى 96-سۈرە، ئۇنىڭدىن كېيىن چۈشكىنى قۇرئاندىكى 68-سۈرىدۇر.  


5-رەسىم: ئەنگلىيە تېلېۋىزورى ياسىر قازى بىلەن ئۆكتۈزگەن سۆھبەت مەيدانىنىڭ بىر كۆرىنىشى.