11-بۆلۈم

ھازىر ئۇيغۇرلاردا چەت ئەللەرگە چىقىشقا قىزىقىدىغان ھالەت بار. ھازىر دۆلىتىمىزدە بۇنىڭغا ئىلھام بېرىش سىياسىتى بار. شۇغىنىسى، بۇ جەھەتتە «كۆز قورقۇش» مەسىلىسى ئېغىر. سىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى قارىشىڭىز قانداق؟

مېنىڭچە چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش ئىشىدا كۆز قورقۇشنىڭ مۇنداق سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن.

1. ئۆزىگە تولۇق ئىشەنچ باغلىيالماسلىق؛

2. ئىشنى نەدىن باشلاشنى ھەمدە نېمە ۋە قانداق تەييارلىق قىلىشنى بىلمەسلىك؛

3. "ئامېرىكا جۇڭگودىن قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنى ئازايتىپتۇ"، دېگەنگە ئوخشاش خاتا تەشۋىقاتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش؛

تۆۋەندە بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە بىر ئاز ئايرىم-ئايرىم توختىلىپ ئۆتەي.

1. ئۆزىگە تولۇق ئىشەنچ باغلىيالماسلىق
يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا، نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مېنىڭچە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن كۆرگىلى بولمايدۇ. بىر ئادەمنىڭ قانداق بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيىسى، مەكتەپ تەربىيىسى ۋە جەمئىيەت تەربىيىسىگە باغلىق بولىدۇ. ھەممە كىشىدىن ئوخشاش سىزىقنى بويلاپ مېڭىش، ئوخشاش ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئاڭغا ئىگە بولۇش ۋە ھەممە ئىشتا ئوخشاش ئويلاش تەلەپ قىلىنغان، كىشىلەرنىڭ مۇستەقىل ئويلاپ ئىش قىلىشى قىلچىمۇ تەشەببۇس قىلىنمىغان ياكى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن، كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە غۇرۇرى ئازراقمۇ ھىمايىگە ئىگە بولمىغان ياكى تەرەققىي قىلدۇرۇلمىغان جەمئىيەتتە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىگە تولۇق ئىشەنچ باغلىيالايدىغان بولۇپ چوڭ بولۇشى ئىنتايىن قىيىنغا توختايدۇ. بۇ جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو، جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئاسمان-زېمىن پەرق بار. مەكتەپ ۋە جەمئىيەت بۇ ئىشقا ھېچ قانداق كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ھازىرقىدەك بىر شارائىتتا، ئۆز پەرزەنتلىرىنى بۇ جەھەتتە ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش يۈكى پۈتۈنلەي ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. شۇڭلاشقا ھەر بىر ئاتا-ئانىلار بۇ ئىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. پەرزەنتلىرى ئاق-قارىنى بىر ئاز پەرق ئېتەلەيدىغان بولغان ۋاقىتتىن باشلاپلا، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ئويلاش ۋە مۇستەقىل ئىش قىلىش ئىقتىدارىنى ۋە ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

مەن مۇشۇ سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى بىر قىسمىدا، ئامېرىكىنىڭ كىنو بازىسى بولغان ھولليۋوئودتىكى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بەزى كىنو چولپانلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلار ئوسكار مۇكاپاتى مۇراسىمىدا سۆزلەپ، ئۆزلىرىنىڭ قانداق قىلىپ مۇشۇنداق مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئۈستىدە توختالغاندا، ئورتاق ھالدا 1-بولۇپ ئۆز ئاتا-ئانىسىغا رەھمەت ئېيتىپ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان قوللىشى ۋە ئىشەنچىسى بولمىغان بولسا، ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمۇ بولمىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى تەسۋىرلىگەن ئىدىم. ئامېرىكىدا بۇ ئەھۋال يالغۇز كىنو ئارتىسلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمى، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمىنىڭ ھەممىسىدە سۆزگە چىققان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە مەكتەپ باشلىقلىرى ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىلارغا رەھمەت ئېيتىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ شۇ كۈنگە كەلگۈچە ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ياخشى تەربىيە ئېلىشى يولىدا ئاققۇزغان قان-تەرلىرىگە تەشەككۈر ئېيتىدۇ. بۇ ئامېرىكىدىكى ئىنتايىن ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولۇپ، بۇنىڭدىن بىز بالىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ رولىنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ يەردە ئىنتايىن ئاددىي بىر ئۇقۇم بار: ئەگەر سىز بالىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىسى تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىشەنمىسىڭىز، سىز جەمئىيەتتىكى باشقا ھېچ قانداق كىشىلەردىن ئۆز بالىڭىزغا ئىشىنىشنى ئۈمىد قىلالمايسىز.

مەن مۇشۇ سۆھبەتنىڭ 1-قىسمىدا، ئوغلۇم دىلشاتنىڭ ئۆزى بىر كومپيۇتېر قۇراشتۇرۇش پىلانىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغا ئىدىم. ئۆتكەن يىلى (2005-يىلى) يازلىق تەتىلدە، ئۇ كومپيۇتېر زاپچاسلىرى توغرىسىدا بىر تەپسىلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئالدى بىلەن قايسى زاپچاسنى قايسى شىركەتتىن سېتىۋېلىش، ھەر بىر زاپچاسنىڭ باھاسى ۋە ئومۇمىي چىقىم توغرىسىدا بىر تەپسىلىي جەدۋەل ئىشلەپ چىقتى. دىلشات بۇ جەدۋەلگە ئۆزى پۈتۈنلەي قانائەتلەنگۈدەك بولغاندىن كېيىن، مەن ئۇ جەدۋەلنى ئەستايىدىللىق بىلەن بىر قېتىم كۆزدىن كۆچۈردۈم. ھەمدە دىلشاتتىن خېلى كۆپ سوئاللارنى سورىدىم. بۇ چاغدا دىلشات كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرى توغرىسىدا ئىنتايىن مۇكەممەل ۋە كەڭ دائىرىلىك بىلىمگە ئىگە بولۇپ بولغان بولغاچقا، مېنىڭ بىرەر سوئاللىرىمدىمۇ تۇتۇلۇپ قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا 2600 دوللار پۇل بەردىم. بۇرۇن دېيىشكىنىمىز بويىچە، بۇ پۇلنىڭ يېرىمىنى مەن ئۇنىڭغا بەرگەن بولۇپ، قالغان يېرىمى قەرز ئىدى. دىلشات ئىنتېرنېت ئارقىلىق قاتتىق دېتاللارنى بۇيرۇتۇپ ئېلىپ، ھەممە نەرسە تەل بولغاندا، 2 كۈن ئولتۇرۇپ كومپيۇتېرنى قۇراشتۇردى. ھەمدە بۇ كومپيۇتېر 1-قېتىمدىلا نورمال ئىشلىدى (تۆۋەندىكى 1- ۋە 2-رەسىم). بىز ئائىلىمىزدە بۇ غەلىبىنى ئازراق تەبرىكلىدۇق. كومپيۇتېر پۈتۈپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، دىلشات ئۆزى خىزمەت ئىزدەشنى باشلىدى. ھەمدە 1-كۈنىلا ئۆيگە 13 كىلومېتىر كېلىدىغان، كالىفورنىيىدە 20 نەچچە دۇكىنى بار بىر كومپيۇتېر شىركىتىدىن خىزمەت تاپتى (دىلشات 2005-يىلى ئىيۇندا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىپ بولغان بولۇپ، مەكتەپكە ۋە باشقا يەرلەرگە ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ بېرىۋاتاتتى). قىلىدىغان ئىشى خېرىدارلارغا ياردەملىشىپ كومپيۇتېر ۋە ئۇنىڭ قاتتىق دېتاللىرىنى تاللاش ۋە سېتىش ھەمدە كومپيۇتېرنىڭ بەزى كىچىك چاتاقلىرىنى ئوڭشاش قاتارلىقلار بولۇپ، سائەتلىك مائاشى 8.5 دوللار بولدى. يازلىق تەتىلنىڭ قالغان قىسمىدا پۈتۈن كۈن (ھەپتىسىگە 40 سائەت) ئىشلىدى. بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، شىركەت بويىچە ھەر بىر دۇكاندىن بىرلا ئادەمگە بېرىلىدىغان "ئايلىق نەمۇنىچى" دېگەن بىر مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۆتكەن يىلى كۈزدە ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىنمۇ ھەپتىسىگە 20 سائەتتىن سەل ئارتۇقراق ئىشلىدى. نۇرغۇن پۇل تاپتى. مېنىڭ قەرزىمنى تولۇق قايتۇرۇپلا قالماي، كومپيۇتېرغا داۋاملىق ئۇنى ھەيۋەتلىك كۆرسىتىدىغان ياكى ئۇنىڭ سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېز قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ، ئۇلارنى قۇراشتۇرۇپ ئوينىدى. بىر مەزگىل ئۆزى ۋە ھەدىسى ئۈچۈنمۇ تاپقان پۇلىنى پۇخادىن چىققۇچە خەجلىدى. بۇ يىل مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئۇ ماڭا 160 دوللارلىق، ئۆز-ئۆزىنى تازىلايدىغان ئېلېكترونلۇق ساقال ئالغۇچتىن بىرنى ئېلىپ سوۋغا قىلدى. ئامېرىكىنىڭ "ئاتىلار بايرىمى" دا ماڭا (ئەمەلىيەتتە پۈتۈن ئائىلىگە) 850 دوللارلىق، سۈرەتنى بىۋاسىتە DVD تەخسىسىگە ئالىدىغان، تېخى يېقىندا بازارغا سېلىنغان ۋىدېئو كامېرىدىن بىرنى ئېلىپ سوۋغات قىلدى. بۇ يىل 9-ئايدا ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئۇ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ چىقىپ كەتتى. كېلەر يىلى 1- ياكى 2-ئايلاردىن كېيىن، ئالىي مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرى بىرەر قۇر ئاخىرلاشقاندا، ھېلىقى دۇكاندىكى خىزمەتنى قايتا قىلىش ئۈچۈن بېرىپ باقماقچى بولۇۋاتىدۇ. مەن دىلشاتنىڭ بۇ خىزمەت تېپىش ۋە ئۇنىڭدىن ئىستېپا بېرىشتىكى ھېچ قانداق جەريانىغا ئارىلاشمىدىم. ئەگەر مەن ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن، 1300 دوللارنى مەبلەغ سالمىغان ۋە قالغان 1300 دوللارنى بېرىپ تۇرمىغان بولسام، دىلشاتمۇ باشقا نۇرغۇن ئامېرىكىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاش رېستۇران ياكى باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرى سودا دۇكانلىرىدا ئىشلىگەن بولاتتى. سائىتىگە ئاران 6.75 دوللار ئالغان بولاتتى. ئۇنداق خىزمەتلەردە ھېچ قانداق تېخنىكا ئۆگىنەلمىگەن بولاتتى.

يېقىندا، يەنى 2006-يىلى 6-نويابىر كۈنى كەچتە، دىلشاتنىڭ مەكتىپىدە مەملىكەتلىك شان-شەرەپ جەمئىيىتىنىڭ يىللىق پوتلۇك (ئىنگلىزچە "potluck") زىياپىتى بولدى. بۇ زىياپەتكە قاتناشقان ھەر بىر ئائىلە بىردىن تاماق تەييارلاپ كېلىپ قىلىدىغان زىياپەت بولۇپ، يىغىلغان تاماقلارنى بىر جايغا قويۇپ، ئۇنىڭغا يىغىنغا كەلگەن ھەممە ئاتا-ئانىلار ۋە قېرىنداشلار بىرلىكتە ئېغىز تەگدۇق. دىلشات بۇ جەمئىيەتنىڭ ئۆز مەكتىپىدىكى شۆبىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئۇنىڭغا رەئىس بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىر سائەتتەك يىغىنمۇ ئېچىلدى. يىغىنغا سۆزگە چىققان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى "Dustin Walker" بولۇپ، ئۇ بۇ يىل يازدا ئامېرىكا پايتەختىدىكى ئاقسارايغا بېرىپ، 2 ئاي ئوقۇغۇچى خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن ئىكەن. بۇنداق خىزمەتچىلەرنى ئىنگلىزچە "page" دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى يازلىق تەتىل جەريانىدا ئۆزلىرىگە ياردەمچى قىلىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرنى ئەكېلىپ ئىشلەتسە بولىدىكەن. بۇ يىل يازدا ئاقسارايدا ئاشۇنداق ئوقۇغۇچى خىزمەتچىدىن 73 كىشى ئىشلەپتۇ. ئۇلارنىڭ كىيىنىشى ئاقساراينىڭ رەسمىي خىزمەتچىلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، مەن مۇشۇ سوئال جاۋابنىڭ ئاخىرىغا Dustin بىلەن ئوغلۇم دىلشاتنىڭ بىرگە چۈشكەن رەسىمىدىن بىرنى قىستۇرۇپ قويدۇم (3-رەسىم). Dustinنىڭ ئاتا-ئانىسى باشلىق ئەمەس. ئۇ ئوقۇشى ناھايىتى ياخشى ۋە كېلەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان مەملىكەتلىك شان-شەرەپ جەمئىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، ئۆزى سىياسىيغا ئىنتايىن قىزىققانلىقى، كەلگۈسىدە بىر سېنىتور بولۇپ ئىشلەش ئارزۇسى بولغانلىقى ئۈچۈن، بىزنىڭ شەھەر جايلاشقان رايونغا قاراشلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى (ئىنگلىزچە "house representetive") گە ئېيتىپ، ئاشۇ خىزمەتنى ئۆزى ھەل قىلىپتۇ. Dustin نىڭ دېيىشىچە، گەرچە ئۇ ئاقسارايدا پەقەت 2 ئايلا ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆزى تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇسىز دەرىجىدە ئېچىلىپتۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتى قانداق ئىشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىنتايىن كۆپ بىلىمگە ئىگە بولۇپتۇ. بۇرۇن ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغان ئىشلارنى قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپتۇ. بۇ ئىشنىڭ ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىشىدە گەپ يوق. دىلشاتنىڭ يەنە بىر ئەسلى تېگى كورىيەلىك دوستى بار. ئۇنىڭ ئوقۇشىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ئۇ ھازىردىن باشلاپلا كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باشلىقى بولۇشنى نىشان قىلىۋېتىپتۇ.

ئامېرىكا ياشلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىغا، ئۆز-ئۆزىنى سىناپ بېقىشىغا مانا مۇشۇنداق شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇنى ئاتا-ئانىلارمۇ ناھايىتى يېقىندىن قوللايدۇ.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى شارائىتىدا، بالىلار ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى يېتىلدۈرۈشىدە، ئاتا-ئانىلار ئاچقۇچلۇق رول ئوينىيالايدۇ. بالىڭىز قىلغان بىر ئىشنى بىز 1 دىن 10 غىچە بولغان بىر ئۆلچەمدە ئۆلچەيلى. 10 ئەڭ ياخشى، 1 ئەڭ ناچار بولسۇن. ئەگەر بالىڭىز قىلغان ئىشنىڭ 3 ئۆلچىمى ياخشى (ياكى توغرا)، قالغان 7 ئۆلچىمى ناچار (ياكى خاتا) بولغان بولسا، بالىڭىز سىزدىن بۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ قانداقراق قىلغانلىقىنى سورىغاندا، سىز ئالدى بىلەن ئۇنىڭ 3 ئۆلچىمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ. "ماۋۇ، ماۋۇ يېرىنى ناھايىتى ياخشى قىلىپسەن. مەن ئۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم"، دەڭ.
ئاندىن، "مېنىڭچە ماۋۇ يېرىنى مۇنداق قىلغان بولساڭ ياخشىراق بولار ئىكەن. سەن قانداق قارايسەن؟" دەڭ. شۇنداق دېسىڭىز، بالىڭىز خاتالىقىنى ئۆزى تاپىدۇ ۋە ئۆزى ھېس قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنى "ھوي دۆت! كاللاڭ ئىشلىمىدىمۇ؟" دەپ تىللاپ چۈشۈپ كەتسىڭىز، بالىڭىز سىزنىڭ مۇشۇنداق تىللىغىنىڭىز ئۈچۈن "ئەقىللىق" بولۇپ قالمايدۇ. بالىڭىزنىڭ كاللىسى ياخشىراق ئىشلەيدىغانمۇ بولۇپ قالمايدۇ. ئۇنىڭ دەل ئەكسىچە، بالىڭىزنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاجىزلىشىپ، بارا-بارا ئۆزى مۇستەقىل ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، ئۆزى قىلغان ھەممە ئىشقا ئىشەنچ باغلىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ياشلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئىرادىسى، ھەمدە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان ئىشەنچىسى بىلەن چوڭ بولۇشىدا ئاتا-ئانا ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. بالىڭىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنلا، ئەگەر ئۇنىڭ كەلگۈسىدە چەتكە چىقىپ ئوقۇشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، بالىڭىزغا بۇنى ئېنىق ئېيتىڭ. پۇرسەتلا بولسا بالىڭىزغا چەتكە چىقىپ ئوقۇشنىڭ پايدىسىنى سۆزلەپ تۇرۇڭ. ئۇنىڭ تىرىشسىلا بۇ غايىگە يېتەلەيدىغانلىقىنى قۇلىقىغا سېلىپ تۇرۇڭ. سىزنىڭ ئىشەنچىڭىز كامىل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرۇڭ. ھەرگىز "سەن چەت ئەلگە چىقالىساڭ، بىز ساڭا 100 مىڭ سوم پۇل يىغىپ بېرىمىز"، دەپ ۋەدە قىلماڭ. ئۇنداق ۋەدە كۆپىنچە ھالەتتە كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا "بىز سېنىڭ كەلگۈسىدە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشۇڭنى يۈزدەيۈز پىرسەنت قوللايمىز. ساڭا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىمىز"، دەپ تۇرۇڭ. بالىنى چەت ئەلگە چىقىرىپ ئوقۇتۇشتا ئىقتىساد بىر مۇھىم مەسىلە. لېكىن، ئۇنى چەت ئەلدىكى مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش يولى بىلەن ھەل قىلغىلىمۇ بولىدۇ. بۇ مەسىلە ۋە چەتكە ئوقۇشقا چىقىشتىكى باشقا مۇھىم ئۆتكەللەر ئۈستىدە مەن تۆۋەندە يەنە تەپسىلىي توختىلىمەن.

مەن مەرىپەت تور بېتىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياشلارغا قارىتا يازغان مۇراجىئەت خېتىمدە، تۆۋەندىكى بىر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ فورمۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم:

مۇۋەپپەقىيەت = تالانت + تىرىشچانلىق + پۇرسەت

بۇنىڭ مەنىسى، ھەر بىر تالانت ئىگىسى قاتتىق تىرىشسا ھەمدە زۆرۈر بولغان پۇرسەتكە ئېرىشەلىسە، قىلغان ئىشىدا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. بۇ فورمۇلا كەلگۈسىدە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان ياشلار ئۇچۇن ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ. يەنى، تالانتلىق ياشلار كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا كەلگۈسىدە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش غايىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قاتتىق تىرىشسا، چوقۇم چەت ئەلگە چىقىش پۇرسىتىنى يارىتىپ، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيالايدۇ. بۇ جەھەتتە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مىساللار ئىنتايىن كوپ.

بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتمىسەم بولمايدىغان يەنە بىر ئىش بار. ئۇيغۇر دىيارىدا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرەلمەيدىغانلار مۇتلەق كوپ ساننى ئىگىلەيدۇ. بۇ ھەرگىز ئۇ ياشلارنىڭ تالانتلىق ياكى ئەقىللىق ئەمەسلىكىدىن بولماستىن، جۇڭگودا نوپۇس بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئالىي مەكتەپنىڭ سانىنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىدىن بولغان. جۇڭگودا ئالىي مەكتەپكە كىرەلمەي، كېيىن چەتكە چىققاندىن كېيىن ناھايىتى ياخشى ئوقۇپ كەتكەن كىشىلەر كۈرمىڭ تولا. ئىمكان بولسا تولۇق كۇرسنى جۇڭگودا ئوقۇۋاتقانغا يەتمەيدۇ. ئەگەر بىر ياش جۇڭگودا ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەي قالسا، ھەرگىز ئۇنى ئىشنىڭ تۈگەشكىنى، دەپ ئويلىماسلىقى كېرەك. يېڭى پۇرسەتنى داۋاملىق ئىزدىشى كېرەك. جۇڭگودا تولۇق كۇرسنى ئوقۇمىغانلار ئۇچۇن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۇچۇن كېتىدىغان ئىقتىسادنى ھەل قىلىش ئاسانغا توختىمايدۇ. ئەگەر ئاشۇنداق ئىقتىسادنى ھەل قىلالايدىغانلار بولسا، چەتكە چىقىپ ئوقۇش يولىنى سىناپ باقسا بولىدۇ.

2. ئىشنى نەدىن باشلاشنى، ھەمدە نېمە ۋە قانداق تەييارلىق قىلىشنى بىلمەسلىك

80-يىللاردىن بۇرۇن ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئىشلىرىدىن ئاساسەن خەۋىرى يوق ئىدى. چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشمۇ ئاساسەن يوق دېيەرلىك ئىدى. 1979-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىللىق خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنى تۈگىتىپلا، مەن ئەخمەت نىياز ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىم بىلەن بىرلىكتە ئۆزلۈكۈمدىن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى باشلىغىنىمدا، مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەسخىرە قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدىم. يېرىم يىلدىن كېيىن مېنىڭ كەسپىي ئوقۇش، ئوقۇغۇچى خىزمەتلىرىنى قىلىش ۋە ئۆزلۈكۈمدىن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ياخشى ماڭغانلىقى توغرىسىدا بىر ئاز تەشۋىقاتلار بولغاندىن كېيىن، مەكتەپتە چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش بىر دولقۇنغا ئايلانغانىدى. ھازىر ئەھۋال ئۇ چاغدىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ھازىر دۇنيانىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە ئۇيغۇرلار بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلارمۇ ئىنتايىن كوپ. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئۇيغۇر دىيارىغا قايتىپ كەتىپ ئىشلەۋاتقانلارمۇ بار. شۇڭا ھازىر چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرەلەيدىغان كىشىلەرنى تېپىش ئۇنداق تەس ئەمەس. چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىش ئۇچۇن قانداق تەييارلىق قىلىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ئىنتېرنېتتىمۇ كەڭ كۆلەمدە تېپىلىدۇ.

چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىشقا قانداق تەييارلىق قىلىشنى بىلىۋېلىش ئۇچۇن، ئالدى بىلەن چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىشتىكى قىيىن ئۆتكەللەرنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى ئوبدان چۈشىنىۋېلىش كېرەك. مېنىڭچە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشتا دۇچ كېلىدىغان ئەڭ قىيىن ئۆتكەللەر مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

1) بۇرۇنقى مەكتەپلەردە ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش

2) ئالىي مەكتەپ كەسپىنى ئوبدان تاللاش

3) چەت ئەل تىلىنى پۇختا ئۆگىنىش

4) چەت ئەلدە ئوقۇش ئۇچۇن كېتىدىغان ئىقتىسادنى ھەل قىلىش

چەت ئەلدە ئوقۇشقا تولۇق ئىشەنچ قىلالمىغان ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرىقى 4 ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە كۆزى يەتمىگەنلىكتىن شۇنداق بولىدۇ. لېكىن، ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىرادىلىك ياشلار ئۈچۈن يۇقىرىقىلار بۆسۈپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ئۆتكەل ئەمەس. ھازىر چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان، ياكى بۇرۇن ئوقۇپ باققان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆپىنچىلىرى يۇقىرى ئۆتكەلدىن ئۆزلىرى ئۆتۈپ ئاندىن چەت ئەلگە چىققان. يەنى، بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلار ئىچىدە مىسال ئىنتايىن كوپ. جۇڭگو مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ھەم شۇنداق. بۇ جەھەتتە تۆۋەنكى قىسىملاردا مەن يەنە تەپسىلىي توختىلىمەن. ھازىر يۇقىرىقى 4 ئۆتكەل ئۈستىدە بىر-بىرلەپ توختىلىپ ئۆتەي. گەرچە بۇ يەردە مەن 4 ئۆتكەلنى ئايرىم-ئايرىم تىزغان بولساممۇ، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ نۇقتا تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشىراق ئايدىڭلىشىدۇ. مەن بۇ يەردە ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالى ئاساسىدا سۆزلەيمەن. لېكىن، ئوتتۇرىغا قويغان نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياۋروپا، ياپونىيە قاتارلىق باشقا نۇرغۇن چەت ئەللەرگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.

1) بۇرۇنقى مەكتەپلەردە ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش. ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بىر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقتا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئوز دۆلىتىدىكى ئوقۇغان مەكتىپى ۋە شۇ مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىسىگە قارايدۇ. مەسىلەن، جۇڭگونى ئېلىپ ئېيتساق، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قوبۇل قىلىنىش ئېھتىماللىقى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭكىدىن يۇقىرىراق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپتە ئالغان ئوقۇش نەتىجىسى ئىنتايىن مۇھىم. يالغۇز ئامېرىكا مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، ئامېرىكىدىكى بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىشتىمۇ جۇڭگودا ئوقۇغان مەكتەپ بىلەن ئاشۇ مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىسى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

جۇڭگو ئالىي مائارىپى بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر چوڭ پەرقى، جۇڭگودىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر دەرستىكى ئوقۇش نەتىجىسى كۆپىنچە ھالدا مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندا ئالغان نومۇرى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. بۇ نومۇر مۇتلەق بولىدۇ. يەنى، سىز بىر دەرستە 90 نومۇر ئالسىڭىز، سىزنىڭ ئوقۇش نەتىجە جەدۋىلىڭىزگىمۇ "90 نومۇر" دەپ يېزىلىدۇ. ئامېرىكىدا بولسا، گەرچە تاپشۇرۇق، Project ۋە ئىمتىھانلارغا 0 دىن 100 گىچە بولغان دائىرىدە نومۇر قويۇلىدىغان بولسىمۇ، ئالدى بىلەن بىر دەرس نەتىجىسى شۇ بىر مەۋسۇمدىكى تاپشۇرۇق، يېرىم مەۋسۇملۇق ئىمتىھان، دەرس Project نى ۋە مەۋسۇملۇق ئىمتىھان نەتىجىلىرى قاتارلىقلار ئاساسىدا چىقىرىلىدۇ. مەسىلەن، مەن بىر قېتىم ئوقۇغۇچىلارغا نەتىجە بەرگەندە، تاپشۇرۇق نەتىجىسىنى 20 پىرسەنت، ئىككى قېتىملىق مەۋسۇم ئوتتۇرىسىدىكى ئىمتىھانىنىڭ ھەر بىرسىنى 20 پىرسەنت، مەۋسۇملۇق ئىمتىھانىنى 40 پىرسەنت، دەپ ھېسابلىغان ئىدىم. شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى ئوقۇش نەتىجىسى نىسپىي بولىدۇ. يەنى، ئوقۇش نومۇرى 4 نومۇرلۇق سىستېمىنى قوللىنىدىغان بولۇپ، دەرس نەتىجىسى ئېلىپبە ھەرپى بويىچە بولىدۇ. بۇ ھەرپلەر تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت: ئا = 4، ب = 3، ك = 2، د = 1، ف = 0. يەنى بىر دەرستە "ئا" ئالغان ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ دەرستىكى نومۇرى "4" بولىدۇ. "ف" ھەرپى دەرستىن ئۆتەلمىگەن ئوقۇغۇچىغا بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ نومۇرى نۆل بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى مەۋسۇم بېشىدا "مەن بۇ دەرستە 15 پىرسەنت ئوقۇغۇچىغا ئا، 30 پىرسەنتكە ب، 30 پىرسەنتكە ك، 20 پىرسەنتكە د، قالغان 5 پىرسەنت ئوقۇغۇچىغا ف بېرىمەن"، دېگەنگە ئوخشاش بىر بەلگىلىمە چىقىرىدۇ. مەۋسۇم ئاخىرىدا بولسا بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس نومۇرىنى چىقىرىپ، نومۇرى ئەڭ يۇقىرى بولغان 15 پىرسەنت ئوقۇغۇچىغا "ئا" بېرىدۇ. ئەڭ ئاخىردىكى 5 پىرسەنت ئوقۇغۇچىغا "ف" بېرىدۇ. قالغانلىرى يۇقىرىدىكى ئالدىن بېكىتىلگەن بەلگىلىمە بويىچە "ئا" بىلەن "ف" نىڭ ئارىلىقىدىكى نەتىجىنى ئالىدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا، بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەلۇم بىر ئىمتىھانىدا ئالغان ئەڭ يۇقىرى نومۇرى 60 تىن ئاشمىسىمۇ (مەسىلەن، ئىمتىھان سوئاللىرى بەك قىيىن چىقىرىلىپ قالغانلىق سەۋەبى بىلەن)، بۇ ئەھۋال بۇ بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەرس نەتىجىسىگە ھېچ قانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. دېمەك، بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر ئىلغار ۋە ئىلمىي سىستېمىدۇر. جۇڭگو مائارىپ تۈزۈمى بىلەن ئامېرىكا تۈزۈمىدىكى مۇشۇنداق پەرق تۈپەيلىدىن، جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرى زىيان تارتىۋاتقان ئەھۋال خېلى ئېغىر. شۇنداق بولسىمۇ، جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇش نەتىجىسى تۆۋەنرەك بولۇپ قالغان ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىدىكى بىرەر مەكتەپكە ئىلتىماس قىلغاندا، يۇقىرىقى ئەھۋال توغرىسىدا بىر ۋاراق چۈشەنچە يېزىپ، ئۇنى ئىلتىماس جەدۋىلى بىلەن بىرگە ماڭدۇرسا، ئۇنىڭ كوپ پايدىسى بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن مەكتەپلەر جۇڭگودىكى يۇقىرى ئەھۋالدىن خەۋەردار. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئەھۋالنى قايتا چۈشەندۈرۈشنىڭ پايدىسى بولسا بولىدۇكى، ھەرگىز زىيىنى يوق.

مەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىدىكى مەكتەپكە ئىلتىماس قىلغاندا، جۇڭگودىكى ئوقۇش نەتىجىسىنى ئامېرىكا نومۇرىغا ئايلاندۇرۇشىغا ئاسانلىق بولسۇن ئۇچۇن، تەكلىپ سۈپىتىدە 3 خىل ئۆلچەم تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى مەرىپەت تور بېتىگە قويۇپ قويدۇم. ئۇنىڭ ئادرېسى:
http://www.meripet.com/Main/ScoreTable.htm

2) ئالىي مەكتەپ كەسپىنى ئوبدان تاللاش. ئامېرىكا گراژدانلىرىدىن ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيەلەرگە ئوخشاش ئايرىم ئىلىملەرنى ئوقۇيدىغانلار كۆپ ئەمەس. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىككى سەۋەبى: بىرسى بۇ كەسىپلەرنى ئوقۇش بىر قەدەر قىيىن. يەنە بىرسى ئۇ كەسىپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تېپىش قىيىن. شۇنداق بولغاچقا، ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر يۇقىرىدەك كەسىپلەردە ئوقۇماقچى بولغان چەت ئەللىك ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاسانراق قوبۇل قىلىدۇ. شۇنداقلا، ئاشۇنداق ئوقۇغۇچىلارنى بەكرەك جەلپ قىلىش ئۈچۈن، ئاشۇنداق بىر قىسىم ئايرىم ئىلىم ۋە ئىنژېنېرلىق كەسىپلىرىدە چەت ئەللىك ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىمۇ ئاسانراق بېرىدۇ. ئامېرىكىدا ئەڭ كوپ ئاقىدىغان ئېلېكتر ئىنژېنېرلىقىغا ئوخشاش بەزى كەسىپلەردە بولسا ھەرگىز ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەرمەيدۇ. ئوقۇش مۇكاپاتى قىلىپ بېرىلىدىغان كەسىپلەردىكى پۇل ئاساسەن خۇسۇسىي شىركەتلەر ۋە بىر قىسىم شەخسىيلەر ئىنئام قىلغان پۇلدىن كېلىدۇ. يەنى، بۇ شىركەت ۋە شەخسىيلەر بەزى ئاساسلىق پەنلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ياكى بولمىسا بەزى ئىنژېنېرلىق ياكى يۇقىرى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇرۇش ئۇچۇن ئالىي مەكتەپلەرگە پۇل ئىنئام قىلىدۇ. ئىجتىمائىي پەنلەردە بۇنداق ئىش بولمىغاچقا، ئىجتىمائىي پەندە، ھەمدە ئىقتىساد، ئىگىلىك باشقۇرۇشقا ئوخشاش كەسىپلەردە چەت ئەل ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئاساسەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى مەۋجۇد ئەمەس. شۇڭا كەلگۈسىدە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشتا پەقەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا تايانمىسا بولمايدىغان ياشلار چوقۇم جۇڭگودا ئوقۇماقچى بولغان تولۇق كۇرسنىڭ كەسپىنى ياخشى تاللىشى كېرەك. مەن تۆۋەندىكى تور بېتىگە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر شۆبىسىنىڭ تەبىئىي پەن، ئىنژېنېرلىق ۋە بىئولوگىيە كەسىپلىرىنى كىرگۈزۈپ قويدۇم:
http://www.meripet.com/Main/QAUyghur2.htm

تەبىئىي پەن ۋە ئىنژېنېرلىق كەسىپلىرى بىر-بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كەسىپتىن يەنە بىر كەسىپكە ئۆزگەرمەك ئانچە تەس ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى بىر كەسىپتە ئوقۇپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى باشقا بىر كەسىپتە ئوقۇشقا پۈتۈنلەي يول قويىدۇ. ياكى بىر كەسىپتىكى ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، باشقا بىر كەسىپتە يەنە بىر ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئېلىشقىمۇ پۈتۈنلەي يول قويىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە بۇرۇنقى كەسپى سىياسەت بولۇپ، ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن كومپيۇتېر ئىلمى كەسپى ئوقۇغانلار بار. بۇرۇنقى كەسپىي ئىنگلىز تىلى بولۇپ، ئامېرىكىغا كەلگەندىن تەبىئىي پەن ئوقۇغانلاردىنمۇ نەچچىسى بار. جۇڭگودىكى تولۇق كۇرسنى ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇپ، ئامېرىكىغا بىر تەبىئىي پەندە ماگىستىرلىق ئوقۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغانلارنىمۇ قوبۇل قىلىدۇ. لېكىن، ئۇنداقلارنى شەرتلىك ئاساستا قوبۇل قىلىدۇ. يەنى، ئۇلار ئامېرىكىدا ئوقۇماقچى بولغان كەسىپنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى باشلاشتىن بۇرۇن، چوقۇم ئالدى بىلەن تولۇق كۇرسنىڭ شۇ كەسىپتىكى دەرسلىرىدىن 3 تىن 5 كىچە بولغان ئاساسلىق دەرسلىرىنى تولۇقلاپ ئوقۇشى كېرەك. بۇنداق قىلىشنىڭ بىر يېتەرسىزلىك، بۇ خىل يول بىلەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس بولۇشى مۇمكىن.

دېمەك، ئەگەر سىزنىڭ ئەسلىدىكى قىزىقىدىغان كەسپىڭىز ئېلېكتر ئىنژېنېرلىقى بولۇپ، ئامېرىكىدا ئوقۇشقا ئۆزىڭىزنىڭ پۇلى بولمىسا، سىز جۇڭگودا تولۇق كەسىپنى فىزىكىدا ئوقۇپ، ئامېرىكىغىمۇ ماگىستىرلىق ئوقۇشى ئۇچۇن فىزىكا كەسپىگە كىرىپ، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ، ئاندىن دوكتورلۇق ئوقۇشىنى يەنە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئېلېكتر ئىنژېنېرلىقى كەسپىدە ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق كەسىپ مەسىلىسىنىمۇ، ئىقتىساد مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلالايسىز.

ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، مەن ئامېرىكىغا دەسلەپتە فىزىكىدا ماگىستىرلىق ئوقۇشى ئۇچۇن كېلىپ، ماگىستىرلىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن دوكتورلۇقنى ئېلېكتر ئىنژېنېرلىقىدا ئوقۇغان ئىدىم. ئالدىنقى بىر-ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە، جۇڭگودا كومپيۇتېر ئىلمى كەسپىدە ئوقۇپ، بىرەر يىل بىر خۇسۇسىي شىركەتتە يۇمشاق دېتال كەسپىدە ئىشلەپ، ئاندىن ئامېرىكىدىكى بىر مەكتەپكە كومپيۇتېر ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇشى ئۈچۈن تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىدىن بىر قانچىسىنى ئۇچراتتىم. مۇشۇنداق باكالاۋر ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر قانچە يىل ئىشلەپ، خىزمەت تەجرىبىسىگە ياكى بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقات تەجرىبىسىگە ئېرىشىپ، ئاندىن ئامېرىكىدىكى ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغاندا، قوبۇل قىلىنىش ۋە ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى جىق يۇقىرى بولىدىكەن.

3) چەت ئەل تىلىنى پۇختا ئۆگىنىش. بۇ دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر دۆلەتكە بارسا چوقۇم تەلەپ قىلىنىدىغان بىر شەرت. ئامېرىكىدىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلىش ئۇچۇن، چوقۇم TOEFL بىلەن GRE دەپ ئاتىلىدىغان 2 ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئۇلاردا ئۆلچەمگە يېتىش كېرەك. بۇ ھەقتە www.meripet.com دا تەپسىلىي ئۇچۇر بار بولۇپ، مەن ئۇلارنى بۇ يەردە قايتا تەكرارلىمايمەن. جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە، تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە TOEFL بىلەن GRE دا لاياقەتلىك بولۇپ بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولۇپلا ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەن ياشلار خېلى كۆپ. دېمەك، بۇنداق قىلىش پۈتۈنلەي مۇمكىن. ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرچە سىنىپتا ئوقۇغان ياشلار تىل ئۆتكىلىدىن ئوز تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ جەھەتتە ئاتا-ئانىلار ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىيالايدۇ. ئوز بالىسىنى چەتكە چىقىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئاتا-ئانىلار چوقۇم تىل ئۆگىنىش جەھەتتە ئىشنى بالدۇر باشلاپ، بالىسىغا ئىنچىكىلىك بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ، تىل ئۆگىنىش شەرت-شارائىتىنى ئوبدان يارىتىپ بېرىشى كېرەك. تىل ئۆگىنىش قىسقا ۋاقىت قاتتىق تىرىشىپ ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇ بىر جۇغلىنىپ ماڭىدىغان نەرسە. ئىنگلىز تىلىنى پۇختا ئۆگىنىش ئۇچۇن كەم دېگەندە 3 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ياپون تىلى ئۆگىنىش ئۇچۇن كەم دېگەندە بىر يىل كېتىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئىشنى قانچە بالدۇر باشلىسا شۇنچە ياخشى. تىل ئۆگىنىشنى قانچە ئۈزۈلدۈرمەي ئىزچىل داۋاملاشتۇرسا شۇنچە ياخشى. تىل ئۆگىنىش بىرەر كەسپىي دەرس ئوقۇشقا قارىغاندا جىق قىيىن. شۇڭا ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن چوقۇم پۇختا ئىدىيىۋى تەييارلىق بولۇشى كېرەك. ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقمىغۇچە بوشاشماسلىق ئىرادىسى بولۇشى كېرەك.

4) چەت ئەلدە ئوقۇش ئۇچۇن كېتىدىغان ئىقتىسادنى ھەل قىلىش. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇچۇن بۇ ئەڭ قىيىن ئۆتكەلدۇر. مەن يۇقىرىدا ئامېرىكىدىكى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىشنىڭ بەزى يوللىرىنى تەسۋىرلەپ ئۆتتۈم. ئۇنىڭدىن باشقا، فرانسىيىدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئامېرىكىنىڭ "فورد" ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ۋە تۈركىيەدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى دېگەندەك بىر قىسىم ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىمۇ بار. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، بىر نەچچە ئۇيغۇر ياشلىرى "فورد" ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئامېرىكىغا كەلدى. بۇ يىل مەن ۋە يالقۇن تاش ئىسىملىك بىر ئۇكىمىز ئىككىمىز بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىغا تۈركىيەدە ئوقۇش پۇرسىتىنى ھەل قىلىپ بەردۇق. بۇ يىل تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ئۇ ياشلار ھازىر ئىنتايىن ياخشى ئوقۇۋاتىدۇ. ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ياخشى ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. بۇ ئىش بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ. بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولغانلار مەن بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلەشسە بولىدۇ. مەن مۇشۇنداق ئوقۇش مۇكاپاتلىرى توغرىسىدا بىرەر ئۇچۇرغا ئېرىشسەم، ئۇلارنى دەرھال مەرىپەت تور بېتىگە چىقىرىپ قويۇۋاتىمەن. بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇ يەرگە چىقىرىشقا بولمايدىغان ئۇچۇرلارنى بولسا مەندىن ئېلخەت ئارقىلىق سورىغانلارغا ئەۋەتىپ بېرىۋاتىمەن.

قىسقىسى، ئوز بالىلىرىنى چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىشنى پىلانلىغان ئاتا-ئانىلار ياكى ئۆزلىرى ئىقتىساد توپلىشى كېرەك. ياكى بولمىسا يۇقىرىدا مەن تەسۋىرلىگەن يوللاردىن بىرەرىنى ھەل قىلىشى كېرەك.

3. "ئامېرىكا چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار سانىنى ئازايتىپتۇ"، دېگەن خاتا تەشۋىقاتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش

مەندىن بەزى ئۇيغۇر ياشلىرى "ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمانكەن دەپ ئالمايدىغان بولۇپتۇ. بۇ راستمۇ؟" دەپ سورىدى. يەنە بەزىلىرى "ئامېرىكا جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار سانىنى ئازايتىپتۇ. بۇ راستمۇ؟" دەپ سوراشتى. بۇ سۈزلەرنىڭ ھېچ قايسىسى توغرا ئەمەس. ئىنگلىزچە بىلىدىغان ھەمدە بۇ مەسىلىگە قىزىقىدىغان ياشلار تۆۋەندىكى ماتېرىيالنى ئوقۇپ باقسا بولىدۇ:
http://usinfo.state.gov/eap/Archive/2005/Mar/30-121750.html
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چىقارغان بۇ ھۆججەتتە ئېيتىلىشىچە، 2003-2004 ئوقۇش يىلىدا جۇڭگودىن ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 60 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەن. ئامېرىكىدا شەخسىي پۇل بىلەن ئوقۇشقا كەلگەن (ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەنلەرمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە) ئوقۇغۇچىلارغا "F-1" ۋىزىسى، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار (مەسىلەن، بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلگەنلەر) غا "J-1" ۋىزىسى بېرىدۇ. جۇڭگودىن 2003-يىلى F-1 ۋىزىسى بىلەن 16169 ئوقۇغۇچى كەلگەن بولۇپ، 2004-يىلى بولسا 18089 ئوقۇغۇچى كېلىپتۇ. يەنى، ئوقۇغۇچى سانى ئۆسۈپتۇ. يۇقىرى ھۆججەتتە ئېيتىلىشىچە، جۇڭگودىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى بۇنىڭدىن كېيىن يەنە تەدرىجىي ھالدا ئۆستۈرۈلىدىكەن.

مېنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدىغان مۇنداق بىر ئەھۋال بار: جۇڭگونىڭ نوپۇس سانى 1.3 مىليارد، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس سانىنى 8 مىليون بولسۇن. ئەگەر مۇشۇ نوپۇس سانى نىسبىتى بىلەن ئوخشاش نىسبەتتىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلدى، دېسەك، يۇقىرى 60000 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە 369 نەپىرى ئۇيغۇر بولۇشى كېرەك! لېكىن، مېنىڭ بىلىشىمچە ھازىر بىر يىلدا ئامېرىكىغا كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ سانى 5 كىشىگىمۇ بارمايدۇ. ئامېرىكىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ تەخمىنەن 500-700 ئارىلىقىدا بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. مەن ئىشلەيدىغان شەھەرگە يېقىن بىر يەردە "Glandale" دېگەن يەنە بىر كىچىك شەھەر بار. مەن يېقىندا بىر گېزىتتە ئوقۇسام، بۇ شەھەرنىڭ نوپۇسى 120 مىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ 40 پىرسەنتى، يەنى 48 مىڭ كىشى، ئەرمىنىيىلىك ئىكەن. يەھۇدىيلارنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى نوپۇسى 10 مىليونغا بارمايدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 3.3 مىليون كىشى ئامېرىكىدا ياشايدۇ. ئامېرىكىدىكى خەنزۇلارنىڭ سانىمۇ 1.5 مىليوندىن ئاشىدۇ. دېمەك، ئامېرىكا يارىتىپ بەرگەن شارائىتتىن تولۇق پايدىلىنىش ئۇچۇن، ئۇيغۇرلار خېلىلا غەيرەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەن جەھەتلەردە پۇختا تەييارلىق قىلسا، ھەر يىلىغا چوقۇم 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئامېرىكىغا كېلەلەيدۇ. مەن بۇنىڭغا تولۇق ئىشىنىمەن.
چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن مەن ياسىغان ۋە باشقۇرۇۋاتقان www.meripet.com تور بېتىنى زىيارەت قىلىڭ. مەن بۇ تور بېتىنى يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن داۋاملىق تولۇقلاپ ۋە يېڭىلاپ تۇرىمەن. يېقىندا ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، گۈلنار تىيىپ سىڭلىمىز نۇرغۇن ئىزدىنىپ يۈرۈپ، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغانلار ئۈچۈن بىر ماقالە تەييارلىدى. ئۇنىڭ ئادرېسى http://www.meripet.com/Oqush/Bolum1.htm بولۇپ، مەن كەلگۈسىدە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇ ماقالىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەرىپەت تور بېتىدىن باشقا، www.Biliwal.com تور بېتىدىمۇ چەتكە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدا خېلى كۆپ يازمىلار بار. ئۇنىڭدىنمۇ تولۇق پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

ماڭا ئوقۇرمەنلەردىن بالىنى قانداق تەربىيىلەش توغرىسىدىكى مەزمۇننى ئىمكانقەدەر كۆپرەك يېزىشىم توغرىسىدا داۋاملىق تەلەپلەر كېلىۋاتىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، گەرچە بۇ يەردىكى مەزمۇن بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، مەن ئېسىمگە كەلگەن بەزى نەرسىلەرنى بۇ يەرگە قىستۇرۇپ قوياي. بۈگۈن قانداق قىلىپ بالىنى بىر مەسىلە ئۈستىدە لوگىكىلىق، سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بويىچە ئويلايدىغان قىلىپ تەربىيىلەش توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي. مەن بالىسى يەرگە يىقىلىپ كەتىپ يىغلىسا، ئۇ بالىسىنىڭ يىغىسىنى توختىتىش ئۇچۇن يەرنى ئۇرۇپ، تېپىپ، تىللاپ بېرىدىغان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنى خېلى كوپ ئۇچراتتىم. بۇنداق قىلىش ھەرگىزمۇ توغرا ئەمەس. بالىڭىزنى يىقىتىۋەتكەن يەر ئەمەس، ياكى باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇ بالىڭىزنىڭ دىققەتسىزلىكىدىن، ياكى كىچىكلىكىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، سەۋەب بالىڭىزنىڭ ئۆزىدە. شۇڭا سىز يەرنى تېپىپ ياكى ئۇرۇپ بەرمەي، "بالام، ئۆزۈڭ يىقىلىپ چۈشتۈڭ. يىغلىما. ئورنۇڭدىن تۇرغىن. بۇنىڭدىن كېيىن قاراپ ماڭ" دەڭ. ئەگەر بالىڭىز ئۆزى قوپالىغۇدەك بولسا، سىز يۆلەپمۇ قويماڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، بۇ بالىڭىزغا ئەڭ كۆيۈنگەنلىك بولىدۇ. بىر قانچە قېتىم ئاشۇنداق قىلسىڭىز، بالىڭىز يىقىلىپ چۈشسە قىلچە يىغلىمايدىغان، ھەمدە سىزگىمۇ قاراپ يۈرمەي، ئورنىدىن ئۆزى تۇرىدىغان بولىدۇ. ئۇنداق قىلمىسىڭىز، بالىڭىزدا لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى، ۋە ئىشلارنى سەۋەب-نەتىجە نۇقتىسى بويىچە توغرا ئويلاش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇنداقلا بالىڭىز ھە دېسىلا سىزگە ياكى باشقىلارغا يۆلىنىۋالىدىغان بولۇپ قالىدۇ. مەن يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىر قىسىم بەس-مۇنازىرىلەرگە قاراپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەيئىلەر ئۈستىدە لوگىكىلىق تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ نەقەدەر تۆۋەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بىرسى بىر مەسىلە توغرىسىدا ئۆز كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئوز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش 2-3 مەرتەمگە بارماي تۇرۇپلا مۇنازىرىنىڭ مەزمۇنى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. دەسلەپتە مۇنازىرە "سەن ئوتتۇرىغا قويغان XXX" دېگەن سىزىق بىلەن مېڭىپ، بىر دەمدىن كېيىنلا "سەن بۇرۇن XXX ئىدىڭ" دېگەنگە ئۆزگىرىپ، يەنە بىر دەمدىن كېيىن "سېنىڭ داداڭ XXX ئىدى. سېنىڭ تۇغقىنىڭ YYY ئىدى" دېگەنگە ئۆزگىرىپ، ئاخىرىدا قارىسىڭىز بۇ مۇنازىرە يېڭى باشلانغاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇندىن ئەسەرمۇ قالمىغان. ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا بىر-بىرىنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاۋاتقان. ھازىرمۇ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق بىر ئىلمىي مۇنازىرە ياكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن تەس. مۇنازىرىگە قاتناشقان خېلى كۆپ كىشىلەر ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. بۇ جەھەتتىكى ئىشلار مەن ھازىرغىچە ئۆزۈم كۆرۈپ باققان ئاق تەنلىكلەر جەمئىيىتىنىڭكىدىن ئىنتايىن چوڭ پەرق قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتتىكى ئىشلارغا بالا تېخى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئىنتايىن دىققەت قىلىشى كېرەك. ئالدى بىلەن ئۆزلىرى ھەر بىر ئىشنى ئىنتايىن ئەستايىدىل، لوگىكىلىق تەپەككۇر بىلەن ئويلايدىغان بولۇشى، ئۆزىنىڭ ھەر بىر سۆزى ۋە ھەر بىر ھەرىكىتىنىڭ بالىسىغا قانداق تەسىر بولىدىغانلىقىنى ئالدىن ئويلىشى كېرەك. بىر تال ئىشتىمۇ بىخەستەلىك قىلماسلىقى كېرەك. "ماۋۇ ئىشنى بالامغا نېمە ئۈچۈن دەيمەن؟ ماۋۇ ئىشنى بالام ئۈچۈن نېمە مەقسەتتە قىلىمەن؟ مەن ئۇنىڭدىن قانداق نەتىجىگە ئېرىشمەكچى؟" دەپ ئۆز-ئۆزىڭىزدىن سوراپ تۇرۇڭ. پۇرسەت بولسىلا بالىڭىز بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرۇپ بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىڭ. ھەرگىز يېڭىۋېلىش ئۈچۈن ئادالەتسىزلىك قىلماڭ. "مەن دېگەن سېنىڭ داداڭ!" دەپ مەجبۇرى بويسۇندۇرماڭ. سىز بالىڭىزنى ئۆزىڭىزگە ئادالەتسىزلىك بىلەن مەجبۇرى بويسۇندۇرسىڭىز، باشقىلارمۇ بالىڭىزغا ئاشۇنداق قىلغاندا بالىڭىز قىلچە قارشىلىق كۆرسەتمەي، ئۇنى ئۈن-تىنسىز ھالدا قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. بالىڭىزغا توغرا نەرسىنى ۋە ياخشى ئىقتىدارنى ئۆگىتەلىسىڭىز، مۇنازىرىدە يېڭىلىپ قالسىڭىزمۇ كېرەك يوق. سىز ئادىل بولسىڭىزلا، سىزنىڭ بالىڭىز كۆڭلىدىكى ئابرويىڭىز ھەرگىزمۇ چۈشۈپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە بالىڭىز سىزنى ئۆزىگە تېخىمۇ بەكرەك ئۆرنەك قىلىدىغان بولىدۇ.

تەھرىر: بىلىۋال تور بېكىتىدىن مۇخبىر

11a

1-رەسىم


11b

2-رەسىم


11c

3-رەسىم

 


باش بەتكە قايتىش