سۈننى ئىسلامدىكى ۋاھابى ۋە سەلەفى ھەرىكەتلىرى


بىلىمخۇمار

2014-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى



مەن ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 80-يىللارنىڭ باشلىرىدا، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى ھونلار بىلەن تۈركلەرگە باغلاپ چۈشىنەتتۇق. دىن جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ سۈننى ئىسلامغا تەۋە ئىكەنلىكىلا تەكىتلىنىپ، ئۆزىمىزنى باشقا بىرەر مەزھەپ ياكى گۇرۇھلارغا باغلايدىغان، باشقا بىر گۇرۇھنىڭ يولىنى تۇتىدىغان ئىشلارنى مەن ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى بىر قانچە پارچە ماقالىسىگە چۈشكەن ئىنكاسلاردىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىشلىرىدا بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، بىر قىسىم يېڭى ھادىسىلەر ۋۇجۇدقا كېلىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىر قىسمى ئادەمنى ناھايىتى خۇشال قىلىدۇ، يەنە بىر قىسمى بولسا ئادەمنى ناھايىتى ئەنسىرىتىدۇ. مەن ئالدىنقى ماقالەمدە بەزى ۋاھابى يۈزلىنىشىگە تەۋە نەرسىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا باش كۆتۈرۈپ قېلىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىمنى ۋە ناھايىتى ئەنسىرىگەنلىكىمنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈم. ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان بەزى ئىشلار ئادەمنى ھەقىقەتەنمۇ ئېچىندۇرىدۇ. مەسىلەن، ۋاھابى ھەرىكىتى 18-ئەسىردە پەيدا بولغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ۋاھابىلار قەغەز پۇل ئىشلىتىشنى چەكلىگەن. ئەمما ۋاھابىلار 1951-يىلى يېڭى پەتىۋا چىقىرىپ، قەغەز پۇل ئىشلىتىشكە بولغان چەكلىمىنى بىكار قىلغان. بىراق، بەزى ئۇيغۇر موللىلار ھازىر، يەنى بۈگۈنكى كۈندە، «قەغەز پۇل ئىشلىتىش ھارام» دەپ پەتىۋا چىقىرىۋېتىپتۇ. ئۇيغۇرلار قايسى دەۋرگە قايتماقچى؟ بۇ ئىش سىزنى ئەنسىرەتمەمدۇ؟ مەنمۇ بىلىمەن، بۇنداق ئىشلار ھازىر بىر ئومۇملىشىپ كەتكەن ئىشلار ئەمەس، ئايرىم ھادىسىلەر. ئەمما، بەزىدە ئايرىم ھادىسىلەر سەل قارىلىدىكەن، ئۇ بىر چوڭ بالايىئاپەتكە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

مەن يېقىندا تورلارغا «ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا ۋە ئاتتىلائىزم» دېگەن بىر پارچە بۇرۇن يازغان ماقالىنى چىقىرىپ قويدۇم. ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر قېرىندىشىمىز ئاتتىلانىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىگە دىققەت قىلىپتۇ: « ھەممىدىن مۇھىمى، ھەر بىر ھوندا ساداقەتمەنلىك بولۇشى كېرەك. پىكىر ئىختىلاپىنىڭ ھەممىسى ساداقەتسىزلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر بىر ھون ئۆز قەبىلىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنپەئەتى ئۈچۈن سېنىڭ پىكرىڭگە قوشۇلمايدىكەن، سەن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشىڭ كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر بىر ھون ئۆز قەبىلىسىنىڭ مەنپەئەتىگە قارىمۇ-قارشى بولغان ئىشلارغا ئاكتىپ ھالدا قاتنىشىدىكەن، ياكى باشقىلارنى ئاشۇنداق قىلىشقا ئۈندەيدىكەن، بۇ ساداقەتسىزلىك بولىدۇ. بۇنداق ھونلار، مەيلى ئۇلار جەڭچى بولسۇن ياكى قەبىلە باشلىقى بولسۇن، ئەڭ تېز سۈرئەتتە يوقىتىلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ساداقەتمەن ھونلارغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى بوشىتىش ئىقتىدارى بىر خىل يۇقما كېسەلگە ئوخشايدۇ. ساداقەتسىز ھەرىكەتلەر ۋە پوزىتسىيىلەرنى ئۆزگەرتكىلى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىچىمىزدىكى بىز قىلىۋاتقان ئىشلارغا نىسبەتەن «ھېچ بىر قىممىتى يوق ئىشلار» دېگەن پوزىتسىيىدە بولىدىغان، ھەمدە ئۇ ئىشلارنى ئاغدۇرۇۋېتىشنى ئويلايدىغان ئادەملەرنى قاتتىق چارە بىلەن كۆزىمىزدىن غايىب قىلىشىمىز كېرەك.»

مېنىڭ مەزكۇر ماقالىنى يېزىشتىكى مەقسىتىم ھەرگىزمۇ ئالدى بىلەن ۋاھابىچىلارغا «يامان» دېگەن قالپاقتىن بىرىنى كىيدۈرۈپ، ئاندىن ئۇنى ئىسپاتلاپ چىقىش ئەمەس. ھەرگىزمۇ ۋاھابى ئېقىمىغا تەۋە نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يامان، دېمەكچى ئەمەسمەن. مېنىڭ مەقسىتىم پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋاھابى ھەققىدە بىر ئومۇمىي چۈشەنچە بېرىش. ئىسلام دىنى ئىچىدىكى ھەر خىل ئېقىملار ئىچىدە، ئېتىقادنى قانداق ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە ۋاھابىنىڭ بەزى ئېسىل تەرىپىمۇ بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ۋاھابىلارنىڭ ئىسلامنى چۈشىنىشنى بىۋاسىتە قۇرئاندىكى تېكىستلەر بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەلىماتى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىدۇر. مانا بۇ ۋاھابىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا ۋاھابى ھەرىكىتىگە كىرگەن مۇسۇلمانلارنى ئەڭ جەلپ قىلغان تەرىپىدۇر. بۇ يەردىكى گەپ، يۇقىرىقى ياخشى نەرسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە راست ئىكەنلىكىدۇر. ئەگەر ئۇ راست بولسا، نېمە ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادىكى داڭلىق ئىسلام دىنى ئالىملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ۋاھابىزمغا قارشى تۇرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلار ۋاھابىزمغا «ئىسلام مەدەنىيىتى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ قارايدۇ؟ ۋاھابىزمنىڭ بىز بىلمەيدىغان زادى يەنە قانداق تەرەپلىرى بار؟ مەزكۇر ماقالىدا مەن ئەنە شۇنداق سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ ئۆتىمەن .

مەن بۇ قېتىم كۆرگەن بەزى ئىشەنچلىك ماتېرىياللاردا ئاشكارىلىنىشىچە، ۋاھابىزمنى پەيدا قىلغان كىشىلەر ئەنگلىيىنىڭ قولى بىلەن قۇرئاننىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى ئۆزگەرتكەن. ئەنگلىيىنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىتى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلار قەلبىدىكى تەسىرىنى يوق قىلىش ئىكەن. مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەسىرى ئۆچتى، دېگەنلىك، نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ ھەقتە سىز ئۆزىڭىز ئويلىنىپ بېقىڭ. ۋاھاب گۇرۇھىنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەپ، سىياسىي جەھەتتىن ئىزچىل يۆلەپ كەلگەن سەئۇد ئائىلىسى 1750-يىللىرىدىن باشلاپ تاكى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ئاغدۇرۇلغۇچە ئەنگلىيىدىن مائاش ئالغان ئىكەن. ئىزچىل تۈردە ئەنگلىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا خائىنلىق قىلىپ كەلگەنىكەن. بەزىدە ھەتتا ھەقىقىي مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانىكەن. مەن بۇ ھەقتە ماقالىنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا يەنە ئازراق توختىلىمەن.

ئېتىقادنى قانداق ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدىن باشقا، ۋاھابى ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىگە يامان تەسىر ئېلىپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنى بارغانسېرى يامان تەقدىر تەرەپكە يېتەكلەپ كېتىۋاتقان تەرەپلىرىمۇ بار. ئۇنىڭ بىرى ۋاھابىنىڭ زامانىۋىلىققا ماسلىشالماسلىق، ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلىرى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالماسلىق مەسىلىسى. يەنە بىرى بولسا ۋاھابىغا تەۋە مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە بولمىغان ئاساسىي ئېقىمدىكى مۇسۇلمانلار ۋە باشقا بارلىق مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئىلمىي ۋە مەدەنىيەتلەشكەن ئىنسانلارغا خاس يول تۇتالماسلىق مەسىلىسى. ۋاھابىنىڭ بۇ تەرەپلىرى ھازىر پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈۋاتىدۇ. ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ نورمال داۋاملىشىشىغا ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھازىر سۈننى مۇسۇلمانلار، شىئە مۇسۇلمانلار، باشقا مۇسۇلمانلار، خرىستىئانلار، يەھۇدىيلار، ۋە دۇنيادىكى باشقا خەلقلەرنىڭ ھەممىسى ۋاھابىزمدىن ناھايىتىمۇ ئەنسىرەۋاتىدۇ. ۋاھابىلاردىن باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ۋاھابىزمغا نىسبەتەن «ئىسلام مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ قاراۋاتىدۇ.

ۋاھابىدىن باشقا، ھازىر دۇنيادا ئۇنىڭ بىر يېقىن «دوستى» بولغان «سەلەفى ئېقىمى» مۇ مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئېقىم مۇنداق 2 ئالاھىدىلىككە ئىگە: (1) سەلەفى ئېقىمىنىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن گۇرۇھلار بار. مەسىلەن، قوراللىق كۈرەشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلار، تىنچلىقپەرۋەرلەر، سىياسىيدىن يىراق تۇرىدىغانلار، ۋە سىياسىيغا كىرىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلار قاتارلىقلار. كېيىنكىسىنىڭ بىر مىسالى ھازىر مىسىردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان «مۇسۇلمانلار قېرىنداشلىق تەشكىلاتى» (Muslim Brotherhood) دىن ئىبارەت. مېنىڭ بىلىشىمچە ھازىر بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋاھابىنى ياقلاش تەرەپدارى ئىكەن. مېنىڭ پەرىزىمچە بۇ ئۇيغۇرلار ھەقىقىي ۋاھابىزمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تولۇق بىلمەسلىكى، ھەمدە سەلەفى ئېقىمىدىكى بىر قىسىم ياخشى نەرسىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن. مەن بارلىق قېرىنداشلارنى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ساھەسىدە تۇتقان يولىنىڭ نېمە يول ئىكەنلىكى، ۋاھابى بىلەن سەلەفىنىڭ قانداق ياخشى تەرەپلىرى بارلىقى، ھەمدە قانداق زىيانلىق ۋە خەتەرلىك تەرەپلىرىمۇ بارلىقى ھەققىدە بىر قىسىم چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، مەزكۇر ماقالىدا ۋاھابى بىلەن سەلەفى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن. مېنىڭ نىشانىم بىر پۈتۈنلەي بىتەرەپ مەيدانىدا تۇرۇپ، ۋاھابى ۋە سەلەفىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش. مەن مەزكۇر ماقالىدا مۇشۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىمەن.

مەن رەسمىي مەزمۇننى باشلاشتىن بۇرۇن، ئوقۇرمەنلەردىن تۆۋەندىكى بىر ئىشقا دىققەت قىلىپ قويۇشىنى ئۆتۈنىمەن. ئۇ بولسىمۇ ئىسلامدىكى ئوخشىمىغان مەزھەپ ۋە گۇرۇھلار مەسىلىسى. مەن ئىسلامدا ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ھەر خىل مەزھەپ ۋە گۇرۇھلارنىڭ بۆلۈنۈش ئەھۋالىنى ئۆزۈمنىڭ «ھازىرقى زامان مۇسۇلمان ئەللىرى قانداق شەكىللەنگەن؟» دېگەن ماقالىسىدە 9-رەسىم ئارقىلىق بىر قېتىم كۆرسىتىپ قويغان ئىدىم. ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭغا قانچىلىك دىققەت قىلدى، ئۇنى بىلمەيمەن. ئاشۇ رەسىم ۋە مەزمۇن مەزكۇر ماقالە بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، مەن ئۇ رەسىمنى بۇ يەرگە 1-رەسىم قىلىپ قىستۇرۇپ قويدۇم. بۇ رەسىمدە ئوخشىمىغان مەزھەپ ۋە گۇرۇھلارنىڭ ئىسمى ئىنگلىزچە بېرىلگەن بولۇپ، مەن قولىدىن كېلىدىغان ۋە قىلىشنى خالايدىغان قېرىنداشلاردىن بىرسىنىڭ بۇ رەسىمنى ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلەپ، تورغا يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇيغۇر لاتىنچە يېزىقىنى ياكى ئىنگلىزچىنى بىلىدىغان قېرىنداشلار بۇ رەسىمنى ئاساسىي جەھەتتىن كۆرۈپ چۈشىنەلەيدۇ. گەرچە ۋاھابى ۋە سەلەفىلار سۈننى ئىسلامنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولسىمۇ، بۇ 2 ئىسىم تۆۋەندىكى رەسىمدە يوق. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، بىر توپ مۇسۇلمانلار بىر ئايرىم دىنىي مەزھەپ ياكى دىنىي گۇرۇھ بولۇپ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تېئولوگىيىسى باشقا مۇسۇلمانلارنىڭكى بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىشى كېرەك. تېئولوگىيە بولسا خۇدا ئۇقۇمى ۋە دىنىي ھەقىقەتنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى سىستېمىلىق ۋە راتسىئوناللىق (مۇۋاپىق) چۈشەنچىلەردىن ئىبارەتتۇر. ۋاھابى بىلەن سەلەفى سۈننى ئىسلام ئىچىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەر بولۇپ، ئۇلار ئايرىم تېئولوگىيىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار ئايرىم دىنىي مەزھەپ ياكى ئايرىم دىنىي گۇرۇھ بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك، ھازىر ئىسلام دىنى سۈننى بىلەن شىئەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەزھەپكە بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە سۈننى يەنە 4 تارماق مەزھەپ ياكى گۇرۇھقا، شىئە بولسا 15 گۇرۇھقا بۆلۈنىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنداق كۆپ بۆلەكلەرگە پارچىلىنىپ كېتىشى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىر خىل پاجىئە. ئەمما بۇنداق ئىش مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن تارتىپلا مەيدانغا كەلگەن. مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى بىر گۇرۇھنىڭ باشقا گۇرۇھلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكى ھازىر مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ، بۇ مەسىلە ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ مەۋجۇت. يالغۇز ئۇلا ئەمەس، ئۇيغۇرلاردا دىنچىلار بىلەن پەنچىلەر، ۋە دىنچىلار بىلەن مىللەتپەرۋەرلەر ئوتتۇرىسىدىمۇ بۆلۈنۈشلەر مەۋجۇت. مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە كېيىنچە بىر ئايرىم تېمىدا توختىلىشىم مۇمكىن. باشقا مۇسۇلمانلارغا ۋە باشقا دىندىكىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيە مەسىلىسى ۋاھابىچىلارنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان بىر مۇھىم ئامىل بولۇپ، مەن ئوقۇرمەنلەردىن مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇش جەريانىدا ئاشۇ نۇقتىغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


1-رەسىم: مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى 2 چوڭ مەزھەپ ۋە نۇرغۇن كىچىك گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈش ئەھۋالى.

مەن بۇ قېتىم پايدىلىنىدىغان ئاساسلىق ماتېرىيال «ئامېرىكا سۈننەت فوند جەمئىيىتى» (As-Sunnah Foundation of America) [1-2] نىڭ تور بېتىگە قويۇلغان، تېمىسى «ۋاھابىزم: رادىكال ئىسلامنىڭ يىلتىزى بىلەن ئۆرنىكىنى چۈشىنىش» دەپ ئاتالغان بىر ئىلمىي ماقالە [3]. بۇ فوند جەمئىيىتى 1997-يىلى ئامېرىكىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىسلام تەشكىلاتى بولغان «ئامېرىكا ئالىي دەرىجىلىك ئىسلام مەجلىسى» بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئىسلام ئېتىقادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدا ئىش ئېلىپ بارىدىغان بىر تەلىم-تەربىيە تەشكىلاتى ئىكەن [2]. مەن بۇ ماقالىدا باشقا مەنبەلەردىنمۇ بىر ئاز پايدىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ مەنبەلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ماقالىنىڭ ئاخىرىدا تولۇق بېرىمەن. يۇقىرىدىكى ماقالە بىر دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى شەكلىنى ئالغان ئۇزۇن ماقالە بولۇپ، مەن ئۇنىڭ مەزمۇنىنى قىسقارتتىم، ھەمدە ئۇنىڭ مەزمۇنلىرىنى مەزكۇر ماقالىغا ماسلاشتۇرۇپ قايتىدىن ئورۇنلاشتۇردۇم.


1. ۋاھابىنىڭ يىلتىزى: 644-661-يىللىرىدىكى خاۋارىجلار

ۋاھابىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ۋاھابىلارغا ئۈلگە بولغان بىر قىسىم تارىخىي ۋەقەلەرگە قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاشۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكىسى خاۋارىجلار ھەرىكىتىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىرىدىن بولغان ھەزرىتى ئوسمان بىلەن ھەزرىتى ئەلى (پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۈيئوغلى) نىڭ ۋاقتىدا، ھەزرىتى ئەلى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى دەمەشىقنىڭ ھاكىمى مۇئاۋىيە بىلەن خەلىپىلىك مەسىلىسىدە كېلىشتۈرمىچى بولۇپ خىزمەت قىلدى. بىر توپ كىشىلەر ھەزرىتى ئەلى بىلەن مۇئاۋىيە ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى قىلغان بۇ ئىشنى «ھۆرمەتسىزلىك» دەپ ئەيىبلەپ، بۇ ئىشتا ئەڭ يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە بولغىنى ئۇلار ئەمەس، بەلكى قۇرئان دەپ قارىدى. ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتتى. بۇ گۇرۇھ كىشىلىرى «خاۋارىجلار» ياكى «خاۋارىج قوزغىلاڭچىلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ سۆز «چىقىپ كەتكەن كىشىلەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. خاۋارىجلار ئىسلام تارىخىدا يۈز بەرگەن ئەڭ دەسلەپكى قارىغۇلارچە ئەگەشكۈچىلەر (fanatics) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خاۋارىجلارنىڭ يېتەكچىسىنىڭ ئىسمى «ئەل-تامىمى» (Dhu’l-Khuwaysira al-Tamimi) بولۇپ، بەزى ھەقىقىي (orthodox) سۈننى ئىسلام زىيالىيسىنىڭ دېيىشىچە، تامىمى ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىدىنمۇ ئۈستۈن قويغان. بانۇ خەنىفە (Banu Hanifa) قەبىلىسىدىكى مۇسايلىما (Musaylima the Prevaricator) ئۆزىنى «پەيغەمبەر» دەپ ئاتاپ، ئۆزىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ يۇرتدىشى نافى ئىبن ئەل-ئەزراق (Nafi ibn al-Azraq) باش بولۇپ ئېلىپ بارغان خاۋارىجلار ھەرىكەتلىرىدە مىڭلىغان مۇسۇلمانلار ئۆلتۈرۈلگەن.

خاۋارىجلارنىڭ ھەزرىتى ئەلى بىلەن مۇئاۋىيەنى «ھۆرمەتسىزلىك قىلىش» گۇناھى بىلەن ئەيىبلىگىنىگە ئوخشاش، كېيىنچە ۋاھابىلارمۇ سۈننى مۇسۇلمانلار بىلەن شىئە مۇسۇلمانلارنى ھۆرمەتسىزلىك گۇناھى بىلەن ئەيىبلىدى.


2. ۋاھابىلارنىڭ ئۆرنىكى -- ئىبىن تەيمىيەھ (1263-1328)

ۋاھابىزمنىڭ قۇرغۇچىسىغا ئۈلگە بولغان يەنە بىر كىشى ئىبىن تەيمىيەھ (Ibn Taymiyyah ، 1263-1328) بولىدۇ. تەيمىيەھ بىر قىسىم ئەقىدە ۋە ئىبادەت مەسىلىلىرىدە سۈننى ئىسلامنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدىن چەتنىگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان بىر داڭلىق زاتقا ئايلاندى.

تەيمىيەھ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە، بولۇپمۇ ياش ئىسلاھاتپەرۋەر ئىنقىلابچىلار ئىچىدە «دەسلەپكى پاك مۇسۇلمانچىلىقنى ھەقىقىي تۈردە ساقلاپ قالغان كىشى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. ھەقىقىي سۈننىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بولسا ئۇنى «ئەيىبلەشكە تېگىشلىك ئىسلاھاتچى» (bid’ah) ياكى «ئازغۇن»، دەپ ئەيىبلىدى. يەنە بەزىلەر بولسا ئۇنى «كۇپپار» (kufr) دەپ ئەيىبلىدى. تەيمىيەھنىڭ سۈننىلەر ئىچىدە توقۇنۇش پەيدا قىلغان ۋە سۈننىلەرگە قارشى چىققان بىر قاتار ئىدىيىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار سۈرىيە بىلەن مىسىردا چەكلەندى. ئەمما باشقا مۇسۇلمان زېمىنلىرىدا مەخپىي ھالدا تارقىلىپ يۈردى. تۆۋەندىكىسى تەيمىيەھ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم قاراش ۋە دېگەن بىر قىسىم سۆزلەر:

--ئاللاھ مەلۇم بىر يارىتىلغان شەكىلگە ئىگە، دەپ قاراش (attributed God with created attributes )

--يارىتىلغان نەرسىلەر مەڭگۈ ئاللاھ بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى، دەپ قاراش (created things existed eternally with Allah )

--دىنى زىيالىيلارنىڭ ئاجرىشىش توغرىسىدىكى بىرلىككە كەلگەن قارارىغا قارشى تۇرۇش

--ھەقىقىي سۈننىلەرنىڭ تاۋاسسۇل ( tawassul) نى يولغا قويۇشىغا، يەنى بىر ئۆلۈپ كەتكەن تەقۋادارنى كېلىشتۈرگۈچى ياكى ئوتتۇرىدىكى ۋاسىتە قىلىپ، ئاللاھتىن بىر نەرسە تىلىشىگە قارشى تۇرۇش

--دوزاختا كىشىلەرنىڭ ئازابلىنىشى مەڭگۈ داۋاملاشماي، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن توختايدۇ، دەپ قاراش

--ئاللانىڭ پەقەت ئۆزىلا بىلىدىغان بىر چەكلىمىسى بار، دېيىش (Allah has a limit (hadd) that only He Knows )

--ئاللاھ بىر تەخت (al-Kursi) تە ئولتۇرىدىغان بولۇپ، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يېنىدىكى يەرنى ئېلىپ قويغان، دېيىش

-- مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ قەبرىسىنى تۇتۇش كۆپ خۇداغا ئىشىنىش (polytheism, shirk) بىلەن ئوخشاش، دەپ قاراش

-- مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ قەبرىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئاللاھتىن بىر ياخشىراق سالاھىيەت تىلەشنى ئەيىبلەشكە تېگىشلىك ئىجادىيەت (reprehensible innovation)، دەپ قاراش

--ئاللاھ يەرگە چۈشىدۇ، دېيىش، ھەمدە ئۇنى ئۆزى مۇسۇلمانلارغا خۇتبە بېرىپ، مۇنبەردىن چۈشكەن ۋاقىتتىكى ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرۇش

--بىرلا ئاللاھقا سەجدە قىلىشنى « تەۋھىد ئەل-رۇببىيا » ( Tawhid al-rububiyya ) بىلەن «تەۋھىد ئەل-ئۇلۇھىيا » ( Tawhid al-uluhiyya ) دىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىغان بولۇپ، سەلەف تەقۋادارلىرى ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلىپ باقمىغان .

تەيمىيەھ موڭغۇللار باغداتنى بۇلاپ، 1258-يىلى ئابباسىيلار ئىمپېرىيىسىنى بويسۇندۇرغان چوڭ قالايمىقانچىلىق مەزگىلىدە ياشىدى. 1303-يىلى ماملۇك سۇلتانى ئۇنى بىر پەتىۋا چىقىرىپ، موڭغۇللارغا قارشى جىھاد قىلىشنى قانۇنلاشتۇرۇشقا بۇيرۇق بەردى. موڭغۇل پادىشاھى ماخمۇد غەزەن (Mahmoud Ghazan) 1295-يىلى ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغانىدى. ئەمما، تەيمىيەھ ئۈچۈن موڭغۇللارنىڭ ئىسلام قانۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئىجرا قىلمىغانلىقى، ھەمدە موڭغۇللارنىڭ «كاپىرلىق» ھېسابلىنىدىغان ياسا قانۇنىنى ئىجرا قىلغانلىقى ئۇلارنى قانۇنلۇق يوقىتىش نىشانى قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن جىھاد يولغا قويۇلۇپ، موڭغۇللارنىڭ سۈرىيىگە بولغان تەھدىتى يوقىتىلدى. ۋاھابىلار بىلەن سەلەفىلەر تاكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە ماخمۇد غەزەننى كاپىر ھېسابلايدۇ. ئەمما، ھەقىقىي سۈننى مۇسۇلمانلار بولسا ماخمۇد غەزەننى «مۇسۇلمان» دەپ مەدھىيىلەيدۇ.

تەيمىيەھ بىلەن ۋاھابىلارنىڭ نۇرغۇن ئىشلاردىكى مەيدانى ئوخشاش. ئەمما، قىسمەن پەرقلەرمۇ بار. مەسىلەن، تەيمىيەھ سوپىزمنى بىر قانۇنلۇق ئىسلام ئىلمى، دەپ قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەقىقىي سۈننى مۇسۇلمانلارمۇ ھەم شۇنداق قىلىدۇ. ئەمما ۋاھابىلار ئۇنىڭغا «بىر ئەسكى ئىجادىيەت» دەپ، ئۇنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدۇ. تەيمىيەھ بىلەن ھەقىقىي سۈننى مۇسۇلمانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەشنى قانۇنلۇق، دەپ ھېسابلايدۇ، ئەمما ۋاھابىلار بولسا ئۇنىڭغىمۇ «ئەيىبلەشكە تېگىشلىك ئىجادىيەت» دەپ قاراپ، ئۇنى پۈتۈنلەر بىكار قىلىش يولىنى تۇتىدۇ.

1326-يىلى ھەنەفىي، ھەنبەلى، مالىكىي ۋە شافىئىيدىن ئىبارەت 4 سۈننى مەزھىپىگە تەۋە بولغان 4 نەپەر ھەقىقىي سۈننى ئىسلام سوتچىلىرى بىرلىكتە بىر پەتىۋا چىقىرىپ، تەيمىيەھنى تۈرمىگە قاماشقا ھۆكۈم چىقاردى. بۇ 4 سۈننى ئىسلام مەزھىپى بۈگۈنكى كۈنگىچە مەۋجۇت بولۇپ، مۇشۇ ئىشنىڭ ئۆزىلا تەيمىيەھنىڭ تەرغىب قىلغىنى ئاشۇ 4 سۈننى مەزھەپلەر ۋەكىللىك قىلغان ھەقىقىي سۈننى ئىسلام تەلىماتلىرى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.


3. ۋاھابىچىلارنىڭ پەيدا بولۇشى

«ۋاھابىزم» دېگەن سۆز ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل-ۋاھاب (Muhammaed Ibn Abdul-Wahhab، 1703-1792) نىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يىلتىزى ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ تۇتىشىدۇ. بۇ يەردىكى «سەئۇدى» دېگەن سۆز «سەئۇد» دېگەن ئادەمنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخى مۇنداق:

ئەرەب يېرىم ئارىلىرىغا تارقالغان ئۇرۇقداشلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنىڭ ئىسمى سەئۇد بولۇپ، ئۇلار ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىياد شەھىرىگە يېقىن بولغان نەجد رايونىدىكى ئاد-دىرىياھ يېزىسىدا ياشايتتى. ئۇلار تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، سان جەھەتتىن تەدرىجىي ھالدا كۆپىيىپ، كېيىن سەئۇد تەبىقىسى بولۇپ شەكىللەندى. گەرچە ئۇلار ئاساسەن ئۆز ئالدىغا ئايرىم ياشىغان بولسىمۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىمپېرىيە قۇرغۇچىلاردىن ئەمەس ئىدى.

ۋاھاب بولسا بانۇ تامىم قەبىلىسىدىن بولۇپ، ئۇ نەجدنىڭ ئۇيەينە ( Uyayna ) مەھەللىسىدىكى بىر تەقۋادار ئائىلىدە تۇغۇلدى، ھەمدە شۇ يەردە ئۆسۈپ چوڭ بولدى. ئۇ ئىسلام بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇيەينەدىن ئايرىلىپ، سەپەر قىلدى. ئۇ مەككە، مەدىنە، ئىراق ۋە ئىرانلارغا بېرىپ، ئوخشىمىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن بىلىم ئالدى. ئۇ ئوقۇپ بولۇپ يۇرتى ئۇياىناھغا قايتىپ كېلىپ، يۇرتىدىكى كىشىلەرگە ئۆزىچە «ئەڭ پاك ئىسلام» دەپ قارىغان دىن بويىچە تەلىم بەردى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئېلىپ بارغىنى ئەنئەنىۋى سۈننى ئىسلامغا قاراتقان رەھىمسىز ھۇجۇملار ئىدى. ۋاھاب بىلەن سەئۇد بىرلىشىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدىكى «كۆپ خۇدالىق مۇسۇلمانلار» (polytheists) غا قارشى جىھاد قىلدى.

ۋاھابنىڭ مەدىنە ۋە باشقا جايلاردىكى بۇرۇنقى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنىڭ سۈننىلەرگە قارشى ۋاھابىچە ئەقىدىسىدىن خەۋەر تېپىپ، مۇسۇلمانلارغا ۋاھابتىن يىراق تۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ۋاھابنىڭ ئۆز دادىسىمۇ ئۇنىڭغا قارىتا بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇردى. ۋاھابنىڭ بىر تۇغقان ئىنىسى سۇلايمان ئەينى ۋاقىتتىكى ھەقىقىي سۈننى زىيالىيلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ «ۋاھابىلارغا رەددىيە بېرىدىغان مۇقەددەس چاقماقلار» (Divine Lightnings in Refuting the Wahhabis) دېگەن كىتابنى يېزىپ، ۋاھابقا رەددىيە بەردى.

ۋاھابنىڭ «ئاللاھنىڭ بىرلىكى ھەققىدە» (Book of Unity of God) دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىتابى بار بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى ۋاھابىلار ئارىسىدا كەڭ تارقالدى. ئەمما ھەقىقىي سۈننى زىيالىيلار بۇ كىتابقا نىسبەتەن مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى جەھەتتىن بولسۇن ئۇنىڭدا ھېچ قانداق زىيالىيلىق يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نەجد ئانچە مۇقەددەس ئەمەس بىر جاي بولۇپ، ھازىرغىچە مۇسۇلمانلارغا ئىش تېرىپ بېرىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ چىققان يەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاشۇ جايدىن چىققان، ئۆزلىرىنى «پەيغەمبەر» دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەردىن مۇسايلىما قاتارلىق 4 ئادەم بار. داڭلىق خاۋارىج قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ بىر قىسمىمۇ نەجدتىكى بانۇ تامىمدىن چىققان.

سەئۇد ئالدى بىلەن ئۆز قەبىلىسىنىڭ ۋاھابىلىرىنى باشلاپ، نەجدنىڭ بارلىق كەنت-يېزىلىرىدىكى «كۆپ خۇدالىق يارىماسلار» دەپ قارالغان كىشىلەرنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. ئۇلار قەبرىلەر ۋە باشقا نەرسىلەرنى چېقىپ، ئۆزىنىڭ قوشۇنىنى تەدرىجىي چوڭايتىپ، 1765-يىلىغا كەلگەندە نەجدتىكى كىشىلەرنى ئاساسەن «ۋاھابىزم» دېگەن بايراق ئاستىغا يىغىپ بولدى. ۋاھابىزمچىلار ئېلىپ بارغان ھۇجۇم بىلەن جىھاد 1765-يىلى سەئۇد ئۆلگەندىن كېيىنمۇ توختىمىدى. سەئۇدنىڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز بىر تەۋرەنمەس ۋە رەھىمسىز قوشۇننى باشلاپ، يېڭى زېمىنلارغا قاراتقان جىھاد ئۇرۇشلىرىنى توختاتمىدى. ئۇلار 1773-يىلى رىيادنى ئىشغال قىلدى. ۋاھاب 1772-يىلى ئۆلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ 4 ئوغلى سەئۇدلار ئائىلىسى بىلەن بىرلىشىپ ۋاھابىزمنى تارقىتىشنى توختاتمىدى. 1801-يىلى، 10 مىڭ كىشىلىك ۋاھابى ئارمىيىسى 6000 تۆگە بىلەن ئىراقنىڭ كەربالا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىردى (كەربالا باغداتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى باغداتتىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەرگە جايلاشقان). شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن ئۇلار 8 سائەت قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، يەرلىك ئاھالىدىن 5000 ئادەمنى رەھىمسىزلەرچە چاناپ ئۆلتۈردى. ئۇلار يەنە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەزرىتى ئىمام ھۈسەيىننىڭ قەبرىسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپ، شەھەرنى بۇلاپ، ناھايىتى قاتتىق ۋەيران بولغان شەھەردىن 200 تۆگىگە يۈكلەنگەن مال-دۇنيا بىلەن ئايرىلدى. بۇ چوڭ قىرغىنچىلىق سۈننى ۋە شىئە مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە ئەپۇ قىلىشقا بولمايدىغان دەرىجىدىكى غەزەپ بىلەن ئۆچمەنلىكنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاھابىلارغا تاكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە قاتتىق لەنەت ئوقۇيدۇ. شىئە مۇسۇلمانلار ئىمام ھۈسەيىننى ئەڭ ئۇلۇغ زاتلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ قەبرىسىنى بولسا يەر شارىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايلارنىڭ بىرى ھېسابلايدۇ. ھازىر ھەر يىلى مىڭلىغان شىئەلەر ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ قەبرىسىگە كېلىپ، ئۇنىڭ ۋاپات بولغان كۈنىنى خاتىرىلەيدۇ. ۋاھابىلار شىئەلەرنىڭ ئاشۇنداق لەنەتلىرىگە پەرۋا قىلىپ قويمايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلار سۈننىلەر بىلەن شىئەلەرنىڭ تاۋاسسۇل ( tawassul ) بىلەن تاباررۇك ( tabarruk ) نى يولغا قويغانلىقىغا «مۇقەددەس نەرسىلەرگە بىھۆرمەتلىك قىلىش» دېگەن قالپاقنى كىيدۈرىدۇ. گەرچە ۋاھابىلار ئۆزلىرىنى «سۈننىلەر» دەپ ھېسابلىسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ سۈننىلەرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ.


4. ۋاھابىلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەنگلىيىنىڭ قوشقان تۆھپىسى

مەن بۇ قېتىم مەزكۇر ماقالە ئۈچۈن ماتېرىيال ئىزدەش جەريانىدا، ئىراننىڭ ئىنگلىزچە چىقىرىلىدىغان «تېھران دەۋر گېزىتى» (Tehran Times) گە 2013-يىلى 16-ئىيۇن كۈنى بېسىلغان بىر پارچە ماقالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. بۇ گېزىت 1979-يىلىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىنلا تەسىس قىلىنغان ئىكەن. ئۇ ماقالىنىڭ تېمىسى «ۋاھابىزم ئىسلام مەدەنىيىتىگە بولغان بىر چوڭ تەھدىت» بولۇپ [4]، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار بېرىلگەن (قىسقارتىلمىسى):

ئەنگلىيە ئوتتۇرا شەرققە ئەۋەتكەن خەمفەر ئەپەندى (Mr. Hempher) نىڭ ئەسلىمىسى قاتارلىق نۇرغۇن تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ۋاھابىزمنى ئەنگلىيىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مۇستەملىكە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان «ئەنگلىيە جەنۇبىي ئىشخانىسى» ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. 1710-يىلى جەنۇبىي ئىشخانىغا مەسئۇل بولغان مىنىستىر (secretary of state) مىسىر، ئىراق، ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە ئىستانبۇلغا كەسپىي جاسۇسلاردىن 10 كىشىنى ماڭدۇردى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى مۇسۇلمانلار ئارىسىغا ماجىرا ئۇرۇقلىرىنى تېرىش ۋە ئەنگلىيىنىڭ مۇسۇلمان ئەللىرىگە خوجايىنلىق قىلىش ھوقۇقى يۈرگۈزۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىش بولدى. بۇ 10 جاسۇسلارنىڭ بىرى خەمفەر بولۇپ، ئۇ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش چارىسىنى تېپىش مەقسىتىدە ئىستانبۇلغا كەلدى. ئۇ ئۆزىنى «مۇھەممەد» دەپ تونۇشتۇرۇپ، بىر ھەنەفىي ( Hanafi) زىيالىيسى ئۆتكەن قۇرئان ۋە شەرىئەت ھەققىدىكى دەرسلەرنى ئالدى. ئۇ تۈرك تىلى بىلەن ئەرەب تىلىنى پۇختا ئۆگىنىپ، لوندونغا قايتتى. ئارىلىقتا 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ بەسىرە ( Basra ) گە كېلىپ، ئىبىن ئابد ئەل-ۋاھاب بىلەن دوست بولدى. خەمفەر ۋاھابدىن پايدىلىنىپ ئۆز پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرى ۋاھابىزمنىڭ مۇستەملىكىچىلەر مەزھىپىنى قۇرۇپ چىقتى. خەمفەرنىڭ دېيىشىچە، ۋاھاب مۇسۇلمان زىيالىيلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قۇرئان بىلەن سۈننەتنى ئىجرا قىلىشتا تۇتقان يولىغا قاتتىق نارازى بولۇپ، ئىسلامغا نىسبەتەن ئۇنى ھېچ قانداق كۆزگە ئىلماسلىق پوزىتسىيىسىنى تۇتقان.

ئىسلامنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋرىدە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلامدا 73 مەزھەپنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 72 مەزھەپ يالغان بولۇپ، قوبۇل قىلىنمايدىغان مەزھەپ بولىدىغانلىقىنى مەزمۇن قىلغان بىر پەرەزنى ئالدىنئالا ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ھازىر ھەر خىل مەزھەپتىكى نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلەر پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامغا بەرگەن چۈشەندۈرۈشى توغرا بولۇپ، ھەقىقىي ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ قارىماقتا. ئەلۋەتتە، ھازىر ئىسلامنىڭ ئومۇمىي ۋە تۈپ پرىنسىپلىرىغا نىسبەتەن پىكىر بىرلىكىگە ئىگە بولغان مەزھەپلەرمۇ بار، مەسىلەن، ھەنەفىي، ھەنبەلى، مالىكىي ۋە شافىئىي مەزھەپلىرى. بۇ مەزھەپلەر ھېچ قانداق مەسىلە يوق ھالدا بىرلىكتە ياشاپ كېتىۋاتىدۇ.

ۋاھابىزم ئومۇمەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىچىدىكى بىر ھەرىكەت. 1-دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، ئوسمانلىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەنگلىيە ئابدۇلئەزىز ئىبىن سەئۇد بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپ 1915-يىلى «دارىن كېلىشىمى» گە ئىمزا قويدى. شۇنىڭ بىلەن سەئۇد ئۆيى (House of Saud) كونتروللۇقىدىكى زېمىنلار ئەنگلىيە قوغدايدىغان زېمىنلارغا ئۆزگەردى. ئابدۇلئەزىز 18-ئەسىردە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ نەجد رايونىنى سورىغان مۇھەممەد ئال سەئۇدنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، شۇنداقلا ۋاھابىزمنى قۇرغان مۇھەممەد ئىبىن ئابد ئەل-ۋاھابنىڭ دوستى ئىدى. ئۆز قەبىلىسى ئۈچۈن ۋاھابىزمنى تاللىغان ئەڭ دەسلەپكى كىشى مۇھەممەد ئەل سەئۇد ئىدى.

ئەنگلىيە كېلىشىمگە ئەمەل قىلىپ، ئابدۇلئەزىزگە ھەر ئايدا ئەنگلىيە پۇلىدىن 5000 فوند ستېرلىڭ بەردى، ھەمدە ئۇنى ناھايىتى زور مىقداردىكى ھەربىي قورال-ياراق بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، ئوتتۇرا ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلىپ، 1927-يىلىغىچە مەككە بىلەن مەدىنەنىمۇ ئىگىلىۋالدى. 1927-يىلى 20-ماي كۈنى، لوندون «دارىن كېلىشىمى» نىڭ ئورنىغا «جەدداھ كېلىشىمى» نى تۈزۈپ، سەئۇد چاڭگىلىغا چۈشۈرگەن زېمىنلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلدى. ئەنگلىيىنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى بىلەن، 1932-يىلى 23-سېنتەبىر كۈنى ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستان قۇرۇلدى.

شۇنداق قىلىپ، ئەنگلىيە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئۆز قولى بىلەن بىر ھاكىمىيەت قۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى ئۆزلىرىدىن مائاش ئالىدىغان بىر قورچاق باشلىققا تۇتقۇزۇپ، سەئۇد ئۆيىنىڭ ۋاھابى ئىدىيىلىرى بىلەن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىن ئىبارەت ئاساسىي دۈشمىنىنى تارمار قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز مەنپەئىتىنى قوغدىدى. ئابدۇلئەزىز بولسا سەئۇد ئۆيىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئەنگلىيە ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ دەسلىپىدىن باشلاپلا ئابدۇلئەزىزنىڭ ئۇستازى بولۇپ، كېيىنچە سەئۇدى پادىشاھلىرى بۇ خىل مۇناسىۋەتنى يوشۇرۇپمۇ ئولتۇرمىدى.

ۋاھابىزمنىڭ تارىخى يالغۇز مۇشۇلا ئەمەس. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى ئىسلامنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋرىدىن باشلاپلا، نۇرغۇن كىشىلەر مۇسۇلمانلارنى پارچىلاپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھلى ئەل-بەيت ( Ahl al-Bayt ) تىن ئىبارەت بارلىق ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەددىيە بېرىشكە ئۇرۇندى. ۋاھابىلار ھازىر يەنە شۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، ھەمدە شىئە ئىسلامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇقەددەسلىكىگە بىھۆرمەتلىك قىلىۋاتىدۇ. يەنى، باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، ۋاھابىلار ھازىر تۇتقان يول بىلەن ئەڭ دەسلەپكى ئىسلام دەۋرىدە ئۇمەۋىي ( Umayyad) لەر تۇتقان يول ئوخشاش. ئۇ بولسىمۇ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ پاك ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تەسىرىنى ئىسلام مەدەنىيىتىدىن چىقىرىۋېتىش. بۇ ھەتتا ۋاھابىلار بىلەن ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانىمۇ ئەمەس. ۋاھابىلارنىڭ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تەسىرىنى ئىسلام مەدەنىيىتىدىن تازىلىۋېتىشتىن مەقسىتى پۈتۈن ئىسلامنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرىنى يوقىتىۋېتىشتۇر. ۋاھابى ھەرىكىتىنىڭ مۇشۇنداق مەقسىتى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئاساسلار بار. ۋاھابىلارنىڭ بۇ ساھەدە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ بىرى، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئائىلىسى ھەققىدە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىش. ئەمەلىيەتتە بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەڭ ياخشى ۋەكىللىك قىلالايدىغان كىشىلەردۇر.

خەمفەر ۋاھابقا بەرگەن تەكلىپلەرنىڭ ئىچىدە، قۇرئاندىكى بىر قىسىم ئايەتلەرنى چىقىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا يالغان گەپلەرنى كىرگۈزۈش ئىشىمۇ بار. خەمفەر ۋاھابدىن يەنە كىشىلەرنىڭ مەككىگە ھەج قىلىشقا بېرىشىنى توسۇش، ۋە مەككىدىكى بەيتۇللاھنى چېقىۋېتىشنىمۇ تەكلىپ قىلغان. خەمفەر جەمئىي 12 ئىشنى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ۋاھاب ئۇنىڭ ئىچىدىكى 10 تەكلىپنى ئىجرا قىلغان، ئەمما يۇقىرىقى 2 ئىشنى رەت قىلغان. سەۋەبى، ۋاھاب ئۇنداق ئىشلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. خەمفەرنىڭ پىلانى ئىسلامنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋرىدە بەزى كىشىلەر ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان ئەھلى ئەل-بەيت ( Ahl al-Bayt) نى ئىسلام مەدەنىيىتىدىن تازىلىۋېتىش پىلانى بىلەن ئوخشاش.



5. ۋاھابى بىلەن سەلەفىنىڭ مۇناسىۋىتى


ۋاھابىلار ئۆزلىرىنى «ھەقىقىي سۈننىلەر» دەپ ئاتايدىغان بولغاچقا، ۋاھابىزمنى بىلمەيدىغان كىشىلەر ئۇنىڭ ھەقىقىي سۈننى ئىسلام بىلەن بولغان پەرقىنى ئاسانلىقچە پەرق ئېتەلمەيدۇ. ھەممە ۋاھابىلار سۈننى مۇسۇلمانلار بولۇپ، ھەرگىزمۇ سۈننى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ۋاھابىلار ئەمەس. ئەگەر سىز ۋاھابىلاردىن «سەن ۋاھابىمۇ؟» دەپ سورىسىڭىز، ئۇلار دەرھاللا «ياق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرى ئىشىنىدىغان ۋە ۋەكىللىك قىلىدىغان نەرسە «ئەقىدىنىڭ پاكلىقى ۋە يالغۇز ئاللاھنىلا ھۆرمەتلەش، پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدىكى ئىسلامنى بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ھەقىقىي ۋارىسچىلار» بولۇپ، بۇلار ۋاھابىلارنىڭكىدىن پەرقلىق، دەپ ئويلايدۇ. ئۆزلىرىنىڭ «ۋاھابىلار» دەپ چاقىرىلىشىنى بىر خىل ھاقارەت، دەپ ھېس قىلىدۇ. ئۇلارنى «ۋاھابىلار» دەپ ئاتاش ئۇلار قوبۇل قىلغان ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ قۇرئان بىلەن سۈننەتتىن ئىبارەت ئىسلامنىڭ ئىككى ئۇلۇغ مەنبەسىدىن ئەمەس، پەقەت «ۋاھاب» دېگەن بىر ئادەمدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ چۈشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قانداق ئويلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئەگىشىۋاتقان ئىدىيىلەر ھەقىقىي ئىسلام مەنبەلىرىدىن كەلگەن بولماستىن، بەلكى 1700-يىللىرىدىكى ۋاھابنىڭ ئىسلامنى خاتا چۈشەندۈرۈشىدىن كەلگەن. سۈننىلەر بىلەن ۋاھابىلاردىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەر ئۇلارنى ھەقىقىي سۈننىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارغا «ۋاھابىلار» دېگەن نامنى بەرگەن.

ئىسلام تارىخىدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇپ ياشىغان 1-ئەۋلاد مۇسۇلمانلار (يەنى ساھابىلەر) بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ ساھابىلەرنىڭ يولىنى تۇتقان 2- ۋە 3-ئەۋلاد مۇسۇلمانلىرى قوشۇلۇپ «سەلەف» (Salaf) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەرنى پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل مۇسۇلمانلار، دەپ ماختىغان ئىدى. ۋاقىت جەھەتتىن سەلەفلار دەۋرى ھىجرىيە كالېندارى باشلانغاندىن كېيىنكى، يەنى 622-يىلىدىن كېيىنكى 300 يىل ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سەلەف مۇسۇلمانلىرى ئېتىقاد قىلغان دىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئەڭ پاك شەكلىگە ۋەكىللىك قىلغاچقا، سەلەف مۇرىتلىرىنىڭ ئىزىدىن مېڭىش سەلەف دەۋرىدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئارزۇسى بولۇپ كەلدى.

ھەقىقىي (orthodox) سۈننى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنى سەلەف دەۋرىدىن كېيىن پاك ئىسلامنى ساقلاپ كەلگەن كىشىلەر دەپ ھېسابلايدۇ. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، سەلەف دەۋرىدىن كېيىن، دەسلەپكى مۇسۇلمانلارنىڭ توغرا ئىسلام يولى دىنى زىيالىيلارنىڭ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن تولغان، سىستېمىلىق ۋە مېتودولوگىيىلىك ئۇسۇللىرى بىلەن ساقلاپ قېلىندى، ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. شۇڭلاشقا ھەقىقىي سۈننى مۇسۇلمانلارنىڭ يىلتىزى سەلەفلارغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا سەلەفلار ئېتىقاد قىلغان توغرا ئىسلام ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 1-رەسىمدىكى 4 سۈننى ئىسلام مەزھەپلىرى تەرىپىدىن نامايان قىلىنماقتا.

مەن بۇ يەردە ئوقۇرمەنلەرگە مۇنداق بىر ئىشنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم: مەن پايدىلانغان 3-نومۇرلۇق مەنبە بىلەن مەن مۇشۇ ماقالىنىڭ 9-قىسمىدا تونۇشتۇرىدىغان ياسىر قازىنىڭ سۆزلىرىدە ماتېماتىكىنىڭ ئىشلىتىلىشى سەل نورمالسىز ئىكەن. يەنى ئۇلار بىر يەردە «سەلەف ئىسلامنىڭ دەسلەپكى 100 يىلىنى ياكى دەسلەپكى بىر ئەۋلادنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېسە، يەنە بىر يەردە «دەسلەپكى 300 يىلنى، ياكى دەسلەپكى 3 ئەۋلادنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دەپتۇ. شۇڭلاشقا مەن ئۇ يەردىكى ئۇچۇرلارنى بىر قانچە قېتىم تەكشۈرۈپ، بۇ ئىككىسىدىن قايسىسىنى تاللاش ھەققىدە يەنىلا بىر قارارغا كېلەلمىدىم. شۇڭلاشقا مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۆزلىرىنى ھەقىقىي سۈننىلەردىن پەرقلەندۈرۈش، ھەمدە ئۆزلىرىنى سەلەفلەرنىڭ ۋارىسچىلىرى، دەپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، ۋاھابىلار ئۆزلىرىنى «سەلەفىلەر» دەپ ئاتىۋالغان. مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى «ھەقىقىي ئىسلامنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرى» دەپ نامايان قىلماقچى بولغان. جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ۋاھابىلار پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىچىدىلا مەۋجۇت بولۇپ، سەلەفىلەر بولسا پۈتۈن مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا تارقالغان.


6. ۋاھابى-سەلەفىلەرنىڭ ھەقىقىي سۈننى مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان پەرقى

ۋاھابى-سەلەفىلەر سۈننىلەرنىڭ مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان تۇتۇپ كەلگەن يولى پۈتۈنلەي خاتا، دەپ قاراپ، مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ قەلبىدە سەلەف دەۋرىدىن باشلاپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بىپەرۋالىق ھالىتى (jahillliyya) دىن ئازاد قىلىشنى ئويلايدۇ. بۈگۈن ئەگەر كۆپ سانلىق سۈننىلەر ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە سوزۇلغان بىر ئىمپېرىيىنى باشقۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، سەلەفىلەر ئۈچۈن بۇ يەنىلا بىر مەغلۇبىيەت ھېسابلانغان بولاتتى. بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى، سەلەفىلەرنىڭ نەزىرىدە، بۇنداق بىر سىياسىي سىستېما ئەيىبلەشكە تېگىشلىك ئىجادىيەت (reprehensible innovation, bid’a) بىلەن كۇپپارلىقنىڭ ئاساسىغا قۇرۇلغان بولاتتى.

سەلەفىلەر ھازىرقى دۇنيادىكى بىر ئاز سانلىقلاردۇر. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىسلام تارىخىدا باشتىن-ئاخىر نامايان قىلىنغان ئىسلام ھەقىقىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كۈچى بۇلغىنىشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، سۈننى ئىسلام بۇ جەھەتتە مۇسۇلمان ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىن كېيىنكى ياۋروپا زومىگەرلىك ھوقۇقىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن ئوخشاش. سەلەفىلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ دۇنيا كۇپپارلار ياشايدىغان جاي بولۇپ، ئۇنىڭغا كاپىرلار ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭدا كاپىرلار ياشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر زوراۋانسىز ۋە زوراۋانلىق ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنىپ، بىر ئاتالمىش دۇنياۋى پاك ئىسلام سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇشنى مەقسەت قىلغان ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش زۆرۈرىيىتى مەۋجۇت.

ھەقىقىي سۈننىلەر يەرلىكتە ياتقان بىر تەقۋادار ئادەم ياكى بىرەر نەرسە (تاباررۇك) نى ئوتتۇرىدىكى ۋاسىتە قىلىپ، ئاللاھتىن بىرەر نەرسىنى تىلەيدۇ، بۇ «تاۋاسسۇل» قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ، ياكى ئۈستىگە قۇرئاندىكى ئايەتلەر يېزىلغان تۇمارلار بىلەن ئاللاھتىن پاناھلىق تىلەيدۇ. ئەمما ۋاھابىلار بۇنداق ئىشلارنى «شېرىكلىك قىلىش» دەپ ئەيىبلەيدۇ. ۋاھابىلارنىڭ نەزىرىدە بىر نەرسىنى ۋاسىتە قىلىپ ئاللاھتىن بىر نەرسىنى تىلەش ئاشۇ ۋاسىتىگە سەجدە قىلغانلىق بىلەن ئوخشاش. بۇ خىل ئەھۋال مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ، ئاللاھتىن بىر نەرسىنى تىلىگەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. ۋاھابىلار ئاشۇنداق مۇسۇلمانلارنىمۇ «پەيغەمبەرگە سەجدە قىلدىڭ» ، دەپ ئەيىبلەيدۇ، ۋە بۇنداق ئىشلارغا قەتئىي يول قويمايدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن ۋاھابىلار «كۆپ خۇداغا چوقۇندى» دېگەن بانا بىلەن ئەرەبىستاندا نەچچە مىڭ مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

ۋاھابىلار ھەقىقىي سۈننىلەرنى «كۆپ خۇدالىق شېرىكلەر» دەپ ئەيىبلەش بىلەن بىللە، ئۇلار ئۆزلىرى ئاللاھ تۇرىدىغان بىر جاي بار، كېلىدىغان بىر يۆنىلىش بار، دەپ قارايدۇ.

مەسىلەن، ۋاھابى يازغۇچىسى بىلال فىلىپس (Bilal Philips) مۇنداق دېگەن: «ئاللانىڭ بەدىنى يوق، ئەمما ئۇ شەكىلسىز روھمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۆز قەدرى-قىممىتىگە ماس كېلىدىغان، ئادەملەر قەتئىي كۆرۈپ باقمىغان ياكى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقالمىغان شەكلى بار بولۇپ، ئۇنى پەقەت جەننەتتىكى كىشىلەرلا (ئادەملەرنىڭ چەكلىمىسى دائىرىسى ئىچىدە) كۆرەلەيدۇ.»

ئۆلۈپ كەتكەن ۋاھابى زىيالىيسى مۇھەممەد سالىھ (Muhammad Saleh al-Uthaymeen) مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھقا ئاتالغان بىر تەختنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇ تەختتە ئاللاھ ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»

ھەقىقىي سۈننىلەر ئاللانىڭ يۆنىلىشلىرى بىلەن ماكانلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدۇ. سۈننىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئاللاھ بىر ماكانغا ئېھتىياجسىز ھالدا ھەممە ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولۇپ، بىر ماكاننى ئۆزى يارىتىپ، ئاندىن ئۇ يەرنى ئۆزى ئۈچۈن ئېلىۋالغان ئەمەس. بۇ جەھەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن باشقا ھەقىقىي سۈننىلەرنىڭ چۈشەنچىسى ئوخشاش. سەلەف دەۋرىدە ياشىغان ئۇلۇغ ئىجتىھاتلىق (mujtahid ) ئىمام، ئىمام ئەبۇ خانىفاھ (Imam Abu Hanifah) مۇنداق دېگەن: «ئاللانىڭ چەكلىمىسى يوق.» ھەقىقىي سۈننىلەر ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىدىيە مانا مۇشۇ.

ۋاھابى-سەلەفىلەرنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى باشقىلىرىغا قارىغاندا ئاشقۇنلۇقنى بەكرەك تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پەرقلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى تەقۋادار ئەجدادلارنى ئۈلگە قىلغان ئاساستا كۈچەيتىشتە قوللىنىدىغان ۋاسىتىسىدىن كېلىپ چىققان. ھەممە ۋاھابىلار سەلەفى بولۇپ، ھەممە سەلەفىلەر ساپ ۋاھابىلاردىن ئەمەس. «سەلەفى مۇسۇلمانلار» سەيىد قۇتۇبقا ئوخشاش كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، سەيىد قۇتۇب ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى ئاتالمىش دىنغا سۇس قاراش ھالىتىنى تازىلاپ، مۇسۇلمانلارنى سەلەف دەۋرىدىكى پاكلىققا قايتۇرۇشنى ئويلايدۇ. ئەمما، مەيلى ۋاھابىلار بولسۇن ياكى قۇتبىلار بولسۇن، سەلەفى مۇسۇلمانلار بۈگۈنگىچە ھەر خىل ئىنقىلابچىلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان ۋاھاب بىلەن تەيمىيەھنىڭ تۆھپىسىنى ھەددىدىن زىيادە كۆككە كۆتۈرىدۇ. شۇڭلاشقا، گەرچە ھەممە سەلەفىلەر ۋاھابىلار بولمىسىمۇ، سەلەفىلەر بىلەن ۋاھابىلار ئوخشاش كىشىلەرنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۈلگە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈلگىلىرى يالغاندىن ھەقىقىي ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلغۇچى بولۇۋالغانلىقى ئۈچۈن بارلىق ھەقىقىي سۈننى زىيالىيلىرىنىڭ ئورتاق رەت قىلىشى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان كىشىلەردۇر.

ئىلاۋە: مەن مۇشۇ يەردىكى مەزمۇنلارنى ئالغان 3-نومۇرلۇق مەنبەدە دۇنياغا تونۇلغان، ھەمدە ۋاھابىزمغا رەددىيە بېرىپ كىتاب ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان ھەقىقىي سۇننى زىيالىيلارنىڭ بىر تىزىملىكى، يەنى ئۇلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئېلان قىلغان كىتاب-ماقالىلىرى، بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ تىزىملىك ئامېرىكىنىڭ ئۆلچەملىك ھۆججەت قەغىزىدە 5 بەتتىن ئارتۇق كېلىدىكەن. مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارماقچى بولغان قېرىنداشلار ئۈچۈن بۇ بىر ئىنتايىن مۇھىم تىزىملىك، دەپ ئويلايمەن.

سەلەفى گۇرۇھلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرقلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇلار زوراۋانسىز ۋە زوراۋانلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز-ئارا بىرلىشىۋالدى. مەسىلەن، 1950- ۋە 1960-يىللىرىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىق تەشكىلاتى مىسىرنىڭ ناسەر (Nasserist) ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشى جەريانىدا، مۇسۇلمان قېرىنداشلىق تەشكىلاتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋاھابىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ناھايىتى كۈچەيگەنىدى. سەئۇدىلار مۇسۇلمان قېرىنداشلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرىنى پاناھ جاي بىلەن تەمىنلىدى، ھەمدە ئۇلارغا باشقا ئەرەب ئەللىرىدە ياردەم بەردى. ئىراندىكى خومەينى ئىنقىلاب قوزغاپ، 1979-يىلى ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقلىق تۈزگەن شاھنى ئاغدۇرۇۋەتكەن ۋاقىتتا، شىئەلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ۋاھابى-سەلەفىلەر بىر-بىرى بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتكەن ئىدى.

ئافغانىستاندىكى دىنسىز ۋە كوممۇنىست سوۋېتلىقلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىھاد ئۇرۇشلىرىدىمۇ ۋاھابى-سەلەفىلەر ئىتتىپاقلىق قۇردى. سەلەفىلەرنىڭ ھەممە گۇرۇھلىرى «توغرا سۈننىلەر» سۈپىتىدە شىئە-كوممۇنىستلارنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىرلىشىپ، سەلەفىزمنى بىر ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىرىش ئۈچۈن، كىشىلەرنى سەلەفىگە كىرىشكە ئۈندەشتىن تارتىپ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشكىچە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. رادىكال سەلەفىلەرنىڭ ئارزۇسى «كاپىر» ھۆكۈمەتلەرنى سەلەفىلەرنىڭ ئىدولوگىيىسى بويىچە ئىش قىلىدىغان، يىراقنى كۆرەلمەس «زىيالىيلار» نىڭ قولىغا تۇتقۇزۇش بولۇپ، ھازىر ئوتتۇرىغا چىققان ئاتالمىش «سۈننى تېررورىزمى» نى مانا شۇلار كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ قولى ھازىر دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە سوزۇلغان بولۇپ، ئۇلار تەسىر كۆرسەتكەن ئەللەردىن بوسنىيە، ئالبانىيە، ھىندونېزىيە، فىلىپپىن، ئۆزبېكىستان، ئەنگلىيە، مالايسىيا، جەنۇبىي ئافرىقا، لىۋان، ئافغانىستان ۋە پاكىستان قاتارلىقلار بار. يېقىنقى بىر قانچە 10 يىل مابەينىدە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بولدى.

يۇقىرىقى مەزمۇنلار 3-نومۇرلۇق مەنبەدىن ئېلىنغان بولۇپ، ۋىكىپېدىيە تور بېتىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار بار ئىكەن [5]:

ۋاھابى ئىماملىرى چەكلىگەن ئىشلاردىن تۆۋەندىكىلىرى بار: مۇزىكا ئورۇنلاش ياكى ئاڭلاش، ئۇسۇل ئويناش، رەم سېلىش، قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا چۈشۈش، دىننى مەزمۇن قىلمىغان تېلېۋىزور پروگراممىلىرىنى كۆرۈش، تاماكا چېكىش، شاھمات ۋە قارت ئويناش، ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ رەسىملىرىنى سىزىش، كونسېرتتا رول ئېلىش ياكى ھېكايە يېزىش (بۇ ئىككىسى يالغانچىلىق ھېسابلىنىدىكەن)، ۋە تېببىي تەتقىقات ياكى جىنايەتلەرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن جەسەتنى يېرىش.

ئادەتتىكى مۇسۇلمانلار قىلىدىغان، ئەمما ۋاھابىلار چەكلىگەن ئىشلاردىن مۇنداقلىرى بار: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۈيلەيدىغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاش، قەبرىستانغا بارغاندا ئاللاھقا دۇئا قىلىش، پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش، مۇنار ياساش، ۋە مەسچىتلەرنى زىننەتلەش. ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى باشقا بارلىق ئەللەردە يول قويۇلغان بولۇپ، ئۇ پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستاندىلا چەكلەنگەن. پەقەت تالىبان قىلىشقىلا يول قويۇلغان چۈش ئۆرۈشنى ۋاھابىلار ئىمكانقەدەر قىلماسلىققا ئۈندەيدۇ.

ۋاھابىلار ئاددىي-ساددا كىيىنىشنى بەلگىلەپ بېرىپلا قالماي، قايسى خىلدىكى كىيىملەرنى كىيسە بولىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن، پەقەت كۆزى بىلەن قولىلا يېپىلمايدىغان قارا تون (ئابايا) مۇ بار. سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھازىرمۇ ھۆكۈمەت ھوقۇقى سەئۇد ئەۋلادلىرىنىڭ قولىدا، دىنى ھوقۇقلار بولسا ۋاھاب ئەۋلادلىرىنىڭ قولىدا. ئۇلار ئىنتايىن قاتتىق «دىنىي ساقچىلار» تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، يۇقىرىدىكىدەك بەلگىلىمىلەرنى قانۇن سۈپىتىدە ئىجرا قىلىدۇ. ئۇلار ئىجرا قىلىدىغان ئىشلاردىن ناماز ۋاقتىدا ھەممە دۇكانلارنى تاقاش، ئەر-ئاياللارنى ئايرىش، ھاراق ساتقۇزماسلىق ۋە ئىچكۈزمەسلىك، ئاياللارغا ماشىنا ھەيدىگۈزمەسلىك، ۋە باشقا ئىجتىمائىي چەكلىمىلەر بار.

ۋاھابىزم ئىسلامنىڭ سىرتىدىكى مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلەردىن ساقلىنىشنى ناھايىتى كۈچەپ تەكىتلەيدىغان بولۇپ، چەت ئەلنىڭ نەرسىلىرىنى بەزىدە جازالايدۇ، بەزىدە بولسا قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. بۇنداق نەرسىلەردىن ئاشىق-مەشۇق بايرىمى، ئانىلار بايرىمى، ساقال چۈشۈرۈش، بۇرۇتنى چۈشۈرۈش ياكى ياساش، بىرسىگە گۈل تەقدىم قىلىش، بىر داڭلىق زاتنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆرە تۇرۇپ ئېھتىرام بىلدۈرۈش، تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش، ۋە ئۆيدە ئىت بېقىش ياكى ئىتنى ئوينىتىش قاتارلىقلار بار.

ۋاھابىلار ئەر-ئاياللارنىڭ رول ئايرىمىسىغا ئىنتايىن قاتتىق ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز ئاياللارنىڭ سەپەر قىلىشى ياكى ئۆينىڭ سىرتىدا ئىشلىشىگە يول قويمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئەرلەر ئايالىنىڭ سەپەر قىلىشى ياكى سىرتتا ئىشلىشىنى ھەر قانداق ۋاقىتتا چەكلىيەلەيدۇ.

سەئۇدى پادىشاھى چەت ئەل قوشۇنلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇشىغا يول قويمايدىغان بولسىمۇ، 1990-يىلى سادام ھۈسەيىنگە تاقابىل تۇرۇشتا ئۇلارغا يول قويدى. قىز-ئوغۇللارنىڭ ئالاقە قىلىشىپ ئۆتۈشى چەكلەنگەن بولۇپ، بۇنداق ئىشقا پەقەت پادىشاھ ئابدۇللا پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىلا يول قويۇلىدۇ. كىنوخانا ۋە ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى چەكلەنگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق نېفىت كىرىمىنى يارىتىپ بېرىدىغان ئارامكو (ARAMCO) شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى ئۈچۈن بۇ چەكلىمىلەر بىكار قىلىنغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەئۇدى بىر قىسىم ئىشلارغا بولغان چەكلىمىنى بىكار قىلدى. مەسىلەن، 1951-يىلى قەغەز پۇلغا يول قويدى. 1962-يىلى قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلدى. 1964-يىلى قىزلارنىڭ ئوقۇشىغا يول قويدى. 1965-يىلى تېلېۋىزور كۆرۈشكە يول قويدى.


7. ۋاھابىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان تىمبۇكتۇدىكى ۋەيرانچىلىق ھەققىدە

ۋاھابىلار ۋە سەلەفىلەر ھەققىدە گەپ بولغاندا، غەربلىكلەر ئافرىقىدىكى مالى دۆلىتىنىڭ تىمبۇكتۇ رايونىدا يۈز بەرگەن يېقىنقى بىر ۋەقەنى تىلغا ئالىدۇ. تىمبۇكتۇ «333 مۇسۇلمان دانىشمەنلەرنىڭ شەھىرى» دەپ نام ئالغان بولۇپ [6]، ئۇ يەردىكى كۇتۇپخانىلار بىلەن شەخسىيلەرنىڭ قولىدا مىڭلىغان قەدىمكى قول يازمىلار ۋە ھۆججەتلەر ساقلىنىپ كەلگەن. 1988-يىلى ب د ت ئۇ يەردىكى 3 چوڭ مەسچىت بىلەن 16 قەبرىستانلىق ۋە قەبرە تاشلارنى «دۇنيا يادىكارلىقلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى. ۋاھابىلار ئىسلام يادىكارلىقلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىرى بولۇپ، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىگە تەۋە بولغان ئۆي ۋە مەسچىتلەرنىمۇ ۋەيران قىلغان ياكى بۇزغان ئىدى. 2012-يىلى مالى ھۆكۈمىتىنى بىر قوراللىق گۇرۇھ ئۆرۈۋەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ قوراللىق كۈرىشىنى «ئانسار ئال-دىنە» ( Ansar Al-Dine ) دەپ ئاتىلىدىغان ۋاھابى تاجاۋۇزچىلىرى ئۆزلىرىگە ئۆتكۈزۈۋالدى. 2012-يىلى 4-ئايدا ئانسار ئال-دىنە قوشۇنلىرى 15-ئەسىردىكى سۇفى بىنالىرىنى ۋەيران قىلىپ، تىمبۇكتۇدىكى بابا ئاخمەد كۇتۇپخانىسىنى تاقىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تىمبۇكتۇدىكى بىر قاتار ئىسلام بىناكارلىق مىراسلىرىنى چېقىپ يوقاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۇنىڭدىن 600 يىل بۇرۇن سېلىنغان مەسچىتلەرمۇ بار. بۇ ئىشتا ئانسار ئال-دىنە خەلقئارا قانۇن ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمىغان بولۇپ، ئۇلار تۇتقان بۇ يول ئەلقائىدە بىلەن تالىبانلارنىڭ 2001-يىلى ئافغانىستاندىكى بامىيان بۇددا دىنى ھەيكەللىرىنى ۋەيران قىلىشتا تۇتقان يول بىلەن ئوخشاش.


8. ياسىر قازىنىڭ ۋاھابى ھەققىدىكى قاراشلىرى

مەن يېقىندا دوكتور ياسىر قازى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئوخشىمىغان دىنلار ئوتتۇرىدىكى ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر رادىئو پروگراممىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى ئاڭلاپ چىقتىم [7]. ھەمدە ئۇنى قايتا-قايتا ئاڭلاش ئارقىلىق، ياسىر قازىنىڭ دېگەنلىرىنى خاتىرىلىۋېلىپ، ئاندىن ئۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇردۇم. تۆۋەندىكىسى ئاشۇ سۆھبەتتە ياسىر قازىنىڭ دېگەنلىرى. بۇ سۆھبەت ئەسلىدە سوئال-جاۋاب شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مەن سوئاللارنى ئېلىۋېتىپ، پەقەت ياسىر قازىنىڭ جاۋابلىرىنىلا بۇ يەرگە كىرگۈزدۈم. بۇ ئاۋازلىق ھۆججەت 2013-يىلى 13-ئاپرېل كۈنى تورغا قويۇلغان ئىكەن.

بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى مەن بىر ئون نەچچە ياشلىق ياش ۋاقتىمدا ئۆزۈمنى سەلەفى ھەرىكىتىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ ئويلايتتىم. ئەمما، يېقىندا مەن ئۇ ھەرىكەتتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتىم [7]. سەۋەبى، بۇ ھەرىكەت ئىلىملىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئادەملەرنى مەن ئۈمىد قىلغاندەك روھلاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ھەرىكەت ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان يېڭى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس. بىر قىسىم ئىشلاردا باشقا ھېچ كىمنىڭ ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇلار ئىسلام ئۈستىدىكى باشقىچە چۈشەندۈرۈلۈشلەرگىمۇ ناھايىتى دۈشمەنلىك بىلەن قارايدۇ. شۇڭا مەن سەلەفى ھەرىكىتىنىڭ مېتودولوگىيە جەھەتتە تۇتقان يولىنى قوبۇل قىلالمايدىكەنمەن.

مېنى سەلەفى ھەرىكىتى ئەڭ دەسلەپتە جەلپ قىلغان ئامىللاردىن بىر قانچىسى بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل، سەلەفى ھەرىكىتىنىڭ سىزدىن ئىسلامنى چۈشىنىشنى بىۋاسىتە قۇرئاندىكى تېكىستلەر بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەلىماتى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىدۇر. بۇ ئەقىلنىڭ ئازادلىققا چىقىرىلىشى بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا سىز ئىسلامنى چۈشىنىشتە ئوتتۇرىدىكى كىشى ياكى دىنى ئۆلىمالارنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە تايانمايسىز. سەلەفىنىڭ ئەنئەنىسىنىڭ بىرى، بىر دىنى ئۆلىما مەلۇم بىر نەرسىنى چۈشەندۈرگەندە، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇ مەزمۇنغا ئاشۇنداق يېشىم بېرىدىغانلىقىغا قارىتا جەڭ ئېلان قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشتۇر. سەلەفىلەر كىشىلەردىن ھەر بىر ئىسلام ھەققىدىكى پىكىرگە نىسبەتەن يېتەرلىك مىقداردىكى پاكىتلارنى تېپىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ مۇسۇلمانلارنى ئىسلام ئەنئەنىسى بىلەن قايتىدىن باغلىنىش ھاسىل قىلىشقا ئېلىپ باردى. شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت بىلەن دىننى پەرقلەندۈرۈۋېلىشىغا ياردەم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ دىنىي نەرسىلەر ئەمەس، مەدەنىيەتكە ئائىت نەرسىلەر ئىكەنلىكى بايقالدى. مەسىلەن، بىر قىسىم قانداق كىيىنىش ۋە ئاياللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدىكى قائىدىلەر مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئادەتلەر ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلدى. كىشىلەردىن پاك، ساغلام ۋە ھەقىقىي ئېتىقادنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىندى.

كىشىلەرنى قۇرئاننى بىۋاسىتە ئوقۇپ، قۇرئاندىكى مەزمۇنلارنى ئۆزلىرى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆزلىرى بىۋاسىتە چۈشىنىشكە رىغبەتلەندۈردى. مانا بۇ سەلەفىنى ياقلايدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ ناھايىتى تېز كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ بىر سەۋەبىدۇر. سەلەفى مۇسۇلمانلىرىدىن بۇرۇنقى ئەنئەنىگە قايتىپ، كىتابلارنى تەنقىدىي پوزىتسىيىدە تۇرۇپ بىۋاسىتە ئوقۇش، ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە بىۋاسىتە قايتىدىن قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلىندى. ئۇلار يەرلىك ئۆلىمالارغا، ئۇلارنىڭ دىن بىلەن مەدەنىيەتنى ئارىلاشتۇرىۋېلىشىغا قارىتا جەڭ ئېلان قىلىشقا ئۈندەلدى. ئۇلار ھەقىقىي ئىسلامنى قايتىدىن بايقاشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى.

ئەمما، سەلەفى ھەرىكىتى ئىچىدە يەنە نۇرغۇن گۇرۇھلار مەيدانغا كېلىپ، ئۇلار نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئۆز-ئارا بىرلىك ھاسىل قىلالمىدى. بولۇپمۇ سىياسەت ۋە قوراللىق كۈرەش جەھەتلەر شۇنداق بولدى. زوراۋانسىز سەلەفى بىلەن زوراۋانلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان سەلەفىلار ۋۇجۇدقا كەلدى. سىياسەتكە قاتنىشىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان سەلەفى بىلەن سىياسەتكە قاتناشسا دىن ياكى روھىي جەھەتتىكى پاكلىقنى ساقلىغىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدىغان سەلەفىلەر بارلىققا كەلدى. شۇڭلاشقا سەلەفى ئىسلام بىر بىرلىككە كەلگەن ھەرىكەت ئەمەس، بىر خىل يۈزلىنىشتىن ئىبارەتتۇر.

ۋاھابىزم بولسا بىر ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك قۇرۇلما ئىچىگە جايلاشقان سەلەفىدىن ئىبارەت. 17-ئەسىردە سەئۇد قەبىلىسى ئەرەبىستاننى ئۆز قولىغا ئېلىۋېلىپ، بىر ئالاھىدە سەلەفى ئۆلىماسى ۋاھاب بىلەن بىرلەشتى. «ۋاھابى» دېگەن ئىسىم ئەنە شۇنىڭدىن كەلگەن. بۇ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، سەئۇدنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرغىچە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ۋاھابنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا دىنىي ھوقۇقنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتىدۇ. ۋاھابى ئىسلام بولسا سەلەفى ئىسلامنىڭ بىر ئالاھىدە ماكان ۋە بىر ئالاھىدە زاماندىكى سىياسىي نامايەندىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى، ۋاھابىزم سەلەفىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ۋاھابىچىلار جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتتىن پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستاندىلا ياشىغان ۋە ھازىرمۇ ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سەلەفى ھەرىكىتىگە كىرگۈچىلەرنىڭ سانى ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كۆپىيىپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، سەلەفىچىلارنىڭ ئىسلامنى چۈشىنىشنى بىۋاسىتە قۇرئاندىكى تېكىستلەر بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەلىماتى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى، ئىسلامدا تېخى تاشقى دۇنيانىڭ تەسىرى بىلەن بۇلغانمىغان، تېخى ئىنسانلارنىڭ خاتا چۈشەنچىسى سەۋەبىدىن بۇزۇلمىغان ئەڭ دەسلەپكى ئىسلام، ياكى سەلەف دەۋرىدىكى ئىسلامغا قايتىشنى تەلەپ قىلىشى، ئىسلامنى چۈشىنىش ۋە ئىجرا قىلىشتا دىنىي ئۆلىمالارنىڭ قۇرئاندىكى ئايەتلەر ۋە ھەدىستىكى تەسۋىرلەر ھەققىدىكى ھەر بىر چۈشەندۈرۈشىگە قارىتا جەڭ ئېلان قىلىپ، بۇ جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئويلاش ئىقتىدارىنى تولۇق ئىشقا سېلىشنى تەلەپ قىلىشىدىندۇر.

ئەمما، ۋاھابىچىلار بىلەن سەلەفىچىلارنىڭ مۇنداق بىر ئورتاق مەسىلىسى مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ، ئۇلار تېخى «ئەڭ دەسلىپىدىكى ئىسلام يولىنى ھازىرقى زامانغا قانداق ماسلاشتۇرىمىز؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ باقمىدى. ئۇلار بۇ جەھەتتە تېخى بىر ئېنىق ئىدىيىگە ئىگە ئەمەس.


9 . قۇرئاندىكى «ئاللاھ» ھەققىدىكى سۈرە

مەن يېقىندا ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىلىرىنى ئاڭلاش جەريانىدا، دىننى يېڭىدىن ئۆگىنىشكە باشلىغانلارغا زور پايدىسى بولىدىغان، ھەمدە ۋاھابى-سەلەفىلەرنىڭ ئاللاھ ھەققىدىكى ئىدىيىسىدىكى مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بىر سۈرە ھەققىدىكى لېكسىيىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم [8]. مەن بۇ يەردە ئۇ مەزمۇننى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن. بۇ سۈرە ناھايىتى قىسقا بولۇپ، ياسىر قازى بۇ سۈرىدىكى ھەر بىر سۆزنىڭ مەنىسىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. مەن تەپسىلىي چۈشەنچىلەرنىمۇ بۇ ماقالىگە كىرگۈزۈشكە ئاجىز كېلىپ قالدىم. ئەگەر مۇمكىن بولسا، ئىنگلىزچە بىلەن دىندىن ياخشى خەۋىرى بار قېرىنداشلاردىن بىرسى بۇ لېكسىيىنى تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، تورغا يوللاپ قويسا، بەك ياخشى بولاتتى.

112-سۈرە «ئىخلاس» (610-بەت، ئاللاھتىن 22-نۆۋەت چۈشكەن) تا مۇنداق دېيىلگەن: « (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ - ئاللاھ بىردۇر. ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ.»

بۇ سۈرە سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز سىزگە تۇنجى قېتىم يادلاتقان سۈرە بولۇشى مۇمكىن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ سۈرە توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «مەن ئاللاھقا قەسەم قىلىپ تۇرۇپ شۇنى ئېيتالايمەنكى، بۇ سۈرە پۈتۈن قۇرئاننىڭ 3 دىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ.» بۇنىڭ مەنىسى ھەرگىزمۇ سىز مەزكۇر سۈرىنى 3 قېتىم ئوقۇۋەتسىڭىز، قۇرئاننىڭ قالغان قىسمىنى ئوقۇمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى، سىز بۇ سۈرىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئېرىشەلەيدىغان مۇكاپات پۈتۈن قۇرئاننىڭ مۇكاپاتىنىڭ 3 دەن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ، دېگەنلىك. دىنى زىيالىيلارنىڭ ئېيتىشىچە، قۇرئاننىڭ مەزمۇنى مۇنداق 3 ساھەگە بۆلۈنگەن: (1) قۇرئاننىڭ 3 دەن بىر قىسمى ئاللانىڭ كىملىكى ۋە ئۇنىڭغا قويۇلغان ئىسىملارنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلەيدۇ. قۇرئاننىڭ ئاشۇ قىسمى مۇشۇ ئىخلاس سۈرىسىدە خۇلاسىلەنگەن. (2) قۇرئاننىڭ 3 دەن بىر قىسمى قانۇن ھەققىدە، يەنى نېمىنىڭ ھالال، نېمىنىڭ ھارام، يېيىش، ئىچىش، روزا تۇتۇش قاتارلىقلار ئۈستىدە سۆزلەيدۇ. (3) قۇرئاننىڭ قالغان 3 دەن بىر قىسمى بولسا جەننەت، دوزاخ، ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ھېكايىلىرى ئۈستىدە سۆزلەيدۇ. دېمەك، ئىخلاس سۈرىسى قۇرئاننىڭ مەنىسىنىڭ 3 دەن بىر قىسمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ گۈزەل سۈرە ئاللاھتىن بىر قەدەر بالدۇر چۈشكەن. يەنى، ئۇ 22-نۆۋەتتە مەككىگە چۈشكەن. شۇ چاغدا مەككىدىكى باشقا بىر قەبىلىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىر يېڭى دىننىڭ چۈشكەنلىكىنى ئاڭلاپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ قېشىغا كېلىپ سورايدۇ: «ھەي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، سەن كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلىۋاتقان خۇدا قايسى خۇدا؟ بۇ يېڭى دىن قانداق دىن؟» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ئاللاھ»، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇ باشلىق يەنە سورايدۇ: «ئاللاھنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويغىن. ئۇ ئالتۇندىن ياسالغانمۇ، ياكى كۈمۈشتىنمۇ؟ ياكى ئۇ پاختىدىن ياسالغانمۇ ياكى ياغاچتىنمۇ؟ بۇ زادى قايسى خۇدا؟» ئۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇتلارغا ئىبادەت قىلىپ يۈرگەنىدى. ئۇ بۇتلارنى بولسا كىشىلەر ئۆز قولى بىلەن بىرەر نەرسىنىڭ تۇرقىغا ئوخشىتىپ ياساپ چىققان ئىدى. شۇڭا ھېلىقى باشلىق يەنە سورايدۇ: «سەن سەجدە قىلىۋاتقان خۇدا نېمىگە ئوخشايدۇ؟ ئۇنىڭ دادىسى كىمۇ؟» ئەگەر سىز قەدىمكى دىنلار، مەسىلەن، گرېكلەرنىڭ دىنى ۋە بۇددا دىنى قاتارلىقلارغا قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ خۇداسى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھەر بىر خۇداسىنىڭ بىردىن ئائىلىسىمۇ بار بولغان. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى قەبىلە باشلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋابەن، ئاللاھ «ئىخلاس» سۈرىسىنى چۈشۈرگەن.

سۈرە ئىخلاستىن باشقا، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئەڭ دەسلىپىدىلا ئۆگىنىدىغان، ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە ياخشى كۆرۈپ ياشايدىغان يەنە بىر سۈرە بار. ئۇ بولسىمۇ 108-سۈرە كەۋسەردىن ئىبارەت (621-بەت): «بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق. پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن. ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭنىڭ نام-نىشانى قالمايدۇ.» سۈرە كەۋسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نام-شۆھرىتىنى قوغدايدۇ. سۈرە ئىخلاس بولسا ئاللاھنىڭ نام-شۆھرىتىنى قوغدايدۇ. ئىسلام دىنى مانا مۇشۇ ئىككى سۈرىدىن تەشكىل تاپقان. سۈرە ئىخلاس ئاللاھنىڭ مۇكەممەللىكىنى تەسۋىرلىسە، سۈرە كەۋسەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇكەممەللىكىنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ ئىككى سۈرىنى بارلىق مۇسۇلمانلار، قېرىلار بىلەن ياشلار، ئەرلەر بىلەن ئاياللار، ئېتىقادى كۈچلۈكلەر بىلەن ئېتىقادى ئاجىزلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ئىككى سۈرە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئويغىنىپ قىلىدىغان 1-ئىشى سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇش بولغان. ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن قىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئىشىمۇ سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇش بولغان. يەنى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەر بىر يېڭى كۈنى سۈرە ئىخلاس بىلەن باشلىنىپ، ھەر بىر كۈنى يەنە سۈرە ئىخلاس بىلەن ئاخىرلاشقان.


10. ئاخىرقى سۆز

مەن ئەسلىدە سەلەفى بىلەن ۋاھابىنى ئايرىم-ئايرىم تېما قىلىپ يېزىشنى ئويلىغان بولساممۇ، بۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە بەك يېقىن بولغاچقا، ئۇلارنى مۇشۇ بىر پارچە ماقالىدىلا تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم.

مەن ئالدىنقى ماقالەمدە ياسىر قازىنىڭ «دىننى ھازىرقى زامانغا ماسلاشتۇرۇش، دىننىڭ تېئولوگىيە ۋە ئىسلام قانۇنلىرىغا ياتمايدىغان قىسىملىرىنى دىنىي زىيالىيلارنىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىدە ھازىرقى زامانغا ماسلىشىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش» ھەققىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى تونۇشتۇرغىنىمدا، بىزنىڭ بەزى قېرىنداشلىرىمىز «ئۆزگىرىش» دېگەن سۆزنى كۆرۈپ بىر ئاز جىددىيلەشتى. مەن ئۇلارنىڭ نېمىشقا جىددىيلىشىدىغانلىقىنى توغرا چۈشىنىمەن. تارىختىكى سەلەف دەۋرىدىن كېيىن ئىسلام دىنىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولۇپ باققان بولۇپ، ئۇ ئۆزگىرىشلەر ئاساسەن «بۇزۇلۇش» ۋە «بۇلغىنىش» لارغا ۋەكىللىك قىلغانىدى. شۇڭلاشقا «ئىسلام دىنىنى ئۆزگەرتىش» دېگەن گەپ چىققان ھامان، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا ئەنە شۇنداق بۇرۇن يۈز بېرىپ باققان ئۆزگىرىشلەر كېلىدۇ. ئەمما، ئۆزگىرىش توختىماي يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئۆزگىرىش توختىماي يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. مەيلى بىز ئېتىراپ قىلايلى، ياكى ئېتىراپ قىلمايلى، ئۇ ئۆزگىرىشلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ. ئەگەر بىز ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇلارنى ئېتىراپ قىلماي يۈرۈۋەرسەك، ئۇ مەسىلىلەر مەۋجۇتلۇقتىن توختاپ قالمايدۇ. بەلكى ئۇلار مەۋجۇت بولۇپ، ھەتتا بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋېرىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆزگىرىشتىن ئۆزىمىزنى ئېلىپ قاچساق، بۇ توغرۇلۇق سۆز قىلىشتىن قورقساق، ئىش تېخىمۇ يامىنىغا قاراپ مېڭىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئورنىغا، خۇددى ھازىر ياسىر قازى تەشەببۇس قىلىۋاتقىنىدەك، ئۆزگىرىشنى دىنىي زىيالىيلارنىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىدە پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق ئېلىپ بارغان ياخشى.

ياسىر قازى ئۆزىنىڭ يەنە بىر ئىلمىي دوكلاتىدا مۇنداق بىر ئوخشىتىشنى قوللاندى: ئىسلام دىنىنى بىر ئۆي بىناسىغا ئوخشاتساق، ئىسلام دىنىنىڭ تېئولوگىيىسى، شەرىئەت قانۇنلىرى، ۋە ئاساسىي پرىنسىپلىرى قاتارلىقلار ئۇ ئۆينىڭ ئۇلى بىلەن بىنانىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئاساسىي گەۋدىسىگە ئوخشايدۇ. ئەمدى بۇ ئۆيدىكى بىر ياتاق ئۆيدە سىزنىڭ بىر بالىڭىز سىزنىڭ ئاتا-بوۋىڭىزدىن قالغان بىر كارىۋاتتا ياتىدۇ، دەيلى. بۇ كارىۋاتنى بىر قانچە ئەۋلاد ئىشلىتىپ كەلگەن بولغاچقا، ئۇ ھازىرقى زامانغا ماسلاشماي قالدى. شۇنىڭ بىلەن بالىڭىز سىزدىن ئۇ كارىۋاتنى ھازىرقى زاماندا ئىشلەنگەن بىر يېڭى كارىۋاتقا ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ھەمدە «ئەگەر ئالماشتۇرۇپ بەرمىسەڭ، مەن ئۆيدىن چىقىپ كېتىمەن»، دەپ سىزگە شەرت قويدى. بۇ خۇددى بەزىلەرنىڭ «ئىسلام دىنى ھازىرقى زامانغا ماسلاشمايدىكەن، شۇڭا مەن ئۇنىڭغا كىرمەيمەن»، ياكى بەزىلەرنىڭ «ئىسلام دىنى ھازىرقى زامانغا ماسلاشماي قالدى، شۇڭا مەن ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتىمەن»،دېگىنى بىلەن ئوخشاش. ئەگەر بالىڭىزغا بىر يېڭى كارىۋات ئېلىپ بەرسىڭىز، ئۇ كارىۋات ھەرگىزمۇ ئۆينىڭ ئۇلى بىلەن گەۋدىسىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ھەرگىز ئۇنىڭلىق بىلەن ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدۇ. ئۆينىڭ ئۇلى بىلەن گەۋدىسى شۇ پېتى تۇرۇۋېرىدۇ. ئۆينىڭ ئىچىدىكى بىر كارىۋاتلا ئالمىشىدۇ، خالاس. بۇ مىسالدا كارىۋاتنى ئالماشتۇرۇپ بېرىپ، بالىڭىزنى ئۆيدە تۇتۇپ تۇرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ تەربىيىلىشى، كارىۋاتنى ئالماشتۇرۇپ بەرمەي، بالىڭىز ئۆيدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئالدىغا ياشىغانغا قارىغاندا كۆپ ياخشى.

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، «دىنغا ئۆزگىرىش كىرگۈزۈش» دېگەن سۆز ھەرگىزمۇ بىر ئىمام ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئىسلامدىكى نېمىنى ساقلاپ قېلىش، نېمىنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن بۇ ھەقتە قارار چىقىرىپ ئىجرا قىلىش، دېگەنلىكنى بىلدۈرمەيدۇ. ياسىر قازى بۇ ئىشقا ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويۇپ كېلىۋاتىدۇ. يەنى، (1) بۇ ئىشقا چوقۇم دىنى زىيالىيلار يېتەكچىلىك قىلىش، (2) نېمىنى ئۆزگەرتسە بولىدىغانلىقىغا بىر زېمىندىكى، مەسىلەن، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى، بارلىق دىنى زىيالىيلار ئورتاق ھالدا قوشۇلغان بولۇش. ئەگەر مۇشۇ بويىچە قارىساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرچە بۇنداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا شەرتى توشماي قېلىشى مۇمكىن. يەنى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر دىيارىدا يېتەرلىك ساندىكى دىنى زىيالىيلار يوق بولۇشى مۇمكىن. «ياق، بار» دەپ قارالغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ، نېمىنى ئۆزگەرتسە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھەقىقىي قۇرئان روھى بويىچە پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى دائىرىسى ئىچىدە بىر تۇتاش قارار ئېلىش ئىمكانىيىتى يوق بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق بىر رېئاللىققا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مەن بۇ يەردە بايان قىلىۋاتقان دىنىي ئىسلاھات ياكى دىنىي ئۆزگەرتىش ئىشىدىكى قارار ئېلىش جەريانىغا قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن. پەقەت چەت ئەللەردە ئېلىنغان قارارلارنى ئىجرا قىلىش جەريانىغىلا قاتنىشالىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا مەن ئوقۇرمەنلەردىن بۇ ئىش ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىشقا بەك كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلماسلىقىنى، ۋە قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلماسلىقىنى سورايمەن. مەن ئۆز ماقالىلىرىمدە بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىپ قويۇشۇمدىكى مەقسەت، ئوقۇرمەنلەرگە ھازىر غەرب ئەللىرىدە مۇشۇنداق بىر ئىش ئۈستىدە ئىزدىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتىنلا ئىبارەت. مېنىڭ ئىمكانىيىتىملا بولىدىكەن، مەن غەرب ئەللىرىدىكى بۇ ساھەدە ئېلىنغان يېڭى قەدەملەردىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەت ئەلدىكى تەقۋادار ۋە تەقۋادارلىققا قىزىقىدىغان قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئىشنى مەن بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇيغۇرلارغا غەربتىكى يېڭىلىقلار ھەققىدىكى ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ بەرمىسەك، ئۇلارنىڭ ئۇچۇر مەنبەسى پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق بىر قىسىم ئەرەب ئەللىرى بىلەنلا چەكلىنىشى مۇمكىن. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈلگە بولغۇدەك يېرى بارمۇ-يوق، بۇ ھەقتە بىز داۋاملىق بەس-مۇنازىرە قىلىپ باقساق بولىدۇ.

2014-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكىدىكى بىر گۇرۇپپا مۇسۇلمانلار ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا بىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، «ئامېرىكا مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى مەجلىسى» دېگەن بىر يېڭى تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى (تۆۋەندىكى 2-رەسىم). بۇ بىر ھۆكۈمەت ھېچ قانداق قول تىقمايدىغان تەشكىلات بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئامېرىكىدىكى باشقا 10 چوڭ مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىيغا قاتنىشىش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىكەن. بۇ ئەھۋالنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ.



2-رەسىم: ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا 2014-يىلى 12-مارت كۈنى چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى. بۇ يىغىندا ئامېرىكىدا «ئامېرىكا مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى مەجلىسى» دېگەن بىر يېڭى تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.


ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئامېرىكىدىكى بىر ئايال مۇسۇلمان دوكتور، بىر «ئىسلامدىكى ئاياللار» دېگەن تەشكىلاتنىڭ ئايال مۇسۇلمان رەئىسى، ۋە بىر ئايال مۇسۇلمان پروفېسسور قاتارلىق 3 كىشىدىن تەشكىل تاپقان بىر ئايال دىنى زىيالىيلار گۇرۇپپىسى 2011-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىدىكى ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار يېقىندا ئامېرىكىدىكى مەسچىتلەرنى ئايال مۇسۇلمانلارغا قولايلىقلاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇش ھەققىدە 4 تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خىزمەتنىڭ مەقسىتى ئامېرىكىدىكى مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇيدىغان ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئىكەن. سىزچە مۇشۇنداق ئىش سەئۇدى ئەرەبىستاندا مۇمكىنمۇ؟ بۇ ئىشنىڭ زامانىۋىلىشىش ۋە مەدەنىيەتلىشىشكە پايدىسى بارمۇ ياكى زىيىنىمۇ؟ سىزچە ئۇيغۇر ئاياللىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئاياللاردەك ياشىشى كېرەكمۇ، ياكى ماۋۇ ئامېرىكىلىق ئاياللاردەكمۇ؟ مەن ئالدىنقى ماقالەمدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا غەربتىكى مۇسۇلمانلار ياخشىراق ئۈلگە بولالايدۇ، دېدىم. بۇ مۇنداقلا دەپ قويغان گەپ ئەمەس. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى ساقلاپ قالىمىز، ئۆزىمىزنى روناق تاپقۇزىمىز دەيدىكەنمىز، بىر ئاز ئاقىلانە بولۇشىمىز كېرەك.


3-رەسىم: ئامېرىكا مەسچىتىدە ناماز ئوقۇۋاتقان ئاياللارنىڭ بىر كۆرۈنۈشى.



پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:



[1] As-Sunnah Foundation of America

http://sunnah.org/wordpress/


[2] As-Sunnah Foundation of America

http://en.wikipedia.org/wiki/As-Sunnah_Foundation_of_America


[3] Zubair Qamar, «Wahabism: Understanding the roots and role models of Islamic Exremism»

http://www.sunnah.org/articles/Wahhabiarticleedit.htm


[4] Wahhabism, a great threat to Islamic civilization

http://www.tehrantimes.com/component/content/article/52-guests/108546-wahhabism-a-great-threat-to-islamic-civilization


[5] Wahhabi movement

http://en.wikipedia.org/wiki/Wahhabi_movement


[6] Wahhabi Vandalism Reaches Timbuktu, 2012-7-11

http://www.gatestoneinstitute.org/3161/timbuktu-wahhabi-vandalism


[7] Ex-Salafi Shaikh Yasir Qazi `s Repentence from Salafism & Wahhabism

https://www.youtube.com/watch?v=NW8jxMu0wTs


[8] Khutbah: Tafseer Surat Al Ikhlas - Love for Jesus, Mary & Celebrating Christmas ~ Dr. Yasir Qadhi

Delivered on Dec 27, 2013

https://www.youtube.com/watch?v=JSnU2wAnBP8


[9] Islam by country

http://en.wikipedia.org/wiki/Islam_by_country


[10] Muslim world

http://en.wikipedia.org/wiki/Muslim_world